يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ماي - 11 - 2011 7 ئىنكاسلىق

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىدا ئوخشىمىغان شەخىسلەرنىڭ سۈرىتى بولىدۇ . بەزى دۆلەتلەردە پۇلغا سىياسىيونلارنىڭ سۈرىتى بېىلسا ، بەزى دۆلەتلەردە ئەدىپلەرنىڭ يەنە بەزى دۆلەتلەردە دۆلەت رەئىسىنىڭ سۈرىتى بېسىلىدۇ . بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 5- يۈرۈش خەلق پۇلىغا يېڭى جوڭگۇنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋزىدۇڭ ئەپەندىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بېسىلغان سۈرەتلەردىكى پۇللارغا قاراپ ئۆتەيلى .

بۇ گومىنداڭ مەزگىلدە بېسىلغان 10 يۈەنلىك پۇل بولۇپ ، مىنگونىڭ 38 يىلى بېسىلغان ئىكەن . ئاستىدىكى ئىككەيلەن بۇ پۇلغا سۈرىتى بېسىلغانلار شۇ ئىكەن .

مانا بۇ بىر موچەنلىك پۇلغا بېسىلغان ئىشچى – دېھقانلار سىنىپنىڭ ۋەكىللىرى

مۇنۇ «ساھىپجامال»نىڭ سۈرىتىمۇ پۇلغا بېسىلىپتىكەن تېخى

بىر يۈەنلىك خەلق پۇلىغا سۈرىتى بېسىلغان موماي قېرىپ كېتىپتۇ مانا . تىراكتوردىن ئوت چىقىرىپ يۈرگەن ياش چاغلىرىدا تارتىلغان سۈرىتى چېغىۋا

ئىككى موچەنلىك پۇلغا سۈرىتى بېسىلغانلار ھەقىقەتەن قوش تىرناق ئىچىدە كەلمەيدىغان ساھىپجاماللار ئىكەن جۇمۇ .

50 يۈەنلىك خەلق پۇلىدىكى بۇ تەنناز چوكاننىڭ كىملىكىنى ھىچكىم بىلمەيدىكەن . ئەمما ئەرلەر بۇ پۇلنى خەجلەشكە ئامراقمىش

7 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    پۇلغان سۈرىتىم بېسىلىپ قالمىغانغا مىڭ شۈكرى، بولمىسا كىم-كىملەر سۈيۈپ يۈرەر ئىدى سۆرىتىم بار پۇللارنى….

  2. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    ئىككى يۈەنلىك پۇلغا بېسىلغان ئۇيغۇر قىز توغرىسىدا خەۋەر يوقمىكەن؟

  3. پىنھان مۇنداق يازغان:

    ئىككى يۈەنلىك پۇلدىكىسى ئۇيغۇر قىزىمىكەن ؟ ئاڭلىمىغان گەپكەن بۇ

  4. بىپەرۋا مۇنداق يازغان:

    ئىككى يۈەنلىك پۇلدىكى ئۇيغۇر ..ئوبدان قايلايلى پىنھان بۇرادەر

  5. پىنھان مۇنداق يازغان:

    مەن ئادەمگە قارىماي سانغىلا قاراپتىمەن ئەمەسما … قولۇمغا چۈشۈپ قالسا قاراپ باقايچۇ ئەمدى

  6. GoodLuck مۇنداق يازغان:

    جۇڭگو نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئېگەللەيدىغان ئىشچى، دىھقانلار بىر موچەنلىك پۇلدا قالغىنى قىزىق !

  7. قاينام مۇنداق يازغان:

    3 سوملۇق پۇلدىكى كىشى كىم ئەمسە ؟