ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئۇنىۋېرسال> مەزمۇنى
ئىسلامدىكى مۇھەببەت ـــ پەقەت ئىككى ئېتىقادلىق ياشتىلا روياپقا چىقىدۇ
2011-يىلى02-ئاينىڭ05-كۈنى ئۇنىۋېرسال 2دانە ئىنكاس بار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 1,574+

ئەگەر سىز ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز :

ھەردەم ئۇنىڭ ئۈچۈن تاھارەتكە سۇ تەييارلاپ، ئۇنىڭ تاھارەت ئېلىپ بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرىسىز، ھەم بىللە ناماز ئوقۇيسىز.

ئۇنىڭ ئۈچۈن مەزىلىك بولغان زوھۇرلۇق تەييارلاپ، ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ بىللە يىيىشنى ساقلاپ تۇرىسىز.

ھەردەم ئۇنىڭ پاكىز كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن، كېيىملىرىنى يۇيۇپ تۇرىسىز.

ھەردەم ئۇنىڭ ئۈچۈن تەملىك بىر چېنە چاي دەملەپ، ئۇنىڭ تېتىپ بېقىشىنى سورايسىز.

سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادەم :

ھەردەم  قۇلىقىڭىزغا، ئۇزۇن كۆڭلەڭ كېيىپ، ياغلىق چىگىپ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىشىڭىزنى سېلىپ تۇرىدىغان ئادەم.

ھەردەم سىزنى ئويغىتىپ، ناماغا چىللايدىغان ئادەم.

روزا كۈنلىرى، ھەمىشە توڭلاتقۇنى قوي-كالا گۆشلىرى بىلەن تولدۇرۇپ تۇرىدىغان ئادەم.

ناماز ئوقىغاندا، ھەمىشە سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان ئادەم.

سىز مۇدا ژورناللارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، سىزگە قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى سونىدىغان ئادەم.

سىزدىن ھەردەم ئەنسىرەيدىغان، سىز ئۈچۈن 24 سائەت ئوچۇق تۇرىدىغان ئادەم.

ھەردەم سىزنى ئىسلامى يول بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدىغان ئادەم.

ئەنە شۇ ھەقىقىي سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم. چۈنكى ئۇ سىزنى جەننەتكە يېتەكلەپ، دوزاقتىن ساقلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئادەم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

【 ئالدىنقى يازما 】
【 كېيىنكى يازما 】

نۆۋەتتە 2 دانە ئىنكاس بار، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە، ساھىپخان قالدۇرغان ئىنكاس 1 دانە

  1. شاھ ئۇيغۇر : 2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنى03:33:19  -49 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    قۇت دوستۇم، بلوگىڭىزنىڭ بەزىبىر جايلىرىنى رەتلەپ قويسىڭىز بولامدۇ قانداق؟ مەسىلەن باش بەت ئىنكاس رايۇنىدىكى رەسىملەر ئورنى دېگەندەك

  2. قۇتبىلىك : 2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنى13:49:53  -48 قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بلوگ قۇرۇشقا يېڭى بولغاچقا بەزى بىر جايلىرىنى ئەپلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتىمەن، شۇنداقتىمۇ ئوڭشىۋىتىشكە تېرىشىمەن، قەدىمىڭىزگە مەرھابا :smile:

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟