ئۇزۇن قۇلاق پاراڭچىلاردىن مەلۇم بولدىكى، بۇندىن 10 يىلللار ئىلگىرى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان بولۇپ بۇ ۋاقىتتا تېخى خەنزۇلارنىڭ ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش سىستېمىىمۇ بارلىققا كەلمىگەن ئىكەن، خەنۋاڭ دىگەن شىركەتمۇ ئۇندىن كىيىن خەنزۇچە ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ياساشقا كىرىشكەن ئىكەن، ئۇنداقتا 10 يىل ئىلگىرى ياسالغان بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق بولغان؟ بۇ دىتالنى كىم باش بولۇپ تۈزۈپ چىققان؟ كىملەر ھەمكارلاشقان؟ نىمە ئۈچۈن بۇ دىتال ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلمەيمىز؟
رىۋايەت قىلىنىشىچە ئەينى زاماندا DOS دەيدىغان بىر قارا ئىكرانلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا بىزدىن چىققان بىر قانچە داڭلىق پروگراممىر بولغان ئىكەن، ئۇلار پروگرامما يېزشتا شىنجاڭنى سورايدىكەن، ئىچىدە بىر ياشنىڭ يۈرىكىگە ئانا تىل توغرىسىدا ئوت تۇتشىپتۇ دە، ئىشقا كىرىشىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكىردىكى بىر مېدىئا شىركىتىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپتۇ، مېدىئا شىركىتى ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تېخنىكىلىق ياردەملەرنى قىپتۇ، ئاشۇ ياردەملەر ئاساسىدا بۇ ياش ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ياساپ چىقىپتۇ، ئۇ چاغ يۇمشاق دىتالنى قاتتىق دىتالغا يېزىپ ئاندىن كومپيۇتېرغا چېتىپ ئىجرا قىدىغان زامانلار ئىكەن، شۇندقتىمۇ ئاشۇ قارا ئىكراندا بۇيرۇق يېزىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئاۋاز پەرىقلەندۈش سىستېمىسىنى پۈتتۈرۈپ چىقىپتۇ،بۇ دىتال ئاستا ئوقۇلغان ماقالىلەرنى راۋان پەرىقلەندۈرەلەيدىغان بوپتۇ، بۇ خەۋەر چىن مەملىكىتىگە تارقالغاندىن كىيىن بۇ شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدىكى كىچىك ئىشخانىنىڭ نامى بىر دىنلا گىزىت-ژورناللاردا پەيدا بوپتۇ، شۇنداق بۇ ئىشخانىنىڭ نامىنى مۇشۇ دىتال چىقارغان، ئەمسە ئۇ دىتال(ياكى ئۇدىتال يېزىلغان قاتتىق دىتال) قەيەردە؟
بۇۋامنىڭ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىپ بىرىشىچە ئۇ دىتال شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ يەر ئاستى بازىسىغا ساقلانغان بولۇپ پەقەت چوڭ ئەمەلدارلار كەلگەندە كۆرسىتىدىغان كوزور مېلى بولۇپ ئۇنى ئادەتتىكى ئادەملەر كۆرەلمەيدىكەن، كۆرۈش ئۈچۈن مەنسىەپ قالپىقى تىڭجاڭ دەرجىلىكتىن يۇقىرى بولىشى لازىم ئىكەنمىش، مەيلى قاندقلا بولسۇن ئۇ دىگەن رىۋايەتدە، بۇ يېشىمدا رىۋايەتكە ئىشنەمدىمەنمەن، ئۆزۈم ئۇزۇن قۇلاق دوستلىرىم ئارقىلىق بىلدىمكى بۇ ئۈسكىنە شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ ياساپ پۈتتۈرۈلگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئەمەلىي خىزمەت قىلىپ باقماپتۇ، ياكى قىلغان ئىشى خەلىققە ئاشكار بولغاي يۈرۈپتۇ، بۇ ئىشلارنىڭ نىمىشقا بۇنداق بولغانلىقىنى مۇشۇ ئۈسكىنىنى ياسىغان ئاشۇ ئوت يۈرەك ياش ۋە بۇ ياش بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان جاپاكەش ئاناتىلىمىزنى سۆيگەن يىگىتلىرىمىزلا ئوبدان بىلىدۇ...
ئۇنداقتا بۇ ياشلار نەدە، نىمىشقا بۇ دىتالنى تەرەققىي قىلدۇرالمىدى، نىمىشقا ئانا تىل ئۈچۈن ھەقىقى بولغان ئۈنۈمگە ئىرىشتۈرەلمىدى، بۇنىڭ سىرى زادى نەدە؟
بلوگىمىز بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇزۇن قۇلاق دوستلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلىپ بايقالمىغان يېڭى رىۋايەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.
لى كەيفۇ مەكتىپىمىزگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە مۇشۇ تەتقىقاتنى ئىشلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى،ماڭىمۇ مۇشۇ ھەقتە ئوت چۈشكەن،ئەمما..
ئەمما جان يەتمەي قېلىشتىن قورقۇپ قالدىڭىزمۇ؟
مەنمۇ بىر چاغادا ۋىستادىكى ئاڭلاپ يېزىش ئىقتىدارىنى سىناپ باققان، ئاشۇ چاغدا مىنىڭ ئىچىمگىمۇ ئوت چۈشكەن، كىيىن ئاڭلاپ يازىدىغاننى ئەمەس، يازغاننى ئوقۇپ بىرىدىغان نەرسىنى ياساپ باقتۇق، ھەرھالدا بولغان، لىكىن مېدىئا ھۆججىتىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك يەرلەر بار ئىكەن، مۇشۇ يەرگە كەلگەندە باش قايدى… شۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قالدۇق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بۇ ئىش توغرىسىدا ھاممامدىن ئاڭلىغان، ئۇ بالا كىلىشمەسلىككە ئۇچراپتىكەن.
ئۇنداق ئەمەستۇ؟ مىنىڭ ئاڭلىشىمچە ئۇكىشى ھايات، ھازىرمۇ يۇمشاق دىتال ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، لىكىن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا ئەمەس.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن 2007~2008- يىلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېنى پۈتتۈرۈپ چىققان بىرسىدىن ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم، ئەمما تەپسىلاتى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ.
ئەمما، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىغا مەنمۇ قىزىقىمەن.
بىلىدىغانلار بولسا ئىزدىنىپ باقساق.