ئالمىنىڭ بايراقدار مەسھۇلاتى بولغان IPHONE نىڭ تۇنجى نۇسخىسى بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە IPHONE سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلىگىنى يوق ، ھەر قايسى جايلاردىكى IPHONE ھەۋەسكارلىرى ، ھەر دائىم مۇشۇ قارارنىڭ ئالدى كەينىدە IPHONE نىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە غۇلغۇلا قىلىشىپ يۈرۈشىدۇ ۋە IPHONE نىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ تىزراق بازارغا سېلىشىنى كۈتىدۇ .
بۇ يىل سېتىۋ جوبىسنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا ، بۇ قېتىملىق IPHONE نىڭ يېڭى نەشىرىنى بالدۇرراق ئېلان قىپتۇ ، تۆۋەندە بىز بەشىنچى ئەۋلاد IPHONE غا دائىر سۈرەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى .
1. بەشىنچى ئەۋلات ئايفوننىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى . بۇ لاھىيەدىن قارىغاندا ئالما شىركىتى ئىچكىردىن خەلق ئىشچىلىرىنى يانفۇن لايھىلەش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس . يەنە تېخى كۇنۇپكىلارمۇ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان .
2. بەشىنچى ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى . بۇ كۆرۈنۈشتىن بۇ قېتىملىق يېڭى نەشىردىكى ئايفونغا 3 مىليۇن پىكسلللىق كامىرا سەپلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز .
3. ئايفوننىڭ قوزغىلىش ھالىتى . يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئالمىقىلار بۇ قېتىم ئېكراننىڭ سۈپىتىنى ياخشى ئويلاشمىدىمۇ قانداق ؟ بۇ چوقۇم ئايفون ھەۋەسكارلىرىنى ئۈمسىزلەندۈرىدۇ .
4. قارىماققا يېڭى نەشىردىكى os مۇ چىققان ئوخشايدۇ ، قارىماققىلا بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس . قارىغاندا ئالما شىركىتىمۇ MTK تىپلىق CPU لارغا قىزىپ قالغان ئوخشايدۇ .
5. ئالما شىركىتىنىڭ مەخسۇس جوڭگۇ بازىرى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشىنى كىم ئويلىغان ؟ بۇنىڭغا قوش كارتا چۈشىدىكەن . شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى ، ئاۋازىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن . چۈنكى بۇ جوڭگۇ بازىرى ئۈچۈن لايھىلەنگەن ئايفوندە .
6. بۇ قېتىملىق يېڭى نەزىرىدە تېلفۇننىڭ مېيىنى چىقىرىپلا ئۇنۋېرسال زەرەتلىگۈچكە چاتسىڭىز بولىدىكەن . بۇرۇنقىدەك سىمغا تاينىپ زەرەتلەش ئۇسۇلىغا تايىنىپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن .
نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن .
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياسىغان «ئېسىل» مەھسۇلاتلىرى ئىكەنغۇ ، ئىسىت … ئالمىنىڭ شۇنداقمۇ يۈزىنى تۆكەمدۇ دەيمەن .
ھاھاھا،.. تەيۋەننىڭمۇ نېمە بۇ؟ ئالدىنقى يىلى شىيامىنغا بارغاندا ،تەيۋەننىڭ «ئالما»سىدىن بىرنى 300 يۈەن خەلق پۇلىغا سېتىۋالغان ئىدىم ،سوۋغاتلىق ئۈچۈن نەق شۇنىڭغا ئوخشايدىكەن
5ئەۋلاتقۇ چىقماقچى بولۋاتقان تور غىمۇ چىققانتى ،بىراق بۇنداق مەتۇ،قوپال ئەمەس 5جىسى 4نىڭكىگە ئوخشاپ كىرىدىكەن توق ماۋۇ خەنزۇچە تىفۇن كەن بۇ ‹زاپەي›كەن خا خا
سەت كۈلىۋەتتىم. نىمە گەپتۇ دەپتىمەن تېخى.
ھەجەپ تەستە چۇشەندىم يا!
ئالما5 چەتئەلدە لاھىيىسىنى تۈزىۋاتقاندا. مەملىكىتىمىزدە سىتىشنى باشلىۋىتىپتۇ دىسە….. ئالمىنىڭ ئىنژىنىرلىرى ئىش تاشلايدىغان بولدى ئەمدى….
ھى ھى ھى پىنھانمۇ ئالمىغا قىزىقىپ قاپتۇدە.
بارمۇ سىز خانىم . كىرىپ تۇرۇڭ .
بۇ يەرنى قىزىتىۋېتىپسىلەرغۇ…
ئادەمنى ژىغلىتىدىكەنغۇ ماۋۇلار