يوللىغۇچى: تۇمارىس يوللانغان ۋاقتى:ئاۋغۇست - 17 - 2011 5 ئىنكاسلىق

قۇلاقنىڭ رولى

روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بىمارنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
-ئەگەر مەن سىزنىڭ سول قۇلىقىڭىزنى كىسىۋەتسەم قانداق بولىدۇ؟
-ئاڭلىماس بولۇپ قالىمەن.
-ئەگەر ئوڭ قۇلىقىڭىزنى كىسىۋەتسەمچۇ؟
-ئۇنداقتا كۆرمەس بولۇپ قالىمەن.
دوختۇر ھەيران بولۇپ:
-قانداقلارچە؟-دەپ سوراپتۇ.
-ئۇ چاغدا كۆز ئەينىكىم چۈشۈپ كىتىدۇ ئەمەسمۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بىمار.

ئوغۇلمۇ-قىزمۇ؟

ئايالى تۇغۇت ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ،ئېرى باشقا تۇغقانلىرى بىلەن جىددىلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن دوختۇر بوۋاقنى ئېلىپ چىقىپتۇ.
ھەممەيلەن دوختۇرنى قورشىۋېلىپ، بوۋاقنى كۆرۈشكە ئالدىراپتۇ، ئارىدىن بوۋاقنىڭ دادىسى بىرىنچى بولۇپ قىز-ئوغۇللىقىنى بىلىپ بېقىشقا ئالدىراپ قولىنى تىقىپ سىلاپ بېقىپ خۇشاللىقتىن ۋاقىرىۋېتىپتۇ.
-ئوھوي! ئوغۇلكەن!!!
-نىمە ئوغۇل، بارمىقىمنى قويىۋىتىڭ، ئاغرىپ كەتتى،-دەپتۇ دوختۇر ئاچچىقلىنىپ.

تەسەۋۋۇر

جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى ئاي شارى ھەققىدە توختىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا:« كەلگۈسىدە نەچچە مىليون ئادەم ئاي شارىغا ئولتۇراقلىشىدۇ» دىيىشىگە، سىنىپنىڭ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپتۇ، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
-نىمىشقا كۈلىسىز؟
-ئاي ئورغاق شەكىلگە كىلىپ قالغان كۈنلىرى ئادەملەر قانچە قىستىلىشىپ كىتەر؟

تىببى ماھارەت

تىببىي ئۈنۋىرسىتېتنى پۈتتۈرگەن ئوغلى دادىسى ئاچقان دوختۇرخانىغا كەپتۇ، دادىسى ھەممە ئىشنى ئوغلىغا تاپشۇرۇپ ئۆزى سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىپ خېلى ئۇزاقتىن كىيىن قايتىپ كەپتۇ:
-ئوغلۇم، ھەممە ئىشلار جايىدىمۇ؟
-جايىدا دادا، ھېلىقى جونسون خانىم ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنىڭ سەن داۋالاپ ساقايتالمىغان بەل ئاغرىقىنى مەن ساقايتىۋەتتىم.
-ئۇقتۇم ، ئەقىللىق ئوغلۇم، جونسون خانىمنىڭ پۇلى بولغاچقا سېنى مەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەتتا ئالى مەكتەپتە ئوقۇتالىدىم، مەن تېخى ساڭا بىر پىكاپ ئالدۇرىۋېلىپ، ئاندىن بولدى قىلاي دىگەن ئىدىم،ھەي…..

«ساقلىق ساقلاش» ژورنىلىدىن ئېلىندى

5 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    يەنە داۋاملىق~~~

  2. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    بىر تەرجىمىگە بىر يۇمۇر ئەمىسە-ھە! تېز بولۇڭ «يېرىم كېچىدە چېكىلگەن ئىشىك» نى ئاچىمىز

  3. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    يېرىم كېچىدە ئىشىك چېكىلسە ھەرگىز ئاچمايمەن جۇمۇ

  4. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    بىر تەرجىمىگە بىر يۇمۇر دېگەندەك قىلاتتتىغۇ بىرەيلەن …….

  5. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ،مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن توشقان خېلىلا ئۇزاپ كېتىپتۇ،تاشپاقا ئۆز مېڭىشىدا مىسىلداپ كېتىۋاتسا ئېغىر قېپىنى يۈدۈپ ئاران كېتىۋاتقان قۇلۇلىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ دۈمبىسىگە مىندۈرىۋاپتۇ،ماڭە – ماڭ بىريەرگە كەلسە بىر چۈمۈلە كېتىۋاتقان ئۇنىمۇ ئېلىۋاپتۇ.چۈمۈلە تاشپاقىنىڭ دۈمبىسىدە قۇلۇلىنى كۆرۈپ “ ياخشىمۇ سىز “ دىيىشىگە قۇلۇلە قوپۇپ ”چىڭ ئولتا ،ما ئاداش يامان تېز ماڭىدىكەن “ دىگۈدەك .