ھازىرلاشقا تىگىشلىك دىتاللار
JAVA JDK 1.6
Eclipse 3.6 (eclipse-java-helios-win32.zip)
ADT 0.9.7 (Android Development Tools)
SDK Tools R6 (android-sdk_r06-windows.zip)
1. JDK نى قاچىلاش (قالدۇرۇلدى)
2. Eclipse نى قاچىلاش (قالدۇرۇلدى)
3. ADT(Android Development Tools) نى قاچىلاش
ADT بولسا Eclipse نىڭ قىستۇرمىسى، Eclipse ئارقىلىق ئاندرويىدقا يۇمشاق دىتال تۈزىدىغان قۇرال، لىكىن ئاندرويىدنىڭ SDK سىنىڭ ئۆزى ئەمەس.
قاچىلاش ئۇسۇلى Eclipse قا باشقا قىستۇرىلارنى قاچىلىغانغا ئوخشاش، يەنى(Help-> Install New Software) دىگەن ئورۇندىن قاچىلايمىز(مۇشۇ ئورۇندىن قاچىلىماقچى بولغان قىستۇرما يەنى بىز چۈشۈرۈپ تەييارلىۋالغان ADT قىستۇرمىسىنى كۆرسىتىپ بەرسەكلا بولىدۇ)، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Eclipse نىڭ قۇرال ئىستونىدا ئاندرويىدنىڭ قۇت بەلگىسى چىقىدۇ.
4- SDK Tools نى قاچىلاش
SDK Tools مۇ ئاندرويىدنىڭ ئېچىش بولىقى(Android SDK)نىڭ ئۆزى ئەمەس، لىكىن Android SDK نى توردىن چۈشۈرىدىغان ۋە تەڭشەيدىغان قۇرال، SDK Tools ئارقىلىق ھەرخىل نەشىردىكى ئاندرويىد ئېچىش بولىقىنى چۈشۈرگىنى بولىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا SDK Tools بولسا ئاندرويىد ئېچىش بولىقىنىڭ مەخسۇس چۈشۈرگۈچىسى، شۇڭا بىز بىۋاستە SDK نى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ھەققىدە سۆز قىلمايمىز. SDK قاچىلاش جەريانىدا كومپيۇتېر چۇقۇم تورغا ئۇلانغان بولىشى كىرەك، چۈنكى ئۇنىڭ چۈشۈرگۈچىسى بولغان SDK Tools دىتالى SDK نى توردىن چۈشۈرىدۇ ئەمەسمۇ. قاچىلاش باسقۇچى تۈۋەندىكىدەك:
بىرىنچى : SDK Setup.exe نى قوزغۇتۇش
ئىككىنچى : Settings ئىچىدىكى Force https://… بىلەن باشلانغان تاللاش كۆزنىكىنى تاللاپ قويىمىز.
ئۈچۈنچى: تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قاچىلىغىنى بولىدىغان بولاق مەنبەسى Available Packages نى تاللايمىز. پۈتۈن قاچىلاپ بولۇشقا تورغا ئۇلانغان ھالەتتە بىرەر سائەت ۋاقىت كىتىدۇ(تىز-ئاستىلىقى تور سۈرئىتىگە باغلىق) .
قاچىلاش ئاخىرلاشقانداق كىيىن Installed Packages دىگەن ئورۇندىن بارلىق قاچىلانغان بولاقنى كۆرگىنى بولىدۇ.
تۆتىنچى : ADT دىن SDK نى تەڭشەش
Eclipse->Windows->Android ->SDK Location دىگەن ئورۇندىن SDK TOOLS قاچىلانغان غول مۇندەرجىنى كۆرىتىپ بىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئاندرويىد ئېچىش مۇھىتى ھازىرلاش تاماملىنىدۇ.
يازمىڭىزنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوش بولدۇم،مۇشۇ توغرىسىدا كۆپرەك يازما يوللاپ تۇرىشېڭىزنى ئۈمد قىلىمەن‹