ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئاندرويىد> مەزمۇنى
ئاندرويىد سىستېملىق يانفونلارغا سىستېما قاچىلاش (1)
2011-يىلى03-ئاينىڭ20-كۈنى ئاندرويىد دىۋان بىكار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 927+

يانفونىمغا ئىككى قېتىم سىستېما قاچىلاپ باقتىم. ھەر ئىككىلى قېتىمدا ئوڭۇشلۇق بولدى. يەنە ناھايىتى ئاسانلا 91 ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما قاچىلاش دېتالنىڭ ياردىمىدە قاچىلىدىم. بۇ دېتال بولسا سىز تېزلا يانفونىڭىزغا سىستېما قاچىلاپ چىقالايدىكەنسىز. شۇڭا ھازىر مەن مۇشۇ قورال ئارقىلىق سىستېمىنى قانداق قاچىلاشنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن. كېيىنكى قېتىملىق تېمىمىزدا قول ئارقىلىق rom ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ سىستېما قاچىلاشنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
ئالدى بىلەن سىز ماۋۇ تور بېتىدىن 91 ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما قاچىلاش دىتالىنىڭ ئاندرويىد نۇسخىسىنى چۈشۈرىسىز ۋە قاچىلايسىز. قاچىلاپ بولۇپ دېتالنى قوزغىتىسىز.
قوزغاتسىڭىز دېتالنىڭ كېلىشىمىگە قوشۇلۇشنى سورايدۇ سىز «قوشۇلىمەن» دەپ كېيىنكى قەدەم كۇنۇپكىسىنى باسىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن يانفونىڭىزنىڭ تىپىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. كېيىنكى قەدەمنى باسسىڭىز ئىككى تاللاش كۆرۈنىدۇ. سىز ئۆزىڭىزگە ماس بولغاننى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇپ سەل ساقلىسىڭىز يانفونىڭىزغا ماس بولغان rom ھۆججەتنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. تولۇق چۈشۈپ بولغاندا سىستېما قاچىلاش قاچىلىماسلىقنى سورايدۇ. سىز ئىككىلەنمەي داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇر ۋاقىتلاردا يانفونىڭىز بىر قانچە قېتىم ھەر خىل ئېكراندا قوزغىلىپ ئۆچۈپ تۇرىدۇ. قورقۇپ كەتمەڭ. داۋاملىق ساقلىسىڭىز ئۆزى بارلىق ئشلارنى ئاپتوماتىك سىزگە تاماملاپ بېرىدۇ. ئەگەر بىرەر ئىككى مىنۇتقىچە ئۆچمەي ياكى جىملا تۇرۇۋالسا ئۇ چاغدا يانفونىڭىزنى مەجبۇرىي قوزغاتسىڭىزلا ئىش تامام.
يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
1 2 3
بۇ قورال ئارقىلىق سىستېما قاچىلاش تەس ئەمەس. ئاشۇ دېتال بارلىق ئەسكەرتمىلەرنى سىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قېنى ئىككىلەنمەي سىناپ بېقىڭ، ئەمما بىرەر مەشغۇلاتنى خاتا قىلىپ يانفونىڭىزنى بۇزۇپ قويسىڭىز بۇنىڭغا پېقىر كۈلكە مەسئۇل بولالمايمەن. شۇڭا ئويلىنىپ ئوبدان ئوقۇپ چۈشەندۈرۈشنى ئاندىن قاچىلاڭ.
كېيىنكى قېتىملىق تېمىمىزدا قول ئارقىلىق توردىن چۈشۈرگەن rom ھۆججەتنى قاچىلاشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
دىققىتىڭىز داۋاملىق قۇت بلوگى ۋە قۇتيار تور بېكىتىدە بولسۇن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟