ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >قۇتبىلىك> مەزمۇنى
مەن ئۇنۇتقان ئۇيغۇر تىلى
2012-يىلى01-ئاينىڭ25-كۈنى قۇتبىلىك 6دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,481+

1-ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ «ئا، ئە» ھەرىپلىرى «ئې» گە ئاجىزلىشىدۇ.
كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردىكى «ئا، ئە» ھەرىپى «ئى» گە ئاجىزلىشىدۇ.
مەسىلەن:
ئات    ئېتى    باش    بېشى    ||    ئەر    ئېرى    مەن    مېنى
ئالىم    ئالىمى    ئامراق    ئامرىقىم    ||    كۈدە    كۈدىسى    ئۆگەن    ئۆگىنىش

2-ئاخىرى يېپىق بوغۇملۇق بولغان ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ كەينىگە قوشۇمچە قوشقاندا ئاخىرقى بۇغۇمىدىكى «ئى، ئۇ، ئۈ» ھەرىپلىرى چۈشۈپ قالىدۇ.
مەسىلەن:
سىڭىل+ىم=سىڭلىم
ئورۇن+ۇم=ئورنۇم
ئۆمۈر+ۈم=ئۆمرۈم

3-ئۇرغۇسى تۇراقلىق ئوچۇق بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشقاندا «ي» ھەرىپى قوشۇلۇپ قالىدۇ.
ئارزۇ+ۇم=ئارزۇيۇم
بىنا+ىم=بىنايىم
توخۇ+ۇم=توخۇيۇم
دە+ىش=دېيىش
يە+ىش=يېيىش
يۇ+ۇش+يۇيۇش
سۇ+ۈم=سۈيۈم

قول يازمامدىكى ئۇشبۇ قائىدىلەرنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن تورغا يوللاپ قويدۇم، بەلكىم سىز ئىزدەۋاتقان قائىدە مۇشۇ بولىشى مومكىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان قائىدىلەرنى بىلسىڭىز يوللاپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 6 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 4 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە

  1. تورباجىن : 2012-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنى11:47:46  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بىز قانچىلىك ئەھمىيەت بىرەلىدۇق؟

  2. نۇرقۇت : 2012-يىلى02-ئاينىڭ02-كۈنى15:56:45  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ماۋۇ يازمىنىڭ ماڭا پايدىسى تېگىدىكەن. تۈپ سۆز ھەققىدىكى پروگراممىغا كىرگۈزۈپ ئىشلەتسەم بولغۇدەك.

    • قۇتبىلىك : 2012-يىلى02-ئاينىڭ04-كۈنى04:28:54 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ھازىرچە بۇ يازمىنىڭ پايدىسى تىگىدىغان ئىككى ئادەم بار(مەن بىلدىغان كىشىلەر ئىچىدە)، بىرى سىز يەنە بىرى مەن، چۈنكى ھەر ئىككىلىمىز ئۇيغۇرتىلىغا ئائىت تەتقىقاتلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق. مەن يازمىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزۈمدىن سورىغىنى بىر يىلدىن ئاشقان ئىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىپ قىلغان تۇنجى ئىشىم مەكتەپتىكى ئۇيغۇر تىلىغا ئەڭ پۇختا بولغان ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلدىكى سۆزلەرنىڭ قائىدە قانۇنيەتلىرى ۋە بىر قىسىم قائىدىلەرگە چۈشمەيدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار ھەققىدە ئىككى سائەتچە سۆھبەتتە بولغان. مانا بۇ سۆھبەت سىزگىمۇ نان بەردى، خۇشالمەن. تەتقىقاتىڭىزغا مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن. ئەگەر مەن بىلمەيدىغان تەتقىقاتلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالغان قائىدىلەرنى بايقىسىز قالدۇرۇپ قويۇڭ، يېڭى بىر قائىدە يېڭى بىر يولدىن دىرەك بىرىدۇ، ئىشلار ئاسانلىشىپ تەرەققىيات تىز بولىدۇ.

  3. ئىنسان : 2012-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنى00:23:05  -47 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تېخىمۇ تەپسىلىي ماتېرىيال بولسا – ھە؟

  4. تۇرسۇن ساۋۇت : 2012-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى14:51:48  -46 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۇ قائىدىنى بىلمىگەچكە، تەڭرىنىڭ ھۆكمى دېگەن سۆزدىكى ھۆكۈم سۆزىنىڭ قانداقسىگە ھۆكمى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرگەنىكەنمەن-دە ئەسلى، ھەي!!

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟