يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئۆكتەبىر - 9 - 2011 ئىنكاسسىز

1. بىكار بولۇپ قالغان چېغىمىزدا ئانچە – مۇنچە بىر تال تاماكا چەككەچ ، ئاغزىمىزغا ھەمراھ ئىزدەيمىز . بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئۇششاق يىمەكلىك يىگەنگە قارىغاندا تىجەشلىك ھەم پاكىز ئەمەسمۇ.
2. دائىم يانچۇقىمىزدىن تاماكىنى ئايرىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ، پورتمالىمىز قۇرۇقدىلىنىپ قالسىمۇ يانچۇق تومپىيىپ تۇرىدۇ ، بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ .
3.دوستلىرىمىز ئۇچراپ قالغاندا تاماكا سۇنۇشۇپ ئاغزىمىزدىن تۈتۈن پۈۋلىگەچ ، ھال مۇڭ بولۇشۇپ خوشاللىق ئىزدەيمىز . خۇسۇسەن ، قورساق توق ، كۆڭۈل شوخ چاغدا بىر تال چېكىۋالساق جەننەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىمىز ئەمەسمۇ .
4. ئۇ بىز ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا چىشلەپ ئولتۇرىشىمىزغا ماس كېلىدىغان بىردىبىر نەرسە ئەمەسمۇ ، باشقىلار زاڭلىق قلىپمۇ كەتمەيدۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلى ئېلىشمايدۇ.
5. ھاراق ئىچكەنگە قارىغاندا كۆپ بىخەتەر . تاماكا چېكىپ ماشىنا ھەيدىگەندە ساقچى تاغاشلارنىڭ تۇتۇۋېلىشدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز .
6. غېرىپلىق ئىچىدىكى مۇڭ باسقان كېچىلەردە ئۇ يەنىلا ئەڭ ياخشى دوست بولالايدۇ .
7. تاسادىپىي چاغلاردا ئەرلەرنىڭ تاماكا پۇراپ تۇرغان ھالىتىنى ياقتۇردىغان گۈزەللەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ ، ئۇنداقتا سىزنى قۇتلۇقلايمىز ، بۇ قىز چوقۇم ئۆزگىچە خارەكتىرگە ئىگە .
8. تاماكىنىڭ ئىسى ماشىنىلارنىڭ قوڭىدىن چىققان ئىسقا قارىغاندا مۇھىتنى ئازراق بۇلغايدۇ
9. ناۋادا سىز بىر يىغىپ ساقلىغۇچى بولسىڭىز سىزگە تاماكا قېپىنى يىغىشنى تەۋسىيە قىلىمىز . قۇتىسى نەپىس ، رايون مىللەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تاماكا قاپلىرىنى يىغىپ كېيىنچە كۆرگەزمە ئاچسىڭىز چوقۇم جىق پايدا ئالالايسىز .
10. بەڭگىلىرىمىز پەخىرلىنىدىغان بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى ، كۆپىنچە مەشھۇر كىشلەر تاماكا چېكىدۇ . يىراقنى قۇيۇپ يېقىنلاردىن ئېلىپ ئېيتساق بىزنىڭ ماۋ بوۋىمىز بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدىندۇر .
11. بەدەننى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ ، مىدىتسىنادا ئىسپاتلىنىشىچە تاماكا چەككۈچىلەر دائىم دىگۈدەك شوراپ تۈكۈرۈپ يۈرگەچكە يۈز مۇسكۇلى تاۋلىنىدۇ . شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ يۇزقۇرۇلمىسى پەرقىلىق بولىدۇ .
12.بىزنى ئەڭ مۇنەۋۋەر باج تاپشۇرغۇچى دەپ تەرپلىسە تامامەن بولىدۇ .
13.سورۇنلارغا بارغان چېغىڭىزدا دەبدەبىلىك سەۋەپ كۆرسىتىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان قىزلاردىن نېرى تۇرالايسىز ، بۇنداق چاغدا سىز :«سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن مەن باشقا جايغا بېرىپ تاماكا چېكىپ كىلەي» دىيىش ئارقىلىق مۆتىۋەرلەرچە سالاپىتىڭىزنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان قىزلاردىن نېرى تۇرالايسىز
14. سىز موخۇركا چىكىپ ، باشقىلارنىڭ سىگارت چەككەنلىكىنى كۆرسىڭىز ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىدىغان بولىسىز ، ئەكسىچە سىز سىگارت چىكىپ باشقىلارنىڭ موخۇركا چەككىنىنى كۆرسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان بولىسىز .
15. ئاخىرقى بىر سەۋەپ ، تاماكا چەككەنلىكىڭىز ئۈچۈن يۇقارقى 14 سەۋەپنى باشقىلارغا كۆرسەتسىڭىز ، قايىل بولمىغۇچىلار بۇ سەۋەپلىرىڭىزنى ئىنكار قىلىپ ئاچچىقى بىلەن يازغۇچىنى تەنقىدلەۋاتقان چاغدا سىز ئاللىبۇرۇن خورەكنى دۈڭ تارتىپ ئۇخلاۋاتقان بولىسىز .