يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى:ئاۋغۇست - 10 - 2011 26 ئىنكاسلىق

مارت يامغۇرى شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى، پىيادىلەر يولىدىكى ئاشىق مەشۇقلار كۈنلۈك ئاستىغا كىرىۋېلىپ پىچىرلىشىپ ماڭاتتى. كەڭ يوپۇرماقلار باش ئەتىيازنىڭ يامغۇرىدىن مەس بولغاندەك لەرزان ئىرغاڭلىشاتتى.

كەچ سائەت ئالتە. ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت. گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ كوچا چىراغلىرى يېنىشقا باشلىدى. خىزمەت بىناسىدىن چىقىپ كەلگەن چېڭ چېڭ ھارغىنلىق بىلەن بىرنى ئەسنىۋېتىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلۇق ئاسمانغا قارىدى. سىم-سىم يامغۇر چاچلىرىغا، يۈزلىرىگە چۈشتى. ئۇ چاچلىرىنى قولى بىلەن قايرىدى، پاكىز ئاپپاق يۈزى ئاجايىپ نازاكەتلىك، ئوماق بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى.

چېڭ چېڭ بىر گۈزەل قىز بولۇپ، ئالىي مەكتەپ چېغىدىلا ھەممە ئېتىراپ قىلدىغان مەكتەپ گۈزىلى بولۇپ، قوغلىشىدىغانلار ساناقسىز ئىدى. بۇ ساددا گۈزەل قىز ئاخىرى ئاجېيى ئىسىملىك كېلىشكەن يىگىتكە تەسلىم بولدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەرئىككىسى خىزمەت تېپىپ، توي قىلىشقا پۈتۈشتى. ئەرلەر ئۆزگىرىشچان شۇنداقلا ئۈژمە كۆڭۈل كېلىدۇ. خىزمەتكەن چۈشكەن ئاجىيې رەڭگارەڭ دۇنيانىڭ كۆزنى قاماشتۇرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، قىزغا بارغانسېرى ناچار مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى، بەزىدە ھەتتا مۇشت پەشۋامۇ تەككۈزۈپ قوياتتى. يۇۋاش قىز بۇلارنىڭ ھەممىسىگە جىمجىت سۈكۈت قىلدى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ھاياتىدىكى تۇنجى ئەر ئەمەسمۇ….

قىز ئەتراپىدىكى بىر كۈنلۈك ئاستىدا كېتىۋاتقان جۈپلەرگە ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ قويدى دە، يۈگۈرگىنىچە چوڭ يول بويىغا بېرىپ قولىنى كۆتۈرۈپ تاكسى توسىدى.
- خانقىز، نەگە بارىسىز؟- ياش شوپۇر بېشىنى سىڭايان قىلىپ سورىدى.
- *** مەھەللىسىگە- دېدى قىز ھارغىنلىق بىلەن يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن چاچلىرىنى رەتلىگەچ.
يامغۇر چوتكىسى توختىماي ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى سۈرتۈپ تۇراتتى، كوچا چىراغلىرى ۋالىلدايتى. قىز بېشى قايغاندەك بولۇپ ئاستا كۆزىنى يۇمىۋالدى.
- سىز مۇشۇ يەرلىكمۇ؟- دەپ سورىدى شوپۇر كۆزىنى ئالدىدىكى يولدىن ئۈزمەي تۇرۇپ. ئۇنىڭ ئاۋازى ئازراق بوغۇق، ئادەمنى ماگىنىتتەك جەلىپ قىلاتتى.
قىز شۇ چاغدىلا شوپۇرغا دىققەت قىلدى. شوپۇرنىڭ يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، كۆپ بولغاندا يىگىرمە يەتتە سەككىزلەردە باردەك قىلاتتى. ئىنچىكە ئۇزۇن بارماقلىرى رولنى ئەپچىللىك بىلەن ئوينىتاتتى. بەك كېلىشكەن دېگىلى بولمىسىمۇ، قاش كۆزى جايىدا، قاڭشارلىق ئىدى. قىز بىراۋغا بۇنداق تىكىلىپ تۇرۇشنىڭ ئەدەپسىزلىك بولىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ ۋىللىدە قىزارغانچە بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى.
- ياق، مەن *** شەھىرىدىن.
- شۇنداقمۇ؟ شىمالدىن كەپسىزدە، بوي تۇرقىڭىز، چىرايىڭىز، نازاكىتىڭىزغا قاراپ جەنۇبتىنمىكىن دەپتىكەنمەن- دېدى شوپۇر يىگىت ھەيرانلىق بىلەن.
قىز سۇس كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- كۆپىنچە كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ، – دېدى.
- مەيلى چىراي تۇرقىڭىز، سالاپىتىڭىز بولسۇن جەنۇپنىڭ قىزلىرىدەك بىر خىل نازۇك ئىكەن. سىزدەك چىرايلىق قىزغا ئېرىشكەنلەر چوقۇم ئالقىنىدىكى گۆھەردەك ئەرتىۋالايدۇ سىزنى- دېدى شوپۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.
قىزنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولدى- راست شۇنداقمۇ؟- دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدى قىز.
شوپۇر قىزنىڭ جىمىپ قالغىنىغا دىققەت قىلىپ ئارتۇق سۆزلىمەي مۇڭلۇق ناخشىنى قويۇپ قويۇپ ئالدىغا قاراپ ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدىدى.
قىز بېشىنى ئاستا بۇراپ دېرىزە تەرەپكە قارىۋالدى، قاچانلاردىدۇر ئاققان ياشلار قىزنىڭ يۈزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى.

قىز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ شوپۇرغا قارىدى. شوپۇرنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلماي پۈتۈن زېھنى بىلەن ماشىنا ھەيدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تىك ئولتۇردى. ماشىنىنىڭ ھاۋاسىنى خېلى ساپ دېيىشكە بولاتتى. ياڭراۋاتقان مۇڭلۇق كۈي قىزنىڭ ھارغىن نېرۋىلىرىنى تېخىمۇ بوشاشتۇردى. قىز ئەسنىگەچ يانفونىنى چىقىرىپ سائەتكە قارىۋەتكەندىن كېيىن ئارقىسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇنغا قالمايلا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى

قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، قىز قۇلاق تۈۋىدە بىرىنىڭ- خانقىز يېتىپ كەلدۇق- دېگىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئويغاندى. كۆزىنى ئېچىپ شوپۇرنىڭ ئۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ،قىزارغىنىچە- سەت بولدى، ئۇخلاپ قاپتىمەن- دېدى.
-ھا ھا ھا، ھېچقىسى يوق، شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ئويغىتىشقا پەقەتلا قىيمىغانتىم- دېدى شوپۇر يىگىت چاخچاق ئارىلاشتۇرۇپ. قىز تېخىمۇ قىزىرىپ:-سودىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ، قانچە پۇل بولدى؟- دەپ سورىدى.
شوپۇر تاكسى سائىتىگە قاراپ- يىگىرمە بەش يۈەن بوپتۇ- دېدى.
قىز پورتمالىنى ئالغىلى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ چۆچۈپ كەتتى، يانچۇق قۇپقۇرۇق تۇراتتى. پورتمالىم، پورتمالىم قېنى؟ قىز ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپنى ئىزدىدى. – سەل ساقلاڭ، مەن يىگىتىمگە تېل قىلاي- دېدى پورتمالىنى تاپالماي.
شوپۇر كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى.
چېڭچېڭ ئاجېيىنىڭ يانفونى ئۇلاندى، ئەمما خېلى سايرىسىمۇ ئالمىدى. قىز نومۇرنى ئۈچ قېتىم باستى. ئاجىي يەنىلا تېلىفوننى ئالمىدى
- كەچۈرۈڭ، سىزنى كۆپ ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇم- قىز توختىماستىن شوپۇردىن كەچۈرۈم سورىغاچ يىگىتىنى تىللىدى.
- يېقىننىڭياغى ئانچە ئالدىراش ئەمەسمەن، ئىسىم كارتوچكامنى سىزگە بىرەي، ئەتە ئىشتىن چۈشكەندە ماڭا تېل قىلسىڭىز سىزنى ئالغىلى باراي، پۇلىنى شۇ چاغدا بىراقلا بېرەرسىز- دېدى قىزنىڭ خىجىللىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتقان شوپۇر بىر كارتوچكىنى سۇنغاچ.
قىز كارتوچكىنى ئېلىپ، مىننەتدارلىق بىلەن – سىزگە كۆپ رەخمەت، ئەتە چوقۇم سىزگە تېل قىلىپ ماشىنىڭىزدا ئولتۇرىمەن-دېدى.
- تۈزۈت قىلماڭ، سىزگە ئىشىنىمەن- دېدى شوپۇر ئاپپاق، رەتلىك چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرەپ، قىز يۈزلىرى قىززىغاندەك بولۇپ دەرھال كۆزىنى باشقا تەرەپكە يۆتكىدى.
قىز ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئىسىم كارتوچكىسىنى ئېلىپ كۆردى : *** تىرانسپورت شىركىتى، جاڭ نىڭ…..

داۋامى كۆپ

26 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    داۋامى تېخى تەرجىمىدىن چىقمىدىمۇ يە يوللاشقا ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ قاق سەھەردە كىرسەم يەنە شۇ پېتى تۇرىدۇ مانا. ۋاي يوللاڭە تېز، بولمىسا چارە كۆرىمىز جۇمۇ!

  2. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئىنكاسىم ئارقا سەپتە تۇرۇپ كۆكىرىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ

  3. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    قىز ھارغىن ھالدا ئۆيىگە كىردى. ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ئاجىيې ئۆيدە يوق ئىدى. قىز لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، يۇيۇنغىلى مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. ئىسسىق سۇدا ھارغىنلىقلىرىنى يۇيۇپ چىققان قىز بىر قاچا تەييار چۆپ چىلاپ، بىر ئىستاكان سۈت چاي دەملەپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدى. تامدىكى سائەت «تىك تاك، تىك تاك» قىلىپ چىكىلدايتى. چېڭ چېڭ دوستىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىر مەخسۇس قورقۇنچلىك ھېكايىلەر يوللىنىدىغان مۇنبەرگە ئەزا بولغان ئىدى. ئۇ كۆپلىگەن قىزلارغا ئوخشاش سىرلىق ھادىسىلەر ۋە ئالۋاستى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرگە قىززىقاتتى، گەرچە كېچىلىرى قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسىمۇ يەنىلا قىززىقىشىنى باسالماي قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى ئوقۇيتى.

    چېڭ چېڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاش مۇنبەرنى ئېچىپ بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. بىر قېتىم بەت ئۆرۈگەندىن كېيىن «يېرىم كېچىدە چېكىلگەن ئىشىك» دېگەن تېمىنى كۆرۈپ قالدى. قىز مائۇسنى چېكىپ تېمىنى ئاچتى.

    بەت ئېچىلىپ ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىققىنى بىر پارچە ئانچە مۇنچە تۈزەشتۈرۈلگەن بىراق كىرىشتۈرۈلمىگىنى ئېنىق بولغان رەسىم بولدى. رەسىمدە بىر ئەسكى تامغا مىخلانغان غەلىتە شەكىللىك ئىشىكتىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى. رەسىمنىڭ پۈتۈن رەڭلىرى ناھايىتى چۈشكۈن، زەئىپ بولۇپ، قانداق ئاپپاراتتا، قايسى چاغدا، قەيەردە، كۈندۈز ياكى كەچتە تارتىلغىنىنى بىلگىلى بولمايتى. ئىشقىلىپ بۇ رەسىم ئادەمنى ناھايىتى بىئارام قىلاتتى.

    چېڭ چېڭ قاپىقىنى تۈرۈپ، ئوتلىغان چېيىنى ناھايىتى تەسلىكتە يۇتتى. قورقۇنچلۇق ھېكايە يازىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قەستەنگە ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى. چېڭ چېڭ كۈلۈپ چېيىنى بىر يانغا سۈرۈپ قويۇپ. تېمىنى داۋاملىق ئاستىغا سۈرۈپ كۆردى. خېلى تۆۋەنگە سۈرسىمۇ ھېچنىمە چېلىقمىدى. پۈتۈن بەت قۇپقۇرۇقتەك قىلاتتى. چېڭ چېڭ ئالدانغاندەك بولدى، قانداق تېما بۇ، ئىسىمنىڭ چوڭىنى قويۇۋېلىپ، قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق! ئادەمنى ئەخمەق قىلغانلىق ئەمەسمۇ بۇ!

    كەچ سائەت توققۇز بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئاجېيې تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. ئۇ يېقىندىن بېرى پات-پات كېچىچە ئوينايدىغان، ئۆيگە قايتمايدىغان بولۇۋالدى. ئىككىيلەن ئارىسىدىكى مۇھەببەت نامدا بار، ئەمەلدە يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى، چېڭ چېڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىيالماسلىقى بولمىغان بولسىدى، ئۇلار بەلكىم ئاللىبۇرۇنلا ئايرىلىشقان بولاتتى. بىراق چېڭ چېڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىيالماسلىقى خۇددى كۆرۈنمەس زەنجىرنىڭ ئۇنى بۇ ئەرگە چەمبەرچەس باغلىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا ئاجېيى ئاۋال ئېغىز ئېچىپ ئايرىلايلى دېمىسە قىز ھەرگىزمۇ ئېغىز ئاچمايتى.

  4. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ھە داۋامى……………………

  5. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    يامغۇر بارغانسېرى كۈچىيىپ، دېرىزىلەرگە توروكلاپ ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. كېچە جىمجىت، قاراڭغۇ. چېڭ چېڭ توختىماي ئەسنەپ، كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا باشلىدى. تۈزۈك كۆرگىدەك نەرسىمۇ يوقكەن، ئۇخلايچۇ بولدى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلىگەچ يېتىشقا تەرەددۇتلاندى. دەل مۇشۇ چاغدا تونۇش مۇزىكا سايرىدى.
    چېڭ چېڭ يېرىم قۇرىغان چاچلىرىنى قولى بىلەن تاراپ قويۇپ، يانفونىنى ئالدى. تېلىفون بىرناتونۇش نومۇردىن كەلگەن ئىدى. چېڭ چېڭ سەل ئىككىلەنگەندىن كېيىن تېلىفوننى ئالدى.
    - ۋەي، تېچلىقمۇ؟
    - ۋەي، سىز يې چېڭ چېڭ خانقىز بولامسىز؟- تېلىفوندىن بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازى كەلدى، بۇ ئاۋازلار تونۇشتەكلا قىلاتتى.
    -شۇنداق ، سىز كىم بولىسىز؟-دەپ سورىدى چېڭ چېڭ ھەيرانلىق بىلەن.
    -ھە، مەن جاڭ نىڭ، بۈگۈن سىز ئولتۇرغان تاكسىنىڭ شوپۇرى.
    تونۇشتەك بىلىنگىنى بىكار ئەمەسكەن بۇ ئاۋازنىڭ دەپ ئويلىدى چېڭ چېڭ،-ھە، سىزمىتىڭىز، مېنىڭ نومۇرۇمنى نەدىن تاپتىڭىز؟ ئىسمىمنىمۇ بىلىدىكەنسىز تېخى؟
    - ھا ھا ھا، مۇنداق ئىش، مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ قىسىلچىقىدىن سىزنىڭ پورتمالىڭىزنى تېپىۋالدىم، ئىچىدە سىزنىڭ ئىسىم كارتوچكىڭىز، يەنە 240 يۈەن پۇل باركەن، توغرىمۇ؟
    - شۇنداق، سىزگە كۆپ رەھمەت جۇمۇ- چېڭ چېڭ خوشال بولۇپ كەتتى. ئۇ پورتمالىنى يۈتتۈرگەندىن بېرى ئېچىلالماي تۇراتتى، ئىچىدىكى پۇلغا ئەمەس، بەلكى نەۋرە ئاچىسى شىياڭگاڭغا كاماندىروپكىغا چىققاندا ئالغاچ كەلگەن پورتمالغا ئىچى ئېچىشقان ئىدى.
    - ئەتە سىز ئىشتىن چۈشكىچە ماڭا تېل قىلىڭ، پورتمالىڭىزنى ئاپىرىپ بەرگەچ سىزنى ئۆيىڭىزگە ئەكىلىپ قوياي
    چېڭ چېڭ تەسىرلىنىپ نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي قايتا قايتا رەھمەت ئېيتتى.
    -تۈزۈت قىلماڭ بولدى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، ئەتە كۆرىشەيلى.

    چېڭ چېڭ تېلىفوننى قويغاندىن كېيىن خوشاللىقدا بايا ئىچىپ بولالمىغان سۈت چاينى ئىككى سۈمۈرۈپلا ئىچىۋەتتى. يامغۇرلۇق كېچە، تاتلىق بىر ئۇخلىۋالاي ئەمدى. چېڭ چېڭ كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپئېكرانغا مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ، قېتىپ تۇرۇپ قالدى…. بايىقى قۇپقۇرۇق يەردە قاچانلاردىدۇر قاندەك قىزىل رەڭدە يېزىلغان بىر قۇر خەت پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى:
    ئىشىك چېكىلگەننى ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ ………

  6. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ۋاي ۋۇي تازىمۇ تەقەززا قىلدىڭىزغۇ ئادەمنى….

  7. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    قۇلاقنى دىڭ تۇتۇڭ تۇمارس، ئىشىك چېكىلگەننى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟؟؟؟؟؟؟

    ھى ھى ھى

  8. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ھى ھى ھى ئىشىك چىكىلسە مەن قوقمايمەن، توقماقنى كۆتۈرىۋېلىپ ئېچىۋىرىمەن.مەندىن قوقمىسا ئىشىكىمنى چىكىۋەسۇن!

  9. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئىنكاسقا مۇزىكا ياكى سۆرەت قوشقىلى بولغان بولسا قوقۇنۇچلۇق مۇزىكا، سۆرەتتىن بىرنى كىرگۈزۈپ قويسام بولاتتى

  10. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    بۇ خەت نەلەردىن پەيدا بولغاندۇ؟ بايا تېخى قۇپقۇرۇق ئىدىغۇ؟……. بىر سوغۇق ئېقىم چېڭ چېڭنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن ئۇرۇلغاندەك بولدى. چېڭ چېڭ ئۆزىمۇ سەزمەي ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى….. ئىشىك چىڭ يېپىق ئىدى. ھوجرىنىڭ ئىچى جىمجىت، تولىمۇ تىمتاس، سۇس نەم پۇرىقى پۇرايتى، يەنە ئازراق سوغۇقمۇ بار. يېغىۋاتقان يامغۇر خۇددى سانسىزلىغان قوللاردەك ئەينەكنى تاك ، تاك، تاك قىلىپ چېكەتتى.

    قورقۇپ كەتكەن چېڭ چېڭ كومپىيۇتېرنى ھاپىلا شاپىلا ئۆچۈرۈپ، چىراغنى ئۆچۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئورۇنغا كىرىپ يوتقانغا چىڭ پۈركۈنۈپ ياتتى. يېرىم كېچىدە بۇنداق تېمىنى كۆرسە قورقمايدىغانلاردىن قانچىسى بار دەيسىز~~~

    چېڭ چېڭ ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى، ئاجېيىغا نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلسىمۇ ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئاجىيې مۇشۇ ۋاققىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. چېڭ چېڭ ئەنسىزلىككە چۆمدى. ئىككىسى بىر يۇرتلۇق بولۇپ، بۇ شەھەردە بىرەر ئۇرۇق تۇققىنى يوق،يېقىن دوست ئاغىنىلىرىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى.

    ۋاقىت ئالدىرىماي ئۆتمەكتە، تامدىكى سائەت 12نى كۆرسىتەي دېدى، يېغىۋاتقان يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك قىلمايتى، چېڭ چېڭ ئاخىرى ئۇيقۇغا كەتتى. بىراق ئۇخلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇيۇقسىز تېلىفون سايرىدى. چېڭ چېڭ چۆچۈپ ئويغىنىپ يانفونىنى قولىغا ئالدى. سائەت دەل 12 بوپتۇ، سايرىغىنى يانفوننىڭ قوڭغۇرىقى ئىكەن. چېڭ چېڭ تاتىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ يانفونى ھېچقاچان كەچ سائەت 12 گە توغرىلىنىپ باقمىغان ئىدى. ئەزەلدىن ئەتتىگەن سائەت 7 گە توغرىلاقلىق تۇراتتى. چېڭ چېڭ قولىدا جان جەھلى بىلەن تىترەپ سايراۋاتقان تېلىفوننى قانداق ئېتىشنى بىلەلمەيلا قالدى، ئادەتتە كۈندە ئاڭلايدىغان نوكىيا نىڭ مۇزىكىسى ئەمدىلىكتە قۇلىقىغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ بەدەنلىرىنى شۈركەندۈرىۋەتتى. ”ۋايجان!!!!“ يانفون مۇزىكىسى 5-قېتىم سايرىغاندا چېڭ چېڭ چىدىماي يانفوننى ئۇدۇلدىكى تامغا بار كۈچى بىلەن ئاتتى. يانفون يەرگە چۈشۈپ پارە پارە بولۇپ مۇزىكا ئاۋازى شاپپىدە توختىدى. چېڭ چېڭ يوتقاننى مەھكەم تۇتىۋېلىپ كۈچەپ نەپەس ئېلىشقا باشلىدى. يۈرىكى ئەمدى ئورنىغا چۈشىشىگە تۇيۇقسىز دۇڭ دۇڭ دۇڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، مېھمانخانا تەرەپتىكى چوڭ ئىشىكنى بىرسى چېكىۋاتاتتى…..
    دۇڭ دۇڭ دۇڭ دۇڭ…..

    كىم؟ چېڭ چېڭ قاتتىق ۋارقىرىدى، سىرتتىن سادا كەلمەستىن ئىشىك بىر خىل رېتىمدا دۇڭ دۇڭ دۇڭ قىلىپ چېكىلىۋاتاتتى……

  11. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    خويمۇ تەقەززا قىلدىڭىزغۇ-ھە؟! ئەۋەتىڭە قالغىنىنى مەنلا قىلىۋىتەي!

  12. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    يانفونىڭىز نوكىيا ھە تۇمارس ؟ :)

  13. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    ئاجىيې ، بۇ سەنمۇ؟ قايتىپ كەلدىڭمۇ؟- يىغلاپ تاشلىغىلى ئارانلا تۇرغان چېڭ چېڭ ئاۋازىنى يۇقىرىلىتىپ سورىدى، بىراق ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغىنى ئەكىس سادا بىلەن دېرىزىگە توروكلاپ چۈشىۋاتقان يامغۇر بولدى.
    - نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟- چېڭ چېڭ ئاجېيىنىڭ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، قورقۇنچىنى ئۇنتۇپ كارۋاتتىن چۈشۈپ، چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ، ساپما كەشىنى كىيدى. چاپانغا مەھكەم ئورانغان چېڭ چېڭ تىترىگىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى. ئۇلار تۇرىۋاتقان بۇ بىنا مەھەللىنىڭ يېڭىدىن كېڭەيتىلگەن رايونى بولۇپ، چەترەك يەردە ئىدى. كۆچۈپ كىرگەنلەرمۇ كۆپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆيى 4-قەۋەتتە، پۈتۈن قەۋەتتە ئۇلاردىن سىرت پەلەمپەينىڭ يېنىدىكى ئۆيدىلا سىپايە چىراي، كۆرۈشكەندە ئەدەپ يۈزىسىدىنلا بېشىنى لىڭشىتىپ سالام بېرىپ قويىدىغان، ئادەتتە بېرىش كېلىش قىلىشمايدىغان بىر بويتاق ئەر كىشى تۇراتتى. قالغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى قۇپقۇرۇق ئىدى. چېڭ چېڭ ھوجرا ئۆيدىن چىقىپ مېھمانخانىغا كەلدى، سىلاپ سىيپاشتۇرۇپ يۈرۈپ مېھمانخانىنىڭ چىرىقىنى ياندۇردى. ئىشىك تېخىچە دۇڭ دۇڭ دۇڭ قىلىپ ئۇرۇلىۋاتاتتى. ئىشىك تېزمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس ئاجايىپ بىر رېتىمدا دۇڭ، دۇڭ، دۇڭ قىلىپ ئۇرۇلىۋاتاتتى.
    -ئاجىيې، ھاراق ئىچىۋالدىڭمۇ؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟- چېڭ چېڭ ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىپ تىترىگىنىچە ئاستا سورىدى، سىرتتىكى ئادەمدىن يەنىلا سادا چىقمىدى، ئىشىك يەنىلا ئوخشاش بىر رېتىمدا چېكىلىۋاتاتتى…….

    چېڭ چېڭ ئىشىكتىكى مۈشۈك كۆزگە يېقىن كېلىپ سىرتنى كۆرمەكچى بولدى. دەل مۇشۇ چاغدا، تۇيۇقسىز ”تاق“قىلغان ئاۋاز بىلەن ھەممە چىراق ئۆچۈپ قالدى، پۈتۈن دۇنيا قاراڭغۇلۇققا پاتقاندەك قىلاتتى….. چېڭ چېڭنىڭ كاللىسى توختاپلا قالدى، بىر ھازادىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ، توك كەتكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشىكمۇ چېكىلىشتىن توختىغان ئىدى. ئەتراپ قاراڭغۇلۇقتىن سىرت گۆردەك تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى.

    ئەجىبا ئىشىكنى چەككىنى ئاجىيې ئەمەسمىدۇ؟؟؟؟ …. چېڭ چېڭ بۇخىيال كاللىسىغا كەلگەن ھامان تۇيۇقسىز يەنە بىر جۈملە سۆز كۆز ئالدىغا كەلدى:
    ئىشىك چېكىلگەننى ئاڭلىدىڭىزمۇ ………

  14. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    بىكارچىنىڭ كۈنى تەسكەن جۇمۇ سىز بىلەن، بۇنداق تەقەززا قىلىۋەتسىڭىز ھى ھى ھى ھى

  15. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    پىنھاننىڭ بېتىنى ئىككىمىز پاراڭ دەپتىرى قىلىۋالدۇقمۇ نېمە ھە، ھا ھا ھا~~~~~ داۋامى ئەتىلەتىن يوللىنىدۇ ئەمدى. ئاپتورىمۇ ئىككى كۈندە بىر پارچىدىن يېزىۋاتىدۇ، تېخى پۈتمىگەن ھېكايىكەن بۇ~~

  16. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    بلوگغۇ بىزگە بىر ئوبدانلا مەشىق دەپتىرى بوپ قالدى راس، ئەمما رەڭ بەرگىلى بولمايۋاتمامدۇ يامان يىرى؟! تورغا يوللانغان ھىكايىنى ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىۋاتىمەن دەڭا..مەن تېخى ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتقان چېغى دەپ يۈرۈپتىمەن. ھە بوپتۇ ئەمىسە كۈتەي!

  17. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    چەكسىز قاراڭغۇلۇق خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك يالماپ كېلىپ چېڭ چېڭنى مەھكەم ئوراپ ئالدى. ئۇ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىچە ئۈنسىز يىغلاۋاتاتتى. ئىشىك توك كەتكەندىن بېرى چېكىلىشتىن توختىغان ئىدى. بۇ خىل ئۈنسىز ۋەھىمە خۇددى يېتىپ كەلمەكچى بولغان بوران چاپقۇننىڭ مۇقەددىمىسىدەك ئادەمنى قورقۇنچقا سالاتتى.

    چېڭ چېڭ خېلىدىن كېيىن كۆزىنى ئاچتى، ئۇنىڭ كۆزى قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ، مېھمانخانىدىكى ئۆي جاھازلىرىنى خېلى ئىلغا قىلالىدى. چېڭ چېڭ ھېچقانداق تىۋىش يوقلىقىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن، چىشىنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، سىيلاپ سىپاشتۇرغىنىچە ياتاق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. چېڭ چېڭ ياتاق ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن يەنە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يانفونىنى ئىزلىدى، خېلى سىپاشتۇرغاندىن كېيىن باتارىيىسى چىقىپ كەتكەن يانفونىنى ئاران تاپتى، يەنە بىر بۇلۇڭدىن باتارىيىنى تېپىپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يانفونغا سېلىپ ، ئېچىش كونۇپكىسىنى باستى. ئىكران يورۇشى بىلەن يۈرىكى خېلى جايىغا چۈشتى. ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ئاجىيېنىڭ نومۇرىنى باستى.
    - كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان ئابونتنىڭ تېلىفونى ئېتىك.

    چېڭ چېڭ لاسسىدە بولۇپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى. تۇيۇقسىز ئېكران يورۇپ بىر تال قىسقا ئۇچۇر كەلدى. “ سورۇندىن قايتىپ، ئۇيقۇ كەلمىدى، ئۇخلىمىغان بولسىڭىز ئۇچۇر قايتۇرۇڭ، سىزگە تېلىفون قىلاي، پاراڭلىشايلى، بىكار قالغان جاڭ نىڭدىن“

    چېڭ چېڭ ئازراق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىككىلەنمەستىن جاڭ نىڭنىڭ نومۇرىنى باستى.
    - ۋوي ، تېلىفون قىلىپ قاپسىزغۇ، قويۇۋېتىڭ، مەن قايتۇرۇپ ئۇراي- تېلىفوندىن جاڭنىڭنىڭ خوشال ئەمما سەل ئېنىقسىز ئاۋازى ئاڭلاندى.
    - ياق بولدى،- ئادەم ئاۋازىنى ئاڭلاپ چېڭ چېڭنىڭ قورقۇنچى خېلى پەسەيدى،- بۇ يەردە توك كەتتى، قاپقاراڭغۇ، بەك قورقۇۋاتىمەن، ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىساملا بولدى.
    - چاتاق يوق، قانچىلىك ئاڭلايمەن دېسىڭىز مانا مەن تەييار
    چېڭ چېڭ ئاچچىق كۈلۈمسىرىدى، ئەمدىلا ئېغىز ئاچاي دېگەندە سىرتتىن يەنە تاك، تاك، تاك قىلغان ئاۋاز كەلدى.
    -كەلدى، يەنە كەلدى!
    -نېمە كەلدى؟- جاڭ نىڭ دەرھال سەگەكلەشتى
    -بىرسى ئىشىكنى چېكىۋاتىدۇ- دېدى چېڭ چېڭ ئاۋازىنى پەسلىتىپ يىغلامسىرىغان ھالدى.
    - سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى؟ كىمكەن؟ ساقچىغا مەلۇم قىلامدۇق يا؟
    - ياق، ئىشىك چېكىۋاتقان ئادەممۇ جىنمۇ بىلەلمىدىم، كەچقۇرۇن ”يېرىم كېچىدە چېكىلگەن ئىشىك“ دېگەن تېمىنى كۆرگەن، سائەت 12بولغاندا يانفونۇمنىڭ قوڭغۇرىقى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، ئارقىدىن ئىشىك چېكىلدى، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاچاي دېسەم تۇيۇقسىز توك كەتتى، ھازىر يەنە چېكىۋاتىدۇ، مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن…..
    چېڭ چېڭ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىۋېلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى، كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ توختىماي ئاقاتتى.
    - يىغلىماڭ، بۇ دۇنيادا جىن ئالۋاستى مەۋجۇت ئەمەس، قايسى بىنادا تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ، مەن ھازىرلا باراي
    چېڭ چېڭ خۇددى قۇتقازغۇچىغا ئۇچرىغاندەك ئويلىنىپمۇ كۆرمەستىن ئادرىسىنى جاڭ نىڭغا ئېيتىپ بەردى….
    دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، خۇددى تەقدىر قىسمەت شۇنداق پۈتۈپ قويغاندەكلا. جاڭ نىڭ تېلىفوننى قويغاندىن كېيىن سەل ھەيران قالدى، نېمىشقا بۇ يېرىم كېچىدە بىر قىز بالىنىڭ ئۆيىگە بارىمەن؟ مەس بولۇپ قالدىممۇ يا؟ ئۇ چېكىسىنى ئۇۋىلاپ ئۆزىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، خىياللىرىنى تېز سۈرئەتتە رەتلىدى. تېلىفوندىكى ئۇ قىزنىڭ ئاۋازى شۇ قەدەر ئاجىز، ئاڭلىماققا شۇ قەدەر ئىلاجىسىز قالغاندەك، ھەرقانداق بىر ئەركىشى ئاڭلىسا، بېرىپ ئۇ قىزنى قوغدىغۇسى كېلىدۇ. جاڭ نىڭ چىشلىرىنى چىشلەپ، ھاراقنىڭ تەسىرىدە قەتئىي نىيەتكە كەلدى. “ شۇنداق، بېرىپ ئۇنى قوغدىشىم كېرەك!’

    جاڭ نىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ قىزنىڭ مەھەللىسىگە بارغاندا كەچ سائەت ئىككى بولاي دېگەن ئىدى. يامغۇر تېخىچە تامچىلاۋاتاتتى. سوغۇق ھەم نەم شامال يامغۇردىكى يوپۇرماقلارنى ئۇچۇرۇپ شىلدىرلىتاتتى. پۈتكۈل مەھەللە گۆردەك تىمتاسلىققا چۆمگەن، رەت رەت بىنالار يامغۇرلۇق قاراڭغۇ كېچىدە سۈرلۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. جاڭ نىڭ يول ياقىسىنى بويلاپ ماشىنىنى ئالدىرىماي ھەيدەپ، ئاخىرى چېڭ چېڭ ئېيتقان بىنانى تاپتى. بوش يەردىن بىر تېپىپ ماشىنىسىنى توختاتتى.

    جاڭ نىڭ ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىشى بىلەن سىرتتىكى يامغۇر ئارىلاش سوغۇق شامال قىن-قىنىغا پاتماي ماشىنىغا شۇڭغىدى. ئۇ بىلىپ بىلمەي تىترىگىنىچە چاپىنىغا مەھكەم ئورۇنۇپ ماشىنىدىن چۈشتى. ھاراقنى ئانچە كۆپ ئىچمىگەچكە، بۇ سوغۇق شامال جاڭ نىڭنى پۈتۈنلەي سەگەكلەشتۈردى. ئۇ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ يانفونىنى ياندۇرۇپ ئاستى ئۈستىگە قاراپ باقتى. قولىنى سوزۇپ بىخەتەرلىك ئىشىكىنى مۇنداقلا تارتىشىغا ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلدى. ئىشىك تاقالماپتىكەن ئەمەسمۇ ئەسلىدە….

    جاڭ نىڭ قاپقاراڭغۇ بىنا ئىچىگە كىردى. ئۇ ئامال بار يېنىك قەدەم ئېلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەتراپىغا قاراپ ماڭدى. ئاخىرى تۆتىنچە قەۋەتكە چىققان جاڭ نىڭ سەل جىددىيلەشتى. چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، چوڭ قەدەم تاشلىدى. پەلەمپەي ئېغىزىدىن قايرىلىپ كارىدورغا كىرگەندە تېزلىك بىلەن يانفونىنى ياندۇردى. كارىدور قۇپقۇرۇق بولۇپ، ئۇدۇلدىكى دېرىزە يوغان ئوچۇق ئىدى.

    جاڭ نىڭ 403-ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى چەكتى، ئۈچ قېتىم چەككەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ، ئىشىكنى چەكمەي يانفوننى باستى.
    -ۋەي،- جاڭ نىڭ نىڭ ئاۋازى بوش كارىدوردا ياڭرىدى.
    - ۋەي،
    - مەن جاڭ نىڭ، ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلدىم…
    ئۇزۇنغا قالماي ئۆي ئىچىدىن قەدەم تىۋىشى ئاڭلاندى. چېڭ چېڭ تىترىگىنىچە ئىشىكنى ئېچىپ، ئىشىك ئالدىدىكى جاڭ نىڭ نى كۆرۈپ، خۇددى قۇتقازغۇچىنى كۆرگەندەك، ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ كەتتى.
    - بەك قورقۇپ كەتتىم ، بەك……

  18. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    جاڭ نىڭ قولىنى سۇنۇپ چېڭ چېڭنىڭ مۈرىسىگە يېنىك پەپىلىدى:
    -قورقماڭ، ھېچنىمە يوقكەن، ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى.
    ئۆيگە كىرمەكچى بولۇۋاتقان جاڭ نىڭ تۇيۇقسىز شاپپىدە توختىدى.
    - نېمە بولدى؟- دەپ سورىدى چۆچۈپ كەتكەن چېڭ چېڭ يىغىدىن توختاپ.
    جاڭ گەپ سۆز قىلماي ئارقىسىغا ئىككى قەدەم چېكىنىپ ئاستا زوڭزىيىپ يانفوننىڭ چىرىقىنى يەرگە قاراتتى….. سۇس چىراق نۇرىدا ئۇلار ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئىككى ئاياق ئىزىنى كۆردى…

    چېڭ چېڭ چۆچىگىنىدىن قولى بىلەن ئاغزىنى مەھكەم تۇتىۋالدى. جاڭ بولسا تەمكىنلىك بىلەن بۇ بىر جۈپ ئاياق ئىزىنى كۈزىتىشكە باشلىدى. چوڭ كىچىكلىكىدىن قارىغاندا بۇ بىر ئەركىشى يامغۇردا ماڭغاندىن كېيىن قالدۇرغان ئاياق ئىزى بولىشى كېرەك، جاڭ نىڭ سول تەرەپتىكى ئاياق ئىزىدىن قالغان پاتقاقنى دەسسىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئاياق ئىزىنى بايقاپ قالغان ئىدى.
    - راستلا بىرسى كەلگەن ئىكەن!
    چېڭ چېڭ توختىماي تىترەۋاتاتتى، جاڭ نىڭ ئىنچىكە كۈزىتىپ، كارىدوردىكى بۇ ئاياق ئىزىنىڭ كېلىپ كەتكەن ئىككى قۇر ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بىراق بايا ئۆزى پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقاندا نېمىشقا بايقىمىغاندۇ؟ جاڭ نىڭ ھەيرانلىق بىلەن يانفونىنى ياندۇرۇپ، ئاياق ئىزىنى بويلاپ ماڭدى. چېڭ چېڭ ئىشىكنى يېپىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي جاڭ نىڭغا ئەگەشتى، ئىككى قەدەم ماڭا ماڭماستىن “ جاق“ قىلغان ئاۋاز بىلەن ئارقىسىدىكى ئىشىك يېپىلىپ قالدى. چېڭ چېڭ قورققىنىدىن ئالدىدا كېتىۋاتقانغا جاڭ نىڭنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىۋالدى.

    جاڭ نىڭ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېڭ چېڭنىڭ بېشىنى سىلاپ قويدى. چاچ سوپۇنىنىڭ خۇش ھىدىغا ئارىلاشقان ئاياللىق ھىدى توختىماستىن ئۇنىڭ سەزگۈلىرىنى غىدىقلايتى. ”قورقماڭ“ دېدى جاڭ نىڭ سىلىق ئاۋازدا، ئارقىدىن قولى بىلەن چېڭ چېڭنىڭ تىترەپ تۇرغان كىچىك قوللىرىنى سىقىمدىدى. ئىككىيلەن يانمۇ يان مېڭىشقاندا چېڭ چېڭنىڭ كۆڭلى خېلى ئورنىغا چۈشتى.

    ئۇلار پەلەمپەينىڭ يېنىغا يېتىپ كېلىپ، ئاياق ئىزىنىڭ تۆۋەنگە قاراپ ماڭماستىن يۇقىرىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى بايقىدى. ئىككىيلەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن يۇقىرى قەۋەتكە قاراپ ماڭدى، بەشىنچى قەۋەت، ئالتىنچى قەۋەت… بىنا قەۋىتى تۈگىگەن بولسىمۇ ئاياغ ئىزى توختىمىغان ئىدى. جاڭ نىڭ تۇيۇقسىز چۈشەندى، ئۇ ئادەمنىڭ بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ….

    جاڭ نىڭ چېڭ چېڭنىڭ قولىدىن تۇتقانچە يۇقىرىغا قراپ ماڭدى، قاراڭغۇ كارىدورغا پات پات سوغۇق شامال كىرىپ ئادەمنى سوغۇقتىن تىترىتەتتى. بىراق چېڭ چېڭنىڭ ئالقانلىرى بولسا جىددىيلەشكىنىدىن تەرلەپ كەتكەن ئىدى. يېنىك قەدەم، بوش تىنىقلار گۆردەك تىمتاسلىق ئىچىدە يېنىپ ئاڭلىناتتى.

    ئۇلار ئاخىرى ئۆگزىگە چىقىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. يانفوننىڭ سۇس نۇرى چېڭ چېڭنىڭ قانسىز چىرايى ۋە كۆكىرىپ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىنى ياندۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ بېشىنى جاڭ نىڭنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، كۆزىنى يۇمىۋالدى. جاڭ نىڭ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ ئىشىك تۇتقۇچىنى تولغىدى. بوش تارتىشىغىلا ئىشىك ئېچىلىپ يامغۇر ئارىلاش سوغۇق شامال يۈزگىلا ئۇرۇلۇپ چېڭ چېڭنىڭ يېيىلىپ ئۇزۇن چاچلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. چېڭ چېڭ ئارقىسىغا سەنتۈرۈلىۋىدى، جاڭ نىڭ دەرھال يۆلىۋالدى. ئۆگزە بالكونى كەڭرى بولۇپ، قاراڭغۇلۇققا چۆككەن مەھەللىنى ۋە كەچ بولماس شەھەرنىڭ يىراقتىكى يېنىپ تۇرغان چىراقلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇلار ئىككى قەدەم مېڭىپلا بالكوننىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئېگىز توساقنىڭ ئۈستىدە بىرەيلەننىڭ تۇرغىنىنى كۆردى!
    - كىمسەن؟- دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى جاڭ نىڭ. چېڭ چېڭ بولسا قورققىنىدىن چىرقىراپ كەتتى.
    ئۇ ئادەم بولسا خۇددى ھەيكەلدەك مىدىر سىدىر قىلماي تۇراتتى. قارا رەڭلىك پەلتوسى شامالدا ئۇيان بۇيان ئۇچاتتى.
    تۇيۇقسىز چېڭ چېڭ چىرقىراشتىن توختىدى:
    - ئاجىيې ، بۇ سەنمۇ؟
    ئۇ ئادەم يەنىلا مىدىر سىدىر قىلمىدى.
    - ئاجىيې!- چېڭ چېڭ ئۇ ئادەمنى ئاخىرى تونۇۋالدى، – بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسەن؟ – ئۇ ئالدىغا قاراپ يۈگۈرمەكچى بولغاندا، جاڭ نىڭ ئىشنىڭ سەل غەلىتىلىكىنى ھېس قىلىپ ئۇنى مەھكەم تۇتىۋالدى.
    دەل مۇشۇ چاغدا ھېلىقى ئادەم ناھايىتى يىغلىغان ياكى كۈلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان، مەلۇم بىر خىل مەخلۇق ھۇۋلىشىغا ئوخشايدىغان كىملا ئاڭلىسا تۈكلىرى تەتۈر ئۆرۈلىدىغان قورقۇنچلىق غەلىتە بىر ئاۋاز چىقاردى. چېڭ چېڭ بىلەن جاڭ نىڭ قورققىنىدن تۇرغان جايىدىن مىدىرلىيالمىدى. ئاۋاز تۇيۇقسىز توختىدى، ھېلىقى ئادەم بىنادىن پەسكە سەكرىدى….
    - ياق!- چېڭ چېڭ ۋارقىرىغىنىچە ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى، جاڭ نىڭ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرىۋالدى. تۆۋەندىن ”پاق“ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى…….

    چېڭ چېڭ قېلىن پەلتو كىيىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، ئىستاكان كۆتۈرىۋالغان قولى توختىماي تىترەيتى، قالايمىقان چاچلىرى پىشانىسىگە چۈشۈپ بىر كۆزىنى ئېتىۋالغان ئىدى. جاڭ نىڭ سولغۇن ھالدا بىر چەتتە ئولتۇراتتى.
    بۇ جىنايى ئىشلار رازىۋېتكا ئىشخانىسى، ئەتىگەن سائەت توققۇز، فاڭ ياۋجىيې ( ئاجىيې) نىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغىنىغا نەق 6 سائەت بولغان ئىدى.
    چېڭ چېڭ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئولتۇراتتى، بايا ساقچى سوئال سورىغاندىمۇ تاغدىن سورىسا باغدىن جاۋاب بەرگەچكە، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاساسى جەھەتتىن جاڭ نىڭ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
    سائەت توققۇز يېرىم بولغاندا بىر ئايال ساقچى ئىشخانىغا كىرىپ ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى، جىمجىت ھاۋادىن بىر خىل جىددىچىلىك كېلىپ تۇراتتى.
    ئايال ساقچى ئىستاكانىنى ئېلىپ بىر ئوتلىغاندىن كېيىن جاڭ نىڭ بىلەن چېڭ چېڭ قاراپ ئاستا قىلىپ “ سىلەردىن يەنە بىر قېتىم سوراي، ئۆلگۈچىنىڭ بىنادىن سەكرىگەن ۋاقتى راست سائەت 3 دەپ جەزم قىلالامسىلەر؟“
    چېڭ چېڭ چۈشىنىكسىز نەزەردە ئۇنىڭغا قاراپ گەپ قىلمىدى.
    -شۇنداق، – دېدى جاڭ نىڭ،- ئۇ چاغدا قولۇمدا يانفونۇم بار ئىدى، ئۇ ئادەم بىنادىن سەكرىگەندىن كېيىن سائەتكە قارىسام دەل 3 بوپتىكەن- دېدى
    ئايال ساقچىنىڭ چىرايى سەل ئۆزگەردىيۇ دەرھال يەنە ئەسلىگە كېلىپ گەپ قىلماستىن ئىستاكانىنى ئېلىپ يەنە بىر ئوتلام چاي ئىچتى، ئارقىدىن دانە دانە قىلىپ مۇنداق دېدى:
    جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى، ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى كەچ سائەت 11 دىن 12گىچە بولغان ئارىلىقتا……

  19. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئۇف، ۋايجاننننننننننننننن! ئادەمنى شۇنچە تەقەززا قىلىپ،ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشتىغۇ بۇ ھىكايە

  20. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    ۋاي تېخى تۈگىمىدى، رومان بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ بۇ ھېكايە

  21. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    شۇنداقمۇ؟ ھەنىم بولسا..

  22. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەممەيلەننى تاڭ قالدۇردى، ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلار فاڭ ياۋجىيېنىڭ بىنادىن سەكرىۋېلىشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تەكشۈرۈپ چىقالمىدى، ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى چېڭ چېڭنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بىر جۈپ ئاياغ ئىزى ھەقىقەتەن فاڭ ياۋجىيېنىڭ بولۇپ چىقتى…….. بۇ جىنايى ئىشلار رازىۋېتكا ئەترىتى تارىختىن بۇيان ئۇچراتقان ئەڭ غەلىتە دېلو بولدى، قانداق قىلىشنى ، قەيەردىن تەكشۈرۈشنى بىلەلمەي، ئاخىرى ئارخىپ خالتىسىغا سېلىنىپ بىر يانغا تاشلاپ قويۇلدى…..
    تۇرمۇش يەنە داۋاملىشىشى كېرەك، شەھەر بۇرۇنقىدەك تېنچ، بىراق قاراڭغۇ بۇلۇڭلاردىن بىر شىددەتلىك كۆرۈنمەس ئېقىم تارقىلىپ كەلمەكتە ……

    بۇ يىل باھار بىر ئاز سوغۇق بولدى. گەرچە قەھرىتان قىشنىڭ ئۇزىغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، باھار چېھرىنى كۆرسەتمەيۋاتاتتى. ئاسماننى قاتمۇ قات بۇلۇتلار قاپلاپ، ئىللىق قۇياش نۇرىنى كۆرسەتمەيۋاتاتتى. بۇنداق ھاۋادا ئادەمنىڭ كەيپىياتىمۇ تۇتۇق، ئېغىر تۇراتتى.

    فاڭ ياۋجىيېنىڭ ئۆلگىنىگە ئۈچ كۈن بولدى. بۇ ئەر ئۆلگەندىن ئېتىبارەن، چېڭ چېڭ خۇددى روھى جىسمىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى، ئۇ شىركەتتىن ئۇزۇن مەزگىللىك دەم ئېلىش سوراپ، كۈندە قۇرۇق ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇردى. بىچارە قىز قىسقىغىنا نەچچە كۈن ئىچىدىلا باشقا بىرىگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك بولۇپ، چىرايىدىكى سولغۇنلۇق ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. شۇنداق، نېمىلا دېگەن بىلەن ئاجىيې ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى ئەر، ئۈزۈلمەس رىشتىلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى مەھكەم چىرماپ ئالغان ئىدى…. ئەگەر جاڭ نىڭ كەلمىگەن بولسا، بۇ بىچارە قىز كارىۋاتتا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكىچە ياتقان بولاتتى.

    چېڭ چېڭ تىرمىشىپ قوپۇپ ئىشىكنى ئېچىپ بولۇپلا كاىۋاتقا ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ چۈشتى. گۇڭگا ئۆي ئىچى سوغۇق ھەم سۈرلۈك ئىدى. جاڭ نىڭ يامغۇر تامچىلىرى چاپلاشقان چېچىنى قولى تاراپ قويدى:
    - نەچچە كۈندىن بېرى سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم، تېلىفون قىلسام ھەمىشە ئېتىك، ئاخىرى بولماي سىزنى يوقلاپ كەلدىم.
    - ھە، دېدى چېڭ چېڭ بوغۇق ئاۋازدا،- رەھمەت سىزگە، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى.
    - ئۇ كەتتى، كەينىدىن كەتكىلى بولمايدۇ، چىداملىقراق بولۇڭ، بولامدۇ؟- دېدى جاڭ نىڭ ئېغىر تىنىپ.
    چېڭ چېڭ گەپ سۆز قىلمىدى، تورۇسقا تىكىلگەن نۇرسىز كۆز چاناقلىرىدا ياشلار لىغىلدايتى
    - چوقۇم تاماق يىمىدىڭىز، سىزگە تاماق ئالغاچ كەلدىم، قوپۇپ يەۋېلىڭ
    چېڭ چېڭ جاڭ نىڭغا قارىدى، ياشلىرى ئاخىرى ئېقىپ چۈشتى. جاڭ نىڭنىڭ بۇرنى ئېچىشقاندەك بولدى. كۆز ئالدىدىكى بۇ قىز شۇ قەدەر ئاجىز، بىچارە بولۇپ، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. ئۇ ئاستا مېڭىپ بېرىپ چېڭ چېڭنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزدى.

    چېڭ چېڭنىڭ كۆڭلىگە سىغمىغان دەرت ئەلەملىرى ئاخىرى كۆز ياشلىرى بىلەن تەڭ ئېتىلىپ چىقتى، ئۇ ئالدىدىكى بۇئەرگە ئۆزىنىڭ ئۆتمىشلىرىنى تۆكۈپ بەردى…

    ئۇ مېنى ھەمىشە ئۇراتتى، ھەتتا كۆز ئالدىمدىلا تورداشلىرىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلاتتى، ھاياتىمدا ھەرگىز بىرلا قىز بىلەن قانائەتلىنىپ قالمايمەن دەپ كۆرەڭلەيتى. ئۇنىڭدىن ئاستا ئاستا كۆڭلۈم سوۋىدى، كېيىن ئۈمىدىمنى پۈتۈنلەي ئۈزدۈم. ئىككىمىز گەرچە بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولساقمۇ، ئاللىبۇرۇنلا ناتونۇشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدۇق، بىر بىرىمىزنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى بىلەن كارىمىز يوق ئىدى. بىراق… بىراق ئۇنىڭ مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتىشىنى ئويلىماپتىمەن، پەقەتلا ئويلىماپتىمەن، ئەگەر ئۇ مېنى تاشلىۋەتكەن بولسا، باشقا بىرىنى تېپىۋالغان بولسا مەيلىتى، بىراق ئۇنىڭ مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتىشىنى قوبۇل قىلالمىدىم، پەقەت قوبۇل قىلالمىدىم، ئۇ نېمىشقا ئۆلۈپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا؟!!

    چېڭ چېڭ توختىماي بېشىنى چايقايتى، كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكىلەتتى. جاڭ نىڭ يېنىڭ ئۇھ تارتىپ قويۇپ چېڭ چېڭنىڭ مۈرىسىدىن بوش قۇچاقلىدى.

    ئىككىنچى كۈنى چېڭ چېڭ خېلى ئەسلىگە كەلدى، تاماق يېيشكە باشلىدى. بىراق چېھرىدە بۇرۇنقى كۈلكىلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئورنىغا چىققىنى سۇس ھەسرەت ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ھوجرىسىغا سولاپ قويۇپ مۇڭلۇق ناخشىلارنى قايتا قايتا ئاڭلايتى.
    نەچچە كۈندىن بېرى غەلىتە ئىشلار يۈز بەرمىدى، ھېلىقى كېچىدىكى ۋەقەلەر بولسا خۇددى چۈشتەكلا، قاباھەتلىك چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى.

    بۇ كۈنى چېڭ چېڭ ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا ئىسسىق سۇدا يۇيىنىۋالدى، ئارقىدىن بولغان ئىشلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆينى يىغىشتۇرۇپ فاڭ ياۋجىيېدىن قالغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ ساندۇققا سالدى. كۆز ياشلىرى سەلدەك ئېقىۋاتقان چېڭ چېڭ تۇيۇقسىز بىر ئىشتاننىڭ يانچۇقىنىڭ تومپىيپ قالغىنى كۆرۈپ، قولىنى سېلىپ پۈرلەنگەن بىر ۋاراق قەغەز ئالدى. بۇ خاتىرە دەپتەرنىڭ يىرتىۋېلىنغان ۋارىقى بولۇپ، ئالدىراشچىلىقتا ئىرماش چىرماش يېزىلغان بىر قۇر خەت تۇراتتى، ئىنچىكىلەپ قاراپ بۇنىڭ بىر ئادرىس ئىكەنلىكىنى بىلدى:
    جەننەت يولى، 14-نومۇر

    ھەقىقەتەن ئاجىيېنىڭ يازمسى، بىراق قىزىل قەلەمدە…..

    “ جەننەت يولى 14-نومۇر؟ قانداق نەس باسقان يەر بۇ؟“ دەپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىدى چېڭ چېڭ . سوغۇق شامال ئۇچۇپ كىرىپ ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى قايرىدى. چېڭ چېڭ بېشىنى كۆتۈردى، ھوجرا ئۆينىڭ پەردىسى خۇددى ئۇنى چاقىرىۋاتقاندەك پۇلاڭشىۋاتاتتى. چېڭ چېڭ ھېلىقى قەغەزنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ، ئۇخلاش كىيىمىنىڭ پوتىسىنى سەل چىڭىتىپ يېنىك قەدەم بىلەن دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، دېرىزە پەردىسىنى شارتتىدە قىلىپ ئاچتى. سوغۇق يامغۇر تامچىلىرى يانتۇ ھالدا ئۇچۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرىگە قوندى. ھاۋادىن سۇس قەغەز كۈلى ۋە كۆيدۈرگەن كۈجىنىڭ ھىدى كېلەتتى.
    چېڭ چېڭ قاپىقىنى تۈرۈپ قويدى، ئۇ بۇ خىل پۇراقنى ياقتۇرمايتى. دېرىزىنى ياپماقچى بولۇپ، تۇيۇقسىز ئارقىسىغا قاراپ كالىندارغا قارىدى، بۈگۈن چوكانتال بايرىمى (قەۋرە سۈپۈرۈش بايرىمى) ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ بۈگۈن ئاجىيېنىڭ يەتتىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.
    يەتتىسى….. چېڭ چېڭنى سۈر باستى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يەتتىسى ئاخشىمى ئەرۋاھلارنىڭ ئۆيىگە قايتىدىغان كۈنى ئىكەن، ئاجىيېنىڭ جەسەت كۈلىنى ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كەتكەن، ئۇ بۈگۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارارمۇ ياكى مۇشۇ ئۆيگە……؟

    چېڭ چېڭ قالايمىقان خىياللارنى قىلغاچ دېرىزىنى يېپىپ ئۈستەل يېنىغا كەلدى، شۇندىلا ئۇ ھېلىقى ۋاراقچىنىڭ قويغان يەردە يوقلىقىنى بايقىدى. چوڭلا بىر ۋاراق قەغەز ، قانداق بولۇپ مۇشۇنداقلا يوقاپ كېتىدۇ؟ شامال ئۇچۇرۋەتتىمۇ يا؟ بىراق ئۆي ئىچى مۇشۇنچىلىكلا تۇرسا، ھېچيەردە كۆرۈنمەيدۇ. چېڭ چېڭنى سەل قورقۇنچ باستى، “ جەننەت يولى 14- نومۇر“ دېگەن قاندەك قىپقىزىل يېزىلغان خەتلەر چەكسىز چوڭايتىلىپ ئۇنىڭ مېڭىسىگە ئۆچمەس مۆھۈر قىلىپ بېسىلغاندەك قىلاتتى. ئەمىلىيەتتە چېڭ چېڭ ئەسلىگە كېلىپ قالغان مۇشۇ نەچچە كۈندە كەچ بولۇشتىن قاتتىق قورقتى، ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋال بارلىق ئۆينىڭ چىراقلىرىنى ياندۇرۇپ قويغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى سەل بىخەتەر ھېس قىلاتتى. چۈشىدە بولسا ئىشىكنىڭ بىلىنەر بىلىنمەس چېكىلىۋاتقىنىنى ئاڭلايتى.

  23. پىنھان مۇنداق يازغان:

    داۋاملىق يېزىۋىرىڭ . تۈگىگەندە تەھرىرلەپ تېما ئاستىغىلا يىغىۋىتەرمىز يا .

  24. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    چېڭ چېڭ ئاجىيېدىن قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ يوغان ساندۇققا سېلىپ مەھكەم قۇلۇپلىۋەتتى. ئۇ ئۆينىڭ ھەربىر بۇلۇڭىنى ئىزدەپ قېزىۋەتتى، ھېلىقى قەغەزدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئەندىشە تەشۋىشكە چۆمگەن بىر كۈنى ئاخىرى تۈگەپ، كەچ كىرىپ كەلدى.
    چېڭ چېڭ يول بويىدىكى كوچا چىراغلىرى ئەمدىلەتىن يېنىشىغىلا ئۆيىدىن قېچىپ چىقتى، بۈگۈن كەچ ئۇ ئۆيىدە يالغۇز تۇرۇشتىن قورقۇۋاتاتتى. بىراق شۇنچە چوڭ شەھەردە ئۇنىڭ بىرەر دوستىمۇ يوق، نەگىمۇ بارار؟
    چېڭ چېڭ مەھەللىدىن چىقىشىغا يامغۇر يەنە سىمىلداپ يېغىشقا باشلىدى. كوچىدا ئادەملەر كۆپ ئەمەس ئىدى. چېڭ چېڭ يېقىن ئەتراپتىكى كەچلىك بازارغا باردى، بۇ يەردىكى شاۋقۇن سۈرەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خېلى ئەمىن تاپقۇزدى. ئۇ بىر كاۋاپچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بىر نەچچە خىل كاۋاپ ۋە ئىچىملىك بۇيرۇتۇپ ئولتۇردى. باشقا ئۈستەللەردىكى بىر قانچىدىن ئولتۇرۇشۇپ تاماق يەۋاتقانلارنى كۆرۈپ بىر خىل يالغۇزلۇق ھېس قىلدى. بۇ چاغدا ئۇ جاڭ نىڭنى ئەسكە ئېلىپ قالدى. جاڭ نىڭ چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلىپ، قەۋرە سۈپۈرگىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. چېڭ چېڭ مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ تونۇشۇپ قالغان بۇ شوپورنى ئانچە بەك بىلىپ كەتمەيتى، تەقدىر قىسمەت ھېلىقى قاباھەتلىك كېچىدە ئىككىسىنى بىر يەرگە ئەكەلگەن ئىدى. ئىشخانىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر چېڭ چېڭنى زېرىكتۈرەتتى، پۈتۈن شەھەردە ئۇنىڭغا يېقىن تۇيۇلىدىغىنى پەقەت جاڭ نىڭلا ئىدى، ئۇ زادى قانداق بىر يىگىتتۇ؟!

    ۋاقىت بىلىپ بىلمەيلا ئۆتۈپ كەتتى، چېڭ چېڭ كاۋاپلىرىنى يەپ بولۇپ، خىيال سۈرگەچ ئىچىملىكىنى ئالدىرىماي ئوتلاپ ئولتۇراتتى
    - سەتەڭ قىز، يالغۇز ئوخشىمامسىز؟ ھەمرا لازىممۇ؟
    چېڭ چېڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئالدىداھىجىيىپ دېۋەيلەپ تۇرغان، ئاغزىدا چىش كولىغۇچ چىشلىۋالغان ئىككى مەسنى كۆردى. ئەتراپتىكى ئۈستەلدىكىلەر تاراپ بولۇشقان ئىدى، يايما خوجايىنى بىر چەتتە مۈگدەپ ئولتۇراتتى. چېڭ چېڭ چاچراپ تۇرۇپ يايما خوجايىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ، پۇلنى تۆلىۋېتىپ ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي ماڭدى.
    سوغۇق كېچە. بۇ يول سەل چەترەك بولۇپ، ماشىنىلار يوق دېيەرلىك ئىدى.
    - قىزچاق، نەگە ماڭدىڭىز؟ ئاكىلىرىڭىز بىلەن بىللە ئويناپ كەلمەمسىز، ھى ھى ھى
    چېڭ چېڭ چۆچۈپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارپ بايىقى ئىككى مەسنىڭ ئۆزىگە قاچانلاردىندۇر ئەگىشىۋالغانلىقىنى بىلدى.
    -لۈكچەك،- دەپ تىللىدى چېڭ چېڭ، بىراق بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مەھەللىسىگە قاراپ يۈگۈردى، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ئاخىرى مەھەللىگە كېلىۋالدى، تەلىيىگە ھېلىقى ئىككى مەست ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلمىگەن ئىدى. چېڭ چېڭ ئۆىيگە كىرىپلا پولدا ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئاغزىنى چوڭ چوڭ ئېچىپ تىنماي نەپەس ئالاتتى………

    چېڭ چېڭ قاراڭغۇ ئىشىك تۈۋىدە تىترەپ خېلى ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيگە كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدى. بۈگۈن ئاجىيېنىڭ يەتتىسى، قارىغاندا بۇ كۈنى چېڭ چېڭغا مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرۇش پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ، قېچىپمۇ قېچىپ بولغىلى بولمىغۇدەك ….. قاراڭغۇ ھەم تىمتاس ئۆي چېڭ چېڭنى قورقۇنچ ھەم تەشۋىشكە سالدى. چېڭ چېڭ تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيدىكى بارلىق چىراقلارنى ياندۇرىۋەتتى. يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن كوكۇلا چاچلىرى پىشانىسىگە چىڭ چاپلىشىپ باشقىچە بىئارام قىلاتتى، پۈتۈن كىيىمىمۇ ھۆل ئىدى.

    چېڭ چېڭ پاكىز ئۇخلاش كىيىمىدىن بىرنى چىقىرىپ يۇيۇنۇشقا تەييارلاندى. ئىلمان سۇ پۈتۈن ھارغىنلىقنى ئېقىتىپ، نېرۋىلىرىدىكى جىددىچىلىكنى پەسلەتتى. چېڭ چېڭ كەڭ ھەم ئېگىز ئەينەك ئالدىدا چاچلىرىنى تاراۋاتاتتى. ئاپپاق يۈزلىرى، نازۇك بەدىنى…. بىر چاغلاردا ئاجىيې مۇشۇ چىرايغا، مۇشۇ بەدەنگە شۇنچىلىك مەپتۇن بولغان، بىراق كېيىنچۇ؟ ئەر خەق دېگەننىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق، قاچىسىدىكى يەپ تۇرۇپ قازانغا سىنچىلايدۇ…. چېڭ چېڭ لېۋىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ چېچىنى ئارقىسىغا ئېتىپ قويدى. مۇنچىنىڭ ئىچى سۇ ھورلىرى بىلەن تولغان، چىراق غۇۋا، ئەينەكتىكى ئۆزى بارغانسېرى سۇسلاشقا باشلىدى. سوغۇق كېچە، تىمتاسلىقىدىن ئادەمنى ئەنسىزلىككە چۆمدۈرەتتى. چېڭ چېڭ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز يۈرىكى سېلىپ كەتتى، ئۇ نۇرغۇن جىن ئەرۋاھلارغا ئائىت ھېكايىلەرنىڭ قورقۇنچلۇق قىسمىنىڭ دەل مۇنچىدا يۈز بەرگەنلىكى ئېسىگە ئالدى. دەرھال چېچىنى چاچ قىسقۇچ بىلەن قىسىپ يېنىپ چىقتى.

    چېڭ چېڭ ھوجرا ئۆيگە كىرىپ، لېرىك مۇزىكا قويۇپ قويدى. دېرىزە سىرتىدىكى قاراڭغۇلۇق ئەمدى خېلى سۆيۈملۈك تۇيۇلىۋاتاتتى. چېڭ چېڭ بىر ئىستاكان سۈت چاي دەملەپ، پۇتىنى يوتقانغا يۆگەپ، ياستۇقنى بېلىگە تىرەپ قولىغا ژورنالدىن بىرنى ئالدى. تامدىكى سائەتنىڭ سكۇنت سىترېلكىسى چىك چىك چىك قىلىپ ماڭاتتى. ئىللىق مۇزىكا چېڭ چېڭنىڭ نېرۋىلىرىنى بوشاشتۇرۇپ، ئۇيقۇسىنى كەلتۈردى.
    ئۇخلاي دېگەندە تۇيۇقسىز تېلىفون سايرىدى، جاڭ نىڭدىن كەلگەن ئىدى. چېڭ چېڭ بىرنى ئەسنەپ قويۇپ تېلىفوننى ئالدى
    - ۋەي، بۈگۈن خېلى ئوبدان ئۆتكەندۇ؟
    - يامان ئەمەس، بوپقويىدۇ. كەچلىكى بىر نەرسە يېگىلى چىقىپ ئىككى لۈكچەككە ئۇچراپ قالدىم، ھېلىمۇ ياخشى تېز يۈگىرەيدىكەنمەن…..
    -سىزدەك چىرايلىق قىزلار سىرتقا يالغۇز چىققاندا بىخەتەلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك جۇمۇ،- دېدى جاڭ نىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ
    ئىككىيلەن تاغدىن باغدىن پاراڭلاشماقتا ئىدى. جاڭ نىڭ پاراڭچى بالا بولۇپ، سۆزلەپ تۈگىمەس گەپلىرى باردەك قىلاتتى. چېڭ چېڭ يوتقانغا نائۇشنىكنى قۇلىقىغا سېلىپ ياتقانچە ئۇنىڭ قىززىقارلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ياتتى. بىر چاغ بولغاندا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى.

    ئۇخلاپ ياتقان چېڭ چېڭ تىترەك باسقاندەك بولۇپ ئويغىنىپ كەتتى، بايا تېخى كۆرگەن چۈشىنى ئۇنۇتتى. ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ ئىدى…….. بۇ…… بۇ نېمە بولغىنى؟ ھەممە چىراقنى ياندۇرۇپ قويۇپ ياتقانتىمغۇ؟؟؟؟ چېڭ چېڭ سىلاپ يۈرۈپ يانفونىنى ئاخىرى تاپتى. كونۇپكىسىنى بېسىۋىدى ھېچقانداق ئىپادە بولمىدى، يانفوننىڭ توكى تۈگىگەن ئىدى…. قارىغاندا مەھەللىدە يەنە توك كەتكەن ئوخشايدۇ…. چېڭ چېڭ قاراڭغۇلۇقتا تۈگۈلگىنىچە غال غال تىترەيتى، ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتكەنلىكىنى، مەھەللىدە نېمە بولۇپ توك كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى. سىرتتىن ياۋا مۈشۈكلەرنىڭ كۈيلىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلاندى، خۇددى بوۋاق يىغىسدەك ئاڭلىناتتى، چېڭ چېڭ قورققىنىدىن يوتقانغا مەھكەم پۈركەندى. ئاۋازلار بېسىققاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا گۆردەك تىمتاسلىققا چۆكتى… چېڭ چېڭ ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىۋاتاتتى.

    تۇيۇقسىز، مېھمانخانىدىن بوش ھەم غەلىتە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. چېڭ چېڭنىڭ بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كەتتى، بۇ نېمە ئاۋازدۇ؟… دىققەت قىلىپ ئاڭلىسا خۇددى بىرەيلەننىڭ پىچىرلىشىدەك قىلاتتى، خۇددى چاقىرىۋاتقاندەك…… چېڭ چېڭ ئۆزىنى بىلمەي كارىۋاتتىن چۈشۈپ دەلدەڭشىگىنىچە مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدى…….
    ھوجرا ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ مېھمانخانىغا قاراپ بوش ئاۋازدا دېدى:
    - كەلدىڭىزمۇ………….

    كەچ سائەت ئون بىر يېرىم، شاۋقۇن سۈرەنگە تولغان شەھەر ئاستا ئاستا تېنچلانغان ئىدى. جاڭ نىڭ يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىر قولىدا ئېڭىكىنى تىرەپ، بىر قولىدا مائۇسنى چېكىپ مۇنبەر كۆرۈۋاتاتتى. بىرسائەت بۇرۇن زېرىكىپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي چېڭ چېڭغا تېلىفون قىلغان ئىدى، پاراڭلىشىپ ئاخىرىغا كەلگەندە، چېڭ چېڭنىڭ ئاۋازى تۆۋەنلەپ چىقمايلا قالدى، جاڭ نىڭ ئۇنىڭ ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى بىلىپ تېلىفوننى قويۇۋەتكەن ئىدى.

    جاڭ نىڭ يېزىدىن بۇ شەھەرگە بەش يىل بۇرۇن كەلگەن ، ئارىلىقتا خىلمۇ خىل خىزمەتلەرنى قىلىپ باقتى، ھازىر تاكسىچىلىق قىلاتتى. تۇرمۇشنىڭ تاۋلىشى بىلەن ئۇ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى.

    كەچ سائەت 12، نەم سوغۇق شامال دېرىزە يوچۇقلىرىدىن ئۈسسۈپ كىرەتتى. جاڭ نىڭنىڭ كۆڭلى ئۆزىچىلا پاراكەندە بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇسسىغاندەك بولۇپ ئىستاكانىنى قولىغا ئالدى، قېرىشقاندەك ئىستاكاندىكى سۇ مۇزدەك سوۋۇپ كەتكەن ئىدى. جاڭ نىڭ قاپىقىنى تۈرۈپ سۇدىن ئىككى يۇتۇم ئوتلىدى. بىر مۇزدەك ئېقىم ئاغزىدىن كىرگەنچە پۈتۈن بەدىنىگە تارىدى. ئۇنى تىترەك بېسىپ كەتتى، مېڭىسى بولسا مۇشۇنىڭ بىلەن خېلىلا سەگەكلىشىپ قالدى. ئۇ ئىستاكاننى قويۇپ دېرىزە ئالدىغا كېلىپ پەردىنى قايرىدى. سوغۇق شامال ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى.

    جاڭ نىڭ تۇرىۋاتقان ئۆي خېلى چەتتە بولۇپ، بىر كونا بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئىدى. يۆگىمەچ دەرەخلەر ئۆسۈپ ئۇنىڭ دېرىزىسىغىچە كەلگەن ئىدى. يولنىڭ قارشىسىدىكىسى بولسا بىر قۇرۇلۇش ئورنى بولۇپ، توختىماي ياغقان سىم سىم يامغۇر سەۋەبلىك قۇرۇلۇش توختىتىلغان ئىدى. قاراڭغۇ كېچىدە ئېگىز كىرانلار سۈرلۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
    چېڭ چېڭ ئۇخلىغانمىدۇ؟ جاڭ نىڭ چېڭ چېڭنى ئويلاش بىلەن بەدىنىگە بىر خىل ئىللىق سېزىم تارىدى. تۇيۇقسىز سايرىغان كىيۇ كىيۇ ئاۋازى ئۇنى رېئاللىققا قايتۇرۇپ كەلدى. جاڭ نىڭ بىزار بولغاندەك قىلىپ قاپىقىنى تۈرۈپ قويدى، شۇنداقتىمۇ يەنە بۇرۇلۇپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كىيۇ كىيۇنى ئاچتى:
    - ئاداش
    جاڭ نىڭنىڭ كونا ساۋاقدىشى لى شىن سۆز قىلغاندەك ئىدى، كۆزنى بىزار قىلىدىغان ئوچۇق قىزىل رەڭدە چوڭ يېزىلغان خەت ئادەمنى بىئارام قىلاتتى. جاڭ نىڭ بارماقلىرى بىلەن كونۇپكا تاختىسى ئەپچىللىك بىلەن باستى، بىگىز بارمىقىدىكى كۈمۈش ئۈزۈك يالتىرايتى.
    - نېمە ئىش؟
    قارشى تەرەپ خېلىغىچە گەپ قىلمىدى. جاڭ نىڭ قايتا خەت يازاي دېگەندە، تۇيۇقسىز قىپقىزىل بىر ئابزاس خەت چىقتى:
    - ئاڭلاپ تۇرغىن، ئەگەر بۈگۈن كېچە ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، چوقۇم فاڭ يۈ چېن ئىسىملىك بىرەيلەننى ئىزدەپ تاپقىن، ئۇنىڭغا لى شىن ئالەمدىن ئۆتتى، ئامانەتكە قويۇلغان نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان چاغ بولدى دېگىن، ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلىدۇ، ئۆتۈنۈپ قالاي ئاداش، ماڭا چوقۇم ياردەم قىلغىن، شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىن، ھەرگىز ساقچىغا ئېيتىپ سالما!!!

    ھاڭ تاڭ قالغان جاڭ نىڭ تېز سۈرئەتتە كونۇپكا تاختىسىنى باستى.
    - ئىچىۋالدىڭمۇ يا چاخچاق قىلىۋاتامسەن؟ كىم ئۇ؟ نەدىن ئىزدەيمەن؟
    -ئۇزۇن جىملىقتىن كېيىن، لى شىن ئاخىرى بىر پارچە ئۇچۇرنى ئەۋەتتى:
    جەننەت يولى، 14- نومۇر………….

    - بۇ قەيەردۇ؟
    دەپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىدى جاڭ نىڭ. لى شىننىڭ ئۆيى مۇشۇ شەھەردە، شۇڭا بۇ ئادرىسمۇ مۇشۇ شەھەرنىڭ بولىشى كېرەك، بىراق تاكسىچىلىق قىلىدىغان جاڭ نىڭ بۇنداق يەرنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى.
    - جەننەت يولى 14-نومۇر نەدە؟ ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ساقچى چاقىرايمۇ؟
    جاڭ نىڭ بىر تىنىقتىلا ئۈچ سۇئال بەلگىسىنى ئەۋەتىۋەتتى. بىراق خېلى ئۇزۇن ساقلىسىمۇ لى شىندىن جاۋاب ئۇچۇر كەلمىدى. جاڭ نىڭ ئەنسىزلىكتە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، سوغۇق شامال دېرىزىدىن توختىماي كىرىپ ئۇنىڭ قالايمىقان چاچلىرىنى ئۇچۇراتتى. تۇيۇقسىز تامدىكى كونا سائەت داڭ داڭ قىلىپ داڭ ئۇردى، جاڭ نىڭ تۇيۇقسىز چىققان بۇ سادادىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، سائەت بىر بولغان ئىدى….. دەل مۇشۇ چاغدا كىيۇ كىيۇ سايرىدى، جاڭ نىڭ دەرھال بۇرۇلۇپ قارىدى، دېئالوگ كۆزنىكىدە پەقەت بىر جۈملە خەتلا تۇراتتى:
    ئۇ كەلدى………
    جاڭ نىڭنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى، سوغۇق تەر بۇرۇنلىرىنىڭ ئۇچىدىنمۇ ئېقىپ چىقتى. جىمجىت ئۆينىڭ ئىچىدە ئاللىقانداق شەكىلسىز بىر نەرسە لەيلەپ تۇرغاندەك، ھاۋا بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇنى قىستاپ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. تۇيۇقسىز چاقماق چاقتى، چاقماق نۇرى ئۆينىڭ ئىچىنى يورۇتىۋەتتى، ئارقىدىنلا پۈتۈن بىنانى تىترەتكۈدەك قاتتىق ئاۋازدا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىدى….. باھاردىكى تۇنجى گۈلدۈرماما بىلەن چاقماق…. يامغۇر كۈچەيدى.

    گۈلدۈرماما ئاۋازى بىلەن چېڭ چېڭ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى، بەل تەرەپتىكى قاتتىق ئاغرىق ئۇنى ئېسىگە كەلتۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا ، مېھمانخانىغا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى بايقىدى….

    نېمە بولۇپ بۇ يەرگە چىقىپ قالغاندىمەن؟ تۈن سەيلىسى قىلدىممۇ نېمە؟

    چېڭ چېڭ چىشىنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇردى، ئىككى قولىنى كۆكسى ئالدىدا قوۋۇشتۇرۇپ، ئەتراپقا قارىدى، تۇيۇقسىز، ئۇ مېھمانخانىدىكى سافادا قارا كۆلەڭگىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى
    -كىم؟
    ئاۋاز قۇرۇق ئۆيدە يېنىپ ئاڭلاندى، بىراق ھېچكىم جاۋاب قايتۇرمىدى.
    - سەن، سەن كىم؟؟؟؟؟
    يەنە بىر چاقماق چاقتى……..

  25. ئىرپان مۇنداق يازغان:

    ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمىز. بەك جايىدا، يەڭگىل تەرجىمە قىلىپسىز. مەنبەسىنى بىلگەن بولسام داۋامىنى كۆرۈپ تۇراركەنمەن.