گوگېلنىڭ نۇرغۇن مۇلازىمەتلىرى بىزنىڭ تۇرمىشىمىزغا سىڭىپ كىردى، بىز ئۇنىڭ ئىزدەش ماتورىدىن ماترىيال ئىزدەيمىز، يۇتۇبې (دۆلەت ئىچىدە چەكلەنگەن)بىكىتىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يوللانغان ھەرخىل تىلدىكى سىن ھۆججەتلىرىنى كۆرىمىز، Gmail(ئەڭ نادىر، ئەڭ بىخەتەر ئېلخەت ئۇچۇر سىستېمىسى) نى ئىشلىتىمىز، Gtalk پاراڭلىشىش دىتالىنى ئىشلىتىمىز، تېخى يېقىندا ئۇنىڭ بازارغا سالغان تېلېفونلىرىنى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق، گوگېل شىركىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا بىر ئىزدەش ماتورى بىلەن ئىش باشلىغان، لىكىن بۈگۈنگە كەلگەندە زورىيىپ ھەرقايسى ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى، دىققەت قىلغان بولسىڭىز دۇنيا ITساھەسىدىكى باشلامچى شىركەتلەرنىڭ بىر دىن ئۆزىگە خاس مەشغۇلات سىستېمىسى بار، مەسىلەن : مايكرو سوفتنىڭ ۋىندوۋز سىستېمىللىرى، ئالما شىركىتىنىڭ مەكىنتوش سىستېمىسى ۋە باشقىلارنىڭ ..
لىكىن گوگېل شىركىتى خېلى بىر مەزگىلگىچە مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىگە قول ئۇزاتمىغان بولۇپ يېقىندا بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشنى باشلىدى ۋە كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشتى.
كروم مەشغۇلات سىستېمىسى گوگېل شىركىتى يەككە ھالدا ئېچىپ چىققان تورنى ئاساس قىلغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ ئاساسى گەۋدىسى بىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان كروم كۆرگۈچىسىگە ئوخشاپ كىتىدۇ، ئەمسە كروم سىستېمىسى ۋە كروم تور كۆرگۈسىنىڭ نىمە پەرقى بار؟
گەرچە كۆرۈنمە يۈزى ۋە شەكلى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ لىكىن ئىككىسىنىڭ تەۋە بولغان ساھەسى ئوخشاش ئەمەس.
كروم تور كۆرگۈسى: مەشغۇلات سىستېمىسىغا بېقىنىدۇ، يەككە ھالدا قاتتىق دىتال بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارالمايدۇ، پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدىلا ئىجرا بولالايدۇ.
كروم مەشغۇلات سىستېمىسى: بۇ ئەسلىدىنلا بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولغاچقا يەنە بىر مۇھىتقا بېقىنمايدۇ، قاتتىق دىتاللار بىلەن بىۋاستە ئالاقە ئېلىپ بارىدۇ.
بىز بىلىمىز ۋىندوۋز مەشغۇلات سىستېمىسىغا قۇيرۇق نامى EXE بولغان دىتاللارنى قاچىلاپ بىۋاستە ئىجرا قىلىپ ئىشلىتەلەيمىز، ئۇنداقتا كروم مەشغۇلات سىستېمىسىغىمۇ مۇشۇنداق دىتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەمدۇق؟
ياق، چۈنكى مەشغۇلات سىستېمىسى دىگەن گەپنىڭ مەنسى مۇھىت دىگەن گەپ بولۇپ ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلىتىلدىغان، ئەركىن ئىجرا بولىدىغان ھۆججەتنىڭ شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنى مۇنداق چۈشەنسەك بەك ياخشى بولىدۇ، مەسىلەن:
سۇدا ياشايدىغان بىر جانۋارنى سۇ بولمىغان مۇھىتقا قويۇپ قويساق ئۇ ياشىيالمايدۇ، يەنى بۇ مۇھىتتىكى رولى بولمايدۇ، چۇنكى بۇ مۇھىت بۇخىل جانۋارغا ياشاش شارائىتى تەمىنلەپ بىرەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك مەشغۇلات سىستېمىللىرىمۇ بىر بىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى قوللاپ بىرەلمەيدۇ ۋە ئىجرا قىلىپ بىرەلمەيدۇ.
سىز بەلكىم باشقىلارنىڭ مەكنتوش سىستېمىدا ئىشلەتكەن ياكى قويغان سىن ھۆججىتىنى ۋىندوۋز سىستېمىسىدا ئاچقان ياكى كۆرگەنلىكىنى بايقىغان بولىشىڭىز مومكىن ، توغرا بۇخىل ئىمكانىيەت بار بولۇپ بەزى ھۆججەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى بۇ سەھنىگە مۇناسىۋەتسىز بولۇپ بۇنداق ھۆججەتلەر خەلىقئارادا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن.
گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك كروم ئۆزىدە ئىجرا بولىدىغان دىتاللارنى قاچىلاش شەكلىدە يېڭى ئەندىزە(توردىن تورغا قاچىلاش) شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ئۇنىڭ دىتاللىرى قوللىنىلىشچان دىتال ۋە قىستۇرما دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، قوللىنىلىشچان دىتاللار قاچىلانغان ھامان باش بەتتە(قۇرۇق بەت) چىقىپ تۇرىدۇ، بىز قاچىلىغان دىتالىمىزنىڭ بەلگىسىنى چەكسەكلە ئۇ قوزغىلىدۇ، قىستۇرما دىتالى بولسا قاچىلىغاندىن كىيىن ئادرىس ئىستونىنىڭ بىقىنىدا پەيدە بولىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلارنىڭ بېقىنىدىغىنى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۇھىتىنى بەرگىنى كروم سىستېمىسىدۇر.
ئەمسە كروم تور كۆرگىسىچۇ؟
كروم تور كۆرگۈسى بىز بايا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىككى خىل قوللىنىلىشچان دىتالىنى قوللايدۇ، ھەم كروم مەشغۇلات سىستېمىسى تەمىنلىگەن ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان، ئۇنداقتا بۇ ئىككىسى ئوخشاش نەرسە ئىكەنغۇ؟
شۇ ئوخشاش دىسەك ئوخشاش، ئەمەس دىسەك ئەمەس، بۇ ئىككسىنى مۇنداق ئوخشاتسام بولغۇدك، بىرسى دادىسى، ناھايىتى يامان خەققە تايانماي جان بېقىپ ياشىيالايدۇ، يەنە بىرسى بالىسى تېخى كىچىك مۇستەقىل ھالدا ياشايدىغان يېشىغا بارمىدى، شۇڭا ماكىنتوش، ۋىندوۋىز، لىنۇس، ئاندرويىد قاتارلىق مۇھىتلاغا بېقىنىدۇ، ئەمما دادىسى كروم مەشغۇلات سىستېمىسى پۇتىنى قويغۇدەك قاتتىق دىتال تېپىۋالسىلا ئىجرا بولۇپ ئىشلەۋىرىدۇ.
ئۇنداقتا رىۋايەتلەردىكى بۇ ئاتا بالىنىڭ چىرايىنى بىر كۆرۈپ ئۆتمەمدۇق؟
قانداق بوپ قويامدىكەنمەن؟
نىمە دىگەن سۈزۈك كىلىشكەن ھە ؟
دىققەت قىلدىڭىزمىكىن كرومنىڭ قوللىنىلىشچان دىتاللىرىنىڭ
كۆپىنچىسى تورغا مۇناسىۋەتلىك دىتاللارنى ئاساس قىلغان.
مانا بۇ كروم مەشغۇلات سىستېمسى قاچىلانغان كومپيۇتېر ؛
ماۋۇ ۋوندوۋز ئۈستىدىكى كروم تور كۆرگۈسى
مانا ماۋۇ كروم ئۈستىدىكى ئۆتتۈلكە تور كۆرگۈسى (بۇ بىر مەسخىرە)؛
ئاكاڭ قارىغاي كەلدى، يانغا ئۆتۈش!
ئاندرويىد تېلېفۇندىكى كروم كۆرگۈسى
مەكىنتوشتىكى كروم كۆرگۈسى ۋە قاچلانغان دىتاللار
مايكرو سوفتنى مۇجۇسىڭىز كروم پەيدە بولىدۇ
كروم تور كۆرگۈسى دىگەن مانا مەن!
مانا بۇ ئاتا- بالىلانى كۆرۈپ ئۆتتۇق، ھە راست ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، كروم تور كۆرگۈسىنىڭ سىغىمى 20 نەچچە مىگابايىت كىلىدۇ، لىكىن كروم مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ سىغىمنى 3-4 گىگابايىت كىلىدۇ.
يۇقارقى رەسىملەردىن سىز نىمە ئۈچۈن كروم تور كۆرگۈسىنىڭ شۇنچە تىز ياخشى نامغا ئىگە بولغانلىقىنى ھىس قىلالىدىڭىزمۇ؟ نىمە ئۈچۈن كروم مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىسى بوپ قالغانلىقىنى ھىس قىلالىدىڭىزمۇ؟
ھىس قىلالغان بولسىڭىز ماۋۇ يەرنى چىكىڭ ، ھىس قىلالمىغان بولسىڭىز بۇ ماقالىنى يەنە بىر ئوقۇپ ماۋۇ يەرنى چىكىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەن بۇ ىستېمىغا قىزىقىپ قالدىم، بۇنى نەدىن چۈشىرىمىز؟
QQ:-115132417
قىزىقىپ قالغىنىڭىز بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى بوپ قالغۇسى.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى يېڭى تېما سۈپىتىدە يوللاندى، ھەم باش بەت سول ترەپ ئىستونى تىزلەتمە قانالدا كۆرسىتىلدى.
ئۇلار رەسىمىي مەشخۇلات سېستىمىسىمۇ ياكى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلىۋاتقان،تېخى پۈتمىگەن مەشخۇلات سېستىمىسىمۇ؟
رەسمىي يۇسۇندا تارقاتقان سىستېما، مۇشۇ سىستېما قاچىلانغان كومپيۇتېر ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىمۇ بار، بۇ ھەقتە بىلىككە كىرسىڭىز ئۇچۇرغا ئىرىشەلەيسىز.