پارس مەكتۈپلىرى 18، 19-خەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 11:37:14

پارس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇئون سەككىزىنچى خەت: پەيغەمبەر مۇخلىسى مۇھەممەت ئەلىنىڭ يۇنۇسبەگكە يازغان خېتى(ئىجىرۇنغا ئەۋەتىلگەن)سەن يەنىلا، بىزدىن باشقىلار، پەيغەمبىرىمىزدىن مىڭلارچە قېتىم سور...



    پارس  مەكتۇپلىرى
     

           ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
        تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن
     

    ئون سەككىزىنچى خەت: پەيغەمبەر مۇخلىسى مۇھەممەت ئەلىنىڭ يۇنۇسبەگكە يازغان خېتى

    (ئىجىرۇنغا ئەۋەتىلگەن)

    سەن يەنىلا، بىزدىن باشقىلار، پەيغەمبىرىمىزدىن مىڭلارچە قېتىم سورىغان مەسىلىلەرنى سوراپسەن. بۇ ھەقتە سەن نېمە ئۈچۈن ئىسلام ئالىملىرى يازغان «تەپسىر»لەرنى ئوقۇپ باقمايسەن؟ (قۇرئاننى تولۇقلاپ ھەم مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان كىلاسسىك ئەسەرلەر) بارلىق ئەقىل-ئىدراكنىڭ بۇ پاكىز بۇلاقلىرىدىن نېمە ئۈچۈن ئوزۇقلانمايسەن؟ ئەگەر ئاشۇنداق قىلغىنىڭدا سەندىكى خىلمۇ-خىل خاۋاتىرلىنىشلار ھەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى.

    بەختسىز كىشىلەر، سىلەر مەڭگۈ پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن چىرمالغان، كۆڭلۈڭلار ئەزەلدىن ئەمىن تاپقان ئەمەس؛ سىلەر موللىنى ھۆرمەتلەيسىلەر، ئەمما ئۆزۈڭلار موللا بولۇشقا ھېچقانداق جۈرئەت قىلمايسىلەر، ھەم ئۇلارغا ئەگىشىشنىمۇ راۋا كۆرمەيسىلەر.

    ناپاكلار، سىلەر ھەرگىزمۇ ئەبىدىيەت سىرلىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلمەيسىلەر، سىلەرنىڭ يورۇق .الىمىڭلار دوزاقنىڭ زۇلمىتىگە ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئىدىيەڭلاردىكى ھەرخىل مۇلاھىزەڭلار خۇددى پىژىلداپ تۇرغان شەئبان (8-ئاي، زېمىننى تونۇردەك قىزدۇرىدىغان، دەل-دەرەخلەر يېتىلىدىغان ئاي) ئېيىنىڭ چىڭقى چۈشىدەكلا، سىلەر توختىماي پاسكىنا توزاڭ چىقىرىپ تۇرىسىلەر.

    شۇڭا، سېنىڭ نەزەر-دائىرەڭنىڭ ئەڭ يۈكسەك نۇقتىسى ئەڭ كىچىك ئىمام (ئەسلى ئىزاھاتتا ئىسلام مەسچىتلىرىدىكى ئاخۇن)نىڭ  ئاددى سەۋىيىسىچىلىكمۇ يوق. سېنىڭ ئاقماس پەلسەپەلىرىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن يامغۇردىن بىشارەت بېرىدىغان چاقماق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭمۇ بوران-چاپقۇن ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرۈپسەن.

    سېنىڭ قىيىن سۇئاللىرىڭغا جاۋاب بېرىش ناھايىتىمۇ ئوڭاي، مەن ساڭا مۇھەببەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەلۇم بىر كۈنى يولۇققان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەرسەملا ئىش پۈتىدۇ، ئۇ چاغلاردا خىرىستىئانلارنىڭ ئازدۇرۇشى، جوھۇدلارنىڭ ئازابلىشى بىلەن بۇ ئىككى خىل كىشىلەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغان ئىدى.

    بىر كۈنى ئالىدىياس ئېسالون دېگەن جوھۇد پەيغەمبىرىمىزدىن: «خۇدا نېمە سەۋەبتىن ئادەملەرگە چوشقا گۆشىنى يېمەسلىكنى بۇيرۇغان» دەپ سوراپتۇ. مۇھەممەت ئەلەيھىسسلام جاۋاب بېرىپ: «بۇنىڭ سەۋەبى يوق ئەمەس، چوشقا پاسكىنا ھايۋان، مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشىنىشىڭنى بۇيرۇيمەن» دەپتۇ. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام لايدىن ئادەم ياساپ، زېمىنغا قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «تۇر ئورنۇڭدىن.» دەپ ۋارقىرىغان ئىكەن، ئۇ ئادەم دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ھەمدە: «مەن نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەس بولىمەن» دەپتۇ. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭدىن: «سەن ئۆلگەن چاغدا چېچىڭ مۇشۇنداق ئاقمىدى؟» دەپ سورىغان ئىكەن، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ياق، پەقەت سەن ۋارقىراپ مېنى ئويغاتقان چاغدا، مەنقىيامەت قايىم بولۇپ سوراققا تارتىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلگەن چېغى دەپ قورقۇپ كەتكەنلىگىمدىن، چېچىم بىردىنلا ئاقىرىپ كەتتى» دەپتۇ.

    ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (مۇھەممەدنى دېمەكچى) ئۇنىڭغا: «ياخشى گەپ، ئۇنداق بولسا، سەن نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىدىكى ۋەقەقنى ماڭا باشتىن-ئاخىر سۆزلەپ بەرگىن» دەپتۇ. ياپەس قۇللۇق بىلدۈرۈپ ھەممە ئەھۋالنى يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە ئەينەن بايان قىلىپ بېرىپتۇ. ئارقىدىن بۇنداق دەپتۇ:

    «بىز ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ قىغلىرىنى كېمىنىڭ بىر تەرىپىگە دۆۋىلەپ قويغان ئىدۇق؛ ئۇ كېمىنى قىيسايتىۋەتتى، بىز بەكمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتۇق، بولۇپمۇ ئاياللار قىيا-چىيا قىلىپ يىغلىشىپ، ئالەمنى مالەم قىلىۋەتتى. دادام ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىۋىدى، ئاللاھتائالا يوغان بىر پىلنى بىجا كەلتۈردى، پىل كېمىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپ، كېمىنى تەڭپۇڭلاشتۇردى. بۇ چوڭ ھايۋان ئۆزىدىن بەكمۇ كۆپ پاسكىنا نەرسىلەرنى چىقىرىپ تۇراتتى، ھەتتا بىر چوشقىنىمۇ توغدى».

    يۇنۇسبەگ، ئەنە شۇنىڭدىن بېرى بىزنىڭ چوشقا گۆشىنى يېيىشىمىز مەنئىي قىلىنغانلىقى ۋە چوشقىنى پاسكىنا ھيۋان قاتارىدا كۆرىشىمىز بەلگىلەنگەنلىكىگە ئىشىنەمسەن؟

    بىراق بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، چوشقا كېمىدىكى پاسكىنىچىلىقلارغا ئېغىناپ كېمىدە ئادەم چىدىغۇسىز سېسىقچىلىقنى پەيدا قىلغان. ئۇ يەنە تولا خارتىلدايدىغان بولغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە چوشقىنىڭ بۇرنىدىن بىر چاشقان چۈشكەن. چاشقان ئۇچرىغانلا نەرسىنى قىرقىپ تاشلىغان، نوھ ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا تاقەت قىلالماي ئاللاھقا نالە قىلغان، ئاللاھ ئۇنىڭغا شىرنىڭ ماڭلىيىغا قاتتىق چېكىشنى ئەمىر قىلغان؛ شىر چۈشكۈرگىنىدە، بۇرنىدىن بىر مۈشۈك چۈشكەن شۇنىڭ بىلەن بۇ ھايۋانلارمۇ ئوخشاشلا پاسكىنا ھېسابلىغان. بۇنىڭغا ئىشەنمەمسەن؟ سېنىڭچە قانداق؟

    سەن بەزى نەرسىلەرنىڭ پاسكىنىلىغىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلەلمەيسەن، بۇ، سېنىڭ باشقا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى زادىلا ئۇقمايدىغانلىقىڭدىن بولغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئاللاھ تائالا بىلەن پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا قانداق ئىشلار بولىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتەلمەيسەن، سەن تەڭرىدىن چۈشكەن كىتابلارنىڭ بىرىنىمۇ ئوقۇغىنىڭ يوق، تارىخىي ئەبەدىيەت سېنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈگە سىر بولۇپ قالىدۇ. سېنىڭ بىلىدىغىنىڭ تەڭرىدىن چۈشكەن كىتابلارنىڭ ناھايىتىمۇ ئاز بىر ققىسمى خالاس، بىزگە ئوخشاش كىشىلەر دۇنيادا ياشاۋاتقاندا بۇنداق كىتابلارغا ناھايىتى يېقىن تۇرساقمۇ، لېكىن ئۇ بىزگە يەنىلا قاراڭغۇ ۋە تۇتۇق بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.

    خەير-خوش، مۇھەممەت دىلىڭدا بولسۇن!

                         1711-يىلى شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، گام.

     

    ئون توققۇزىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ دوستى رۇستەمگە يازغان خېتى

    (ئىسپاھانغا ئەۋەتىلگەن)

    بىز توگات شەھىرىدە سەككىز كۈن تۇردۇق، ئاندىن ئوتتۇز بەش كۈن يول يۈرۈپ ئىزمىر (تۈركىيىنىڭ پورتى) شەھىرىگە كەلدۇق.

    توگات بىلەن ئىزمىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرەرمۇ دىققەتكە سازاۋەر شەھەر ئۇچرىمىدى. مەن بۇ يەرلەردە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھەددى-ھېسابسىز ئاجىزلىقلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. بۇ كېسەلمەن گەۋدە ئۆزىنى مۆتىدىل ۋە لايىقىدا تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، كۈچى تۈگەپ كېتىۋاتقان دورىدەك تېشى پال-پال ئىچى غال-غال بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

    ھېلىقى باچالار، مەنسەپلەرنى پۇلغا سېتىۋالدىكەن، بارلىق تاپقان-تەرگىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ كىشىلەر ئەمەلدار بولغان ھامان ئۆزلىرى ھاكىملىق قىلىۋاتقان ئۆلكە-رايونلارنى خۇددى بوي سۇندۇرۇلغان دۆلەتلەرنى تالىغاندەك بۇلاپ ئاياغ-ئاستى قىلىدىكەن. لەشكەرلىرىنىڭ زوراۋانلىقى-يولسىزلىقىنىڭ سورىقى يوق ئىكەن. مۇداپىئە قورغانلىرىنىڭ كونگورلىرى بۇزۇلۇپ، شەھەرلەر چۆللۈشۈپ، يېزىلار خارابلىشىپ، دېھقانچىلىق، سودا ئىشلىرى پۈتۈنلەي تاشلىنىپ قاپتۇ.

    ھۆكۈمەت گەرچە بەك قاتتىق قول بولسىمۇ، جىنايەتنى جازالىمايدىكەن، ھەتتا ھەممىلا يەردە شۇنداق ئىكەن؛ خىرىستىئان دېھقانلار، باج يىغىدىغان جۇھۇدلار خالىغانچە زوراۋانلىققا ئۇچرايدىكەن.

    يەرگە ئىگخدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بەلگىلەنمىگەن بولغاچقا، ھەرخىل دېھقانچىلىق ئشىلىرىغا بولغان قىزغىنلىق تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ، ھەرقانداق ھوقۇق، ھەرقانداق يارلىق، يەرلىك ھاكىمنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قاپتۇ.

    بۇ يىرتقۇچ خەلق ھۈنەر-سەنئەتنى مانا شۇنچىلىك خاراپلاشتۇرىۋېتىپتۇ، ھەتتا ھەربىييۈرۈش، ئۇرۇش تېخنىكىلىرىغىمۇ پەرۋاسىزلىق قىلىۋېتىپتۇ. ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر ھەممىدە مۇكەممەللىشىشكە قاراپ كېتىۋېتىپتۇ. ۋاھالەنككى بۇلار بۇرۇنقىدەكلا نادانلىقتا قېلىۋېتىپتۇ. يېڭى كەشپىياتلارنى ئۇلار بەلكىم سان-ساناقسىز زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن قوللانسا كۋېەك.

    دېڭىزدا يۈرۈشتە ئۇلار بەكمۇ تەجرىبىسىز، كېمىلىرىمۇ بەك كېلەڭسىز، قوپال ئىكەن. ئاڭلىشىمچە بىر تۈركۈم خىرىستىئانلار قىيا تاشلارنىڭ ئارىسىدىن (1565-يىلى ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ مالتا ئارىلىدىكى مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇشى كۆزدە تۇتىلىدۇ) يوپۇرۇلۇپ چىقىپ ئوسمانلى ئادەملىرىنىڭ جان-پېنىنى چىقىرىپ، ئوسمان ئېمپىرىيىسىنى پاتپاراق قىلىۋېتىپتۇ.

    ئۇلارنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارى يوق بولغاچقا، ئەمگەكچان ياۋروپالىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىگىنى تەرتىپكە سېلىپ بېرىشكە زورلايدىكەن. ئۇلار مۇشۇ چەتئەللىكلەرگە تايىنىپ بېيىغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۆزلىرىنى چەتئەللىكلەرگە بەكمۇ خەيرىخاھلىق قىلىۋاتىمىز دېيىشىدىكەن. مەن بۇ بىپايان ئەلنى بېسىپ ئۆتتۈم. مەن كۆرگەن شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىزمىرلا باي ھەم قۇدرەتلىك ئىكەن. بىراق بۇ شەھەرنىڭ قۇدرىتىنى ياۋروپالىقلار ئۆز قولى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، بۇ شەھەر باشقا شەھەرلەرگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۇلاردا ھەرگىزمۇ تۈرۈكلەرنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپىسى يوق.

    قەدىرلىك رۇستەم، مېنىڭ بۇ ئېمپىرىيە ھەققىدىكى چىن چۈشەنچىلىرىم يۇقىرىقىدەك. بۇ يەر ئىككى ئەسىرگە قالماي زېمىن تالاشقۇچىلارنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالار بەلكىم. (مۇنتىسكىيۇنىڭ بىشارىتى، 1911-يىلدىن 1913-يىلغىچە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە بېسىپ كىرىپ تۈركىيىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى بېسىۋېلىشى بىلەن ئىسپاتلاندى).

        1711-يىلى رامزان ئېيىنىڭ 2-كۈنى، ئىزمىر

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.