نوبىل مۇكاپاتى بولسا ، شىۋىتسىيەلىك خېميە ئالىمى ئېفىرىي نوبىلنىڭ ئىسمى بىلەن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات . ئېفىرىي نوبىل بولسا تونۇلغان خېمىيە ئالىمى بولۇپ ، 1833 – يىلى ئۆكتەبىردە ، شىۋىتسىيەنىڭ سىتوكھولىم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كەشپپىياتلارنى ئىختىرا قىلغان . ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە 355 خىل پاتنىت ھوقوقىغا ئىرىشىپ ، ياۋورپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 قىتئە ۋە 100 ئارتۇق دۆلەتلەرنىڭ زاۋۇت ۋە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، غايەت زور سوممىلىق مەبلەغكە ئىگە مىليونىرغا ئايلانغان . كەشپىياتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغىنى «بىخەتەر پارتلاتقۇچ دورىسى» بولۇپ . ئۇ بۇ كەشپىياتى بىلەن «پارتىلاتقۇچ دورىسى پادىشاھى» دىگەن نامغا ئىرىشكەن .
نوبىل 1896 – يىلى ئىتالىيەدە ۋاپات بولغان بولۇپ ،نوبىل ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا قالدۇرغان ۋەسىياتنامىسىگە ئاساسەن ، 1900 – يىلى ئىيۇندا شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىنڭ تەستىقى بىلەن نوبىل فوندى جەميىتى قۇرۇلۇپ ، 1901 – يىلى 10 – دېكابىردا يەنى نوبىلنىڭ ۋاپاتىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنىدە تۇنجى نۆۋەتلىك نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىلغان . شۇ كۇندىن باشلاپ ، جاھان ئۇرۇشلىرى ۋاقتىدا ئۈزۈلۈپ قالغاننىڭ سىرتىدا ھەر يىلى 10 – دېكابېردا شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىم بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلۇدا ھەيۋەتلىك مۇكاپات تاپشۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ .
يەنە نوبىل ۋەسىيىتىدە ، نوبىل مۇكاپاتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بايلىقىنىڭ بىر قىسىمى يەنى 92 مىليۇن ئامرىكا دوللىرى ئاجىرىتىشنى ، ھەر يىلى شۇ بايلىقنىڭ شۇ يىللىق ئۆسۈمى – تەخمىنەن 2 مىليۇن دوللار بىلەن ، فىزىكا ، خېمىيە ، مىدىتسىنا بىئولوگىيە ، ئەدەبىيات ، تىنىچلىق ئىشلىرى قاتارلىق پەنلەرد ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ۋە تەرەقىقىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ، تەتقىقاتچى – ئالىملارنى مۇكاپاتلىشىنى ۋەسىيەت قىلغان بولۇپ ، 1968 – يىلى شىۋىتسيە مەركىزى بانكىسى بانكا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىق مۇناسىۋېتى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ سىياسىي – ئىقتىساد كەسپىنىمۇ نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش دائىرسىگە كىرگۈزگەن شۇنداقلا 1969 – يلىدىن باشلاپ ئەسلدىكى تۆت ساھەگە نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىشتىن فىزىكا ، خېمىيە ، مىدىتسىنا بىئولوگىيە ، ئەدەبىيات ، تىنىچلىق ئىشلىرى ، سىياسىي – ئىقتىساد قاتارلىق 5 پەنگە كىڭەيتكەن .
نوبىل مۇكاپاتى قايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
1900 – يىلى 29 – ئىيۇن شىۋىتسىيەدە ، نوبىل فوندى جەمىيىتى قۇرۇلۈپ ، نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىنى تاللاش ۋە مۇكاپات تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈسىتگە ئالغان بولۇپ ، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دائىرسى ھازىرچە ، فىزىكا ، خېمىيە ، مىدىتسىنا بىئولوگىيە ، ئەدەبىيات ، تىنىچلىق ئىشلىرى ، سىياسىي-ئىتقىساد(كىيىن قۇشۇلغان) قاتارلىق پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
نوبىل مۇكاپاتىنى كىملەر باشقۇرىدۇ ؟
نوبىل مۇكاپاتىنى شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى تارمىقىدىكى نوبىل مۇكاپاتىنى باشقۇرۇش كومتىتى باشقۇرىدۇ . فىزىكا ، خېمىيە ۋە ئىقتىساد پەنلىرى نوبىل ماكاپاتىنى «شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىيمىسى» تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ . مىدىتسىنا – بىئولوگىيە پەنلىرى نوبىل مۇكاپاتىنى «سىتوكھولىم مىدىتسىنا ئاكادىيمىسى تەتقىقات مەركىزى» تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ . نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى «شىۋىتسىيە ئەدەبىيات تەتقىقات مەركىزى» تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ . نوبىل تنىچلىق مۇكاپاتىنى «نورۋىگىيە پارلامىنتى»دىن تاللانغان بەش نەپەر ھەيئەت ئەزا، «شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىيمىسى» گە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ .
قىلغان تەرجىمەمدە خاتالىق بولۇشى مۇمكىن ، تۈزۈتۈپ ئوقارسىلەر . سەۋىيىنىڭ چەكلىكى تۈپەيلىدىن ئاز بىر قىسىمىلا تەرجىمە قىلىندى . كەسپىي تەرجىمانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .