يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى:ئۆكتەبىر - 4 - 2011 3 ئىنكاسلىق

بىرىنچى قىسىم

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى تور دۇنياسىدا قىززىق نۇقتىلارنىڭ بېرى بولۇپ كىلىۋاتقان ئاتالمىش >>شەكىل نەزىرىيىسى << نىڭ داۋراڭلىرى ئاز بولمىدى ، ھېلىھەم شۇ داۋراڭلار پەسكويغا چۈشكىنىمۇ يوق .فىزىكىنىڭ نىمىلىكىنى دەپ بېرلمەيدىغان ھەم ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ، تىپىك ئىجتىمائى پەن ساھەسىگە تەۋە ئەدىبتىن بىرسى چىقىپ قاتتۇرۇپ ماقالىدىن بىرنى يېزىۋېدى ، ھەممەيلەن ھاياجان ئىلكىدە ئۇ نەزىريىنىڭ قانداق نەزىرىيە ئىكەنلىكىنىمۇ سۈرۈشتۈرمەيلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدۇق . ئۇيغۇرغا كېلىدىغان نوبىل مۇكاپاتىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىدۇق . كەم دىگەندىمۇ 4~5 يىل ھاياجان ئىچىدە ساقلىدۇق . ئەمما بۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دىيارىمىزغا كەلمىكى بەكمۇ قىيىن بولدى . نەچچە مىڭلىغان ئادەمنى تەلمۈرتكەن نوبىل مۇكاپاتى بىزلەرگە ئۇچۇق چىراي ئاچمىدى . ئەمدى بىلدۇقكى ، نوبىل مۇكاپاتى دىگەن قۇرۇق ھاياجان ، خام خىيال قىلغانغا بېرىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ . ئۇنداقتا شەكىل نەزىرىيىسى قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىتىپ تۇرۇپمۇ نومۇس قىلماي ، ئەتراپىغا شايكا توپلاپ ھەقىقىي بىلىم ئەھلىلىرىنى ھاقارەت قىلىۋاتقان مەزكۇر جاناپ كىم ؟ تۆۋەندە بۇ توغىرلىق ئازراق پاراڭ قىلماقچىمىز . بۇ ماقالىدا بەزىلەرنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشۇم مۇمكىن ئەمما شۇ گەپلەرنى دىيىش تولىمۇ زۆرۈر ھىسابلىدىم .
«شەكىل نەزىريىسى» دىگەن بۇ نەزىرىيە غۇلجا شەھەرلىك دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پىنسىيونىرى بولمىش قاسىم سىدىقنىڭ تەۋەللۇتى بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئاتالمىش «نەزىرىيە»دۇر . ئۇنداقتا نەزىرىيە دىگەن نىمە ؟ نەزىرىيە دېگىنىمىز ، قايتا – قايتا تەجىربە ۋە ئانالىزلاردىن كىيىن چىقىرىلغان يەكۈندۇر . ئۇنداقتا مەزكۇر شەكىل نەزىريىسى تەجىربە ۋە ئانالىزلاردىن كىيىن ئوتتۇرغا چىققانمۇ ؟ قاسىم سىدىق قانداق تەجرىبە ئىشلىگەن ؟ «ئېغىش ھادىسىسى» تەجرىبىسى قانداق تەجىربە ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ «ئېغىش ھادىسىسى» تەجرىبىسى دىگەن تەجىربە قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل نەزىريىسىنى ئىسپاتلاپ چىققىنى يوق ، بەلكى شەكىل نەزىريىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر تەجىربىدۇر . شۇنداقلا بۇ تەجىربىنىڭمۇ نەتىجىسى كەسكىن ھەم ئېنىق ئەمەس . تەجىربىدە يەنىلا خاتالىق ۋە خاتالىق پەرقى ساقلانغان بولۇپ ، تەجىربە ئېلىپ بېرىش باسقۇچلىرى ۋە تەجىربە ئېلىپ بېرىش شارائىتى ساۋاتسىزلارچە پىلانلانغان بىر مېيىپ تەجىربىدۇر . شۇنى تولۇق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى ، قاسىم سىدىقنىڭ بۇ ئاتالمىش نەزىرىيىسى ھىچقانداق تەجىربە ئاستىدا بارلىققا كەلمىگەن ، پەقەت قاسىم سىدىقنىڭ ئەدەبىي ئەسەلەر ئۈچۈن تولىمۇ ماس كېلىدىغان تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئوتتۇرغا چىققان . دېمەك بۇ ئاتالمىش «شەكىل نەزىرىيە» سىنى ، نەزىرىيە بولۇپ پۇت تىرەپ تورۇش شەرتىنى ھازىرلىيالمىغان ئەھۋال ئاستىدا «شەكىل سەپسەتە» سى دەپ ئاتاشقا مەجبۇرمىز ھەم شۇنداق ئاتاش ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىقتۇر شۇنداقلا تۆۋەندە شۇنداق ئاتايمىز .
«شەكىل سەپسەتە»سىنىڭ مۇشۇنداق غۇلغۇلا قوزغىيالىشى ھەتتا نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تەشۋىق قىلىنىشىدىكى سەۋەپ زادى قەيەردە ؟
بىرىنچىدىن ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى مۇشۇ تەشۋىقاتنى ئۇرۇنلاشتۇرغان خادىملاردىن تارتىپ ، قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغىرلىق ئوچرىك يازغان تالانتلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرمۇ ، فىزىكىدىن خەۋەرسىز كىشلەردۇر ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ياخشى ھىكايىلىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن ، بىز ئەلۋەتتە قايىل . مۇساپىرلار قاۋىقى ، بۇرۇت ماجىراسى ، ساراڭ …. قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ھەقىقىي بىر يازغۇچى بولۇشقا لايىق ئەدىپتۇر . بىراق شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كىرەككى، مەمتىمىن ھوشۇر فىزىكىچى ئەمەس . فىزىكا قانداقتۇر تەسەۋۋۇرلار ئاستىدا روياپقا چىقىدىغان ئەدەبىي ئەسەرمۇ ئەمەس . فىزىكا دىگىنىمىز يۇرتقا تۇغقان يوقلاپ بارغاندا باراڭ ئاستىدا دۇتتار چالغاچ خاتىرىگە قوندۇرۋالدىغان سۆھبەت خاتىرسىمۇ ئەمەس . فىزىكا بولسا بىر ئەمەلىي پەن . فىزىكىدىكى بارلىق نەزىرىيىلەر قايتا – قايتا قىلىنغان تەجىربىلەردىن كىيىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان . بىراق بۇ سەپسەتە مەمتىمىن ھوشۇردەك تالانتلىق يازغۇچىلار تەرىپىدىن ژۇرناللاردا تەشۋىق قىلىنغاندىن كىيىن جەمىيەتتە غۇلغۇلا بولۇپ كەتتى ، ھەممەيلەننىڭ بىردەك ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن يازغۇچىنىڭ بۇ ئوچرىكى نۇرغۇن كىشلەرنى ئىشەندۈردى . ھەتتا ئۈرۈمچى تېلېۋېزىيە ئىستانىسىدەك نوپوزلۇق تېلېۋېزىيە ئىستانىسى بىر تۈركۈم ئىجتىمائى پەنچىلەرنى يىغىپ فىزىكا ۋە شەكىل سەپسەتىسى توغرىسىدا قاسىم سىدىق ۋە ئۇنى گۇپپاڭچىلىرىنى زىيارەت قىلدى .( ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغىنى شۇكى فىزىكا توغىرلىق ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ۋە قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل سەپسەتىسىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي پەنچىلەردۇر.) دىيارىمىزدا تېلۋېزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ نوپوزىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇشى سەۋەپلىك كىشلەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق ھاياجان دولقۇنى يېتىپ كەلدى .
ئىككىنچىدىن ، قاسىم سىدىق ئەتراپىغا يىغىۋالغان شاگىرتلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى تەسەۋۋۇرغا باي كاللىىسى بىلەن ، قارىماققا ناھايتى ئورۇنلۇق گەپلەر بىلەن ساددا كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن خېلىلا كۈچىدى . بەس بەس بىلەن قاسىم سىدىقنى ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسىنى مەدىھلەيدىغان ماقالىلارنى يېزىشىپ ، قاسىم سىدىقنى ھەتتا نىسبىيلىك نەزىريىسىنى پۇتلاپ يىقىتۋېتىدۇ دىيىشتىنمۇ يانماي ، ھارغۇچە نومۇسسىزلىق قىلىشتى . قاسىم سىدىققا ئوخشاش خەنزۇ ئەلپەنچى(يالاڭئاياق تەتقىقاتچى)لەرنىڭ تۇتامى يوق ماقالىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ كىشلەر چۈشەنمەيدىغان گەپلەر بىلەن باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇشقا باشلىدى . قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنى بولسا كۆرەلمەس ، ئىچى قوتۇر ، ساختا ئىلىمدار دىگەن تۆھمەتلىرى بىلەن ئۇچىرغانلا يەردە ئازار قىلدى ھەتتا ئۇچراپ قالسا پاچىقىنى چاقىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈشتى . قارىغاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ نەزىريىسىنى زورلاپ ئىتىراپ قىلغۇزسا كېرەك .
ئۈچىنچىدىن ، قايسى بىر تور بەتتە قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغىرلىق گەپ بولۇپ ، پىكىر بېرىلگەن ھامان ئاللىقاياقلاردىندۇر قاسىم سىدىقنىڭ بىر توپ ئەگەشكۈچىلىرى نەسلى ئىسىل ئاپشاركىدەك پۇراپ تېپىپ كېلىدۇ دە ، تەشكىللىك ھۇجۇمنى باشلايدۇ . ئەيھانناس ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان تاكتىكىسىغا قارسىڭىز غەزەپلەنمەي تۇرالمايسىز . ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاش ، ئۇششۇقلۇق قىلىپ يىغلاش ، خۇمسىلىق قىلىپ تېنىۋېلىش ، پەسكەشلىك قىلىپ يېنىۋېلىش ، ئەبگالىق بىلەن چىشىغا تىگىش ، چاپلىشۋېلىپ يېنىغا كېلىش …. قاتارلىق خىلمۇ – خىل ئىپلاس تاكتىكىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆز بوياشقا شۇنچىلىك ماھىركى ساددا كىشلەرنى ئاسانلار قاپقانغا چۈشۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشۋالىدۇ . مەسلەن : بىلىكيار ، ئۆركەش ، ھەۋەسكار … قاتارلىق بىر قانچەيلەننىڭ ئادەمنىڭ غىدىقى كەلگۈدەك دەرىجىدە خوشامەتچىلىك قىلىپ دوست تارتىشىپ كېتىشى ۋە ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىگە نۇمۇسسىزلارچە ھۇجۇم قىلىشى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ .

مانا مۇشۇ جەرياندا مەزكۇر شەكىل سەپسەتىسى تەتقىقاتى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۈلگۈردى . ئەمما ھازىرغا قەدەر نەتىجە چىققىنى يوق . بىز يەنە قاچانغىچە ساقلايمىز ؟ باشقىلارنىڭ مىللى ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ئادەم ئالداپ يۈرگەن ساختا ئىلىمدارلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە تەخىر قىلىپ تۇرامدۇق ؟
بولدى بەس !!! قاسىم سىدىق . سەپسەتىڭىزنى بازارغا سېلىپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇشتىن توختاپ قىلىڭ . ئىززىتىڭىزنى قىلغاننى بىلىڭ . مۇشۇ يەرگىچە بولسا يىتەر . ئۇيغۇرغا قىلغان ساختىلىقىڭىز ھامان ئاشكارا بولىدۇ . نەتىجە چىقمايدىغانلىقىغا كۆزىڭىز يىتىپ ۋاقىتنى سوزۇپ جاھىللىق قىلىپ ، سەپسەتەمنى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالساملا ھەممە ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلامسىز ؟

ئىككىنچى قىسىمى داۋاملىق يېزىلىدۇ ….

نۇمۇسسىزلىقتا ئۇچىغا چىققان بولسىڭىزمۇ ؟ يازمامنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ . يازمىلىرىم مۇزات بىلوگى ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىگىلا خاس .

3 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. ئىزدىنىمەن مۇنداق يازغان:

    مۇنازىرە بەك تېيز بولاپ قاپتۇ قۇناخۇن! سىزگە قاسىم سىدىق ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىنىڭ سوئاللىرى گۈلدەردە يېغىپ كىتىدىغان بولدى.
    بىزدە فىزىكىدا ئوقۇيدىغان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىلىملىك كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئۇرۇمچىدىمۇ نۇرغۇنى بار ئىدى. ئەمما ئۇلار سۈكۈتتە تۇرىۋالدى، مەن سەۋەبىنى ھېچ ئاڭقىرىپ بولالمىدىم، ئۇلار زادى نىمە ئۇچۇن سۈكۈتتە تۇرىۋالىدۇ؟ ئۇلار سۈكۈتتە تۇرۋالغاچقا بۇنىڭغا ئىجتىمائىي پەندىكىلەر، جامائەت ئەربابلىرى ئارلىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرغا قويغىنى پەقەت شۇ قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ بوشاشماس، ھارماس تالماس ئىزدىنىش روھى، شۇنچىۋالا جىق مەغلۇبىيەت ئالدىدىمۇ تىز پۈكمەي ئوتتۇرغا چققان پىداكارلىق روھىنى مەدىھلەش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا فىزىكىلىق باھالارنى بېرەلمىدى. ئۇيغۇرلارد تەبىي پەن ئەمدى تەرەققى قىلىپ مەلۇم نۇقتىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندا ئىېغىر بىر تۇيۇق يولغا قاراپ كىتىپ بېرىۋاتىمىز. دۇنيادا قاسىم سىدىق ئەپەندىدەك تەۋەككۈلچىلەر ئاز ئەمەس، ئەمما كۆرىنەرلىك نەتىجىگە ئىرىشكىنى يوق دىيەرلىك. ھەتتا ئۇنىڭ ئىچىدە مۇنچە ئادەم بىلەن بىرلىشىپ يازغان ماقالىسىنى تەھرىلەپ تورغا ئېسىپ قويغانلىرىمۇ بار، 40-50 يىلنىڭ ياقى بۇ ماقالىلەر بىرەر خەلقئارالىق شۇرناللارنى قايىل قىلىپ قۇبۇل قىلىپ باققىنى يوق. ھەقسىز بولغان، باشقىلارنىڭ پىكىر بىرىشنى ساقلاپ تۇرغان ئىلم پەنگە ئائىت ماقالىلەر تور بەت ئامبىرىدا ئېسىقلىق تۇرماقتا.
    ئىچكىردە قاسىم سىدىق ئەپەندىدەك تەتقىقاتچىلارمۇ ئاز ئەمەس.مەن تۇرىۋاتقان بۇ جوڭگونىڭ ئەڭ چوڭ نەزىرىيە قىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدىمۇ پات پات پىروفىسورلارنىڭ ئىشخانسىنىغا پەيدا بولۇپ قالىدۇ. فىزىكىدا ئوقۇغان ئالى مەكتەپ مەلۇماتىمۇ يوق. دىھقان، ئاگرىنوم، شائىر، يازغۇچى دىگەندەك كىشىلەر. بۇنداق ئىزدەپ كەلسە مالىملارنىڭ بەك بېشى ئاغرىيدۇ. بۇ مالىملارمۇ ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەس، شۇ ساھەدىكى بەزى ئاكادىمىكلارمۇ بار. شۇنداق كىچىك پىئىل، بۇرۇن ناھايتى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ باقاتتى، ھازىر چورتلا قاچىدىغان بولدى. خاتامۇ دىمەيدىكەن، توغرىمۇ دىمەيدىكەن، قاچىدىكەن. قاچقىنى ئاكادىمىكلارنىڭ، پىروفىسورلارنىڭ قوسۇقىدا ئۇمۇچى يوق، چىرىپ مۇشۇ ساھاگە تۇقۇنۇپ كىرىۋالغانلارمۇ ئەمەس. خېىلى خېلى ئىناۋىتى بار ئادەملەر. ئۇنداقتا نىمىشكە قاچىدىغاندۇ، سەۋەبى بۇلارنى قەتئېي قائىل قىلغىلى بولمايدىكەن، ھە دىسلا ئۆزىنىڭ راست دەپ تۇرىۋالىدكەن، شۇنداق بىر ھاياجان ئىلكىدە. ئادەم ھاياجانلانسا ھېچنىمە كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان ، كۆز ئالدىدىكى ھەممىنى ئۇنتۇيدۇغان ئوخشايدۇ.
    شۇنداق قىلىپ بۇ بىزنىڭ پىروفىسورلار ئۇلاردىن قاچىدىغان، سۈكۈتتە تۇرىدىغان بولدى. ئەمما بۇپىروفوسۇرلار بۇخىل تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن بىر چوڭ باھانا، ئىلم پەندە چىرىكلەشكەن، قوسىقىدا ئۇماچ يوق، يېڭىلىق يارىتىشنى بىلمەيدىغان« نانقېپىلار» بولاپ قالدى.
    ئوتكەندە تۇيۇقسىز ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى نىڭ تورىدا ئالىم ئەركىن سىدىق مالىمنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ نەزىيەسىگە نىسپەتەن بەرگەن باھاسىنى كۆردۈم. ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ ناھايتى كەمتەرلىك بىلەن قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنش ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئاپرىن ئوقۇپتۇ. ئەمما بىر نەزىرىيەنى مۇشۇ ساھەسىدىكى كۈچلۈك كۈچلۈك دوكتۇر پىروفىسورلنى يىغىۋالغان تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنىڭغمۇ بۇنداق يەڭگىللىك بىلەن ئوتتۇرغا قويمايدىغانلىقى، قويسىمۇ بۇنىڭغا زور ئىسپاتلاش بولمىسا ئۇنىڭ خەلقئارادا ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقى توغرىسدا پىكىر بېرىپتۇ. ئاخىردا ھېچقانداق فىزىكا ئارقا كۆرۈنىشى بولمىغان بىر كىشىنىڭ بىر نەزىرىيەنى ئوتتۇرغا قويۇشى ھەم ئۇنى ئسپاتلاپ چىقىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرستىپ ئۆتۈپتىكەن. ئەمما قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئالىم ئەركىن سىدىقنى كەسپى نەزىرىيە فىزىكىسى ئەمەس ، پەقەت بىر ئېنشىنىر دەپ بۇ تەكلىپنى بىر پۇڭغا ئالمىدىيۇ، قانداقتۇر ئەدىبىياتچى، جامائەت ئەربانلىرنىڭ پىكرىنى بېشىدىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قويۇپ يۈردى. بۇنىڭغا تولىمۇ ھەيران قالدىم ۋە قاتتقى ئېچىىندىم. بەلكىم بۇلار قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ قىلىقلىرى ئەمەس ئاشۇ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.
    ئۇنداقتا سەنمۇ فىزىك كەنسەن سەن نىمىش قىلدىڭ دەپ قالارسىلەر. راسىت گەپ قىلسام مەن بۇ نەزىرىيەنى ھازىرغىچە قىلچىلىك چۈشۈنەلمىدىم. قارىسا ئۇنداق قىيىندەك ئەمەس، ئەمما گەپ تولا، لوگىكا تولا . قاسىم ئەپەندى ئۆزى دىگەندەك بۇ نەزىرىيە قەدىمكى يۇناقلىقلارنىڭ كونا ئۇسلۇبى بىلەن پەلسەپە ۋە قىياس ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىدى. ئسپاتتىن يۈگۈرۈەپ سۆز ئاچىقىلى بولمايدۇ. مەندە بەلكىم لوگىكىلق تەپەككۈر ئاجىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما شۇنداقتىمۇ ناۋادا فىزىكا كەسپىگە تەجىربىگە ئائىت مەسىللەر بولسا ئۆز پىكرىمنى بېرىپ تۇردۇم. مۇشۇ كەمگىچە مىنىڭ ھېس قىلغىنىم قاسىم ئەپەندى بەرگەن پىكىرنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدىكەن، ئەمما بىلمىدىم نىمە سەۋەپتىن كىن بەزى بىر تەكلىپ پىكىر بۇ نەزىرىيەلەردە قىلچىلىكمۇ ئەكسى ئەتمىدى. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ قارشى تەنقىد تەكلىپلەرگە بولغان پوزىتىيىسى مىنى بۇ ئادەمدە بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسغا خاس روھ ۋە بۇرۇچنىڭ بارلىقىغا چىن پۈكتۈردى، مەن بۇ جەھەتتە قاسىم مۇئەللىمگە قايىل. ئەمما ئۈنىمى بولمىغان تەنقىدى پىكىرلەر ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم، خەيىر بۇمۇ ئۆز جايىنى تېپىپ ئالار.
    ئۈرۈمچىدە فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ بۇ نەزىرىيەگە سۈكۈتتە تۇرغان ئۇستازلاردىن بەكمۇ ھەيران قالدىم. ئۇستازلار سۈكۈتتە تۇرمىسا بەلكىم بۇ قاسىم ئەپەندىگە تېىخىمۇ پايدىلىق بولار ئىدى، نەزىريىەسىنى تېخىمۇ توغرا يولغا قارىتىپ تەرەققى قىلار بولغىيىتى. ئۇيغۇر جەمىيىتى مۇشۇنداق فىزىكىنى تۇللۇق چۈشەنمەيدىغان بىر توپ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ، تەۋەككۈلچىلەرنىڭ مۇنازىرە سۇرۇنىغا ئايلىنىپ قالماس بولغۇيتى.
    بۇ يەردىكى ئاكادىمىكلارنىڭ ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار(بۇدىگىنىم كەمسىتىش ئاتالغۇسىدا دىگىنىم ئەمەس، بەلكى بىرەر تەتقىقات ئورنىغا تەۋە ئەمەس،ئۆيىدە ياكى جەمىيەتتە تۇرۇپمۇ ئىشتىن سىرىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى كۆزدە تۇتقۇنۇم ) پوزىتىيىسگە قاراپ، ئۇستازلىرىمىزنىڭ مۇ شەكىل نەزىرىيەسىگە تۇتقان پوزىتىيىسىنىڭ سەۋەبىنى ئازراق ھېس قىلىپمۇ قالدىم. بۇ نەزىرىيەنى ئسپاتلاپ تۇرغۇزىشتىن رەددىيە بېرىپ ئاغدۇرماق قىيىن ئوخشايدۇ. بولمىسا بىزدىمۇ خلى خېلى ئوقۇغان ئۇستازلىرىمىزمۇ بار، خېلى ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدۇ. چۇشەندۈرۈپ بولالماسلىقىدن ئەنسىرەپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن ئوخشايدۇ.
    ئەمما مەن توختىمايمەن، قاسىم سىدىق ئەپەندى ۋە ئەگەشكۈچىلەر قاچانغىچە تۈزۈك بىر ماتىماتىكىلىق مودىلى بار نەزىرىيە تۇرغۇزمىغىچە مەن پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرىمەن. قاچان ماتىماتىكىلق مودۇلى تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن مەن ئاندىن بۇ نەزىرىيەنى ھەقىقى بىر نەزىرىيە ھىساپلاپ ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقى ئۇستىدە ئىزدىنىمەن.
    خەيىر قاسىم سىدىق ئەپەندى ، ئامان بولۇڭ!

  2. تىمتاس مۇنداق يازغان:

    بۇ تېمىنى يازغان پىنھانمۇ ياكى قوناخۇنمۇ؟بۇ بىلوگ زادى قايسىڭلارنىڭ ۋە ياكى ئىككىڭلار بىر ئادەممۇ؟