1-تورغا چىقالايدىغان ئۈسكىنىلەر ۋە تورغا چىقىش ئۇسۇلى
تورغا قانداق ئۈسكىنىلەر چىقالايدۇ؟
تورغا ئۇلانغان ئۈسكىنىلەر تورغا چىقالايدۇ.
لېكىن قانداق ئۈسكىنىلەر تورغا ئۇلىنىدۇ؟
تورغا ئۇلاش كارتىسى بار بولغان ئۈسكىنىلەر.
قانداق ئۈسكىنىلەرنىڭ تورغا ئۇلاش كارتىسى بولىدۇ؟
كومپيۇتېرلارنىڭ، تېلېفۇنلارنىڭ، تېلېۋىزورلارنىڭ…
قايسى خىل كومپيۇتېرلارنىڭ تورغا چىقىش كارتىسى بولىدۇ؟
ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېرى، تەبلىت كومپيۇتېرى، ئالقان كومپيۇتېرى قاتارلىقلار.
تورغا چىقىش كارتىسى قانچە خىل بولىدۇ؟
ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى سىملىق تورغا چىقىش كارتىسى، يەنە بىرى سىمسىز تورغا چىقىش كارتىسى.
كومپيۇتېرلار تورغا قانداق چىقىدۇ؟
سىملىق تور كارتىسى ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلار تور مۇلازىمەت شىركىتى تەمىنلىگەن تور سىمى ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ.
سىمسىز تور كارتىسى ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلار تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇلدا تورغا چىقىدۇ.
بىرىنچى: تور كارتىسى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى ۋايفاي سىگنالىنى قوبۇللاپ تورغا چىقىدۇ.
ئىككىنچى: تور مۇلازىمەت شىركىتى تەمىنلىگەن ۋايفاي سىگنالى ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ.
ئۈچىنچى: كۆكچىش كارتىسى بار بولسا، ئەتراپتىكى كۆكچىش سىگنالىنى قوبۇللاپ، تورغا چىقىدۇ.
تېلېفۇنلار تورغا قانداق چىقىدۇ؟
تېلېفۇنلارنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان تورغا چىقىش ئۇسۇلى بىر قانچە خىل:
بىرىنچى: تور مۇلازىمەت شىركىتى تەمىنلىگەن تېلېفۇن ئالاقە تور سىگنالى ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ.
ئىككىنچى: تور مۇلازىمەت شىركىتى تەمىنلىگەن ۋايفاي سىگنالى ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ.
ئۈچىنچى: تور كارتىسى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى ۋايفاي سىگنالىنى قوبۇللاپ تورغا چىقىدۇ.
تۆتىنچى: كۆك چىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق ئەتراپتىكى كۆك چىش سىگنالىنى قوبۇللاپ تورغا چىقىدۇ.
تېلېۋىزورلار تورغا قانداق چىقىدۇ؟
تېلېۋىزورلارنىڭ تورغا چىقىش ئۇسۇلى ئۇنىڭ تور كارتىسى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئەگەر سىملىق كارتا ئىشلەتسە، تور مۇلازىمەت شىركىتى تەمىنلىگەن تور سىمى ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ، ئەگەر سىمسىز تور كارتىسى ئىشلەتسە، سىمسىز تور كارتىسى ئىشلەتكەن كومپيۇتېرلارغا ئوخشاشلا تورغا چىقىدۇ.
2-مەشغۇلات سىستېمىللىرى
1-مەشغۇلات سىستېمىسى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە كۆچمە ئۈسكىنە مەشغۇلات سىستېمىسى، دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
(كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ئىچىدىن ئۈستەل يۈزى نۇسخسى ۋە مۇلازىمېتىر نۇسخسى، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ، مۇلازىمېتىر نۇسخىسىنى چۈشەندۈرۈش قالدۇرۇلدى)
1-كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىلىرى
1- مايكرو سوفت شىركىتىنىڭ ۋىندوۋىز سىستېمىللىرى( مەسىلەن: Windows XP,Windows Vista,Windows 7... قاتارلىقلار).
2- ئالما شىركىتىنىڭ مەكىنتوش مەشغۇلات سىستېمىسى
3-ئۇبۇنتۇ جەمئىيىتىنىڭ تارقاتقان ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى
..
2-كۆچمە ئۈسكىنە مەشغۇلات سىستېمىللىرى
بىز ئاتاپ كۆنگەن كۆچمە ئۈسكىنە ئىككى خىل بولۇپ، بىرى قول تېلېفۇن، يەنە بىرى تەبلىت كومپيۇتېر، لېكىن بۇ ئىككى خىل ئۈسكىنىگە ئىشلىتىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسەن بىر خىل.
قول تېلېفۇنلار ئۈچۈن:
ئالما شىركىتىنىڭ IOS سىستېمىسى
مايكرو سوفت شىركىتىنىڭ Mobile سىستېمىسى
گوگېل شىركىتىنىڭ Android سىستېمىسى
HP شىركىتىنىڭ WebOS سىستېمىسى
نوكىيا شىركىتىنىڭ سىمبىيان ۋە مېگو سىستېمىسى
ئۇبۇنتۇ جەمئىيىتىنىڭ ئۇبۇنتۇ تېلېفۇن سىستېمىسى
…
تەبلىت كومپيۇتېرلار ئۈچۈن :
ئالما شىركىتىنىڭ IOS سىستېمىسى
گوگېل شىركىتىنىڭ Android سىستېمىسى
HP شىركىتىنىڭ WebOS سىستېمىسى
نوكىيا شىركىتىنىڭ مېگو سىستېمىسى
ئۇبۇنتۇ جەمئىيىتىنىڭ ئۇبۇنتۇ تېلېفۇن سىستېمىسى
گوگېل شىركىتىنىڭ ChromeOS مەشغۇلات سىستېمىسى
كۆرۈپ تۇرۇپتۇقكى، نۇرغۇن شىركەتلەر تېلېفۇن سىستېمىسنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تەبلېت كومپيۇتېرلارغا يۆتكىگەن. لېكىن مايكرو سوفت ئۆزىنىڭ موبايىل تېلېفۇنى ئاساسىدىكى تەبلىت كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى تېخى بازارغا چىقارمىدى، نوكىيا شىركىتىمۇ سىمبىئان مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى تەبلېتىنى چىقىرالمىدى.
گوگېل شىركىتى بولسا تېلېفون سىستېمىسى ئاساسىدىكى Android تەبلىت مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە Chrom ئىسىملىك مەخسۇس كۆچمە ئۈسكىنە مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەپ چىقاردى.
3-ئۇچۇرنىڭ كېلىش يولى ۋە كۆرسىتىلىشى
سۇئال جاۋاپنى يەنە داۋملاشتۇرايلى.
توردىكى ئۇچۇر نېمە ئارقىلىق يېتىپ كېلىدۇ؟
تور سىمى ئارقىلىق ياكى سىمسىز سىگنال ئارقىلىق.
بۇ ئۇچۇرلار نەدىن كېلىدۇ؟
بۇ ئۇچۇرلار تورىدكى مۇلازىمېتىرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن كېلىدۇ.
ئەمسە بۇ ئۇچۇرلار قانداق ھالەتتە يېتىپ كېلىدۇ؟
بۇ ئۇچۇرلار سىز كۆرىۋاتقان سىن، ئۈن، تېكىست، سۈرەت قاتارلىق ھالەتلەردە يېتىپ كېلىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇر قانداق بىر ۋاسىتە بىلەن مۇلازىمېتردىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدۇ؟
بۇ ئۇچۇرلار سانداندىن توربەت پروگراممسى ئارقىلىق ئوقۇپ چىقىرىلىدۇ، ئاندىن توربەت پروگراممىسى بۇنى بىزنىڭ تورغا چىققان ئۈسكىنىلىرىمىز ئوقۇپ ئالالايدىغان شەكىلدىكى ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، بۇنى بىز ئىشلەتكەن كۆچمە ئۈسكىنە، چىقىرىش ئورۇنلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ سۈزگۈ ئەزالىرىمىزغا يەتكۈزىدۇ.
يۇقىرىقى گېپىڭىزنى تازا چۈشىنەلمەي قالدىم، تەپسىلى دەپ باقامسىز؟
بولىدۇ، ئادەتتە بىز كۆرگەن توربەتلەرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلدىغان ھالىتى HTML ھالەتتە بولۇپ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تېكىسىت دېگەن گەپ، نىمىشقا بۇنداق ئاتايمىز دېگەندە، HTML ھۆججەت ئۆز ئىچىدە تېكىست ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، رەسىم، ئۈن، سىن قاتارلىق كۆپ ۋاسىتە ھۆججەتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، توغرىسى مۇلازىمېترىدىن بىزگە ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
مۇلازىمېتردا بىر دانە HTML ھۆججەت بار دېسەك، بىز تور كۆرگۈچكە ئاشۇ HTML ھۆججەتنىڭ ئادىرېسىنى كىرگۈزسەك كۆرۈش مەقستىگە يېتەلەيمىز، توربەت تېخنىكىسى يېڭىدىن پەيدا بولغان چاغلاردا ھەر بىر بەت مەزمۇننى HTML ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى مۇلازىمېتىرغا قۇياتتى، ھازىر تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك توربەت تۈزۈش تىللىرى بارلىققا كەلدى، ئۇلارغا بىز چىقارماقچى بولغان ئۇچۇر بار ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسەكلا بىزگە HTML ھاسىل قىلىپ بىرىدۇ، بۇنداق تور پروگرامما تىللىرىنى ھەركەتچان تور پروگرامما تىلى دەيمىز، بۇنداق تىللاردا تۈزۈلگەن توربىكەتنى ھەركەتچان توربەت دەيمىز. بۇنداق تىللاردىن ASP، ASP.NET، PHP، JSP… قاتارلىقلار بار.
HTML دىگەننى مەن توربەت تۈزىدىغان بىر توربىكەت تىلى دەپ ئاڭلىغان، سىز باشقىچە بىر گەپ قىلىپ يۈرۈيسىزغۇ؟
شۇنداق ئۇمۇ بىر خىل توربەت تىلى، لىكىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پەقەت تىنىچ ھالەتتىكى بەت ياسىغىنى بولىدۇ، ASP، ASP.NET، PHP، JSP قاتارلىقلار ھەركەتچان بىكەتلەرنى ياسايدىغان تىل بولۇپ تىنىچ ھالەتتكى بەتنى ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ ئىككىسنىڭ پەرىقى HTML ھەم مۇلازىمىتىردا ھەم تور كۆرگۈچتە ئىجرا بولالايدۇ، لېكىن ASP، ASP.NET، PHP، JSP قاتارلىق پروگراممىلاردا يېزىلغان بىكەتلەر تور كۆرگۈچتە ئىجرا بولالمايدۇ، پەقەت مۇلازىمىتىرادا ئىجرا بولۇپ HTML بەت ھاسىل قىلىپ بىرەلەيدۇ، بۇ HTML بەتنى تور كۆرگۈ ئوقۇپ بىزگە كۆرسىتىدۇ.
ھە راست، يۇقىرىدا بىر يەردە «بىز چىقارماقچى بولغان ئۇچۇر بار ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسەكلا» دېگەن گەپنى قىلدىڭىز، بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟
تور پروگراممىلىرىدا كۆرسىتىلمەكچى بولغان ئۇچۇر بىلەن بۇ ئۇچۇرنى كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولغان توربەت پروگراممىسى ئايرىۋىتىلگەن بولۇپ، ئۇچۇرلار سانلىق مەلۇمات مۇلازىمېتىرىغا قويۇلىدۇ، توربەتلەر بىكەت مۇلازىمېتىرىغا قويۇلىدۇ، بېكەت پروگراممىسى سانلىق مەلۇمات مۇلازىمېتىرىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە شەرتلەرگە ئاساسەن ئوقۇپ چىقىپ ئۇنى HTML قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، ۋە بۇ HTMLنىڭ ئادىرېسىنى بىزگە قايتۇرپ بىرىدۇ، بىز مۇشۇ ئادرېس ئارقىلىق HTML نىڭ مەزمۇنىغا ئېرىشەلەيمىز، HTML مەزمۇنىنى كۆرۈشتە تور كۆرگۈچ بىزگە ۋاسىتىلىك رول ئويناپ بىرىدۇ.
تور كۆرگۈچ دېگەن نېمە؟
تور كۆرگۈچ دېگىنىمىز ئۇ ئېشەك ھارۋىسى(زاغرا تىلدا گەپ قىلساق بەك قوبال بوپ قالامدۇ قانداق؟).
قەدىمدە بىر يۇرتتا بىر باي بولۇپ، ئۇ سۇ چىقىدىغان بىر بۇلاقنى ئىگىلىۋاپتۇ ۋە سۈيىنى خەلققە سېتىپتۇ، ئاشۇ دەۋردە سىز ياشاپتىكەنسىز، بىر كۈنى بوۋىڭىز سىزنى بۇلاققا بېرىپ سۇ ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى ۋە ئېشەك ھارۋىسىنى سىزگە راسلاپ بەردى، سىز ئېشەك ھارۋىسىغا چىقىپ «قىخە» دەپ گۈلمەرەمنى تولاپ ماڭدىڭىز، سىز بېرىپ باي غوجامغا سۇ لازىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتىڭىز، باي غوجام سىزنىڭ شەرتلىرىڭىزگە ئاساسەن سۇنى تەييار قىلىدى، باي سۇنى سىزنىڭ ھارۋىڭىزغا ئۇسۇپ بىرەي دېسە قاملاشمىغان بىر ئىش بوپ قالغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن باي تۇڭ ياسايدىغان ئۇستامغا دەپ تۇڭ ئېلىپ كەلدى ۋە سۇنى تۇڭغا قاچىلاپ ئاندىن ئېشەك ھارۋىغا بېسىپ بەردى، سىز ھارۋىغا بېسىلغان تۇڭنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدىڭىز.
تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سېلىڭ.
سۇ بولسا سانلىق مەلۇمات، تۇڭ ئۇ بىر HTML ھۆججىتى، ئىچىگە نۇرغۇن سۇ سىغىدۇ، باي غوجام ئۇ بىر توربەت پروگراممىسى، يەنى سانداندىن كەلگەن ئۇچۇرنى HTML گە قاچىلايدۇ(بۇلاقتىن چىققان سۇنى تۇڭغا قاچىلايدۇ). ئېشەك ھارۋىسى HTML خالتىسىنى (يەنى سۇ قاچىلانغان تۇڭنى) مۇلازىمېتىرىدىن بىزگە ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرسەم بولار ھە، كۆپ بولسا ئېلىشىپ كېتىسىز…
ئۇنداقتا ھازىر خەقلەر ئىشلىتىۋاتقان ھەرخىل تور كۆرگۈچلەر باركەنغۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېشەك ھارۋىسىمۇ؟
ھارۋىلارمۇ قول ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسى، ئات ھارۋىسى، ماشىنا دېگەندەك تەرەققىياتلارنى بېسىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش تور كۆرگۈچمۇ يېڭىلىنىش ۋە ئىلغارلىشىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى، بۇ جەريانلاردا نۇرغۇنلىغان ئات ھارۋىسى، تىراكتۇر، يۈك ماشىنىسى… قاتارلىقلار بارلىقا كەلدى، مەسىلەن : مايكرو سوفت IE نىڭ 6.0 دىن كېيىنكى نەشرلىرى، گوگېلنىڭ كروم تور كۆرگۈسى، موزىللانىڭ ئوتتۈلكە تور كۆرگۈسى، ئالمىنىڭ سافارى تور كۆرگۈسى، قايسى بىر شىركەتنىڭ ئوپىرا تور كۆرگۈسى، يەنە ماۋۇ دۆلىتىمىزدىكى ئالتۇنتاغ، سوگو، 360، تېڭشۇن قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بىر قاتار توركۆرگۈچلىرى…
بۇلار يادرو جەھەتتىن IE يادىرولۇق ۋە IE يادىرولۇق ئەمەسلەر، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ، ئىشلەتكەن ئۈسكىنىگە قاراپ تېلېفۇن نۇسخىسى ۋە PC نۇسخىسى، دەپ بۆلىنىدۇ، لېكىن، مەيلى قانداقلا بۆلۈنسۇن، ئەڭ ئاساسلىق رولى بولغان HTML مەزمۇنىنى مۇلازىمېتىردىن ئابونىت ئالدىغا ئېلىپ كېلىدىغان رولى ئوخشاش بولىدۇ، ھەممىسىدە ئوخشاشلا HTTP كېلىشىمنامىسى ئارقىلىق HTML گە ئېرىشىش ئاساس قىلىنىدۇ.
مەن دوستۇمنىڭ تور كۆرگۈچ ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ تورىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، ئەجىبا تور كۆرگۈچ ئىشلەتمەيمۇ توربەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ، بۇ يەردە بىز سۆزلىمەي ئۆتۈپ كەتكەن كىچىككىنە مەزمۇن بار، گەپنى ھېلىقى بۇلاقنىڭ ئىگىسى بولغان باي غوجامغا ئېلىپ كېلەيلى، بۇ باي غوجامنىڭ سودىسى تەرەققىي قىلىپ ئېھتىياجنى قامدىيالمىدى، ئۆزىمۇ قېرىغاندا، ئىشلىرىغا يېتىشىپ بولالماي قالدى، دەل مۇشۇ چاغدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن قۇتبىلىك، باي ئاكىسىغا مۇنداق بىر ئەقىل ئۆگەتتى، يەنى بۇلاققا بىر ئېغىز ئورنىتىپ ئۇ ئېغىزغا تۇربا بېكىتىشنى ۋە بۇ تۇربىنىڭ يەنە بىر بېشىنى سۇ لازىم بولغان مەھەللىگە ئورنىتىشنى ئېيتتى. باي قۇتبىلىكنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا ئېيتىپ ئەتىسىلا ئىش باشلىدى، مەبلەغ سېلىپ مەخسۇس بىر قانال ئاچتى، شۇنداق قىلىپ، بۇلاقتىكى سۇغا ئېرىشىشنىڭ يولى ئىككى بولدى، بىرى قاتناش ۋاسىتىسى ئارقىلىق بېرىپ سۇ ئېلىپ كېلىش، يەنە بىرى بىۋاسىتە مەھەللىگە تۇتىشىدىغان لىنىيەدىن سۇ ئېلىپ كېلىش.
تور پروگراممىلىرىمۇ مۇشۇنداق قىلىندى، HTTP كىلىشمى ئارقىلىق HTML ھالەتتە ئۇچۇر ئۇزىتىش بەزىدە قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن تور بىكەت پروگرممىسىدا ئېچىش ئېغىزى دېگەن نەرسىدىن بىرنى پەيدا قىلدى ۋە بۇ ئېغىز ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى.
بۇ ئېغىز ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئۇچۇر بىلەن HTML ھالەتتە يەتكۈزگەن ئۇچۇر ئوخشىمامدۇ؟
مەزمۇن ئوخشايدۇ، لېكىن ئېلىپ ماڭغان ھۆججەتنىڭ تىپى ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن: بىز يۇقىرىدا HTML نى بىر كونا دەۋردە ياسالغان تۇڭغا ئوخشاتقان بولساق، ئەمدى ئېچىش ئېغىزى بىلەن ماڭغان ئۇچۇرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە يىنىك، سۇ سىغىشچانلىقى يۇقىرى بولغان تۇڭغا ئوخشىتىمىز.
ھەر ئىككىلىسى سۇ توشۇيدۇ، لېكىن ئۈنىمى، ۋە بۇ تۇڭنى توشۇيدىغان ئۈسكىنە ئوخشىمايدۇ.
ئېچىش ئېغىزى ئارقىلىق ماڭغان ئۇچۇر ئادەتتە XML ۋە JSONھالەتتە ماڭىدۇ، ئىشلەتكەن كېلىشمنامىسى ؟؟؟؟ بولىدۇ(قايسى كېلىشىمنامىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى مەن جەزىملەشتۈرەلمىدىم، TCP مۇ، UDP مۇ، HTTP مۇ، ۋەياكى XMPP مۇ؟).
«ئۈسكىنىگە قاراپ تېلېفۇن نۇسخىسى ۋە PC نۇسخىسى دەپ بۆلىنىدۇ» دېدىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل كۆرگۈچنىڭ پەرقى قانداق؟
ھەممىمىزگە مەلۇم، كومپيۇتېر بىلەن تېلېفۇننىڭ ئېكرانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ، شۇ سەۋەب HTML بەتنىڭ تور كۆرگۈدە كۆرۈنۈش شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ(ئەسلى مۇشۇنداق ئوخشىماسلىقى كېرەك ئىدى، لېكىن كۆپلىكەن زىيارەتچىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان بولغاچقا، تېلېفۇنغا خاس HTML بەت ھاسىل قىلىش ئىشىنى بىكەت ئاچقۇچىلار بىر ياققا قايرىپ قويغان)، شۇڭا بۇ ئىككى خىل بەتكە ئىشلەتكەن تېخنىكىمۇ ئوخشىمايدۇ، ھەرقانداق تور كۆرگۈسىدە نەشىر ئۇچۇرى ساقلانغان بولۇپ، بۇنى تور بەت پروگراممىسى ئوقۇپ ئالالايدۇ، ھەم ئاشۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، كۆرسىتىدىغان بەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن: قۇت بلوگىنى ئالساق، بۇ بلوگىنى سىز كومپيۇتېردا كۆرسىڭىز بىرخىل ئۇسلۇپ چىقىدۇ، بۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان ئابونىتلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئىكران چوڭ-كىچىكلىكىگە تەڭ بولىدۇ، ئەگەر سىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلاردا قۇت بلوگىغا چىقسىڭىز، باشقىچە بىر ئۇسلۇبنى كۆرىسىز، بۇ ئۇسلۇپ مەخسۇس كۆچمە ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، كۆچمە ئۈسكىنىنىڭ تور كۆرگىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، قايسى خىل چوڭ-كىچىكلىكتە چىقىشنى بەلگىلىيەلەيدۇ.
ھە ئەمسە بىز تور بەت تۈزۈپ قالساق، ھەم كومپيۇتېردا كۆرگۈچىلەرنى ھەم كۆچمە ئۈسكىنىلەردە كۆرگۈچىلەرنى ئاساس قىلىپ تۈزەمدۇق؟
بۇنى سىزنىڭ تور بىكىتىڭىزنىڭ خاراكتېرى ۋە زىيارەتچىلىرى بەلگىلەيدۇ، سىز مەخسۇس كومپيۇتېر ئويۇنلىرى چۈشۈرىدىغان بىر بىكەت قۇرۇپ، ئۇنىڭ تېلېفۇن نۇسخىسىنى ياسىغىنىڭىزنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئويۇنلار تېلېفۇن ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كومپيۇتېر ئۈچۈن لازىم بولىدۇ. لېكىن، سىز بىر خەۋەر تورى قۇرغان بولسىڭىز، ئۇنىڭغا ئامال بار ھەر ئىككى خىل نۇسخىدىكى ئۇسلۇپنى ياسىغىنىڭىز ياخشى، چۈنكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر كومپيۇتېردىلا ئەمەس، كۆچمە ئۈسكىنىلەردىمۇ تورغا چىقىۋاتىدۇ، ئىشقا ماڭغان، چۈشكەن چاغلاردا كۆچمە ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق تورىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش يېڭى بىر يۈزلىنىش بوپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل زىيارەتچىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈن كۆچمە ئۈسكىنە نۇسخىسىنىمۇ ياسىغىنىڭىز ئەۋزەل.
سىز دېگەندەك، ھازىر نۇرغۇن بىكەتلەرنىڭ زىيارەتچىللىرى كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان بولغاچقا بىكەت باشلىقلىرىمۇ شۇلارنى ئاساس قىلىدىكەن، لېكىن، ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ باھاسىنىڭ چۈشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ئۈسكىنىلەردىمۇ تورغا چىقىش مودا بولىۋېتىپتۇ، تور بىكەت باشلىقلىرى مۇشۇ كۆچمە ئۈسكىنىدە تورغا چىقىۋاتقان زىيارەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ، تور بېكەتنىڭ تېلېفۇن نۇسخىسىنى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن قانچىلىق تېخنىلىق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچقايدۇ؟
ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان توربەت پروگراممىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىلۋاتقان ئۆزلەشتۈرمە پروگرامما بولۇپ، بۇنىڭغا كۆچمە نۇسخىسىنى يەككە ھالدا تۈزۈپ چىقىش تەسراق، بۇنى ئامال بار ئاشۇ خىل بىكەت سىستېمىسى تارقاتقان ئورۇن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارغا پىكىر بەرگەن ئاساستا، ئاشۇلارنىڭ تۈزۈپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، ئەگەر بۇنى خالىماي يەككە ھالدا تۈزۈپ چىقىش خىيالى بولسا، توربەت ئاساسىي بىلملىرىنى ياخشى بىلىشى AJAX، HTML،CSS، Javascript قاتارلىقلارنى ياخشى ئۆگىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشۇ بېكەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى پىششىق ئىگىلىشى كېرەك.
پروگراممىسىنى ئۆزى تۈزگەنلەرنىڭ توربەت پروگراممىلىرىغا بولغان تونۇشى چوڭقۇر بولىدۇ، بۇلارغا پەقەت jQuery Mobile ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەرسەكلا كۇپايە.
ئەمدى بۇ jQuery Mobile دېگەن نېمە بوپ كەتتى؟
jQuery Mobile بولسا مەخسۇس كۆچمە ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن كۆرۈنمە يۈز لايىھەلەش تۈرى بولۇپ، بۇ ئېچىۋىتىلگەن بىر تۈر. بىز بۇ jQuery Mobile تۈرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بىز توربىكەتلىرىمىزنىڭ كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى نۇسخسىنى ئاسانلا ياسىۋالالايمىز.
شۇنداق بولغاندا، بېكەت سىستېمىسى مەشغۇلات سىستېمىللىرىنىڭ تور كۆرگۈچىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى ئوقۇپ، ئاندىن ئاشۇلارغا ماس كەلگەن كۆرۈنمە يۈزنى قايتۇرۇپ چىقىرىپ بىرىدۇ، jQuery Mobile دىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ بېكەتنىڭ كۆچمە ئۈسكىنە نۇسخىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھالىقلىق رول ئوينايدۇ، دېگەن گەپ شۇنداقمۇ؟
توغرا، شۇڭا بىز توربەت پروگراممىسى تۈزىۋاتقان دوستلارنى بۇ ھالقىنى تاشلاپ قويماسلىقىنى تەكىتلەپ قويىشىمىز كېرەك.
توربىكەتنىڭ كۆچمە ئۈسكىنە نۇسخىسىنىغۇ تۈزدۇق دەيلى، لىكىن ئاشۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەردە بىزنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلەر قانداق كۆرىنىدۇ؟ بۇ ئۈسكىنىلەر بىزنىڭ يېزىقىمىزنى قوللامدۇ(نورمال كۆرسىتىپ بىرەلەمدۇ)؟
بىز يۇقىرىدا بىر قانچە كۆچمە ئۈسكىنە مەشغۇلات سىستېمىسىنى ساناپ ئۆتتۇق، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغانلارمۇ بار، قوللىمايدىغانلارمۇ بار. ئۇنداقتا قوللىغانلار قانداق قوللىغان؟ قوللىمايۋاتقانلار نىمىشكە قوللىمايۋاتىدۇ؟ بۇلارنى بىلىش ئۈچۈن بىز ئاۋال بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ قانداق يېزىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى.
مەزمۇن تولۇقلىنىۋاتىدۇ................................
مەزمۇن تولۇقلىنىۋاتىدۇ................................
مەزمۇن تولۇقلىنىۋاتىدۇ................................
ھە يەنە نۇرغۇن سۇئاللار بار ئىدى، ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟
توغرا، مېنىڭمۇ يەنە مۇشۇ توغرىسىدا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، مەنمۇ تاپالمايۋاتىمەن، قالغان سۇئال بىلەن جاۋابنى تورداشلانىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ باقساق بولدىغان ئوخشايدۇ، ئەمسە شۇنداق قىلايلى، قېنى تورداش سۇئالىڭىزنى قويۇڭ...
ما گەپلەرنى يادىلىۋالساقمۇ بولىدىكەن ھەي!
بەگ ئاداش بۇ مۇھەببەت خېتى ئەمەس كىچىچە يادىلاپ ئەتىسى قىز دوستۇڭلىغا ئېيتىپ بىردىغان، بۇ دىگەن تەبىئىي پەننىي نەرسىلەر، يادىلىماي مۇھەببىتىڭىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئوقۇڭ، پەيزى بولىدۇ.(دەھشەت ھىجايغان ئىپادىدىن بىرسى كەتتى)
ما ھاجىمنى، ما بىرپاتمان نەرسىلىرىڭىزنى ئوقۇپ بولالماي ئولتۇرسام يەنە بىرنى يوللىۋېتىپسىزغۇ!(كالتەك بىلەن سالغان چىراي ئىپادىسى)
بۇ نەزىرىيەلەرنى كۆرۇپ بوپ ئەجەپ ئۇيقۇ باستا…،ئەمما ئىككىڭلارنىڭ ئىنكاسى بەك قىززىق بوپتۇ، شۇنداقمۇ بىگىم ھەزرەتلىرى….