بۇ يازمىلار «ئەبجەش پاراڭلار» تۈرىگە تەۋە

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 10 - 2011 1 ئىنكاسلىق
YigitniIlipQichish

بۇ بىر چۈشەندۈرۈش تولىمۇ قىيىن بولغان بىر ئىش . تويى بولغان يىگىتنى كىلىنچەكنىڭ قېشىدىن ئېلىپ قاچتى دېسەك ، تويى بولغان يىگىتنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئېلىپ قېچىۋاتقان بۇ ئۇچىنچى شەخىس ، ئىنتايىن ئازابلانغان ھالەتتە كۆزلىرى ياشلانغان بىر قىز سۈپىتىدە كۆز ئالدىڭىزغا كېلىشى مۇمكىن . لېكىن بۇ فىلىمدىكى يىگىتنى كىلىنچەكنىڭ قولىدىن ئېلىپ قاچقۇچى بىر ئەركىشى . بۇ فىلىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تويى بولغان يىگىتمۇ بۇ ئۈچىنچى شەخسىنى بەك ياخشى كۆرسە كېرەك ، ئۈچىنچى شەخىس كىلىنچەككە قول ياندۇرغاندا ۋە كېلىنچەك بۇ كىم دەپ سورىغاندا ئىزچىل مەن چۈشەندۈرەي دىگەن گەپنى قىلدى يەنە كېلىنچەكنى قوغداش ئۈچۈن ھەركەت قوللانمايلا قالماستىن ، ئۈچىنچى شەخىس ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ قاچقاندا

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 9 - 2011 ئىنكاسسىز
BenggilerningTamakaChikishBahanisi

1. بىكار بولۇپ قالغان چېغىمىزدا ئانچە – مۇنچە بىر تال تاماكا چەككەچ ، ئاغزىمىزغا ھەمراھ ئىزدەيمىز . بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئۇششاق يىمەكلىك يىگەنگە قارىغاندا تىجەشلىك ھەم پاكىز ئەمەسمۇ. 2. دائىم يانچۇقىمىزدىن تاماكىنى ئايرىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ، پورتمالىمىز قۇرۇقدىلىنىپ قالسىمۇ يانچۇق تومپىيىپ تۇرىدۇ ، بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ . 3.دوستلىرىمىز ئۇچراپ قالغاندا تاماكا سۇنۇشۇپ ئاغزىمىزدىن تۈتۈن پۈۋلىگەچ ، ھال مۇڭ بولۇشۇپ خوشاللىق ئىزدەيمىز . خۇسۇسەن ، قورساق توق ، كۆڭۈل شوخ چاغدا بىر تال چېكىۋالساق جەننەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىمىز ئەمەسمۇ . 4. ئۇ بىز ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا چىشلەپ ئولتۇرىشىمىزغا ماس كېلىدىغان بىردىبىر نەرسە ئەمەسمۇ ، باشقىلار زاڭلىق قلىپمۇ كەتمەيدۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلى

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 7 - 2011 ئىنكاسسىز
NobilMukapatiHeqqide

نوبىل مۇكاپاتى بولسا ، شىۋىتسىيەلىك خېميە ئالىمى ئېفىرىي نوبىلنىڭ ئىسمى بىلەن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات . ئېفىرىي نوبىل بولسا تونۇلغان خېمىيە ئالىمى بولۇپ ، 1833 – يىلى ئۆكتەبىردە ، شىۋىتسىيەنىڭ سىتوكھولىم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كەشپپىياتلارنى ئىختىرا قىلغان . ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە 355 خىل پاتنىت ھوقوقىغا ئىرىشىپ ، ياۋورپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 قىتئە ۋە 100 ئارتۇق دۆلەتلەرنىڭ زاۋۇت ۋە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، غايەت زور سوممىلىق مەبلەغكە ئىگە مىليونىرغا ئايلانغان . كەشپىياتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغىنى «بىخەتەر پارتلاتقۇچ دورىسى» بولۇپ . ئۇ بۇ كەشپىياتى بىلەن «پارتىلاتقۇچ دورىسى پادىشاھى» دىگەن نامغا ئىرىشكەن . نوبىل 1896 – يىلى

يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 4 - 2011 3 ئىنكاسلىق
ShekilNeziryisimu

بىرىنچى قىسىم ھەممەيلەنگە مەلۇمكى تور دۇنياسىدا قىززىق نۇقتىلارنىڭ بېرى بولۇپ كىلىۋاتقان ئاتالمىش >>شەكىل نەزىرىيىسى << نىڭ داۋراڭلىرى ئاز بولمىدى ، ھېلىھەم شۇ داۋراڭلار پەسكويغا چۈشكىنىمۇ يوق .فىزىكىنىڭ نىمىلىكىنى دەپ بېرلمەيدىغان ھەم ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ، تىپىك ئىجتىمائى پەن ساھەسىگە تەۋە ئەدىبتىن بىرسى چىقىپ قاتتۇرۇپ ماقالىدىن بىرنى يېزىۋېدى ، ھەممەيلەن ھاياجان ئىلكىدە ئۇ نەزىريىنىڭ قانداق نەزىرىيە ئىكەنلىكىنىمۇ سۈرۈشتۈرمەيلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدۇق . ئۇيغۇرغا كېلىدىغان نوبىل مۇكاپاتىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىدۇق . كەم دىگەندىمۇ 4~5 يىل ھاياجان ئىچىدە ساقلىدۇق . ئەمما بۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دىيارىمىزغا كەلمىكى بەكمۇ قىيىن بولدى . نەچچە مىڭلىغان ئادەمنى تەلمۈرتكەن نوبىل مۇكاپاتى بىزلەرگە ئۇچۇق چىراي ئاچمىدى . ئەمدى بىلدۇقكى ، نوبىل

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاۋغۇست - 23 - 2011 5 ئىنكاسلىق
EqilliqOwIti

بىر باي ساداقەتمەن ئوۋ ئىتىنى ھەمراھ قىلىپ ئافىرىقىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ . بىر كۈنى ئوۋ ئىتى بىر كېپىنەكنى قوغلاپ يۈرۈپ يولدىن ئادىشىپ قاپتۇ . ئۇ قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي قاراپ تۇرغاندا ، توساتتىن بىر يىلپىزنىڭ ئۇنىڭغا چۇجۇم قىلماقچى بولۇپ ماراپ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ ، يىلپىزنىڭ ئوۋ ئىتىنى بىر ۋاخ مەززىلىك تاماق قىلىپ يىمەكچى بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى . ئوۋ ئىتى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىنى سىزىپتۇ ، ئۇ تۇيۇقسىز ئەتراپىدا نۇرغۇن ئۇستىخاننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ . ئۇ دەرھال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئۇستىخاننى ئېلىپ چايناشقا باشلاپتۇ . يىلپىز ئېتىلىشقا تەمشەلگەندە ئوۋ ئىتى يۇقىرى ئاۋازدا : – يىلپىز گۆشى نىمىدىگەن مەززىلىك – ھە ؟ بۇ ئەتراپتا يەنە يىلپىز بارمىدۇ ؟

يوللىغۇچى: تۇمارىس يوللانغان ۋاقتى :ئاۋغۇست - 17 - 2011 5 ئىنكاسلىق
Yumurlar

قۇلاقنىڭ رولى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بىمارنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: -ئەگەر مەن سىزنىڭ سول قۇلىقىڭىزنى كىسىۋەتسەم قانداق بولىدۇ؟ -ئاڭلىماس بولۇپ قالىمەن. -ئەگەر ئوڭ قۇلىقىڭىزنى كىسىۋەتسەمچۇ؟ -ئۇنداقتا كۆرمەس بولۇپ قالىمەن. دوختۇر ھەيران بولۇپ: -قانداقلارچە؟-دەپ سوراپتۇ. -ئۇ چاغدا كۆز ئەينىكىم چۈشۈپ كىتىدۇ ئەمەسمۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بىمار. ئوغۇلمۇ-قىزمۇ؟ ئايالى تۇغۇت ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ،ئېرى باشقا تۇغقانلىرى بىلەن جىددىلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن دوختۇر بوۋاقنى ئېلىپ چىقىپتۇ. ھەممەيلەن دوختۇرنى قورشىۋېلىپ، بوۋاقنى كۆرۈشكە ئالدىراپتۇ، ئارىدىن بوۋاقنىڭ دادىسى بىرىنچى بولۇپ قىز-ئوغۇللىقىنى بىلىپ بېقىشقا ئالدىراپ قولىنى تىقىپ سىلاپ بېقىپ خۇشاللىقتىن ۋاقىرىۋېتىپتۇ. -ئوھوي! ئوغۇلكەن!!! -نىمە ئوغۇل، بارمىقىمنى قويىۋىتىڭ، ئاغرىپ كەتتى،-دەپتۇ دوختۇر ئاچچىقلىنىپ. تەسەۋۋۇر جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى ئاي

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ئاۋغۇست - 10 - 2011 26 ئىنكاسلىق
YirimKichideChikilgenIshik

مارت يامغۇرى شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى، پىيادىلەر يولىدىكى ئاشىق مەشۇقلار كۈنلۈك ئاستىغا كىرىۋېلىپ پىچىرلىشىپ ماڭاتتى. كەڭ يوپۇرماقلار باش ئەتىيازنىڭ يامغۇرىدىن مەس بولغاندەك لەرزان ئىرغاڭلىشاتتى. كەچ سائەت ئالتە. ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت. گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ كوچا چىراغلىرى يېنىشقا باشلىدى. خىزمەت بىناسىدىن چىقىپ كەلگەن چېڭ چېڭ ھارغىنلىق بىلەن بىرنى ئەسنىۋېتىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلۇق ئاسمانغا قارىدى. سىم-سىم يامغۇر چاچلىرىغا، يۈزلىرىگە چۈشتى. ئۇ چاچلىرىنى قولى بىلەن قايرىدى، پاكىز ئاپپاق يۈزى ئاجايىپ نازاكەتلىك، ئوماق بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. چېڭ چېڭ بىر گۈزەل قىز بولۇپ، ئالىي مەكتەپ چېغىدىلا ھەممە ئېتىراپ قىلدىغان مەكتەپ گۈزىلى بولۇپ، قوغلىشىدىغانلار ساناقسىز ئىدى. بۇ ساددا گۈزەل قىز ئاخىرى ئاجېيى ئىسىملىك كېلىشكەن

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ئىيۇن - 20 - 2011 10 ئىنكاسلىق
HayatningRenggi

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ سىناقنى فىرانسىيىلىك بىر ئالىم تۈزۈپتۇمىش. مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنىڭىزنى يېزىپ چىقىپ بىر بىرىگە قوشۇڭ. مانا مۇنداق: ئەگەر سىز 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان بولسىڭىز 1+9+7+8+8+2+3=38 3+8=11 1+1=2 2 سىزنىڭ رەڭگىڭىز بولىدۇ. 1= قىزىل. 2=كۆك، 3=يېشىل، 4=كۆك، 5=ئاق. 6=سېرىق، 7=ئاپېلسىن رەڭ، 8=قارا، 9= بىنەپشە. قىزىل : قىزغىن، قارام ھېسياتچان، ئاتەشتەك قىزغىن، قىزغىنلىقىڭىز بىلەن ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى ئوڭايلا ئېرىتەلەيسىز. بەزىدە ئۆزىڭىزنى باسالماي قېلىپ باشقىلارغا يامان كۆرۈنۈپ قالىسىز. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىڭىزمۇ ئوڭايلا بويسۇندۇرالايسىز، يىقىلغان يېرىڭىزدىن ئاسانلا تۇرۇپ كېتەلەيسىز كۆك : باشقىلارغا ياردەمنى بېرىشنى ياقتۇرىدىغانغان ئەقلىي پەرىشتە. قائىدە پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇپ ئېغىر بېسىقلىق ۋە ئەقلىيلىك بىلەن ئاسانلىقچە خاتالىق ئۆتكۈزمەيسىز. ۋەزمىنلىكىڭىز تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئىيۇن - 13 - 2011 1 ئىنكاسلىق
ErSowutush

بۇ شىئېر ئىزدىنىش مۇنبىردىكى Comeon بۇرادەرنىڭ يازغان شىئېرى بولۇپ ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ زوقلىنىشى ئۈچۈن يوللىدۇق . ئەر سوۋۇتۇش بارلىق جەڭدە، ئەر بولىدۇ ئەر قىلىپ ھەيۋە. ئو گويا چاپچىپ تۇرغان ياۋا ئات گاھى شىر كەبى تارتىدۇ نەرە. خۇددى ئېتىبارسىزدەك قېلىچ ۋە نەيزە، كۈچلۈك بىلەكلەر قادىر ئىدى سۇندۇرۇشقا بەللەرنى ئەرلەر ئەرلىك ئۈچۈن ئۆلتۈرەتتى ئەرلەرنى. تومۇرلار چىڭقىلىپ كېتەتتى مۇسكۇللار قىززىپ، ئۇ سوۋۇتۇشقا ئەمەستۇر موھـتاج! تۆكۈلسىمۇ قانلار توختىماي تەندە. ئېتىلاتتى ئۇ ئەزرائىل كەبى جەڭدە، بۇنى توسۇشقا ھەركىم نائىلاج. پەقەت ئۆلۈم سوۋۇتار ئۇنى چۈنكى بۇ تەڭرىنىڭ كۈچى، تەڭرى ئەرلەرگە بەرگەن ئىلتىپات.

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئىيۇن - 10 - 2011 3 ئىنكاسلىق
Karwattiki-Kechmishler

چىرايىنى ئېنىق كۆرمىگەن بولساممۇ ، بىرسى قولۇمنى تۇتۇپ يېتىلەپ ماڭماقتا ئىدى . نېمىشقىكىن مەنمۇ ئۇن تىنسىز ئەگىشىپ ماڭماقتا ئىدىم . شۇ ماڭغانچە بىر يانتۇلۇققا كېلىپ يۇقىرىغا قاراپ ماڭدۇق ، بۇ يانتۇلۇقنىڭ شۇنچىلىك سىيلىق بولغىنىغا قارىماي ، ئۈستى تەرىپىدىن يېيىلىپ سۇ چۈشىۋاتاتتى . قولۇمنى يېتىلىۋالغان كىشى ماڭا ھېچنىمە دېمىگەن بولسىمۇ ، چوقۇم ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلاتتىم . ئۇ قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە بىلەن يانتۇلۇقتىن يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى . مەنمۇ ئەگىشىپ يۇقىرلاشقا باشلىدىم . بىراق ، تېيىلىپ كېتىپ ئالدىمغا پەقەت ئىلگىرلىيەلمىدىم . ئالدىمغا قەدەم تاشلىغان ھامان يانتۇلۇقنىڭ ھەددىدىن زىيادە سىلىقلىقى سەۋەبىدىن پۇتۇم سىيرىلىپ جايىمغا كەپ قالاتتىم . شۇ تەرىقىدە بىر

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 17 - 2011 5 ئىنكاسلىق
QatnashWeqesidinTazliqOyigiche

قاتناش ۋەقەسىىدىن تازلىق ئۆيىگىچە 2011-يىلى 1- مايدىن باشلاپ ھاراق ئىچىپ ماتورلوق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش جىنايەت ھىسابلىنىپ جىنايى ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى . سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە ، ھاراق ئىچىپ ماتورلوق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئومۇمىي قاتناش ۋەقەسىنىڭ 20 پىرسەنتىنىمۇ ئىگىللىمەيدىكەن . ئۇنداقتا قالغان قىسىمى نىمە سەۋەپتىن يۈز بېرىدۇ ؟ ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان قاتناش ۋەقەلىرىنى كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق . قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى ئاتا -ئانا ، خوتۇن بالا چاقلىرىنى سەرسان قىلىپ ، ئائىلىسى توزۇپ كەتكەنلەر ، ئىگىلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانلارمۇ بىزدىن ئۇنچە يىراقتا ئەمەس . نۇرغۇن پاجىئەلەرنىڭ باشلىمى بولغان بۇ قاتناش

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ماي - 13 - 2011 ئىنكاسسىز
MuhebbetkaDepneQilinghan

سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ جېنىم بىر جان ئەمەسمۇ، سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ….. ئەمىلىيەتتە جېنىنى قۇربان قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار. ئاياللار مۇھەببەتتە ئەرلەردىن باتۇر. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، مۇھەببەتنى ھاياتلىق دەپ بىلىپ، ھەتتا جېنىنى پىدا قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ. بىراق مۇھەببەت تولىمۇ ئاجىز، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئۆزگىرىشچان، ئوخشىمىغان مەزگىلدە مۇھەببەتمۇ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان بولىدۇ. مەڭگۈلۈك مۇھەببەت مەۋجۇت ئەمەس، مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ ماھىيتى. ئىنساننىڭ تەبىئىتى. ئىككى ئادەم قانچىلىك قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان بىر كۈنى سوۋۇيدۇ. بۇ نۇرغۇن ئاياللار ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان رەھىمسىز رېئاللىقتۇر. تولىستوينىڭ قەلىمىدىكى ئاننا ئاشنىسى ئۈچۈن ئېرى ۋە بالىسىدىن ۋاز كېچىدۇ، نام ئابرويى تۆكىلىپ، موسىكۋادا ئادەم كۆرمەيدىغان كۈننى كۆرىدۇ. ئۇ بارلىق ھېسياتىنى