يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئىيۇن - 10 - 2011 3 ئىنكاسلىق

چىرايىنى ئېنىق كۆرمىگەن بولساممۇ ، بىرسى قولۇمنى تۇتۇپ يېتىلەپ ماڭماقتا ئىدى . نېمىشقىكىن مەنمۇ ئۇن تىنسىز ئەگىشىپ ماڭماقتا ئىدىم . شۇ ماڭغانچە بىر يانتۇلۇققا كېلىپ يۇقىرىغا قاراپ ماڭدۇق ، بۇ يانتۇلۇقنىڭ شۇنچىلىك سىيلىق بولغىنىغا قارىماي ، ئۈستى تەرىپىدىن يېيىلىپ سۇ چۈشىۋاتاتتى . قولۇمنى يېتىلىۋالغان كىشى ماڭا ھېچنىمە دېمىگەن بولسىمۇ ، چوقۇم ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلاتتىم . ئۇ قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە بىلەن يانتۇلۇقتىن يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى . مەنمۇ ئەگىشىپ يۇقىرلاشقا باشلىدىم . بىراق ، تېيىلىپ كېتىپ ئالدىمغا پەقەت ئىلگىرلىيەلمىدىم . ئالدىمغا قەدەم تاشلىغان ھامان يانتۇلۇقنىڭ ھەددىدىن زىيادە سىلىقلىقى سەۋەبىدىن پۇتۇم سىيرىلىپ جايىمغا كەپ قالاتتىم . شۇ تەرىقىدە بىر ھازا تىركەشكەندىن كىيىن ، مىنى يېتىلىۋالغان بۇ كىشى ، ئۇن – تىنسىزلا قولۇمنى قۇيۇپ بېرىپ ، ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى ۋە كۆز ئالدىمدىن يوقاپ كەتتى . بۇ كىشى ماڭا بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ مىنى يىتلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلىپ تۇراتتىم .
- ئاستىراق يۆتكەڭلار !
- ئاۋۋال پۇتىنى چۈشۈرۈڭلار .
بۇ ئاۋازلار يېقىنلا يەردىن ئاڭلىنىۋاتاتتى . كۆزۈمنى ئېچىپ ، تەسلىكتە مېنى ئوپېراتسىيە كارىۋىتىدىن چاقلىق كارىۋاتقا يۆتكىگىلى تۇرغانلىقىنى ئىلغا قىلالىدىم . كۆز ئالدىم يەنىلا تۇتۇق ھەم غۇۋا ئىدى . ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ شەكلى ۋە سانىمۇ مۇجىمەل ئىدى . قارىغاندا بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قورقۇنۇچلۇق ئوپېراتسىيە تۈگىگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم ۋە يېنىك بىرنى تىنىۋالدىم . ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئالدىغا چىققىنىمدا ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋازلاردىن ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئىللىق بىر سېزىم ۋۇجۇدۇمغا يامرىدى . ئەتراپتىكىلەرنى پەرق ئېتىشكە تىرىشىپ زېھنىمنى يىغىپ قارىغان بولساممۇ ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان دادام بىلەن ئاپامنى ۋە يېقىن دوستۇمنى ئارانلا ئىلغا قىلالىدىم . دىققىتىمنى يىغىشقا تىرىشقان بولساممۇ زادىلا دىققىتىمنى يىغالمايۋاتاتتىم . سېستىرالار چاقلىق كارىۋاتنى ئاستا ئىتتىرىپ ياتاققا ئېلىپ ماڭدى . شۇ ئارىلىقتا كارىدوردا تۇرغان بىر قىزنى ئىلغا قىلالىدىم . لېكىن چىرايىنى پەقەتلا كۆرەلمەيۋاتاتتىم . دىققىتىمنى شۇنچە يىغقان بولساممۇ يەنىلا چىرايىنى ئىلغا قىلالماي «ئۇ كىم ؟ ئۇ زادى كىم ؟ دەڭە سىز كىم ؟» دەپ ۋارقىراپ كەتتىم . نىمىشقا ، بۇ قىزنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىمنى ھازىرغا قەدەر چۈشىنەلمەيمەن . بەلكىم بۇ قىزنى قىز دوستۇم شۇمىكىن دەپ ئويلاپ قېلىپ ، چىراينى كۆرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن جىددىيلىشىپ قالغان بولسام كېرەك .
ياتاققا كىرىپ مىنى كارىۋاتقا يۆتكىدى . بۇ چاغدا ئاپامنى ۋە دادامنى چاقىرىپ قۇچاقلىدىم ھەم ئاپامغا دەپ ئىنىمغا تېلېفۇن قىلغۇزۇپ ئىنىم بىلەن پاراڭلاشتىم . نىمىلەرنى دېگىنىم تازا ئېسىمدە يوق . لېكىن جەھەننەمنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇدا ئىدىم . ئوڭدامغا يېتىپ تورۇستىكى چىراقنى ساناپ بېقىشقا تىرىشقان بولساممۇ ، كۆزۈمگە ئۈچ ياكى تۆت كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى . بولدىلا دەپ ، كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتتىم . كاللاممۇ شۇنچىلىك گاراڭ ئىدى . بىرەر نەرسىنى ئەسلەي دەپمۇ ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم . قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن . كۆزۈمنى ئاچسام دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇق ياتاقنىڭ ئىچىنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ . نېمىشقىكىن بۇ خىل مەنزىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم . ئۇنىڭغىچە دوستۇم مىنىڭ ئويغانغىنىمنى بىلىپ قېشىمغا كەلدى ۋە سۇ ئىچۈرۈپ قويدى . دوستۇمنىڭ ياردىمىدە يەرگە چۈشۈپ تازلىق ئۆيىگە چىقماقچى بولۇپ ماڭدىم . بېشىم يەنىلا قېيىپ تۇراتتى . دوستۇم يۆلىۋالمىغان بولسا يىقىلىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى . تازلىق ئۆيىدىن قايتىپ كىرىپ ، دوستۇمنىڭ ياردىمىدە ئازراق بىر نەرسە يېدىم . ئۇنىڭ دېيىشىچە ئوپېراتسىيە 3 سائەت داۋاملىشىپتۇ . ناركوز پەقەت يېرىم سائەت ئەتراپىدا تۇتقان ئوخشايدۇ .
ئوپېراتسىيە جەريانىنى ئەسلىساملا تىنىم شۈركىنىپ كېتەتتى . ئۇزۇن يىڭنىلىك ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇلغاندا ئەمدى ئاغرىقنى سەزمەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم . نەدىكىنى ، ئۈچ سائەتلىك ئوپېراتسىيە جەريانىدا ناركوز يېرىم سائەت ئەتراپىدىلا تۇتتى . يېرىم سائەتتىن كىيىن يېشىلىپ كەتتىم ، قايتا ناركوز قىلغان بولسىمۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا يېشىلىپ كەتتىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆشنى كەسكەندە تۇتقان ناركوز ، سۆڭەكنى تېشىپ چېتىق سالىدىغان چاغدا يېشىلىپ كەتكىنىنى دېمەيسىز . سۆڭەكنى تۇتۇپ ئۇيان بۇيان تولغان ، ئۈشكە بىلەن تەشكەن چاغدىكى ئاغرىقنى ئويلىسام ھازىرمۇ تىنىم شۈركىنىپ كېتىدۇ . يۈزۈم لاتا بىلەن يېپىلغان بولۇپ ئېڭىكىم بىلەن زاڭىقىملا ئوچۇق ئىدى . ئىچىمدە بىلىپ تۇرىمەن . ئېڭەك سۆڭىكىمنى بىر قول ئۇيان-بۇيان قىلىپ ، سۇنۇپ كەتكەن جاي بىلەن جىپسىلاشتۇرۋاتىدۇ . چېتىق سېلىپ مۇقىملاش ئۈچۈن ئۈچكە بىلەن تىشىۋاتىدۇ . ئاغرىق سەۋەبىدىن مۇسكۇللىرىم تاشتەك قېتىپ كەتكەن ئىدى . ھازىرلا جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك چوڭ چوڭ تىناتتىم . يۈرىكىم ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك دۈكۈلدەپ سوقاتتى . قولۇم بىلەن كارىۋاتنىڭ قىرىنى تۇتۇپ ، سۇندۇرۋېتىدىغاندەك كۈچەيتتىم . پۇت قوللىرىم قېتىشىپ تۈپتۈز ھالەتكە كىرگەن ئىدىم . پۇرۇلداپ تەرلەيتتىم . دەھشەتلىك ئاغرىق سەۋەبىدىنمۇ ياكى شۇنداق تۇيغۇدا بولۇپ قالدىممۇ بىلمەيمەن . كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىلەر قىزىل رەڭدىن تۈس ئالغان ئىدى . بىر چاغدا ئاغرىق سەۋەبىدىن ھوشۇمنى يوقىتىپتىمەن .
بىر نەچچە كۈن قىزىتمام ئۆرلەپ بىئارامچىلىق ئىچىدە ئۆتتى . دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ، دوستۇم بەدەنلىرىمگە ھارماي ئىسپىرت سۈركەپ يۈرۈپ قىزىتماممۇ چۈشتى . ئەمدىكى كۈنلەر ياتاقتا يېتىپ ئۇكۇل سالدۇرغاچ ئارام ئېلىش بىلەن ئۆتتى . ئەكىرۋالغان ژۇرناللارنىمۇ ئوقۇپ تۈگەتتىم . 3~4 كۈن يېتىپ بېقىپ بەكلا زېرىكىپ كەتتىم . يېڭىدىن كىتاپ ئەكىرىپ ئوقۇي دېسەممۇ خوشياقمايۋاتاتتى . سىرتقا چىقىپ ئايلانغۇم ، تورغا چىقىپ سوقا – سالتاڭ پاراڭلارنى سالغۇم كېلەتتى . كۆپ كىشىلىك ياتاقتىن يالغۇز كىشىلىك ياتاققا چىقىۋالغاچقا دوستۇم ئىككىمىزلا يالغۇز قالغان ئىدۇق . دېيىشىدىغان گەپ ، قىلىدىغان خىياللارمۇ تۈگەپ ، سانايدىغانغا يا ۋاسا يوق ئىچىمىز سىقىلىپ ، قېچىپ چىقىپ تورخانىغا بېرىپ كەلمەكچى بولدۇق . دوختۇردىن تاماق يەپ كىرسەم بولامدۇ دەپ سورىسام يىراققا بارماڭ دېدى . ماقۇل دەپلا چىقىپ ئۇدۇل تورخانىغا كىردۇق . تورغا چىقىپ قارىسام نۇرغۇن يېڭىلىق بولۇپ كېتىپتۇ . بىر نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانغا جېكسۇن ئۆلۈپ كېتىپتۇ يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇسىبەت پاراڭلىرىمۇ بولۇپ كېتىپتىكەن . شۇ ئولتۇرغانچە خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدۇق . كۆز باغلانغاندا تورخانىدىن چىقىپ ئايلىنىپ تاماق يەپ دوختۇرخانىغا كەلدۇق . ئەمدى نورمال ھالىتىمگە قايتىۋاتقاندەك قىلاتتىم .
دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتىم . ھەپتىدىن كىيىن ئاغىنەمنىڭ قېشىدا يۈزۈمدىكى يىپنى سۆكىۋەتتۇق . بىر ئايدىن كىيىن چىشىمغا سالغان سىمنى چىقىرىۋەتتۇق . ئىشلار يەنە بۇرۇنقىدەك داۋاملاشماقتا ئىدى ….

بۇ تېمىنىڭ بېشى بۇرۇن يېزىلغان بولۇپ ئادىرسى : http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=37283

3 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئۇف، ۋايجان! ئاستىدىكى ئاۋۇ ئادرېسنى كۆرمىگەن بولسام يەنە مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچراپتۇ دەپ قالاتتىكەنمەن……2 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولغانتى، گەرچە سالامەتلىگىڭىز ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تاتقان ئازابىڭىز يازمىدىن شۇنچىلىك ئېنىق بىلىنىپ تۇرۇپتۇ..ئەمدى مۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەي جۇما، بولمىسا ساراسىمىگە چۈشىدىغانلار كۆپىيىپ كىتىدۇ

  2. yvonne مۇنداق يازغان:

    بەك چىداملىقكەنلا پىنھانجان. ئەڭ ئازاپلىق ئىشلانى باشتىن كەچۈرۈپلا، بۇندىن كېيىن تۇرمۇشتا يولۇققان باشقا ھەرقانداق قىستاڭچىلىقلار سىلىنى قورقۇتالمايدۇ دەپ قارايمەن.
    بەلگىلەر چىقمامدۇ نىمە.

  3. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    مۇنداق ئىشلارمۇ بولغان دەڭ. خۇدايىم ساقلاپتۇ. ھازىرغىچە بولغان تۇنجى ناركوزۇمدا دورا ئېشىپ قېلىپ ئوپىراتسىيدىن كېيىن ھەممىنى ماڭدۇرۋېتىپ ساقايغۇچىلا ئاغرىق سەزمەي خۇداغا بەك شۈكرى قىلىپ كەتكەنتىم، بىراقزە يۈزسىزلىكىمدىن ساقىيىۋېلىپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىم، سىز ئەسلەپ تۇرۇپسىز……