يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى:ئىيۇن - 20 - 2011 10 ئىنكاسلىق

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ سىناقنى فىرانسىيىلىك بىر ئالىم تۈزۈپتۇمىش. مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنىڭىزنى يېزىپ چىقىپ بىر بىرىگە قوشۇڭ. مانا مۇنداق:
ئەگەر سىز 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان بولسىڭىز
1+9+7+8+8+2+3=38
3+8=11
1+1=2
2 سىزنىڭ رەڭگىڭىز بولىدۇ.
1= قىزىل. 2=كۆك، 3=يېشىل، 4=كۆك، 5=ئاق. 6=سېرىق، 7=ئاپېلسىن رەڭ، 8=قارا، 9= بىنەپشە.

قىزىل : قىزغىن، قارام
ھېسياتچان، ئاتەشتەك قىزغىن، قىزغىنلىقىڭىز بىلەن ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى ئوڭايلا ئېرىتەلەيسىز. بەزىدە ئۆزىڭىزنى باسالماي قېلىپ باشقىلارغا يامان كۆرۈنۈپ قالىسىز. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىڭىزمۇ ئوڭايلا بويسۇندۇرالايسىز، يىقىلغان يېرىڭىزدىن ئاسانلا تۇرۇپ كېتەلەيسىز

كۆك : باشقىلارغا ياردەمنى بېرىشنى ياقتۇرىدىغانغان ئەقلىي پەرىشتە.
قائىدە پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇپ ئېغىر بېسىقلىق ۋە ئەقلىيلىك بىلەن ئاسانلىقچە خاتالىق ئۆتكۈزمەيسىز. ۋەزمىنلىكىڭىز تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئاسان ئېرىشىسىز، ئېھتىياتچان بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاز سۆزلەپ كۆپ ئىشلەيسىز، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئوڭايلىقچە ئىپادىلەپ چىقمايسىز، زىيادە سوغۇققانلىق سەۋەبىدىن كىشىلەرگە سوغۇق ھەم ئېغىر تەسىر بېرىسىز.

يېشىل : يۇمىلاق تاۋۇز
ئېنىق خارەكتىرىڭىز يوق، ئېقىمغا ئەگىشىپ ئۆزئالدىڭىزغا كۆز قارىشىڭىز يوق. ئۆمرىڭىزنىڭ بوران چاپقۇنلاردىن خالى. ئاددى، تېپتنىچ ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. گەرچە خارەكتېرىڭىز كۈچلۈك بولمىسىمۇ، قانائەتچان، تېنىچلىقپەرۋەر سىز. ئەمما تۇرمىشىڭىزدا داۋالغۇش بولۇپ قالسا بىر تەرەپ قىلىشتا ئوڭاي قىينىلىپ قالىسىز.

ئاق: ساددا خىيالپەرەس
قەغەزدەك ئاق، ساددا. كۈندە ئۆزىڭىز توقۇۋالغان خىيالى دۇنيادا ياشايسىز.ھېسياتىڭىز ئەقلىڭىزنى كونترول قىلىدۇ. كەيپىياتىڭىز ئوڭايلا مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، خىيالنى ئازراق سۈرۈڭ.

سېرىق: ھەممىگە كۈلۈپ باقىدىغان ئوماق ئەخمەق
تۇغۇلۇشىڭىزدىنلا شادىمان، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تەغدىردىمۇ، « مەندىن ئېگىزلەر تىرەپ تۇرىدۇ» دەپ تېگىدە خاتىرجەم مانتا يەيدىغانلاردىنسىز. ناتونۇش نەرسىلەرگە بولغان قىزىقىشىڭىز ئالاھىدە كۈچلۈك، زادى بىردىن باشتىن ئۆتكۈزۈپ قىزىقىشىڭىزنى باسمىغىچە بولدى قىلمايسىز. ئەگەر بىرەرسى سىزنى بۇنىڭدىن توسىماقچى بولسا جان جەھلىڭىز بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىسىز. بەزىدە بەك جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالماڭ، باشقىلارغا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ پىكرىگىمۇ ئانچە مۇنچە قۇلاق سېلىپ قويۇڭ.

ئاپىلسىنرەڭ: تايىنىپ كۆنۈپ قالغان بوۋاق
مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان كىچىك بالىغىلا ئوخشايسىز. مەڭگۈ يېنىڭىزدا بىرەرسىنىڭ بولۇپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېھتىياجلىقسىز. باشقىلارغا زىيادە تايىنىۋالىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن دوستلىرىڭىزغا ئىچ باغرىڭىزنى بىراقلا تۆكىسىز

قارا رەڭ كۆپ خارەكتېرگە ئىگە كىچىك ئالۋاستى
سىز كۆپ خىل خارەكتېرگە ئىگە. بىردەم پەرىشتىدەك، بىر دەم ئالۋاستىدەك. ئىش بېجىرىش، چۈشىنىش، ئىجىتىمائىي ئالاقىگە ماھىر بولۇپ، باش كۆتۈرۈش سىز ئۈچۈن قىيىن ئەمەس، بىراق بەكلا يىراق نىشاننى قوغلىشىپ تۇرىۋېلىپ بىر ئۆمۈر چۈش ئىچىدە ئۆتۈشىڭىز مۈمكىن.

بىنەپشەرەڭ : يىراقنى كۆزلەيدىغان تەپەككۇرچى
بىرەر ئىشقا يولۇققاندا دەماللىققا ھۆكۈم چىقارمايسىز، ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى، سەۋەب نەتىجىسىنى ئوبدان تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قارار چىقىرىسىز، ئۆزىڭىزگە قاتتىق ئىشىنىسىز، ھايات نىشانىڭىزنى بالدۇرلا بېكىتىپ قويغان بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشماي كۈرىشىسىز، بىراق تىرىشچانلىقلىرىڭىزنىڭ بىكارغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بەزىدى يول قويۇپ ۋاز كېچىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ.

تۈگىدى.

10 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. ئەلشات مۇنداق يازغان:

    ۋاھ ۋاھ ۋاھ! ئالامەت توغرا چقىتىيا توۋا!!!!!!!!! شۇنداقمۇ توغرا چىقامدۇ دەيمەن، مەن ھىسابلىسام 4 چىقتى،

  2. ئەلشات مۇنداق يازغان:

    مەن خاتا ھىسابلىمىغاندىمەن. مىنىڭ 35 چىقتى جاۋابى. بۇنى قانداق قانداق ھىسابلايمىز

  3. سىرداش مۇنداق يازغان:

    ئاۋۋال دىۋاندا ئولتۇرىۋالاي!!!
    ئاندىن كىيىن سۆزۈمنى ئېيتاي:بەزىبىر تەڭشەشلەر تۈپەيلى بىكەت logo ئاددىرىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم، مالال كۆرمەي تەڭشەپ قويۇشىڭىزنى خىجىللىق بىلەن سورايمەن!!! logo ئاددىرىسىhttp://sirdash.com/logo.gif

  4. Miss مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ كۆك چىقتى،ھەر ھالدا تەڭدىن تولىسى توغرىكەن.

  5. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    سېرىق قېنى؟

  6. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ھەممىگە كۈلۈپ باقىدىغان ئوماق ئەخمەقمىكەنمەننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننن

  7. بىلىملەر تورى مۇنداق يازغان:

    بىلوگىڭىز بىلىملەر تورىنىڭ داڭلىق بلوگ قاتارىغا قوشۇلدى، خالىسىڭىز بىزنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز.

  8. نۇسرەت مۇنداق يازغان:

    بەك توغرا چىقتىغۇ بۇ ھەيران قالدىم،بىرەسى توغرا بولغان بولسا ھەيران قالمايتتىم بىراق ئۈچىمىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ خاراكتىرىگە يېقىنلا بىر نىمىلەرنى دەۋاتىدۇ؟ قانداق ئىلمى ئاساسى باركىنا؟