سالام كۆپچىلىك، قۇتبىلىك ئەپەندى يوللىغان ئاندرويىد تېلېفونلار ئۈچۈن دىتال تەرجىمە قىلىش دىگەن يازمىنى كۆرۈپ ئىچىمگە ئوت كەتتى، شۇنىڭ بىلەن قۇتبىلىك ئەپەندىنىڭ سۆزلىگەنلىرى بويىچە تەرتىپلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ، بولاقلاپ، ئىمزا قويۇپ قىلسام راست دىگەندە دىتال تېلېفونۇمدا قوزغالدى، بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ تۇنجى تەرجىمە دىتالى بولغان 360 قاراۋولىنى ئالغاچ كەلدىم، تۇنجى قېتىم دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرىشىم بولغاچقا خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبئىي، دوستلارنىڭ بايقىغان خاتالىقلىرىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنجى قېتىملىق تارقتىشقا تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان نۇسخىسىنى تارقتىمەن. كۆپچىلىككە رەخمەت.
تۈۋەندە دىتالنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزىدىن بىرقانچە كەسمە سۈرەت بىرىلدى.
دىتالنى ئۇيغۇر ئاندرويىد ناملىق چ چ توپىنىڭ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۋالغايسىز، ئۇيغۇر ئاندرويىد ناملىق چ چ توپىنىڭ نۇمۇرى : 147414066