
مېنىڭ دەۋرىمگە كەلگەندە زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان بولدۇق. «قارا مۇسۇلمان» خوجا ئابدۇللا ئىشان ئاستانە يەركەندە، سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بولمىش مەن قەشقەردە تۇرۇپ، سەئىدىيە خانى بىلەن ۋەلىئەھدى ئوتتۇرىسىدا نىزا تېرىپ ئاتا-بالىنى تۈگىمەس تەپرىقىچىلىككە سۆرەپ كىردۇق. شۇنداق قىلىپ مەن يېڭىپ چىققان بولدۇم. ئاقىۋەت مېنىڭ مۇرىتلىرىم خوجا ئابدۇللا ئىشاننى ئاخىرەتكە يولغا سالدى. كىم بىلسۇن، مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم ئۆزىنىڭ كۆيۈمچان ئېرى بولمىش ماڭا سۇلتانۇل مۇھەققىقىنگە ئول مۇرتەد ئىسھاقىيەچى قارا مۇسۇلمانلار ئارقىلىق زەھەرلىك قول سالدى.
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 26-02-2011 | باھا: 1 پارچە | زىيارەت: 833 قېتىم