يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ

Zhongyuan

97100fe403b9
يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ تاغ

بالىنىڭ بىكار يۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن «بالام يامان يولغا كىرىپ قالمىسا بولاتتى» دەپ ئىچى پۇشقان ئاتا-ئانا بالىسىغا ئايلىقى 700-800 يۈەندىن بولسىمۇ ئىش تېپىپ بېرىدۇ. ئەپسۇس بۇ پۇل بالىنىڭ ئۆز خىراجىتىگە يېتىشى ناتايىن. ئاتا-ئانا يەنە قاراپ تۇرالمايدۇ.

بالا بىرەر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، «بالام دۆلەتنىڭ كادىرى بولۇپ قالسۇن» دەپ ئويلىغان ئاتا-ئانا يول ماڭىدۇ. دۆلەت ياسىغان يولدا بىكارغا ماڭغان بىلەن، ئاۋۇ يولدا بىكارغا ماڭغىلى بولمايدۇ.

ھېسابلاپ بېقىڭ، ھەرگىز 100 مىڭ يۈەندىن كەم چىقمايدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي: رايونىمىزدا بەزى كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا قايسى ئاتا-ئانىنىڭ نەق 100 مىڭ يۈەن پۇلى بار؟



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 28-07-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,034 قېتىم

سىدام قىسمەتلەر

سىدام قىسمەتلەر

باشلانغۇچنىڭ 3-4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بىر كۈنى سەھەردە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ھاجەتخانىغا ماڭدىم. ھويلىغا يېنىپ كىرىپ بولغاندا بۇرنۇمغا بىردىنلا ئۈزۈم پۇراپ كەتتى. قوغۇن پۇرىدى دەپ ئاڭلايدىغان، ئۈزۈم پۇرىغانلىقىغا ھەيرانمەن، ئىشقىلىپ پۇرىغانلىقى راست . شۇ كالتە ئىشتان پېتى (ئۇ چاغلاردا تىزغا كېلىدىغاننى كىيەتتۇق جۇما) ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقتا يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇپ، ئارقا ئىشىكىمىز تەرەپتىن قوشنىمىزنىڭ تېمىغا ياماشتىم.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 21-07-2011 | باھا: 6 پارچە | زىيارەت: 701 قېتىم

ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىسۇن

ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىسۇن

ئۆرىلەي دەپ قالغان نەچچە ئېغىز ئەبجەق ئۆي، توپا ئۆرلەپ تۇرغان كونا كىگىز، چىۋىن گىژىلدىغان قازاندىن باشقا روزغارى يوق شۇ ئاۋارىلەر «رەھمەت» دەپ مىننەتدارلىق ياشلىرىنى تۆكۈپ تېلېۋىزور ئېكرانىدا، گېزىت بەتلىرىدە پەيدا بولغىنىدا، ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ كەينىدە يەنە بىر جۈپ كۆزى باردەك، تۆككەن ياشلىرى مىننەتدارلىق ئۈچۈن ئەمەستەك ھېس قىلىمەن.

نېمە، ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ بىزدەك شەھەردە ياشاپ يالغان كۈلۈشكە، يالغان يىغلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەرنىڭ بۇنى سېزىشى تەس. ئىشلارنى پاك دېھقاننىڭ كۆزىدە، جاپاكەش ئىشچىنىڭ كۆزىدە، ئىمانى ئەركەك زىيالىينىڭ كۆزىدە، قىسقىسى بۇلغانمىغان ئەقىل، پەردىلەنمىگەن كۆزدە كۆزىتىپ باقسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلىسىز. نەچچە يىل كۆزى تۇتۇلۇپ، جاھاننى كۆرەلمىگەن ئەما كىشىنىڭ تۇيۇقسىز كۆزى ئېچىلىپ، «ۋاھ…» دېگىنىدەك ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە مەن ئىشىنىمەن.

خۇلاسە كالام، ئىنسان ئۈچۈن بىر باك ماي، بىر خالتا گۈرۈچكە قارىغاندا ئىنسانىي غۇرۇر تېخىمۇ مۇھىمراق. باشقىلارغا ياردەم بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ غۇرۇرى، ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنمىغاي. ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ياردەملىرىمىز ئەكس ئۈنۈم بەرمىگەي، ئاتىلار سۆز بىلەن ئېيتقاندا، «ئوڭ قولۇڭ قىلغان ياخشىلىقنى چەپ قولۇڭ بىلمىگەي» …



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-07-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 613 قېتىم

ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر

ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر

ئاللاھقا شۈكرى، دىيانەتلىك قەۋمنىڭ ئەۋلادى بىز، بىزدە مۇنداق ئەھۋاللار يوقتۇر، بار بولسىمۇ، خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلىۋاتقانلار باردۇر، دېگەن ئوينى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. قادىر ئاللاھ ئويىمىزنى خاتاغا چىقارمىغاي! «شاھ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولمىغاي، خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولمىغاي!»، نىجاتچىمىز ئاللاھ! بىزنى ھەرنېمىدىن ئايرىساڭ ئايرىغىن، دىيانەتتىن، ھايادىن ئايرىمىغىن! پاكىز كەلدۇق، پاكىز قايتىشقا نېسىپ قىلغىن!



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 30-06-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,039 قېتىم

ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟

ئادىل تۇنىياز نېمە يادلاۋاتقاندۇ؟

ئادىل تۇنىياز بىلەن ئىككى يىلدەك بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇ كىشىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچرىتىپ كەلدىم. سەھەردە ئىشقا ماڭىمەن، ئۇ كىشى قولتۇقىغا كىتاب قىستۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى يادلىغاچ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ھالەتتە ئۇچرايدۇ. بېشىمىزنى لىڭشىتىپ سالاملىشىمىز، ئۆتۈپ كېتىمىز.

مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈق. شائىرنىڭ بۇ ئادىتى ئۆزگىرىپ باقمىدى.

يېڭى ئۆيۈمگە كۆچكىلى بىر ئايدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا يەنە ئوخشاشلا ئىشقا بېرىپ-كېلىپ ياشاۋاتىمەن. لېكىن، يولۇمدا بىر نەرسە كەم. نېمە كەمدۇ؟



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 27-06-2011 | باھا: 8 پارچە | زىيارەت: 1,579 قېتىم

دادامنى ئەسلەپ قالدىم

دادامنى ئەسلەپ قالدىم

بۈگۈننى «ئاتىلار بايرىمى» دېيىشىدىكەن. مەن بۇ بايرامنىڭ مەنىسىگە، قاچان كېلىپ چىققانلىقىغا، تارىخىغا قىزىقمايمەن. چۈنكى، زەپەردەست دادىلىرىمىز ھەركۈنىنى بايرامدەك ئۆتكۈزۈشكە، ھەرقاچان بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە، ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدە كۆڭلىمىزدىن كۈتۈشىمىزگە ھەقلىق. مەلۇم بىر كۈننى بايرام بېكىتىپ، شۇ كۈنى دادىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، باشقا كۈنلىرى «ماقا ئەمسە» دەپ ئۆز ئىشىنى قىلىپ يۈرگەن پەرزەنتلەرنى مەن ياخشى كۆرمەيمەن.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 19-06-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 545 قېتىم

چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

چاقنى بۇزغان تانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى

دۇنيا ئىپپەت دەپ يىغلاۋاتىدۇ، دۇنيا ئەدەپ، ئەخلاق نەگە كەتتى دەپ ئازابلىق چۇقان سېلىۋاتىدۇ…

جاھان سورىغان ئەزىمەتلەرنى، ياۋ يۈرىكىگە ئىپپەت خەنجىرىنى سانجىغان پەرىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟

ئۇلۇغ ئانىلار، قېنى سىلەر؟ كەمىنە قىسمەت سىلەرنى ئەخلاق دوقمۇشىدا ساقلاۋاتىدۇ…

ھېچكىم مەن بار دېمەيدىغۇ؟ ئەجەبا جاھاندا ئۇلۇغ ئانىلار قالمىغان بولسا-ھە؟!



ئاپتورى: | سەھىپە: ئىقتىساد، ئىجتىمائىيەت | ۋاقتى: 05-06-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 1,296 قېتىم

ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم

ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم

جۈرئەت ئوبۇلقاسىم بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشتى. ئەپسۇس، ئۇ جىننېس رېكورتىنى ياراتقان كۈنى يېنىدا تىيىن پۇل يوق ھالەتتە سىرتتا تۈنىدى. ئايالىغا تېلېفون قىلىپ، مۇھەببەتلىك بىر-ئىككى ئېغىز گەپكە ئېرىشەلمىدى.

جىننېس رېكورتىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇنقى بويى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 76 كىلوگرام كېلىدىغان، يۈز مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپقان بۇ يىگىت رېكورت يارىتىلغان كۈنى 54 كىلوگرام كېلىدىغان، جاپادىن مۈكچەيگەن، نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى گەدىنىگە ئارتىۋالغان 29 ياشلىق جاپاكەشكە ئايلىنىپ قالدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 01-06-2011 | باھا: 13 پارچە | زىيارەت: 1,502 قېتىم

ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم

ئوغلۇم بولسا مۇنداق تەربىيىلەيتتىم

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، مەھمۇد كاشغەرىيدەك، ئېينىشتىيىندەك ئادەم بول» دەپ تەربىيە قىلىشىدۇ. ياق، ئوغلۇم، ياق. مەندەك-داداڭدەك ئادەم بول. سېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلگەڭ مەن. سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن ئۆزۈڭگە ئۈلگە ئىزدىمەكچى بولساڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا) مېنىلا ئۈلگە قىل. پەزىلەتتە، ئادىمىيىلىكتە پەقەت مېنى دورا، چۈنكى سەن مېنىڭ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىسەن، سەن بولغاچ مېنىڭ نەسەبىم مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 25-05-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 1,269 قېتىم

كۇچانىڭ XI ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا

كۇچانىڭ XI ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا

ۋ. ۋ. بارتولىد، ئا. گ. مالىيەۋكىن، پەرھاد جىلان قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «كۇچا XI ئەسىردە قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكىدە بولغان» دەپ قارايدۇ. لېكىن، بىز تۆۋەندىكى پاكىتلار بىلەن بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىمىز.
سۆزىمىزنى يىغىنچاقلىساق، بۇ ماقالىگە كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار ئاز، كۆپلىگەن پاكىتلار كۇچانىڭ XI ئەسىردە قاراخانىيلارغا تەۋە ئىگە ئىكەنلىكىگە مايىل. بىراق، يېگانە پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، XI ئەسىردە، ھېچبولمىغاندا XI ئەسىرنىڭ 75 – يىلىدىن بۇرۇن كۇچا رايونى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىدە ئىدى.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 19-05-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 1,215 قېتىم

يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟

يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟

ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە مۇلازىمەتلەر 11 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 111 تېلېگراف ئىچكى قىسىم سىناش تېلېفون نومۇرى، 112 رېمۇنتنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 113، 115 لەر دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرى، 114 (118114 كە ئۆزگەرتىلدى) نومۇر سۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 116 دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يولۇق نومۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 117 ۋاقىت مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 119 ئوت ئۆچۈرۈشنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى … ۋەھاكازالار.



ئاپتورى: | سەھىپە: تەرجىمە ئەسەرلەر | ۋاقتى: 16-05-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,215 قېتىم

1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى

1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى

قىرغىز خەلقى ئۆز تارىخىدا ناھايىتى نۇرغۇن سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈردى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنىڭ زېمىن دائىرىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتى بۇ يەردىكى خەلقلەرگە زۇلۇم ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئېقىم ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلدى. 1916-يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ئەنە شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.



ئاپتورى: | سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت | ۋاقتى: 13-05-2011 | باھا: 4 پارچە | زىيارەت: 652 قېتىم

  • سىز ھازىر2-بەتتە | جەمئىي بەت سانى: 5
  • <
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
  • >