ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >ئاندرويىد> مەزمۇنى
Android سىستېمىلىق يانفونلارنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ باشقۇرۇش (2)
2011-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى ئاندرويىد دىۋان بىكار ⁄ قېتىم كۆرۈلدى 711+

Android سىستېمىلىق يانفونلارنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ باشقۇرۇش[2]
ئالدىنقى قېتىملىق تېمىمىزدا دېيىلگەندەك ئەمدى ئاۋۇ دېتالنىڭ كېيىنكى بىر قىسىم ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.
资料管理 (ماتېرىيال باشقۇرۇش)

بۇ تۈر ئارقىلىق سىز يانفونىڭىزدىكى ئالاقىلاشقۇچىلار، سۆزلىشىش خاتىرىسى، ئۇچۇر، كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشلار، قوڭغۇراق تەڭشەش ... قاتارلىق بىر قاتار تۈرلەرنى باشقۇرۇپ چىقالايسىز.
系统维护 (سىستېما ئاسراش)

بۇ تۈردە ئاساسلىقى ھۆججەت باشقۇرۇش يەنى سول تەرەپتىكى بىر قىسىم تۈرلەر مۇشۇ تۈر ئىچىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا سىز يانفونىڭىزنىڭ ئېكران يۈزىگە خالىغان رەسىملەرنى توردىن چۈشۈرۈپ ياكى كومپيۇتېرىڭىزدىن ئاچىقىپ ئىشلىتىش، يانفون تەڭشەكلىرىنى تەڭشەش، يانفون سىستېمىلىرىنى زاپاسلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايسىز.
媒体娱乐 (كۆپ ۋاستە ۋە كۆڭۈل ئېچىش)

بۇ تۈر ئارقىلىق سىز كومپيۇتېرڭىزدىكى مۇزىكلارنى، سىنلارنى ، رەسىملەرنى يانفونغا قاچىلاش، يانفون ئىچىدىكى كۆرۈنمە يۈزلەرنى رەسىمگە تۇتۇش، ئۇسلۇب چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايسىز.
网络社区 (تور رايونى)

بۇ ئاساسلىقى مۇشۇ android يانفونلىرىغا مۇناسىۋەتلىك توردىن ماتېرىيال ئىزدەيدىغان ۋە 91 يانفون ياردەمچىسى دېتالىنىڭ ئورگان بەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان رايوندۇر. بۇ سىزگە بىر قىسىم قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
任务管理 (ۋەزىپە باشقۇرۇش)

بۇ تۈر  程序管理 (پروگرامما باشقۇرۇش) دېگەن تۈر بىلەن ئورتاقلىقى بار تۈر بولۇپ سىز پروگرامما باشقۇرۇش تۈرىدە قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ تۇرالايسىز.

شۇنداق قىلىپ بۇ دېتالنىڭ بىر قىسىم نوقتىلىق ئىشلىتىلىدىغان جايلىرى تۈگەپ قالدى. داۋاملىق يەنە يېڭى ئىقتىدارلار ۋە يېڭى ئۇسۇللار بولسا ئايرىم تېما يوللاپ تۇرىمەن.
كېيىنكى قېتىملىق تېمىمىزدا يانفونغا 刷机 قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز. دىققىتىڭلار داۋاملىق قۇت بلوگى ۋە قۇتيار تور بېكىتىدە بولسۇن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاسلىرىڭىز قۇربان بولسا ماڭا ماتەم، چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

باش سۈرىتىڭىز يوقمۇ؟