ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئاندرويىد يانفون باشقۇرغۇچى دىتال- مولو
2011-يىلى03-ئاينىڭ25-كۈنى ئاندرويىد 4دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,411+

Android يانفونلارنىڭ باشقۇرىدىغان يەنە بىر دېتال-MOLO

مەن قولۇمدىكى بۇ يانفوننى ئالغىلى ھازىر بىر ئاي بولاي دەپ قاپتۇ. مۇشۇ جەرياندا يانفون ھەققىدىكى بىلىملەرنى خېلى بىلىپ قالدىم گەرچە بىرەر نەرسە ياساپ ھەپىلەشمىگەن بولساممۇ ئەمما ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ خېلى بىلىمگە ئىگە بوپ قالدى. ئەقلفونلارنى ئىشلىتىشمۇ بىر ھۈنەركەن دەڭلار...

asdasd
يانفوننى ئېلىپلا بىر قانچە تېما يوللىغانىدىم يەنى يانفوننى كومپيۇتېرغا ئۇلىغاندىن كېيىنكى مەشغۇلاتلار ئۈستىدە... يەنى 91 يانفون ياردەمچىسى دېتالى ھەققىدە ئىككىدەك تېما يوللىغانىدىم بۇ قېتىم ئەلنىدا ئەپەندىمنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن MOLO يانفون باشقۇرغۇچىسىنى ئۇچرىتىپ بۇ دېتالنى ئىشلتىپ باقتىم. (91 دېتالىنى بىلىكتە ناچار دېتال يانفونغا ئەخلەت توشتۇرۋېتىدۇ دەپ ئاڭلاپ سەل ئۈمىدسىزلەنگەن) 91 دېتالىنى ئىشلىتىشتىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ تۇرسام بۇ پەيدا بولدى شۇنىڭ بىلەن (ئەلۋەتتە بۇ دېتالمۇ ئاكىلىرىمىز ياسىغاندىكىن يەنىلا بىر قىسىم يوچۇقلار ۋە ئەخلەتلەر بولىشى ئېنىق. لېكىن بۇ ئاۋۇنىڭدىن ياخشىدەك قىلىدۇ) بۇنى ئاخشام ئۆيدىكى win7 قاچىلانغان كومپيۇتېرغا قاچىلاپ سىناپ ئىشلەتتىم.

87_3_3bdfc78cb7a5463

ئىقتىدارى 91 دەك بەكلا قولاي بولمىسىمۇ ئەمما ھەممە ھاجەتلىرىمىزدىن تامامەن چىقىدىكە. ھەتتا 91 دا يوق ئىقتىدارلارمۇ بۇنىڭدا باركەن. مەسىلەن: دېتال ئىزدەش دېگەنلەر....

ddddddddddddd
شۇنداق قىلىپ ئەمدى بۇ دېتالغا كۆچۈۋالدىم، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بىلمىگەندە باشقىلار ماڭا تەۋىسيە قىلغاندىن مەنمۇ تەۋىسيە قىلىپ قوياي بىلمىگەنلەر ئىشلىتىپ باقسۇن دەپ بۇ يەر ھەر قايسىڭلارغا بۇ دېتال ھەققىدە بىلجىرلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئىشلىتىپ بېقىشنى خالايدىغانلار قېنى سىناپ بېقىڭلار.

 

دېتال ئورگان بېتى: مانا مۇشۇ يەر

无觅相关文章插件,快速提升流量

نۆۋەتتە 4 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 2 دانە

  1. ئابدۇللا : 2011-يىلى03-ئاينىڭ27-كۈنى16:53:18  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    http://www.878918.com/?post=193\
    يۇقارقى مەزمۇن ئاندۇريىد يانفۇننى زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىككەن. بىلمىدىم كۆپچىلىككە پايدىسى بارمۇ يوق؟ كۆرۈپ بېقىڭ. پايدىلىق بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز بولغۇدەك.

    • قۇتبىلىك : 2011-يىلى03-ئاينىڭ28-كۈنى13:49:20 @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ياخشى مەزمۇننى تەۋىسيە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت، كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ يوللايمىز! :wink:

  2. ئۇيغۇربەگ : 2011-يىلى03-ئاينىڭ28-كۈنى11:30:16  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    دوستۇمغا 91 قورالى ئارقىلىق قاچىلاپ بېرىۋاتىمەن

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟