بۇ يازمىلار «غىدىق غىدىق» تۈرىگە تەۋە

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 12 - 2011 3 ئىنكاسلىق

ئىتالىيە ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بېرى ، بولۇپمۇ پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى ئىتالىيىنىڭ AC مىلان ، ئېنتىر مىلان ، يۇۋىنتۇس … قاتارلىق پۇتبۇل كۇلۇپلىرى ۋە زىدانىدىن كاللا يىگەن ماتراچ باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم چىملىقتىكى چەۋەندەازلىرىنى تولۇق بىلىدۇ . ئىتالىيە پۇتبۇلدىلا يۈكسەلگەن بولۇپ قالماستىن ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مودىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرغۇن كىيىم – كىچەك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ماركىلىرىمۇ ئىتالىيەگە تەۋە بولۇپ ، تۆۋەندىكى ئاشۇ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان بىرلۇسكۇنىنىڭ بىر قىسىم قىلىقسىزلىقلىرىنى كۆرۈپ چىقىڭ . ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بىرلۈسكۇنىنى ئۇنداق پاھىشۋاز ، بۇنداق تېتىقسىز دېسە ئانچە دىققەت قىلمىغان بولسىڭىز بۇ سىننى كۆرسىڭىز زۇڭتۇڭ بولغان ئادەمنىڭ شۇنداق قىلىقسىزلىقلارنى قىلغىنىغا چوقۇم ھەيران بولىسىز .

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 10 - 2011 1 ئىنكاسلىق
YigitniIlipQichish

بۇ بىر چۈشەندۈرۈش تولىمۇ قىيىن بولغان بىر ئىش . تويى بولغان يىگىتنى كىلىنچەكنىڭ قېشىدىن ئېلىپ قاچتى دېسەك ، تويى بولغان يىگىتنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئېلىپ قېچىۋاتقان بۇ ئۇچىنچى شەخىس ، ئىنتايىن ئازابلانغان ھالەتتە كۆزلىرى ياشلانغان بىر قىز سۈپىتىدە كۆز ئالدىڭىزغا كېلىشى مۇمكىن . لېكىن بۇ فىلىمدىكى يىگىتنى كىلىنچەكنىڭ قولىدىن ئېلىپ قاچقۇچى بىر ئەركىشى . بۇ فىلىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تويى بولغان يىگىتمۇ بۇ ئۈچىنچى شەخسىنى بەك ياخشى كۆرسە كېرەك ، ئۈچىنچى شەخىس كىلىنچەككە قول ياندۇرغاندا ۋە كېلىنچەك بۇ كىم دەپ سورىغاندا ئىزچىل مەن چۈشەندۈرەي دىگەن گەپنى قىلدى يەنە كېلىنچەكنى قوغداش ئۈچۈن ھەركەت قوللانمايلا قالماستىن ، ئۈچىنچى شەخىس ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ قاچقاندا

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 9 - 2011 ئىنكاسسىز
BenggilerningTamakaChikishBahanisi

1. بىكار بولۇپ قالغان چېغىمىزدا ئانچە – مۇنچە بىر تال تاماكا چەككەچ ، ئاغزىمىزغا ھەمراھ ئىزدەيمىز . بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئۇششاق يىمەكلىك يىگەنگە قارىغاندا تىجەشلىك ھەم پاكىز ئەمەسمۇ. 2. دائىم يانچۇقىمىزدىن تاماكىنى ئايرىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ، پورتمالىمىز قۇرۇقدىلىنىپ قالسىمۇ يانچۇق تومپىيىپ تۇرىدۇ ، بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ . 3.دوستلىرىمىز ئۇچراپ قالغاندا تاماكا سۇنۇشۇپ ئاغزىمىزدىن تۈتۈن پۈۋلىگەچ ، ھال مۇڭ بولۇشۇپ خوشاللىق ئىزدەيمىز . خۇسۇسەن ، قورساق توق ، كۆڭۈل شوخ چاغدا بىر تال چېكىۋالساق جەننەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىمىز ئەمەسمۇ . 4. ئۇ بىز ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا چىشلەپ ئولتۇرىشىمىزغا ماس كېلىدىغان بىردىبىر نەرسە ئەمەسمۇ ، باشقىلار زاڭلىق قلىپمۇ كەتمەيدۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلى

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 8 - 2011 ئىنكاسسىز
BiryurushQiziqarliqResimler

تۆۋەندە بىر قانچە قىزىقارلىق رەسىملەر 1. رۇسلان ، رەسىمگە چۈشىمەن دەپ ئۆلەپ بەرمە يەنە . 2. خوتۇن مايەردە تۇرە ، بۇ سەل چاتاقكەن 3.ئى خۇدا ! بۇ ئادەمگە قولتۇق ئەتىرى ئاتا قىلغايسەن ! 4. ئىتلارمۇ HIP-HOp ئوينايدىغان زامان بۇ 5. بولقا بىلەن ئىشكنى ئۇرمىسا ئاڭلىمايدىغان بۇ پاڭقاي كىمدۇر ؟ سىز چوقۇم تاپالايسىز 6. ھەۋەس بار لېكىن پۇل يوق 7. بۇ مايمۇن مۇنبىرىمىزدىكى بىرەيلەن باققان مايمۇندەك قىلىدۇ ، ئېسىڭىزگە كىم كەلدى ؟ 8. نازىلدىكىلەر ماڭا پۇل بەرسە بولىدۇ ئەمدى 9. چەۋەندار چىۋىن 10. ماشىناڭنى چىڭ تۇت ، خەقنى ئوغرى تۇتما 11. ھاي ، بۇ دىگەن بەردەڭگە ، ېېشىڭىزنىڭ كەينىدىنىۇ كۆز ئېچىپ

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 1 - 2011 2 ئىنكاسلىق
YigitlergeAltunChariler

ھازىرقىدەك ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بېرىپ ، يانچۇقنىڭ پەيلى يامانلىشىپ تۇرغان پەيتتە ، چىقىمدار بولۇشقا تۆرەلگەن يىگىتلىرىمىز ئۈچۈن پۇل تىجەشتىكى ئىسىل چارىلەردىن بىر قانچىنى سۇندۇق ، مۇۋاپىق كۆرسە بۇ ئەندىزىلەردىن پايدىلانغايسىلەر ؟ (چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن ئىپادە) 1.ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﯧﻨﯩﯖﯩﺰﻏﺎ10 ﺳﻮﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﯘﻝ ﺳﺎﻟﻤﺎﯓ ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺩﺍﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻮﺭﺗﻤﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺩﻩﺭﻣﺎﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺴﯩﺰ. 2. ﺋﻮﯕﺎﻳﻠﯩﻘﭽﻪ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭ ﺗﯩﻜﯩﺸﻤﻪﯓ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ٪ %50 ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ، ﺩﻭ ﺗﯩﻜﯩﺸﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﭘﯘﻝ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻜﯩﯔ ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﺎﻕ ﺳﯘ ، ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ .

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئاۋغۇست - 23 - 2011 5 ئىنكاسلىق
EqilliqOwIti

بىر باي ساداقەتمەن ئوۋ ئىتىنى ھەمراھ قىلىپ ئافىرىقىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ . بىر كۈنى ئوۋ ئىتى بىر كېپىنەكنى قوغلاپ يۈرۈپ يولدىن ئادىشىپ قاپتۇ . ئۇ قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي قاراپ تۇرغاندا ، توساتتىن بىر يىلپىزنىڭ ئۇنىڭغا چۇجۇم قىلماقچى بولۇپ ماراپ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ ، يىلپىزنىڭ ئوۋ ئىتىنى بىر ۋاخ مەززىلىك تاماق قىلىپ يىمەكچى بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى . ئوۋ ئىتى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىنى سىزىپتۇ ، ئۇ تۇيۇقسىز ئەتراپىدا نۇرغۇن ئۇستىخاننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ . ئۇ دەرھال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئۇستىخاننى ئېلىپ چايناشقا باشلاپتۇ . يىلپىز ئېتىلىشقا تەمشەلگەندە ئوۋ ئىتى يۇقىرى ئاۋازدا : – يىلپىز گۆشى نىمىدىگەن مەززىلىك – ھە ؟ بۇ ئەتراپتا يەنە يىلپىز بارمىدۇ ؟

يوللىغۇچى: تۇمارىس يوللانغان ۋاقتى :ئاۋغۇست - 17 - 2011 5 ئىنكاسلىق
Yumurlar

قۇلاقنىڭ رولى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بىمارنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: -ئەگەر مەن سىزنىڭ سول قۇلىقىڭىزنى كىسىۋەتسەم قانداق بولىدۇ؟ -ئاڭلىماس بولۇپ قالىمەن. -ئەگەر ئوڭ قۇلىقىڭىزنى كىسىۋەتسەمچۇ؟ -ئۇنداقتا كۆرمەس بولۇپ قالىمەن. دوختۇر ھەيران بولۇپ: -قانداقلارچە؟-دەپ سوراپتۇ. -ئۇ چاغدا كۆز ئەينىكىم چۈشۈپ كىتىدۇ ئەمەسمۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بىمار. ئوغۇلمۇ-قىزمۇ؟ ئايالى تۇغۇت ئۆيىگە كىرىپ كىتىپتۇ،ئېرى باشقا تۇغقانلىرى بىلەن جىددىلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن دوختۇر بوۋاقنى ئېلىپ چىقىپتۇ. ھەممەيلەن دوختۇرنى قورشىۋېلىپ، بوۋاقنى كۆرۈشكە ئالدىراپتۇ، ئارىدىن بوۋاقنىڭ دادىسى بىرىنچى بولۇپ قىز-ئوغۇللىقىنى بىلىپ بېقىشقا ئالدىراپ قولىنى تىقىپ سىلاپ بېقىپ خۇشاللىقتىن ۋاقىرىۋېتىپتۇ. -ئوھوي! ئوغۇلكەن!!! -نىمە ئوغۇل، بارمىقىمنى قويىۋىتىڭ، ئاغرىپ كەتتى،-دەپتۇ دوختۇر ئاچچىقلىنىپ. تەسەۋۋۇر جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى ئاي

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ئىيۇن - 10 - 2011 1 ئىنكاسلىق
BirToyningTarixi

ئىبراھىم ئىزاق ئاپتورلىقىدىكى بۇ ساترىك شىئېر ، 1985 – يىللىق 1- سان تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئۆيدىكى ژۇرناللارنى ۋاراقداۋېتىپ بۇ شېئىرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش مەقسىتىدە تورغا يوللىدىم . تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن . شۇنداقلا بۇ شېئىرغا قارىتا پىكىر – مۇلاھىزىلەرنى ۋە ئۆزى يازغان ساترىك شېئىرلارنى يوللاپ بىلوگىمىزنى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بىر توينىڭ تارىخى ئىبراھىم ئىزاق بولمىدى بىر ئاي تېخى يانداشقىلى ، كەلمىدى پەيت بىر قېتىم ئۇچراشقىلى . ئۇچرىشىپ قالساقمۇ بەزەن كوچىدا ، كۆز بېقىشتۇق بولمىدى مۇڭداشقىلى . …. تېپىشىپ ئالدىنقى بىر يەكشەنبىدە ، تاسلا قالدۇق ھۆكىرەك يىغلاشقىلى . سىر ئېلىشتۇق قەلبىمىز چىقتى تۇتاش

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ماي - 13 - 2011 8 ئىنكاسلىق
TirorstlarBilenAyallarningPerqi

1. تېرورىستلار بىلەن سۈلھىلەشكىلى بولىدۇ، ئاياللار بىلەن بولسا مۈمكىن ئەمەس. 2. تېرورىستلار نېمىنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتىدۇ، ئاياللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ نېمىنى خالايدىغانلىقىنى تېپىپ بېقىشىڭىزنى سورايدۇ. 3. تېرورىستلارغا يولۇقسىڭىز ئۆلۈم يولىدا ماڭىسىز، ئاياللارغا يولۇقسىڭىز ئۆلۈمدىن بەتتەر يولدا ماڭىسىز. 4. تېرورىستلار باشقىلار (گۆرۈگە ئېلىنغانلار) نى تىكىپ سۆھبەتلىشىدۇ، ئاياللار بولسا ئۆزلىرى تىكىپ تۇرۇپ سۆھبەتلىشىدۇ. 5. تېرورىستلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنسېرى تۆلەيدىغان پۇلىڭىز ئازىيىدۇ، ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشكەنسېرى خەجلەيدىغان پۇلىڭىز كۆپىيىدۇ. 6. سۆھبەت داۋامىدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ تېرورىستلارنى تۇتالايسىز، ئاياللار بولسا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ سىزگە ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بېرەلەيدۇ. 7. ئاياللار پايپاقنى پۇتىغا كىيىدۇ، تېرورىستلار بولسا بېشىغا كىيىدۇ. 8. ئەرلەر ئاياللارنىڭ پۇتىدىكى پايپاقنى سالدۇرۇشقا

يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى :ماي - 13 - 2011 4 ئىنكاسلىق
UndaqQazanghaMundaqChomuch

ئەگەر بىرەرسى سىزگە تۆۋەندىكىدەك گەپ سۆزلەرنى قىلىپ قالسا، مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇڭ(باشقىچە جاۋاب قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە) 1. قىز: مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ! ئوغۇل: نېمىسىنى ئۇنتۇيمەن؟ ئەسكە تۇتقىدەك يېرى بولمىسا ( قىز ئوغۇلنىڭ رولى ئالماشسىمۇ بولىۋېرىدۇ) 2.ئا: قاپقارا تۇرۇپ كۈنلۈك تۇتىۋاپسەنغۇ؟ ب : مۇشۇ چىرايىڭ بىلەن سىرتتا چىقىۋاپسەنغۇ؟ 3. ئا: ۋاي ۋۇي، يۈزۈڭدىكى نېمىدىگەن كۆپ مودۇر چوقۇرلار؟ تېراكتور ماڭسىمۇ موللاق ئاتقۇدەك جۇمۇ! ب: شۇ ئەمەسمۇ، ئەگەر يۈزۈمدىكى نەرسىلەر سېنىڭ بېشىڭدىكى چاچتەك ئاز بولغان بولسا بەك مەمنۇن بولغان بولاتتىم. 4. ئا: مېنى ئەخمەق كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟ ب: نېمە؟ ئەسلىدە ئەخمەق ئەمەسمىتىڭ؟ مۇشۇ چاغقىچە بىلمەي يۈرۈپتىمەن جۇمۇ… 5. ئا: ئېكس ئېكىس ئىدارىغا ئىشىك باقار لازىمكەن، شۇ

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 11 - 2011 7 ئىنكاسلىق
PulghaBisilghanKishlerningObrazi

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىدا ئوخشىمىغان شەخىسلەرنىڭ سۈرىتى بولىدۇ . بەزى دۆلەتلەردە پۇلغا سىياسىيونلارنىڭ سۈرىتى بېىلسا ، بەزى دۆلەتلەردە ئەدىپلەرنىڭ يەنە بەزى دۆلەتلەردە دۆلەت رەئىسىنىڭ سۈرىتى بېسىلىدۇ . بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 5- يۈرۈش خەلق پۇلىغا يېڭى جوڭگۇنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋزىدۇڭ ئەپەندىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بېسىلغان سۈرەتلەردىكى پۇللارغا قاراپ ئۆتەيلى . بۇ گومىنداڭ مەزگىلدە بېسىلغان 10 يۈەنلىك پۇل بولۇپ ، مىنگونىڭ 38 يىلى بېسىلغان ئىكەن . ئاستىدىكى ئىككەيلەن بۇ پۇلغا سۈرىتى بېسىلغانلار شۇ ئىكەن . مانا بۇ بىر موچەنلىك پۇلغا بېسىلغان ئىشچى – دېھقانلار سىنىپنىڭ ۋەكىللىرى مۇنۇ «ساھىپجامال»نىڭ سۈرىتىمۇ پۇلغا بېسىلىپتىكەن تېخى بىر يۈەنلىك خەلق پۇلىغا سۈرىتى بېسىلغان موماي قېرىپ كېتىپتۇ

يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى :ماي - 10 - 2011 3 ئىنكاسلىق
BashAghriqiHeqiqetenQorqunuchluq

جوينىڭ ھەمىشە بېشى ئاغرىيتتى ، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن بۇ كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى . ئۇ نۇرغۇن دوختۇرغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ ، ئەمما كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇلنى تاپالمىدى . ئۇ ئۈمىدىنى ئۈزەي دەپ تۇرغاندا ، بۇ خىل كېسەلنى داۋالىيالايدىغان بىر دوختۇرنى ئۇچرىتىپ قالدى . دوختۇر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : – بىر خۇش خەۋەر ، بىر شۇم خەۋەر بار . خۇش خەۋەر شۇكى ، كېسىلىڭىزنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالايمەن . شۇم خەۋەر شۇكى ، چوقۇم ئاختا قىلىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك . بېشىڭىزنىڭ ئاغرىشى ئۇرۇقداننىڭ ئومۇرتقا يىلتىزىنى بېسىۋېلىشى سەۋەبىدىن بولغان . بۇ خىل بېسىمنى تۈگىتىشتىكى بىردىنبىر ئامال ئۇرۇقداننى كېسىپ ئېلىۋېتىشتۇر . ئۇ بۇ گەپنى