پارىس مەكتۇپلىرى 11-خەت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 19:19:32

پارىس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇئون بىرىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ مىرزىغا يازغان خېتى(ئىسپاھانغا ئەۋەتىلگەن)سەن بەكمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن مېنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمنى ئىلتىجا قىلىپسەن. ئۆزۈڭ...

     

    پارىس  مەكتۇپلىرى

    مۇنتىسكىيۇ

    ئون بىرىنچى خەت: يۇنۇسبەگنىڭ مىرزىغا يازغان خېتى

    (ئىسپاھانغا ئەۋەتىلگەن)

    سەن بەكمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن مېنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمنى ئىلتىجا قىلىپسەن. ئۆزۈڭنىڭ ئاقىلانىلىقىڭنى قايرىپ قويۇپ، مېنىڭ ئاقىلانىلىقىمنى سىناپ باقماقچى بولۇپسەن. قەدىرلىك مىرزا مېنى، سېنىڭ ماڭا بولغان دوستلۇقۇڭ، سېنىڭ ماڭا بىلدۈرگەن ياخشى نىيىتىڭدىنمۇ بەكرەك شادلاندۇردى.

           ھۆرمىتىڭنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن مەن بەكمۇ تومتاق نەزەرىيلەر ئۈستىدە توختالماي، ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىمنى قويۇپ ئۆتەي. بەزىبىر ھەقىقەتلەرنى يالغۇز دالالەت قىلىش يولى بىلەنلا كىشىلەرگە سىڭدۈرۈش كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە كىشىلەرنى يەنە تەسىرلەندۈرۈشمۇ كېرەك. ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە ھەققانىيەت دېگەنلىرىمىز دەل شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر، تۆۋەندىكى بىر بۆلۈك تارىخ بەكمۇ زىل پەلسەپەۋىي تەلىماتلارغا قارىغاندا سېنى تېخىمۇ ھاياجانغا سېلىشى مۇمكىن.

     بۇرۇنىسىدا ئەرەپلەردە» ئۆڭكۈرلۈكلەر« دەپ ئاتالغان كىچىككىنە بىر قەبىلە بولغان ئىكەن. تارىخچىلارنىڭ گېپىگە ئىشەنسەڭ، ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى بولغان قەدىمى ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ ئۈچ ئۈلىشى ئادەمگە،يەتتە ئۈلىشى ھايۋانغا ئوخشايدىكەن. ئەمما مېنىڭ ساڭا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغىنىم، ئېيىققا ئوخشاش ھەممە ئەزايى ئۇزۇن يۇڭلار بىلەن قاپلانغان، چىقىراپ، ھۇۋلاپ يۈرۈيدىغان ئۇنداق بەتبەشىرە ئۆڭكۈرلۈكلەر بولماستىن، ئۆزى بىزگە ئوخشاشلا ئادەم لېكىن قەبىھيلىك ۋە ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەن، ئۆزئارا قىلچىمۇ ئادالەت ۋە ھەققانىيەت دېگەننى بىلمەيدىغان ئۆڭكۈرلۈكلەردۇر.

    ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئوڭشاشنى ئويلاپ، باشقا قەبىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارغا ناھايىتى قاتتىق مۇئامىلە قىپتۇ. ئەمما ئۇلار توپىلاڭ كۆتىرىپ، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ ئوردىنى يەكسان قىپتۇ.

    توپىلاڭدىن كېيىن، ئۇلار يەنە بىريەرگە توپلىنىپ ھۆكۈمەت سايلاپتۇ. نۇرغۇن تالاش-تارتىش ۋە ئىختىلاپلاردىن كېيىن، بىرمۇنچە ئەمەللەرنى ئورنىتىپتۇ. بىراق ئەمەلدارلار ئەمدىلا سايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا چىدىغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ-دە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۋېتىپتۇ.

    خەلق يېڭى بويۇنتۇرۇقلاردىن قۇتۇلۇپ ئۆزلىرىنىڭ ياۋۇز تەبىئىتى بىلەن ياشاۋېرىپتۇ. ھەركىمگە ئۆزىنىڭ دېگىنى ھىساپ ئىكەن. ھىچكىم ھىچكىمگە بوي سۇنمايدىكەن، ھەركىم پەقەت ئۆز پايدىسىنىلا ئويلايدىكەن، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن كارى يوق ئىكەن.

    كۆپچىلىك بىرلىكتە مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىپ بەكمۇ خوشال بولۇشۇپتۇ. ئۇلار:« مەن نېمە ئۈچۈن، ماڭا ھېچ ئالاقىسى بولمىغان كىشى ئۈچۈن جانپىدا قىلىپ ئىشلەپ بېرىدىكەنمەن؟ مەن پەقەت ئۆزۈمنىلا ئويلىشىم كېرەك، شۇنداق قىلساملا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمەن. باشقىلارنىڭ بەختلىك بولۇش-بولماسلىقى بىلەن مىنىڭ نېمە چاتىغىم؟ مەن ئۆزەم ئۈچۈن لازىم بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامال قىلىپ قولغا كىرگۈزۈشۈم، مەندە بولۇشى زۆرۈر بولغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەندە ھازىر بولۇشى، باشقا ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ جەۋرى-جاپالىرىنى مەن قىلچىمۇ ئويلىماسلىغىم كېرەك!» دېيىشىدىكەن.

    ئۇ چاغ دەل تېرىم مەزگىلى ئىكەن. ھەممە»:مەن پەقەت ئۆزەمگە تېگىشلىك يەرگىلا ئوبدان تېرىقچىلىق قىلىپ، ئۆزۈمگە يەتكۈدەك ھوسۇل ئالسام بولدى، ئوشۇق مەھسۇلاتنىڭ ماڭا كېرىكى يوق، ئۆزەمگە پايدىسىز ئارتۇقچە ئەمگەك قىلىمەن دەپ جېنىمغا جاپا قىلماسلىغىم كېرەك.«دېيىشىپتۇ.

    كىچىككىنە بۇ پادىشاھلىقنىڭ يەرلىرى بىردەك سۈپەتلىك ئەمەس ئىكەن. بەزى جايلار ئويمانلىق بولۇپ سۇغۇرۇشقا ئوڭاي بولسا، بەزى جايلار ئىدىرلىق تۇپرىقى ئۈنۈمسىز ئىكەن. شۇ يىلى پەسىل بەكمۇ قۇرغاق كەپتۇ. شۇڭا ئىدىرلىقلارغا تېرىلغان بۇغدايلاردىن قىلچىمۇ ھوسۇل چىقماپتۇ. ئويمانلىقلاردىكى دېھقانچىلىقتىن ئەكسىچە نۇرغۇن ھوسۇل ئېلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىدىرلارغا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەھەتچىلىكتىن قىرىلىپتۇ، چۈنكى ئويمانلىقتىكى ئاھالىلەر تاش يۈرەكلىك قىلىپ ئۇلارغا ھېچقانداق ئاش بەرمىگەن ئىكەن.

    ئىككىنجى يىلى يامغۇر ناھايىتى كۆپ يېغىپ، ئىدىرلىقلاردىكى ئاھالىلەر ئادەتتىن تاشقىرى مول ھوسۇلغا ئىگە بوپتۇ. ئويمانلىقلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ زىرائەتلىرى كەلكۈندە نابۇت بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەنمۇ يەنە يېرىم ئاھالە قەھەتچىلىكتە قاپتۇ. بىراق پالاكەت باسقان بۇ كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە، ئىلگىرى ئۆزلىرى قىلغاندەك تاش يۈرەكلىك قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ.

    ئاساسلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ خوتۇنى بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن. خوشنىسى ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ئۇنى بۇلاپ كېتىپتۇ. نەتىجىدە، بۇ ئىككىيلەن ئۆزئارا تازىمۇ قاتتىق سوقۇشۇپ، ئاخىرى ئۈچىنچى ئۆڭكۈرلۈككە ماجىرانى بىر تەرەپ قىلدۇرماق بولۇشۇپتۇ-دە، باشقا بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. بۇ ئادەم ئىلگىرى ھۆكۈمەت بار ۋاقتىدا خېلى نوپۇزى بار ئادەم ئىكەن. ھېلىقى ئىككىيلەن بۇ ئادەمگە ئۆزلىرىنىڭ ھەق گېپىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپتۇ. ئۇ ئادەم بۇلارغا»:بۇ خوتۇن ساڭا تېگىشلىكمۇ ياكى ئۇنىڭغىمۇ مېنىڭ نېمە كارىم؟ مەن ئۆزەمنىڭ تېرىقچىلىغىنى قىلىشىم كېرەك، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ دەۋايىڭلارنى سوراپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتىم يوق. مېنى ئاۋارە قىلماڭلار «.دەپتۇ-دە، ھېلىقى ئىككى دەۋاگەرنى تاشلاپ ئۆز يېرىگە تېرىقچىلىق قىلغىلى كېتىپتۇ. ئىككىيلەننىڭ ئىچىدىكى خوتۇن بۇلاپ كەتكىنى ئۆز كۈچىگە ئىشىنىپ خوتۇننى قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە قەسەم قىپتۇ. يەنە بىرسى بولسا، خوشنىسىنىڭ بۇنداق ۋاپاسىزلىقىغا ھەم قازىنىڭ رەھىمسىزلىكىگە تىت-تىت بولۇپ، پەرىشان ھالدا قايتىپتۇ. ئۇ كېلىۋېتىپ ياش ھەم چىرايلىق بىر ئايالنىڭ بۇلاقتىن سۇ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپتۇ. بۇ خوتۇن ھېلىقى خوتۇنسىز قالغان ئادەمگە بەك يېقىپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەل ئۆزى قازىلىققا تەكلىپ قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ بەخىتسىزلىكىگە قىلچە پىسەنت قىلمىغان ھېلىقى ئادەمنىڭ خوتۇنى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ يايراپ كېتىپتۇ-دە، بۇ خوتۇننى بۇلاپ ئۆيگە ئېلىپ كېتىپتۇ.

    يەنە بىر ئادەم بار ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنبەت يېرىگە بەكمۇ تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىككى خوشنىسى ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇ ئادەمنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىپ يەرگە ئىگە بولۇۋاپتۇ. بۇ ئىككى ئادەمدە ئىتىپاقلىق پەيدا بوپتۇ. كىمكى ئۇلارنىڭ يېرىگە كۆز ئالايتسا ئىككىسى بىرلىكتە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا باشلاپتۇ. بۇلار ئاشۇنداق ھەمكارلىشىپ ئۇزۇن ۋاقىتلار ياشاپتۇ. بىراق بۇلارنىڭ بىرسى ھەربىر نەرسىنى تەڭ بۆلۈشتىن بىزار بولۇپ، بارلىق يەر-مۈلۈككە ئۆزى تەنھا ئىگە بولۇشنى ئويلاپتۇ-دە، ئىككىنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ يەر-مۈلۈككە ئۆزى ئىگە بولۇۋاپتۇ.

    يەنە بىر ئۆڭكۈرلۈكنىڭ ئۇچىسىغا يېپىنغىدەك بىر نەرسە بولمىغانلىقتىن قوي تېرىسىنىڭ باھاسى قانچە تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ باقماقچى بوپتۇ. سودىگەر بۇنى بىلىپ ئۆزىچە چوت سوقۇپتۇ:«مەن قوي تېرىسىنى ئىككى كۈرە بۇغداينىڭ پۇلىغا ساتالايتىم، ئەمدى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، باھانى تۆت ھەسسە ئاشۇرۇپ سەككىز كۈرە بۇغداينىڭ پۇلىنى قولغا كىرگۈزىدىغان بولدۇم.» خېرىدار ئىلاجىسىز ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە پۇل تۆلەپتۇ.

    - مەن بەك خوشالمەن، مەن ئەمدى بۇغداي ئېلىشىم كېرەك،-دەپتۇ سودىگەر.

    - نېمە دېدىڭ؟-دەپتۇ خېرىدار،-ئەگەر ساڭا بۇغداي لازىم بولسا مەندە ساتىدىغان بۇغداي بار، بىراق باھاسىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشىڭ مۇمكىن، چۈنكى ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ھازىر ھەممە يەرنى قەھەتچىلىك قاپلاپ بۇغداي باھاسى بەكمۇ ئۆرلەپ كەتتى، شۇڭا سەن پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرسەڭ بىر كۈرە بۇغداي بېرىمەن، ئۇنداق قىلمىساڭ ئۆلسەڭمۇ ھېچنىمە بەرمەيمەن.

    شۇ يىللاردا ئۇ يەردە بىر خىل مۇدھىش كېسەللىك تارقىلىپتۇ. خوشنا دۆلەتتىن ناھايىتى ماھارەتلىك بىر تىۋىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا داۋالانغانلىكى كىشىلەر شىپالىق تېپىپتۇ. كېسەللىك تۈگىگەندىن كېيىن، تىۋىپ ئۆزى داۋالاپ ساقايتقان كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ھەققىنى سوراپتۇ. لېكىن ئۇ ھەممىلا يەردە ئەدىۋىنى يەپ دۆلىتىگە قايتىپتۇ. دۆلىتىگە قايتىپ كەلگىچە ئۇزۇن يولنىڭ ھاردۇقى يېتىپتۇ. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ھېلىقى يەردە ئۆتكەنكى كېسەلنىڭ قايتا تارقالغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كېسەللىك تېخىمۇ دەششەت سېلىپ بۇ بىۋاپا زېمىننى ۋەھىمە قاپلاپ كېتىپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ يەرگە تىۋىپ بارمىسىمۇ ئۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى تىۋىپنى ئىزلەپ كەپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ تىۋىپ:«ھۇ نائىنساپ مەلئۇنلار، يوقال كۆزۈمدىن! سەنلەرنىڭ ۋۇجۇدىڭدا جىسمىڭغا يۇقتۇرۋالغان كېسەللىكتىنمۇ ئەجەللىك زەھەر بار ئىكەن، سەنلەر بۇ زېمىندا تۇرۇشقا نالايىق بىر نېمىلەركەنسەن، چۈنكى سەنلەردە قىلچىمۇ ئىنسانىي خىسلەت يوق ئىكەن، سەنلەر ئادالەتنىڭ مىزانى نېمە ئىكەنلىگىنى بىلىشمەيدىكەنسەن. مانا ئەمدى ئاللاھتائاللا سەنلەرنى جازالىدى، مەن ئاللاھنىڭ ھەققانىي غەزىبىگە قارشلىق قىلسام، ئۇ چاغدا مەن ئاللاھتائاللانىڭ ئالدىدا گۇناكار بولىمەن» دەپتۇ.

     

           1711-يىل جامادىيە ئاخىر ئېيىنىڭ 3-كۈنى، ئىجىرۇن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.