يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئىيۇن - 10 - 2011 1 ئىنكاسلىق

ئىبراھىم ئىزاق ئاپتورلىقىدىكى بۇ ساترىك شىئېر ، 1985 – يىللىق 1- سان تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئۆيدىكى ژۇرناللارنى ۋاراقداۋېتىپ بۇ شېئىرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش مەقسىتىدە تورغا يوللىدىم . تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن . شۇنداقلا بۇ شېئىرغا قارىتا پىكىر – مۇلاھىزىلەرنى ۋە ئۆزى يازغان ساترىك شېئىرلارنى يوللاپ بىلوگىمىزنى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

بىر توينىڭ تارىخى
ئىبراھىم ئىزاق

بولمىدى بىر ئاي تېخى يانداشقىلى ،
كەلمىدى پەيت بىر قېتىم ئۇچراشقىلى .
ئۇچرىشىپ قالساقمۇ بەزەن كوچىدا ،
كۆز بېقىشتۇق بولمىدى مۇڭداشقىلى .
….
تېپىشىپ ئالدىنقى بىر يەكشەنبىدە ،
تاسلا قالدۇق ھۆكىرەك يىغلاشقىلى .
سىر ئېلىشتۇق قەلبىمىز چىقتى تۇتاش ،
ۋەدىلەشتۇق ئۆز – ئارا سىرداشقىلى .
قۇشۇلمىدى ئاتا – ئانىمىز ، لېكىن ،
ئۇنۇمىدى چايغىمۇ قاتناشقىلى .
تىز تۇتۇش قىپ كەلگۈسى يەكشەنبىنى ،
تاللىۋالدۇق خەت ئېلىپ ، تويلاشقىلى .
توينى قىلدۇق شۇ كۈنى بىز ئالدىراش ،
(نىمە ئامال بولمىسا چىداشقىلى ) .
ئۆتتى پەقەت ئارىدىن ھەپتە تىنىچ ،
باشلىدۇق دۈشەنبىدە تىللاشقىلى .
قىلدى تارلىق ئۆي تۈگۈل ، ھويلا ئارام ،
باش قۇيۇپ پەشۋا ئېتىپ مۇشىلاشقىلى .
بەزى بىزدىن خۇرسىنىپ ، ئەل – يۇرت پۈتۈن ،
ئۇنىمىدى قوشنىلار ئارلاشقىلى .
تازا نەس بولدى سەيشەنبە ماڭا ،
قاچتى قىز ، مەن باشلىدىم قوغلاشقىلى .
ئۆتكىچە پەيشەنبە ئاران ، چىدىدىم ،
شەنبىنى قىلدۇق قارار ، ئاجراشقىلى .
….
چۈشىنىپ ئەركىن مۇھەببەتنى خاتا ،
تاسلا قالدىم جان بىلەن خوشلاشقىلى .
>>پەندىيات ئىبرەت ئېلىڭ مەندىن<< دېدىم ،
كۆپ سىنىشىپ توي قىلىڭ قاملاشقىلى .

1 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكرى باركەن. سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. نۇر مۇنداق يازغان:

    ئاڭلىسام چوڭ شەھەرلەردە نىكاسىز بىللە تۇرۇدىغان قىز يىگىتلەر كۆپىيىپ قاپتۇ دەيدۇ. پەقەت كاللىمىزغا سىغدۇرالمايدىكەنمىز بۇنداك ئىشلارنى.