يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ماي - 2 - 2011 10 ئىنكاسلىق

سېستىمىدىن چاتاق چىققاندا كومپىيۇتېرغا سېستىما قاچىلاپ ، ئاۋاز كارتىسى ، سىن كارتىسى ، ۋە باشقا قاتتىق دىتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى قاچىلاش ، كىرەكلىك بولغان يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاش شۇنداقلا سېستىمىنى ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان ساھەگە نىسبەتەن بىرمۇ – بىر تەڭشەپ ، توختاتقۇدەك ئارتۇقچە مۇلازىمەتلەرنى توختىتىپ ، ئىجرا قىلىدىغاننى ئىجرا قىلىپ يۈرۈش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئالىدىغان بىر جەريان . GHOST (ئالۋاستى دىگەن مەنىدە) دىتالى بۇ ئاۋارىچىلىقلارنى بىزگە ھەل قىلىپ بېرىدۇ . بىز سېستىمىنى قاچىلاپ ئۆزىمىز رازى بولغان ھالەتكە ئەكەلگەندىن كىيىن ، سېستىما رايونىنى زاپاسلىۋېلىپ ، كىيىن سېستىما بۇزۇلغاندا مۇشۇ زاپاسلىۋالغان سېستىما رايونىنى ياندۇرساقلا بولىدۇ ، باشتا سېستىما قاچىلغاندەك ئاۋارىچىلىق تارتىشنىڭ ئورنى يوق . پەقەت ، زاپاس ھۆججەتنى ياندۇرۇش بۇيرۇقىنى بىرىپ قۇيۇپلا ئولتۇرساق ، زاپاس ھۆججىتنى قايتۇرۇپ بولغاندا كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپلا ، تەييار تەڭشەلگەن سېستىمىنى ئىشلەتسەكلا بولىدۇ .
تۆۋەندە GHOST نى ئىشلىتىش جەريانىنى رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز .

GHOST نى قوزغىتىش
GHOST دىتالىنىڭ قوزغالغاندىن كىيىنكى كۆرۈنۈشى . OK كۇنۇپكىسىنى چەككەندىن كىيىن ئاساسىي ئىقتىدار رايونىغا كىرىدۇ

ئاساسىي ئىقتىدار رايونى

تىزىملىكلەر چۈشەندۈرۈلۈشى :
local : يەرلىك مەشغۇلات . يەنى مەزكۇر كومپىيۇتېر قاتتىق دېسكىسىغا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش
Peer to peer : دائىرلىك توردىكى نىشان كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش
GhostCast : دائىرلىك توردىكى بارلىق كومپىيۇتېرلارنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش
Option : زاپاسلاش دىتالى Ghsot نىڭ بەزىبىر تەڭشەكلىرى (ئەسلى تەڭشىكى تەۋسىيە قىلىندۇ)
Help : قىسقىچە ياردەم
Quit : چېكىنىش

سېستىما زاپاسلاش ۋە ياندۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش
Local->Partion تىزىملىكىدىكى بۇيرۇقلا ھەققىدە چۈشەندۈرۈش
To Partion : كۆرسىتىپ بېرىلگەن رايوندىكى بارلىق مەزمۇنلارنى باشقا رايونغا كۆچۈرۈش
To Image : بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ رايونلارنىڭ زاپاس ھۆججىتىنى قۇرۇش
From Image : سېستىما زاپاس ھۆججىتىنى ياندۇرۇش

سېستىما زاپاسلاش :
To Image نى چىكىمىز

كومپىيۇتېردىكى قاتتىق دېسكىنى تاللايمىز (ناۋادا بۇ كومپىيۇتېرغا قاتتىق دېسكىدىن ئىككىسى سەپلەنگەن بولسا ئىككى خىل قاتتىق دېسكىنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ )

زاپاسلىماقچى بولغان رايوننى تاللايمىز

كۆپ رايوننى تاللاشقىمۇ بولىدۇ

زاپاس ھۆججىنى ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز (زاپاسلانغان رايوننى تاللاشقا بولمايدۇ)

زاپاس ھۆججەتكە ئىسىم بەلگىلەش

بوشلۇق يىتىشمىگەنلىك ئەسكەرتمىسى : زاپاس ھۆججىتىنى قىسامسىز (سىغىمىنى كىچىكلىتىش)

بوشلۇق يىتىشمىگەنلىك ئەسكەرتمىسى : زاپاس ھۆججىتىنى بىر قانچە رايونغا بۆلۈپ ساقلامسىز ؟

زاپاس ھۆججىتىنى بىر قانچە رايونغا بۆلۈپ ساقلاش

زاپاس ھۆججىتىنىڭ سىغىمىنى قىسىپ ساقلاش (NO نى باسسىڭىز ئەسلى سىغىم بويىچە ساقلايدۇ)

زاپاسلاش مەشغۇلاتى

سېستىما زاپاس ھۆججىتىنى ياندۇرۇش

From Image نى چىكىمىز

سېستىما زاپاس ھۆججىتىنى تاللايمىز

زاپاسلىغاندا كۆپ رايوننى زاپاسلىغان بولساق ، بۇ يەردە كۆپ تىزىملىك كۆرۈنىدۇ ، ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق رايوننى تاللايمىز (ئادەتتە OK نى بېسىپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ)

زاپاس ھۆججەتنى ياندۇرماقچى بولغان قاتتىق دېسكىسنى تاللايمىز(ناۋادا بۇ كومپىيۇتېرغا قاتتىق دېسكىدىن ئىككىسى سەپلەنگەن بولسا ئىككى خىل قاتتىق دېسكىنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ )

زاپاس ھۆججەتنى ياندۇرماقچى بولغان رايوننى تاللايمىز

راستىنلا ئەسلىگە قايتۇرامسىز ؟

ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەتلەڭ ، ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ماقۇللىقىمىزنى ئالغاندىن كىيىن ، مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ ئىشلىتىڭ

10 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. مۇخپۇل مۇنداق يازغان:

    ھەي ئاغىينە رەسىمنى ئېكراندىن قانداق تۇتتۇڭ،ئاپپاراتتا تارتمىغانسەن ھە

    • پىنھان مۇنداق يازغان:

      مەۋھۇم كومپىيۇتېردىن پايدىلاندىم ، ھېلى ياكى ئەتە بۇ مەۋھۇم كومپىيۇتېر ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىمەن .

  2. مۇخپۇل مۇنداق يازغان:

    ئۇستازلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تارقىتىدىغان بىلىملىرىگە تەشنامىز

  3. مۇخپۇل مۇنداق يازغان:

    ھا ھا ھا ھا

  4. نۇرئابلا مۇنداق يازغان:

    ئۇستازلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت بۇندىن كىيىنمۇ بىلدىغانلارنى ئايىماي بىللە ئۈگىنەيلى

  5. ئاتەش مۇنداق يازغان:

    بۇ دەرسلىكىنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرۈپ ئىشلەتسەك بولارمۇ؟ مەكتىپىمىزنىڭ تور بېتىنىڭ «ئۈگۈنۈش سەيناسى» دېگەن سەھىپىسى بار ئىدى.

  6. ھەۋەسكار مۇنداق يازغان:

    مەزكۇر دەرسلىكنى كۆچۈرۈپ كومپيۇتېرىمدا ساقلاپ قوياي دېگەن ئىدىم، ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ساقلىۋالسام بولارمۇ؟