پارس مەكتۇپلىرى 5،6،7،8-خەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 12:51:26

پارس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇبەشىنچى خەت: رۇستەمنىڭ يۇنۇسبەگكە يازغان خېتى(ئىجىرۇنغا ئەۋەتكەن)سەن ئىسپاھاندىكىلەرنىڭ غۇلغۇلىسىنىڭ نۇقتىسى بولۇپ قالدىڭ، كىشىلەر ئېغىزىنى ئاچسىلا سېنىڭ سەپىرىڭ ھە...



     پارس  مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن
     

    بەشىنچى خەت: رۇستەمنىڭ يۇنۇسبەگكە يازغان خېتى

    (ئىجىرۇنغا ئەۋەتكەن)

    سەن ئىسپاھاندىكىلەرنىڭ غۇلغۇلىسىنىڭ نۇقتىسى بولۇپ قالدىڭ، كىشىلەر ئېغىزىنى ئاچسىلا سېنىڭ سەپىرىڭ ھەققىدە گەپ قىلىشىدىغان بولدى. بەزىلەر مەنىۋىي يەڭگىللىك سېنىڭ سەپىرىڭنىڭ سەۋىۋى دېسە، يەنە بەزىلەر سېنىڭ كۆڭلۈڭدە غەشلىك بولغاچقا سەپەرگە ئاتلانغان دېيىشمەكتە. پەقەت سېنىڭ دوستلىرىڭلا سېنىڭ تەرىپىڭنى ئېلىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچكىمنى قايىل قىلالمىدى. كىشىلەر سېنىڭ ئاياللىرىڭنى تاشلاپ، ئاتا-ئاناڭ، دوستلىرىڭ ھەم ۋەتىنىڭدىن ئايرىلىپ پارىسلىقلار ئەزەلدىن بېرى باقمىغانئىقلىملارغا كېتىۋاتقىنىڭنى زادىلا چۈشىنەلمەيۋاتىدۇ. رىجاتنىڭ ئانىسىنى گەپكە كۆندۈرۈش ناھايتتى تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ، ئۇ سېنىڭدىن ئوغلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ سېنى ئوغلۇمنى بۇلاپ كەتتى، دەيدۇ. ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، قەدىرلىك يۇنۇسبەگ، مەن تەبىئىي يوسۇندا مۇنداق ھېستىمەن: مەن سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى قۇۋۋەتلەيمەن، ئەمما سېنىڭ يىراققا كېتىپ قېلىشىڭنى كەچۈرەلمەيمەن؛ ققانداقلا باھانە بىلەن چۈشەندۈرسەڭمۇ مېنىڭ كۆڭلۈم بەرىبىر ئۇنداق باھانىلىرىڭغا قايىل ئەمەس.

    خەير-خوش، مېنى ئەبىدى ياخشى كۆرگىن.

    1711-يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 28-كۈنى، ئىسپاھان.

     

    ئالتىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ دوستى ناسىرگە يازغان خېتى

    (ئىسپاھانغا ئەۋەتىلگەن)

    ئىرۋاندىن قوزغىلىپ يەنە بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، پارىس چېگرىسىدىن چىقىپ تۈركلەر ئىلكىدىكى زېمىنغا كىرگەن ئىدۇق. 12 كۈن بولغاندا ئىجىرۇنغا كېلىپ توختىدۇق. ئەمدى بۇ يەردە ئۈچ-تۆت ئاي تۇماقچىمىز.

    ناسىر ساڭا راستىمنى ئېيتاي: ھىيلىگەر ئوسمانلى ئادەملىرىنىڭ ئارىسىدا (تۈركلەرنى دېمەكچى. تۈركىيىنى ئوسمان ئىمپىرىيىسى دەپمۇ ئاتايدۇ. پارىسلار بىلەن تۈركلەر ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، مەزھىپى ئوخشىمىغاچقا، ئوسمانلى تۈركلىرىنى ‹چاكىنا خەق› دەپ ئاتىغان.) بېشىمنى كۆتۈرسەممۇ پارىسنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمدىن يۈرۈگۈم زىڭىلداپپ ئاغرىپ كېتىدۇ. مەن بۇ چاكىنا خەقنىڭ زېمىنىگە قانچە ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى ئۆزۈممۇ بەئەينى چاكىنىلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.

    ۋەتىنىم، ئائىلەم، دوستلىرىم بىرمۇ-بىر كۆڭلۈمدە كەزمەكتە؛ مەندى ئىللىق مېھرى-مۇھەببەت ئويغانماقتا، بەزىبىر تېنىچسىز كەيپىياتلىرىم بولسا قەلبىمنى پاراكەندە قىلىۋاتىدۇ ھەمدە خاتىرجەملىككە قايتا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنىڭ يەنە تېخىمۇ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرىۋاتىدۇ.

    شۇنداقتىمۇ مېنىڭ قەلبىمنى بەكلا ئۆرتەۋاتقىنى، يەنىلا مېنىڭ ھېلىقى ئاياللىرىم بولىۋاتىدۇ. ئۇلار ئېسىمگە كەلسىلا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئازابلىنىپ كېتىمەن. ناسىر، بۇ مېنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنىم ئەمەس؛ بۇ جەھەتتە مەن ئاللابۇرۇنلا سېزىمىمنى ۋە ئۈمىدىمنى ئۆزگەرتكەنمەن. مەن ئۇ بىر توپ چىشى بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان چېغىمدا، مۇھەببەتنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلگەن، راستىنلا  مۇھەببەت سادىر بولۇپ قالغاندا تېخىمۇ يېڭى مۇھەببەت ئارقىلىق كونىسىنى يوقاتقان ئىدىم. مېنىڭ ئۇلارغا بولغان مۇئامىلەم گەرچە سوغۇق بولسىمۇ، بىراق، خۇپىيانە تەرىزدە بارلىققا كەلگەن بىرخىل ھەسەتخورلۇق ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىۋالماقتا. قارىساڭ ئۇ يەردە بىر توپ ئاياللار قالغان، ئۇلار ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇپ ياشىماقتا؛ ماڭا ۋاكالىتەن نازارەتچىلىكنى ئۆتەيدىغانلار بولسا، نەسلى پەس ئەرۋاھلار (ئاختا قۇللارنى دېمەكچى) مېنىڭ قۇللىرىمنى ئۆز ۋەزىپىسىگە سادىق دەپ ھېسابلىغاندىمۇ، مېنىڭ خاتىرجەم بولۇشۇم ئاسانغا چۈشمەيدۇ. مۇبادا قۇللار ساداقەتمەنلىك كۆرسەتمەي قالسىچۇ، ئۇ چاغدا قانداق قىلغۇلۇق؟ مەن باشقا يۇرتلارغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەرلەردە مەن ھەرخىل قايغۇلۇق، بەكمۇ پاجىئەلىك خەۋەرلەرنى ئېلىشىم ئېھتىمال! بۇنداق بالايى-قازالارنىڭ ئالدىدا، مېنىڭ دوستلىرىم پۈتۈنلەي ئامالسىز قالىدۇ، چۈنكى بۇ خىل پاجىئەلەر ئارقا ھويلىنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرى بولۇپ ئۇلارغا بىلدۈرۈلمەيدۇ، بىلگىنىدىمۇ ھېچنىمە قىلالمايدۇ. بۇنداق ئىشلارنى سوراققا تارتىپ قاتتىق جازالىسا ئائىلىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلىدۇ، شۇڭا ياخشىسى گاس-گاچا بولىۋېلىپ، مەخپىيەتنى ساقلاش كېرەك. مېنى چەكسىز شادلاندۇرىدىغان چارە ئەنە شۇ ئەمەسمۇ؟ قەدىرلىك ناسىر مەن قورسىقىمدىكى غۇمنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېغىشلىدىم؛ مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمدە، بۇ مەن ئۈچۈن بىردىن-بىر تەسەللى.

    1711-يىلى رەبىئۇسسانى ئېيىنىڭ 10-كۈنى، ئىجىرۇن.

     

     

    يەتتىنچى خەت: پاتىمەنىڭ يۇنۇسبەگكە يازغان خېتى

    (ئىجىرۇنغا ئەۋەتكەن)

     

     سۆيۈملۈك يۇنۇسبەگ، سېنىڭ يۈرۈپ كەتكىنىڭگە ئىككى ئاي بولدى،مەن سېنىڭدىن بۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلغىنىمغا تېخىچىلا ئىشىنەلمەي دېلىغۇل بولىۋاتىمەن. مەن خۇددى، سەن ھېلىمۇ بۇ يەردە تۇرۇۋاتقاندەك ئارقا ھويلىلارنى كېزىپ چىقىمەن؛ مېنىڭ تاتلىق چۈشلىرىم سەل-پەلمۇ بۇزۇلغىنى يوق. بىر ئايال سېنى قۇچاقلاپ ئادەتلىنىپ كەتكەن دەيلى، ئۇنىڭ ساڭا چىن قەلبىدىن بىر  مۇنچە لەززەت ئاتا قىلىشتىن باشقا ئىشى بولمىسا، ياكى كېلىپ چىقىشىدىن سۆزلىسەك، ئۇ ئەركىن ئايال بولۇپ، مۇھەببەتنىڭ ھارارىتىدىنلا ئۇ قۇلغا ئايلىنىپ قالغان بولسا-بۇنداق ئايال سېنى ياخشى كۆرسە، بۇ ئايالنى نېمە قىلىشقا بۇيرار ئىدىڭ؟

    مەن سېنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇشتىن ئىلگىرى، ھېچقانداق ئەركەك دىدارىنى كۆرگەن ئەمەس ئىدىم. مەن تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئەركىشى سەنلا ئىدىڭ! چۈنكى مەن ھېلىقى بەتبەشىرە ئاختا قۇللارنى ئەركەك ھېسابلىمايمەن، ئۇلارنىڭ جىسمىدىكى ئەڭ ئەقەللىي كەمتۈكلۈك دەل ئۇلارنىڭ ئەركەك ئەمەسلىگى. مەن سېنىڭ ئېلىپتەك قەددىڭنى ئۇلارنىڭ ناكا ئەپتى بىلەن سېلىشتۇرغىنىمدا ئۆزۈمنى بەختىيار سەزمەي قالمايتتىم، مەن ھەرقانچە ئويلىساممۇ، سېنىڭ جىسمىڭدىكى ئادەمنى مەس قىلىدىغان سېھرىي كۈچتىن ئۆزگە مېنى خوشاللاندۇرىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. مەن ساڭا قەسەم بېرەلەيمەنكى، ئەگەر مېنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىشىمغا يول قويۇلسا-جىسمىم تۈپەيلى مېنىڭ بەنت قىلىنىشىم تېگىشلىك دەپ قارىلىدىغان جايدىن ئايرىلسام، ئەگەر مەن ئەتراپىمدىكى قورۇقچىلاردىن قۇتۇلۇپ، ماڭا مۇشۇ سەلتەنەتلىك پايتەختتىكى (ئىسپاھاننى دېمەكچى) ئەرلەردىن خالىغان بىرىنى تاللىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلىنسا، ئەزبىرايى خۇدا، مېنىڭ تاللىغىنىم باشقا بىرسى ئەمەس دەل سەن-يۇنۇسبەگ بولاتتىڭ. دۇنيادا ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان سېنىڭدىن ئۆزگە ئادەمنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

    سەن ھەرگىزمۇ سەن ياخشى كۆرىدىغان گۈزەل ھۆسنۈمنى پەدەز قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەس بولۇپ قالدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالمىغىن. مەن گەرچە ھېچقانداق كىشىگە كۆرۈنمىسەممۇ، مېنىڭ ھۆسنۈم، زىبۇ-زىننەتلىرىم ھازىر سېنىڭ بەختىيار بولۇشىڭغا ياردەم بېرەلمىسىمۇ، لېكىن مەن نازاكەتلىك قىلىقلىرىمنى يەنىلا داۋام قىلدۇرىۋاتىمەن. ھەر كۈنى ئۇىلاشتىن ئاۋۋال ئەڭ خۇشبۇي ئەتتىرلەرنى بەدىنىمگە سېپىشنى ئۇنۇتمايمەن. دائىم دېگۈدەك سەن مېنىڭ قوينۇمدا بولىدىغان ئۆتمۈشتىكى بەخىتلىك كۈنلەر خىيالىمدىن كەتمەيدۇ، بۇلار مېنى لەززەتلەندۈرىدۇ، ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ ۋە مېنى قەلبىمدىكى سۆيۈملۈگۈمنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؛ مېنىڭ ئەقلىم سېغىنىش ئىچىدە زارىقىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئۈمىد ىوشاللىقىدا توختاۋسىز يايرايدۇ. بەزىدە مەن جاپالىق يول ئازابى سېنى بىزار قىلىپ، ئۇزاققا قالدۇرماي سېنى بىزنىڭ يېنىمىزغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ، دەپمۇ ئويلاپ كېتىمەن؛ بۇنداق خىيال ئۇيقۇلۇق، ئويغاق چاغلاردىلا ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن-ئۇزۇن تۈنلەر بويى كېلىۋالىدۇ. ھەن گويا يېقىنلا بىر يەرگە مۆكۈنۈۋالغاندەك، سېنى يانلىرىمدىن ئاختۇرۇپ كېتىمەن. ئاخىرىدا بەدىنىم يالقۇندەك يېنىشقا باشلايدۇ،مەن بۇ ئېزىتقۇ كۆلەڭگۈلىرىنى نېرى ھەيدەپ، ھوشۇمنى تاپىمەن. شۇنداق چاغلاردا مەن راستىنلا بۆلەكچىلا روھلىنىپ قالىمەن...

    يۇنۇسبەگ، سەن ئېھتىمال ئىشەنمەيسەن، مېنىڭ تومۇرلىرىمدا ئوت يالقۇنجاپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمدى مېنىڭ بۇنداق ھالەتتە كۈن ئۆتكۈزۈشۈم مۇمكىن ئەمەس. مەن چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتقان بۇ نەرسىلەرنى ساڭا ئوچۇق ئېيتمايدىغان نېمىسى بار! بىراق بىر جۈملە سۆز بىلەنلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ھېسلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى بۇنچىۋالا ئازابلايدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم! يۇنۇسبەگ، ھېلىقى چاغلاردا مەن سېنىڭ بىر سۆيۈشۈڭ ئۈچۈن جاھان سۇلتانىنىمۇ قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدىم. بىر ئايالى مۇشۇنداق كۈچلۈك ئارزۇ ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالسا، بىراق ئۇ مۇشۇ ئارزۇسىنى قانائەتلەندۈرۈپ بېرىدىغان بىردىنبىر ئادىمى بىلەن بىرگە بولۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىسا ئالەمدە بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بەخىتسىزلىك بولامدۇ؟! يىگانە، تايانچىسىز ۋە كۆڭلىنى ئاۋۇتىدىغان ھېچقانداق نەرسىسى بولمىغان بۇنداق ئايالنىڭ ھەسرەت-نادامەت ۋە ئىشقى-پىراق ئىچىدە ياشايدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ؛ ئۇ باشقا بىرسىنىڭ خوشاللىقى ئۈزۈن بولسىمۇ خىزمەت قىلاي دېسە ئۇنىڭغا شارائىت بولمايۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ بەخت-سائادىتى ھەققىدە قانداقمۇ ئېغىز ئاچالىسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئارقا ھويلىدىكى كېرەكسىز زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىدەكلا بىر نەرسە بولۇپ ئۇنىڭ ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئېرىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېرىنىڭ شان-شۆھرىتى ئۈچۈن لازىم بولىدىغانلىقىدا!

    سىلەر ئەرلەر ھەقىقەتەنمۇ تاش يۈرەك! بىزدە قىزغىن ھېسسىيات بار. ئەمما ئۇنى ئۆزىمىز قاندۇرالمايمىز، سىلەر دەل مانا مۇشۇنىڭدىن راسا ھوزۇرلىنىسىلەر؛ سىلەر بىزنى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەر ئورنىدا كۆرۈسىلەر، ۋاھالەنكى، بىز ھەقىقەتەنمۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان نەرسە بولىۋالساق، سىلەرنىڭ جان-پېنىڭلار چىقىپ كېتىدۇ؛ سىلەر ئاياللارنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىنى ئۇزۇن ۋاقىت بېسىم ئاستىدا تۇتقاندا، ئەرلەرنى كۆرگەن ھامان كەسكىن تەسىرلىنىش ھېسسىياتى ھاسىل قىلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايسىلەر. ئۆزىگە باشقىلارنىڭ ئىشتىياقىنى جەلپ قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. سىلەر ئۆز ئەۋزەللىكىڭلارغا تايىنىپ ئېرىشكىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنى كۈتۈشكە تاقەت قىلالمايسىلەر. سىلەر بىزنىڭ جىسمانىي پائالىيىتىمىزنى ئۈمىدسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى، مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئوبدان يولى دەپ تونۇيسىلەر.

    خەير-خوش، سۆيۈملۈك يۇنۇسبەگ؛ خەير-خوش. ئىشەنگىنكى، مېنىڭ ھاياتىم باشقا نەرسە ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت سېنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈنلا يارالغان؛ سەن مېنىڭ پۈتكۈل قەلبىمنى ئىشغال قىلىۋالغان؛ سەن مېنىڭدىن ئايرىلساڭمۇ مەن سېنى ھەرگىز ئۇنۇتالمايمەن، ئەكسىچە مۇھەببىتىم تېخىمۇ ئاشىدۇ، مېنىڭ مۇھەببىتىم كۆككە تاقاشقان باراخسان دەرەختەك تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئۇلغىيىدۇ.

     1711-يىلى رەبىئۇسسانى ئېيىنىڭ 12-كۈنى، ئىسپاھان ئىچكى قورا

     

     

    سەككىزىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ دوستى رۇستەمگە يازغان خېتى

    (ئىسپاھانغا ئەۋەتىلگەن)

    ئىجىرۇندىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇۋالدىم. مېنىڭ بۇ سەپىرىم كۆپچىلىكنىڭ غۇل-غۇلىسىنى قوزغاپتۇ، بۇ بۇرۇنلا مۆلچەرلەنگەن ئىش ئىدى، بىراق مەن بۇنىڭلىق بىلەن كۆڭۈلسىزلىك ھېس قىلمايمەن. مېنىڭمۇ ئۆز ئالدىمغا ئېھتىياتچان غەرىزىم بار، دۈشمەنلىرىمنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئېھتىياتچان غەرەزلىرى بار، سېنىڭچە، مەن قايسى بىرىگە ئاساسلىنىپ ئىش قىلغىنىم ياخشى؟

    مەن بەكمۇ كىچىك چېغىمدىن باشلاپلا ئوردىغا كىرگەن ئىدىم. شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، ئوردا تۇرمۇشى مېنىڭ قەلبىمنى چىرىتىۋېتەلمىدى. بەلكى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈشۈمگە تۈرتكە بولدى، مەن ئوردا خىزمىتىدىكى ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنىڭ ياخشى پەزىلىتىنى ساقلاپ قالالىدىم، رەزىللىكتىن يىراق قاچتىم؛ بىراق كېيىنرەك شۇ رەزىللىكلەرگە يېقىنلاشقانمۇ بولدۇم، چۈنكى ئۇلارنى پاش قىلىش زۆرۈر ئىدى، مەن ھەققانىيەت ۋە سەمىمىيەتنى ياقلاپ تەخت ئالدىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتىم. چۈنكى مېنىڭ تەخت ئالدىدا قىلغان سۆزلىرىم ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەر ئىدى؛ بۇ سۆزلىرىمدە مەن يالغانچى، خوشامەتچىلەرنى ئالاقزادە قىلىۋەتتىم، شۇنداقلا بۇت مۇخلىسلىرىنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇردۇم.

    بىراق مېنىڭ سەمىمىيەتچىلىگىم باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىشىش ھېسسىياتىنى قوزغىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم-دە، ھەرقايسى ۋەزىرلىكلەر ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق قىلغانلارنى چاقىرىتىپ يىغىلىش ئۆتكۈزدۈم، ۋاھالەنكى، بۇ ئىش خاننىڭ ئېتىبارىنى قوزغىمىدى، چىرىپ كەتكەن بۇ ئوردىدا مېنى پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئاجىزانە پەزىلىتىملا قولىدى، خالاس. مەن ئوردىدىن ئايرىلىش نىيىتىگە كەلدىم-دە، ئىلىم-پەنگە ئالامەت قىزىقىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم، ئاقىۋەت يالغان راستقا ئايلىنىپ،مەندە ھەقىقەتەن ئىلىم-پەنگە ھەۋەس قوزغىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھېچنىمە بىلەن كارىم بولماي سەھرالارنى پىنھانە ماكان قىلىپ يۈردۈم. بىراق بۇنداق ھالەتنىڭمۇ بىئەپلىكى چىقىپ قالدى، دۈشمەنلىرىم ھەريەردە مېنى پايلاپ ماڭا ئارام بەرمەيتتى. مەن بارلىق قوغدىنىش چارىلىرىدىن دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان ئىدىم. بەزىبىر مەخپىي خەۋەرلەرگە ئاساسەن، مەن ئۆز ئەھۋالىمنى جىددىي ئويلىنىشىم زۆرۈر دېگەن ئويدا بولدۇم-دە، دۆلەتتىن چىقىپ ساياھەت قىلىش قارارىغا كەلدىم. ھەر ھالدا مېنىڭ ئوردىدىن ئايرىلغىنىمغا ئۇزۇن بولغانلىقى دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىمنىڭ ياخشى باھانىسى بولۇپ قالدى. مەن خان ئالدىغا بېرىپ ئۆزۈمنىڭ غەرب ئىلىم-پېنىنى ئۆگىنىش ئارزۇيۇمنى بايان قىلدىم. مېنىڭ ساياھىتىمنىڭ پادىشاھنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن پايدىسى تېگىش مۇمكىنلىگىنى ياخشى گەپلەر بىلەنمۇ چۈشەندۈردۈم. مەن ئۇنىڭ ھىممىتىگە سازاۋەر بولۇپ ئاخىرى مېڭىپ كەتتىم-دە، دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ئۆزۈمنى قۇتقۇزۇپ قالدىم.

    رۇستەم، مانا بۇ مېنىڭ سەپىرىمنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى. ئىسپاھاندىكىلەر خالىغانچە غۇلغۇلا قىلىشىۋەرسۇن. مېنى ياخشى كۆرىدىغانلاردىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېنى ئاقلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. دۈشمەنلىرىم ماڭا خىلمۇ-خىل بەدناملارنى توقۇپ چىقارسىمۇ كارىڭ بولمىسۇن؛ ئۇلارنىڭ ھازىرچە ماڭا يەتكۈزەلەيدىغان بىردىنبىر زىيانكەشلىكى ئەنە شۇ، مەن ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بەكمۇ تەلەيلىك ھېسابلايمەن.

    ھازىرغۇ كۆپچىلىك ھەممىسى مېنىڭ ئۈستۈمدە غۇلغۇلا قىلىشىۋېتىپتۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كىشىلەر، ھەتتا دوستلىرىممۇ مېنى تامامەن ئەستىن چىقارماي قالمايدۇ... ياق، رۇستەم، مەن بۇنداق كۆڭۈلسىز ئويدا بولۇشنى خالىمايمەن، دوستلىرىم مېنى چوقۇم مەڭگۈگە قەدىرلەيدۇ؛ خۇددى مەن ساڭا ئىشەنگەندەك. ئىشىنىمەنكى، ئۇلار ماڭا مەڭگۈ ساداقەتمەن بولىدۇ.

        1711-يىلى جامادىيەلئاخىر ئېيىنىڭ 20-كۈنى، ئىجىرۇن. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.