يوللانغان چاقتى ماي, 2011

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 19 - 2011 8 ئىنكاسلىق
ErlerningBuHalitiTiximuSoyumluk

ئاتا – بۇ سۆز توغرىلىق يەنە تىلىمنى چاينىمىساممۇ يىتەرلىك . كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان ، تاغدەك يۆلەنچۈك بولىدىغان زەبەردەس ئاتىلىرىمىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ . بىزئوغۇللار ئاساسەن ئاتىمىزنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى دوراپ چوڭ بولىمىز . بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىزمۇ شۇنداق چوڭ بولىدۇ . ئاتىلىرىمىز ئۆز مىھرى بىلەن «قاناتلىققا قاقتۇرماي ، تۇمشۇقلىققا چوقتۇرماي » چوڭ قىلدى . ئاتىلارنىڭ بالا بېقىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ ئىنتايىن سۆيۈملۈك بولۇپ ، تۆۋەندە ، دۇنياغا داڭلىق چولپانلارنڭ بالىسىنى بېقىۋاتقان كۆرۈنۈشلرى تارتىلغان بىر يۈرۈش رەسىملەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز .

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 17 - 2011 5 ئىنكاسلىق
QatnashWeqesidinTazliqOyigiche

قاتناش ۋەقەسىىدىن تازلىق ئۆيىگىچە 2011-يىلى 1- مايدىن باشلاپ ھاراق ئىچىپ ماتورلوق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش جىنايەت ھىسابلىنىپ جىنايى ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى . سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە ، ھاراق ئىچىپ ماتورلوق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئومۇمىي قاتناش ۋەقەسىنىڭ 20 پىرسەنتىنىمۇ ئىگىللىمەيدىكەن . ئۇنداقتا قالغان قىسىمى نىمە سەۋەپتىن يۈز بېرىدۇ ؟ ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان قاتناش ۋەقەلىرىنى كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق . قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى ئاتا -ئانا ، خوتۇن بالا چاقلىرىنى سەرسان قىلىپ ، ئائىلىسى توزۇپ كەتكەنلەر ، ئىگىلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانلارمۇ بىزدىن ئۇنچە يىراقتا ئەمەس . نۇرغۇن پاجىئەلەرنىڭ باشلىمى بولغان بۇ قاتناش

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ماي - 13 - 2011 8 ئىنكاسلىق
TirorstlarBilenAyallarningPerqi

1. تېرورىستلار بىلەن سۈلھىلەشكىلى بولىدۇ، ئاياللار بىلەن بولسا مۈمكىن ئەمەس. 2. تېرورىستلار نېمىنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتىدۇ، ئاياللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ نېمىنى خالايدىغانلىقىنى تېپىپ بېقىشىڭىزنى سورايدۇ. 3. تېرورىستلارغا يولۇقسىڭىز ئۆلۈم يولىدا ماڭىسىز، ئاياللارغا يولۇقسىڭىز ئۆلۈمدىن بەتتەر يولدا ماڭىسىز. 4. تېرورىستلار باشقىلار (گۆرۈگە ئېلىنغانلار) نى تىكىپ سۆھبەتلىشىدۇ، ئاياللار بولسا ئۆزلىرى تىكىپ تۇرۇپ سۆھبەتلىشىدۇ. 5. تېرورىستلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنسېرى تۆلەيدىغان پۇلىڭىز ئازىيىدۇ، ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشكەنسېرى خەجلەيدىغان پۇلىڭىز كۆپىيىدۇ. 6. سۆھبەت داۋامىدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ تېرورىستلارنى تۇتالايسىز، ئاياللار بولسا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ سىزگە ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بېرەلەيدۇ. 7. ئاياللار پايپاقنى پۇتىغا كىيىدۇ، تېرورىستلار بولسا بېشىغا كىيىدۇ. 8. ئەرلەر ئاياللارنىڭ پۇتىدىكى پايپاقنى سالدۇرۇشقا

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ماي - 13 - 2011 4 ئىنكاسلىق
UndaqQazanghaMundaqChomuch

ئەگەر بىرەرسى سىزگە تۆۋەندىكىدەك گەپ سۆزلەرنى قىلىپ قالسا، مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇڭ(باشقىچە جاۋاب قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە) 1. قىز: مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ! ئوغۇل: نېمىسىنى ئۇنتۇيمەن؟ ئەسكە تۇتقىدەك يېرى بولمىسا ( قىز ئوغۇلنىڭ رولى ئالماشسىمۇ بولىۋېرىدۇ) 2.ئا: قاپقارا تۇرۇپ كۈنلۈك تۇتىۋاپسەنغۇ؟ ب : مۇشۇ چىرايىڭ بىلەن سىرتتا چىقىۋاپسەنغۇ؟ 3. ئا: ۋاي ۋۇي، يۈزۈڭدىكى نېمىدىگەن كۆپ مودۇر چوقۇرلار؟ تېراكتور ماڭسىمۇ موللاق ئاتقۇدەك جۇمۇ! ب: شۇ ئەمەسمۇ، ئەگەر يۈزۈمدىكى نەرسىلەر سېنىڭ بېشىڭدىكى چاچتەك ئاز بولغان بولسا بەك مەمنۇن بولغان بولاتتىم. 4. ئا: مېنى ئەخمەق كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟ ب: نېمە؟ ئەسلىدە ئەخمەق ئەمەسمىتىڭ؟ مۇشۇ چاغقىچە بىلمەي يۈرۈپتىمەن جۇمۇ… 5. ئا: ئېكس ئېكىس ئىدارىغا ئىشىك باقار لازىمكەن، شۇ

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ماي - 13 - 2011 ئىنكاسسىز
MuhebbetkaDepneQilinghan

سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ جېنىم بىر جان ئەمەسمۇ، سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ….. ئەمىلىيەتتە جېنىنى قۇربان قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار. ئاياللار مۇھەببەتتە ئەرلەردىن باتۇر. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، مۇھەببەتنى ھاياتلىق دەپ بىلىپ، ھەتتا جېنىنى پىدا قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ. بىراق مۇھەببەت تولىمۇ ئاجىز، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئۆزگىرىشچان، ئوخشىمىغان مەزگىلدە مۇھەببەتمۇ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان بولىدۇ. مەڭگۈلۈك مۇھەببەت مەۋجۇت ئەمەس، مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ ماھىيتى. ئىنساننىڭ تەبىئىتى. ئىككى ئادەم قانچىلىك قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان بىر كۈنى سوۋۇيدۇ. بۇ نۇرغۇن ئاياللار ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان رەھىمسىز رېئاللىقتۇر. تولىستوينىڭ قەلىمىدىكى ئاننا ئاشنىسى ئۈچۈن ئېرى ۋە بالىسىدىن ۋاز كېچىدۇ، نام ئابرويى تۆكىلىپ، موسىكۋادا ئادەم كۆرمەيدىغان كۈننى كۆرىدۇ. ئۇ بارلىق ھېسياتىنى

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 12 - 2011 2 ئىنكاسلىق
MewhumPcNiQachilashWeIshlitish

يېڭىدىن بىر مەشغۇلات سېستىمىسى بازارغا چىققان چاغدا ئالدى بىلەن سىناپ بېقىشنى ئويلايمىز . لېكىن ، نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان سېستىمىنى قۇربان قىلىپ يېڭى سېستىمىنى قاچىلاپ سىناپ بېقىپ ، ئاندىن بۇرۇنقى سېستىمىنى قايتىدىن قاچىلاش ئادەمگە پەقەتلا خوشياقمايدىغان ئىش . يېنىمىزدا خالىغانچە ئۇنى بۇنى قاچىلاپ ئارتۇقچە كومپىيۇتېر بولسا شۇ كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ سىناپ باقساقمۇ بولىدۇ . بىراق ، بەزىدە رەسىملىك قىلىپ دەرس ئىشلىمەكچى بولغاندا سېستىما قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى ھالەتلەرنى سۈرەتكە تارتىش تولىمۇ قولايسىز بىر ئىش . قانداق قىلىش كېرەك ؟ دەل شۇچاغدا مۇزات بىلوگىنىڭ ئادىرسىنى يېزىڭدە دەررۇ بۇ تېمىغا كىرىڭ . يەنى بۇ ئىشنى مەۋھۇم كومپىيۇتېر دىتالى Virtual PC ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ . كۆپ قوللىندىغان

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ماي - 11 - 2011 ئىنكاسسىز
ZadiKimSarang

ھېكەيەمنى مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ… ئوغۇل دوستۇم ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىن تارتىپلا ئارىلاشقان بولۇپ، بۇنىڭغا 6 يىل بولغان ئىدى. مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بارلىق يېڭى ئاشىق – مەشۇقلارغا ئوخشاش ئىجىل ئىناق، ھەم رومانتىك ئۆتتۇق. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئاددى ھەم زېرىكىشلىك تۈس ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. بىز توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بولۇپ، ئاپامنىڭ ياردىمىدە ئۆينىمۇ ئېلىپ، بېزەپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدۇق. ئىشلار ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ قالغان بولۇپ، ياخشى بىر كۈننى تاللاپ ئۆزۈمنى ياتلىق قىلىۋەتسەملا بولاتتى…… تۇرمۇش نېمىدىگەن گۈزەل ھە! بىراق…….. يىگىتىم شىياۋ سا بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن قايتىپ كېلىپلا بىنورماللىشىشقا

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 11 - 2011 7 ئىنكاسلىق
PulghaBisilghanKishlerningObrazi

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىدا ئوخشىمىغان شەخىسلەرنىڭ سۈرىتى بولىدۇ . بەزى دۆلەتلەردە پۇلغا سىياسىيونلارنىڭ سۈرىتى بېىلسا ، بەزى دۆلەتلەردە ئەدىپلەرنىڭ يەنە بەزى دۆلەتلەردە دۆلەت رەئىسىنىڭ سۈرىتى بېسىلىدۇ . بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 5- يۈرۈش خەلق پۇلىغا يېڭى جوڭگۇنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋزىدۇڭ ئەپەندىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بېسىلغان سۈرەتلەردىكى پۇللارغا قاراپ ئۆتەيلى . بۇ گومىنداڭ مەزگىلدە بېسىلغان 10 يۈەنلىك پۇل بولۇپ ، مىنگونىڭ 38 يىلى بېسىلغان ئىكەن . ئاستىدىكى ئىككەيلەن بۇ پۇلغا سۈرىتى بېسىلغانلار شۇ ئىكەن . مانا بۇ بىر موچەنلىك پۇلغا بېسىلغان ئىشچى – دېھقانلار سىنىپنىڭ ۋەكىللىرى مۇنۇ «ساھىپجامال»نىڭ سۈرىتىمۇ پۇلغا بېسىلىپتىكەن تېخى بىر يۈەنلىك خەلق پۇلىغا سۈرىتى بېسىلغان موماي قېرىپ كېتىپتۇ

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 10 - 2011 3 ئىنكاسلىق
BashAghriqiHeqiqetenQorqunuchluq

جوينىڭ ھەمىشە بېشى ئاغرىيتتى ، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن بۇ كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى . ئۇ نۇرغۇن دوختۇرغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ ، ئەمما كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇلنى تاپالمىدى . ئۇ ئۈمىدىنى ئۈزەي دەپ تۇرغاندا ، بۇ خىل كېسەلنى داۋالىيالايدىغان بىر دوختۇرنى ئۇچرىتىپ قالدى . دوختۇر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : – بىر خۇش خەۋەر ، بىر شۇم خەۋەر بار . خۇش خەۋەر شۇكى ، كېسىلىڭىزنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالايمەن . شۇم خەۋەر شۇكى ، چوقۇم ئاختا قىلىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك . بېشىڭىزنىڭ ئاغرىشى ئۇرۇقداننىڭ ئومۇرتقا يىلتىزىنى بېسىۋېلىشى سەۋەبىدىن بولغان . بۇ خىل بېسىمنى تۈگىتىشتىكى بىردىنبىر ئامال ئۇرۇقداننى كېسىپ ئېلىۋېتىشتۇر . ئۇ بۇ گەپنى

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 10 - 2011 6 ئىنكاسلىق
HeqsizKarxanaExiti

كۆپچىلىك كۆرگەنسىلەر بېكىتىمىزنىڭ ئالاقە ئېختىنىڭ ئادىرسى : muzat@muzat.org بولۇپ ، ئېخەت ئادىرسى بېكىتىمىزنىڭ نامىدا . بېكىتىمىز نامىدىكى بۇ ئېخەتنى يېقىندا ھەقسىز تەمىنلەنگەن كارخانا ئېخېتى بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇۋالغان بولۇپ ، بۇرۇنلاردا كارخانا ئېخېتى بوشلۇقىنى ھەق تۆلەپ ئىشلەتكەن بولساق ، ھازىر تېڭشۈن تەمىنلىگەن ھەقسىز كارخانا ئېختىنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىزگە خاس ئېخەت قۇرۇۋالدۇق . تېڭشۈننىڭ بۇنچىۋالا سېخى بولۇپ كېتىشىنى 360 بىلەن باشلانغان جىدەلدىن باشلاندىمىكى دەيمەن . مەيلى قانداقلا بولمسۇن ، بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامىڭىز بولسىلا ھەقسىز كارخانا ئېخېتى ئىشلىتەلەيسىز دىگەن گەپ . مەسلەن مىنىڭ كارخانا ئېخەت ئادىرسىم : mail.muzat.org (مۇزات ئېختىنى ئىشلىتىشنى خالايدىغان دوستلار بىز بىلەن ئالاقىلاشسا XXX@muzat.org نامىدا ئېخەت ئېچىپ بەرسەك بولىدۇ )

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 8 - 2011 8 ئىنكاسلىق
BizdeYoqIlletler

ھازىرلا سىرتىتىن 15 بال ئاچچىقىم بىلەن كىرىپ بۇ تېمىنى يېزىپ قالدىم . ئەلۋەتتە چولتا بولۇپ قېلىشى ئېنىق ، شۇڭا تورداشلارنىڭمۇ بىللە تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىسىل تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز بويىچە ياشاپ كىلىۋاتىمىز . بىزدىن بۇرۇنقىلار يەكۈنلەپ چىققان تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بۈگۈن كۈنگە كەلگەندە كىشى ساپاسىنىڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز ئەلۋەتتە . تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر كىچىك ھالقىلارغا ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە بولغان ھۆرمەت ، پاكىزلىق ، كەڭ قورساقلىق … قاتارلىق خىسلەتلەرمۇجەسسەملەنگەن بولۇپ ، تارىختىن بۇيان بىز ئەنە شۇ ئىسىل تۇرمۇش ئادىتى ئىچىدە ياشاپ كەلدۇق ھەم داۋاملاشتۇرۋاتىمىز . بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىممۇ

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 7 - 2011 3 ئىنكاسلىق
BuResimlergeQarapTaza

تورداشلارنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن توردىن بىر قاتار كۈلكىلىك رەسىملەرنى يىغىپ ئەكەلدىم . كۈلۈشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز دەرسال بۇ يازمىغا كىرىپ راسا بىر كۈلۈۋېلىڭ . پىشامدىكەن يا ؟ يازنىڭ ھۇزۇرىنى بىر دىمەڭ جۇمۇ دەريانىڭ ئۇ قاتىدا چىمەندەگۈل ، كۆرۈنگەن تىرەك بىزنىڭ چىمەندەگۈل مەن بىر گەپ قىلاي ئاسماندا يۇلتۇز كۆرۈنمەيدا ؟ تازا بىر ساناي دىسەم ما قاپاقنى كۆرۈڭ ھى ھى ھى ما ئىككى قاس قاسنى تىرىكمىكدۇ ؟ گەپ سۆز بارمىتى ئۈكەم ؟ كۆزۈمگە قارا شۇم تاڭ راھىپنىڭ روھى ئۈچۈن خوشە !!! يې ۋەي ، ئالو !!! خەلق پۇلىدىكى ئىشچى دېھقانلار نەگە كەتتى ؟ ساۋاقداش تەدبىركارغا ئەگىشىپ ئوقۇڭلار ئەمىسە ھە … بىرلەشمە خەۋەرلىشىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى جاۋ