يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 29 - 2011 13 ئىنكاسلىق

بۇ ماقالىنى يېزىش ، ياكى يازماسلىق توغرىسىدا كۆپ ئىككىلىنىپ كەتتىم . ئاخىرى يازاي دەپلا نىيەت قىلىپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بەلكىم بۇ ماقالىدا بىر تەرەپلىمىلىك خاھىشى بولۇشى مۇمكىن . ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قىلىپ ماقالىنىڭ مەزمۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

بىرىنچى ۋەقەلىك :
يولدا كېتىپ بېرىپ ، قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھالسىز قەدەملىرىدىن بىلگىلى بولىدىغان بىر ياشانغان ئايالنىڭ ، يۈزىنىڭ تاياق زەربىسىدىن كۆكىرىپ كەتكىنىنى ، كۆزىنىڭ تاياق زەربىسىدە قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ گەپ سوراپ قالدۇق . ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە ئوغلىنىڭ بالىسىغا قارىغاچ كىر يۇيۇۋاتقان ئىكەن ، كىچىك بالا بىر چەتتىكى ئوچاقنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ كەتكەن چوغنى تۇتۇپ ئويناپ قولىنى كۆيدۈرۋاپتۇ . نەۋرىسىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ بالىنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇرۇشىغا كىلىنى چىقىپ ، بالامغا نىمىشقا ئوبدان قارىمايسەن دەپ ئۇ ئايالنى ئىتتىرىپ يىقىتۋېتىپتۇ ، ئوغلى كېلىپ ئاپىسىنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ بولۇشىغا ئۇرۇپ ، تىزلاپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ . « ئۆزەمنىڭ ئۆيىدە بالىلىرىمنىڭ قاش – قاپىقىغا قاراپ ياشاپ ، ھەدىسىلا تاياق يېيىشتىن تويدۇم ، نېمە كۆرسەم كۆرەرمەن ياكى تىلەرمەن ئاشۇ ئۆيگە بارغۇم يوق ، ئەرىز قىلساممۇ بولاتتى ، لېكىن ئۆزەمنىڭ بالىسىنى قانداقمۇ ئەرىز قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنايدۇ » دەپ يىغلاپ كەتتى . ئىسىت دېدىم ، بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئېچىشتى . ئەتراپتىكىلەر ئازدۇر كۆپتۇر پۇل يىغىپ بەردۇق . بىر لەڭپۇڭچى ئايال بۇ ئايالنى ئۇرۇندۇقىغا تارتىپ لەڭپۇڭ سېلىپ بەردى ، يىراقتا تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان يەنە بىر ئايال بىر تەخسە ئۆپكە زاسۈي ئەكەپتۇ يېسىلە دەپ . ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ تىجارىتى بىلەن كۈنى ئاران ئۆتۈۋاتقان كىشلەر ئىدى . مۇھىمى ئۇلار ئادەم ئىدى .

ئىككىنچى ۋەقەلىك
مەن بىلىدىغان بىرسىنىڭ خوتۇنى يامانلاپ كېتىپتۇ ، يامانلاشتىكى سەۋەبىمۇ ناھايىتى ئاددى بولۇپ ، كىيىم توغرىلىق گەپ تالىشىپ قالغانىكەن . ئىرى خوتۇنىغا قاتتىقراق ۋارقىراپ قۇيۇپتۇ خالاس . يامانلاپ كەتكىلى ھازىر 95 كۇن بولدى دېدى . ھەيران قالدىم بۇ ئەرنىڭ 95 كۈن ئۆيدە ياتمىغان خوتوننىمۇ خوتۇنۇم بار دەپ يۈرگىنىگە . « ئالدىنقى قېتىم تويغا بارسام تويدا يۈرۈپتۇ ، چىرايلىق تۆت ئېغىز گەپ قىلاي دەپ تانسىغا تارتسام قوپماي تۇرۇۋالدى‹‹ دېگەنتى تېخىمۇ ھەيران قالدىم . بۇ گەرچە مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ ، نەچچە كۈنگىچە كاللامدىن ئۆتمەي بەك ئويلىنىپ كەتتىم . قىزنىڭ دادىسى بولغان لامزەللىمۇ قىزىغا « ماڭە ، مەن سېنى ئەرگە بەرگەن ، ئېرىڭنىڭ قېشىغا كەتكىن يا ئاجىراش » دىمەي لاتا چايناپ يۈرۈپتۇ . بۇ ئاداشمۇ يامانلاقتا تۇرۇپ تويدا ئويناپ يۈرگەن خوتۇننىڭ تەستىكىگە تۆتنى قۇيۇپ ، دادىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قىلىدىغان گېپىنى قىلماپتۇ . ئادەمنى ئەڭ غەزەپلەندۈردىغىنى ئارىدىن 95 كۈن ئۆتكەندە ، قىزىمغا ۋارقىراپتۇ دەپ يېزىلىق ساقچىخانىغا ئەرىز قىلىپ بېرىپتۇ . ساقچىلارنىڭمۇ تاماشا كۆرگىسى كېلىپ قالغان چېغى بۇ ئاداشنى چاقىرتىپ بىر نىمىلەرنى دېگەن ئوخشايدۇ . ئەر-خوتۇننىڭ جىدىلىگە ساقچىلارنىڭ ئارلاشقىنىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەن . بۇ ئىش تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى . راست گەپنى قىلسام « ۋۇ سەھرالىقلار ئۆزەڭگە ئاز» دېدىم ئىچىمدە . ئىلگىرى بىر دوستۇمنىڭ ئايالى يامانلاپ كېتىپ ئەكەتكىلى بارغاندا ، كەتمەيمەن ئۇرىدىكەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ دوستۇمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كېتىپ قاپتۇ ، بۇ قاقباش نەدىن ئويلاپ تاپقان ئۇقمىدۇق . شۇ كېچىسى قاراڭغۇدا خوتۇنىنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ ئۆگزىسىگە چالما ئېتىپ قۇيۇپ كېتىپ قاپتۇ . ئەتىسى ئەتىگەندە قارىسا خوتۇنى ئۆز ئايىغى بىلەن كۆزلىرى يىغىدىن قىزارغان ھالەتتە ئۆيگە پەيدا بوپتۇ . ئەسلىدە قىزنىڭ دادىسى ئۆگزىگە چۈشكەن چالمىنى تۇيغان چېغى ، ئەتىگەندە بامداتتىن يېنىپلا ئۆيگە كىرىپ ، خوتۇنى بىلەن قىزىغا خېلى قاتتىق گەپ قىلغان ئوخشايدۇ . «سەن يامانلاقتا تۇرساڭ ، خەق نىمىشقا ئۆگزىگە چالما ئاتىدۇ ، ماڭ ئېرىڭنىڭ قېشىغا كەت ، مەن سولامچى ئەمەس» دەپ بوغچىمىسىنى كۆتەرتىپ ئىرىنىڭ ئۆيىگە ھەيدىۋېتىپتۇ . نەچچە كۈندىن بۇ ئىككى قېيناتا سېلىشتۇرما ھالەتتە خيالمىدا ئەگىپ يۈرۈيدۇ .

ئۈچىنچى ۋەقەلىك
مەلۇم رېستۇراندا ياندىكى ئۈستەلدىكى بىر قانچە سەھرا چىراي كىشىنىڭ پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى . ھەممىسى دېگۈدەك خوتۇنىنى ئېلىپ كەپتىكەن ، ئارىسىدا بىرسىدىن « خوتۇنۇڭنى ئېلىپ كەلمەپسەنغۇ دەپ » سورىۋىدى « خوتۇنۇم ھازىر بەش ۋاق ناماز باشلىۋالدى ، سورۇنلارغا بارمايدۇ » دېۋىدى ، يەنە بىرسى قوپۇپ « تۈگىشىپسەن ئاداش ،خوتۇنۇڭ كۈندە قوڭىنى بەش ۋاق سوغۇق سۇدا چايقايدىكەن » دەپ ماز ھىجايدى . ھىچ بولمىسا ئالدىدىكى پىيالىنى ئاۋۇ مازەكنىڭ كاللىسىغا ئاتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ ئولتۇرسام ، « شۇنى دېگىنە » دەپ ئولتۇرمامدۇ ھېلىقى ماز. تاس قالدىم چاچراپ قوپۇپ قاپاققا تۆتنى قويغىلى . ئىچىمدە ئىسىت دەپ كەتتىم . شۇ ئايالنىڭ قىلغان ئىبادىتى ئېرىنى غۇرۇرلاندۇرۇشى كېرەك ئىدىغۇ ؟ سورۇندىكى باشقا ئەرلەر « بىزنىڭ ئاياللىرىمىزمۇ ئىبادەتنى باشلىۋالسا بولاتتى » دەپ خىجىل بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ ؟ ھىچ بولمىسا « خوتون ئۆزەمنىڭ ، خوتۇنۇمنىڭ قوڭى بىلەن نېمە ئىشىڭ ھەزىلەك ، نوچى بولساڭ خوتۇنۇڭنى بازارغا سالماي ، سەنمۇ ناماز ئوقۇت » دەپ ياقىسىدىن تۇتۇپ تامغا ئۈستۈرەلمىگەن ئاشۇ ئەر كىشىنىڭ شۇ قەدەر لاتىلىقىغا ئېچىندىم . تاكى رېستۇراندىن قايتقۇچە ئۇلارنىڭ ماڭا ئېھتىياتسىزلىقتىن بولسىمۇ سوقۇلۇپ كېتىشىنى تىلەپ ئولتۇردۇم.

تۆتىنچى ۋەقەلىك
ناھىيە بازىرىنىڭ مەلۇم يېرىدە ساتىراشخانا ۋىۋىسكىسى ئېچىۋالغان بىر قاتار جالاپخانىلار بار ئىدى. بىر كۈنى ئاغىنە باللا سۇغا چۆمۈلۈپ قايتىشىمىزدا شۇ دوقمۇشتىكى قىزىل چىراقتا توختاپ قالدۇق . قارىساق ، ھېلىقى قاتار پاھىشخانىلارنىڭ بىرىنىڭ ئىشىكىدە بىر توپ يېزا بالىلىرى نۆۋەت ساقلاپ تۇرۇپ كېتىپتۇ . « يائاللا ، بۇلارغا كوللېكتىۋىزملىق ئىدىيىسى ئوبدان سىڭدۈرۈلۈپتۇ جۇمۇ » دىيىشىپ كۈلۈشۈپ تۇرساق ، قارىماققا دادا – بالىدەك كۆرۈنىدىغان ئىككەيلەن يەنە بىر پاھىشخانىنىڭ ئىشىكىدە پەيدا بولۇپ ، بالىسى قوراملىقىنى دادىسى قوراملىقى كىرگۈزۋېتىپ ساقلاپ تۇرىدۇ « نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئاتا بۇ ، يىمەي يېگۈزۈپ … ـمەي … ـتۈرۈپ » دېسەم باللا تېلىقىپ كۈلۈشۈپ كەتتى . بەلكىم ئۇلار دادا- بالا ئەمەستۇ . لېكىن ئىككىسى ھىچ بولمىسا بىر ئەترەتتىن دەپ ئويلىدۇق . بۇ ئىشلار يېشىل چىراق يانغۇچە بولغان 30 سىكۇنت ئىچىدە بولغان ئىدى . بەزىدە ماۋزېدوڭنىڭ « سەھرالىقلار شەھەرگە كىرسە ھەممىنى قىلىپ باقىدۇ » دېگەن گېپى ئىسىمگە كېلىدۇ ، خەلق مەيدانىدا ھەر قىسما قىلىقلارنى قىلىپ ئادەمنى سەسكەندۈرۋاتقان يېزا قىز يىگىتلىرىنى كۆرسەم . ئۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرى گويا جۈپلىشىۋاتقان بىر توپ ئۇلاغنى ئەسلىتىدۇ .

بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلىكلەر ئاز ئەمەس دوستۇم . بەزى چاغدا مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقسىڭىز ئادەم ئۇرغۇڭىز كېلىپ مۇشتۇملىرىڭىز تۈگۈلۈپ كېتىدۇ . گەپ قىلسىڭىز ئەسلى ئاڭلىمايدۇ . بۇرۇنقى ساپ ۋە ساددا يېزا ئادەملىرى نەگە كەتكەندۇ دەپ ئويلىنىپ قالىمەن . بۇنداق ئىشلارنى كىملەردىن يۇقتۇرغانلىقى ھەققىدە سۆزلىسەم چېچىلىپ قالىمەن ، شۇ دەرىجىدە تىز يۇقتۇرۇۋالىدىغان شۇ ئادەملەرگىمۇ غەزىپىم كېلىدۇ . ئەمدى مىنىڭ جىق سۆزلىگۈم يوق .

13 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. GoodLuck مۇنداق يازغان:

    بىرلىرىگە قارىسا خوتۇنىنى قۇلغا ئايلاندۇرىۋالغان، بىرلىرىگە قارىسا خوتۇنۇنى رېستۇرانغا ئاپىرىپ، يېنىدىكى ئاغىنىسىگە « خوتۇنۇم بىلەن تانسىمۇ ئويناپ قويمىدىڭ » دەپ باتناپ ئولتۇرغان، يەنە بىرلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ئۆيىدە تاماق ساقلاپ ئولتۇرسا، خەقنىڭ خوتۇنلىرىغا ھەتتا ئاغىنىلىرىنىڭ خوتۇنلىرىغا ئېسىل تاماقلارنى ئېلىپ بېرىپ يۈرگەن… ۋەھاكازالار .
    لېكىن شۇنداق دىيەلەيمىزكى بىز ئوخشاش ئىجتىمائى ۋە جۇغراپىيىلىك رايوندا ياشاۋاتقان باشقا ھەرقانداق مىللەتتىن، ھەر قايسى جەھەتلەردە ياخشى ياشاۋاتىمىز دەپ ئويلايمەن. ھازىرقى جەمئىيەتكە ئورتاق بولغان بىر قىسىم بولمىغۇر ئىجتىمائى ھادىسىلەر، بىزلەردىمۇ مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، بۇنىڭلىق بىلەن بىر توپنى ياكى پۈتۈن مىللەتنى يوققا چىقىرالمايمىز.
    مېنىڭ بۇ يازمىدىن ھېس قىلغىنىم: يازما ئېگىسى بىر قىسىم سەھرالىقلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلىقلىرىغا رەدىيە بەرمەكچى بولغان، ھەرگىزمۇ ھەممە سەھرالىقنى شۇنداق دېمەكچى ئەمەس دەپ چۈشەندىم. شۇنداق بولغانىكەن، يازمىنىڭ تېمىسىنى باشقىچىرەك قويۇپ، مەقسەتنى يازمىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىپادىلەشكە تېرىشقان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
    ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولسا ئورتاقلاشساق .

  2. پىنھان مۇنداق يازغان:

    GoodLuck نىڭ دېگىنى توغرا .
    يەنە بىر تەرەپنى ئىزاھلاپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ . يېزىدا ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى سەھرالىق بولۇشى ناتايىن ، شەھەردىمۇ سەھرالىقلار بار . سەھرالىق ئۇقۇمى ھەرگىز مەلۇم رايوندا ياشاۋاتقانلارنى كۆرسەتمەيدۇ بەلكى ئىش – ھەركىتى بىلەن بەلگىلىنىدۇ .
    كىيىنكى قېتىم «سەھرالىق قانداق بولىدۇ» دىگەن تېمىدا بىر نەرسە يازسام بولغۇدەك

  3. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    پىنھاننىڭ «سەھرالىق» دېگەن ئاتالمىغا بىرگەن ئىزاھاتىنى كونكىرتراق چۈشىنىپ باقساق دەيمەن . قارىغاندا مەنمۇ «شەھەرلىكلەر ئۆزۇڭلارنى بىلىۋىلىڭلار» دېگەن تېمىدا بىر يازما يازسام بولامدۇ نېمە؟
    مېنىڭچە بۇ يازمىڭىزدىكى «ئىدىيە» گە ،ئاۋۇ ماۋزۇ بەك يوغان «قالپاق» بولۇپ قاپتۇ.

  4. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ:

    سەھرالىق(ساتىرا )

    سۈرتۈپ ئەمدى چىكەڭدىن تەرنى ،
    كۈرۈپ باققىن بىر رەت شەھەرنى ،
    شەھەردە ئۆتكۈز بىر كۈن سەھەرنى ،
    سۈزۈمنى بىر رەت ئاڭلا سەھرالىق . `

    شەھەرلەرگە كىرسەڭ قارايسەن ،
    بىنا بىلەن قەۋەت سانايسەن ،
    بەلكى بۇنى نىمە ئىشتۇر دەيسەن ،
    لىكىن بىلمەي ياشا سەھرالىق .

    باشلىق بولدۇم دىگىنىڭ بىلەن ،
    كاستىيۇم ، شىبلىت كىيگىنىڭ بىلەن ،
    بېنتىس، ئاۋدى مىنگىنىڭ بىلەن ،
    يەنىلا سىنىڭ ئېتىڭ سەھرالىق .

    بىز دىگەنچۇ يۈرۈيمىز مۇنداق ،
    ھايات پەيزى بۇلۇر ئاشۇنداق ،
    سەنمۇ بىزدەك بۇلامسەن قانداق ،
    چۈشەنمەيسەن لىكىن سەھرالىق .

    ئىشتىنىمىز غەرىبچە كالتە ،
    چاچلىرىمىز رىمچە بۈدىرە ،
    ئۆي تۇتىمىز يەنە كورىيەچە ،
    بىخەۋەر سەن بۇندىن سەھرالىق ،

    ئوينىغاننى كۆرگەنمۇ قاتار ،
    كۈن كەلسە يىتىپ ئۈتۈپ ئايلار ،
    توشار شۇ كۈن رىستۇران چايلار ،
    ئويناپ باققىن مەندەك سەھرالىق .

    ئەر دىگەنمۇ كۈنۈپ كىتىدۇ ،
    بىز يانغۇچە ساقلاپ تۇرىدۇ ،
    تېخى بىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ ،
    كۆندۈر ئەرنى سەنمۇ سەھرالىق .

    قايتالمىساڭ ئۈيۈڭگە ئەگەر ،
    قۇنۇپ كىچە ، قايتىسەن سەھەر ،
    نىچۈن؟ دىسە چاچىسەن زەھەر ،
    قىلالامسەن بىزدەك سەھرالىق .

    رېستۇراندا تانسا ئوينايمىز ،
    دىسكو ئويناپ تىنماي سەكرەيمىز ،
    بىردەم ئويناپ باشنى چايقايمىز ،
    سەنمۇ ياشا بىزدەك سەھرالىق ،

    ئەر دىگەنگە تاماق ئەتكۈزگىن ،
    كەچلىكى ھەم كىر- قات يۇيغۇزغىن ،
    تۇغۇپ قويدۇڭ ! بالا باققۇزغىن ،
    قىلالامسەن شۇنداق سەھرالىق .

  5. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    سەھرالىقلار توغرىسىدا يەنە مۇنداق دىگۈچىلەرمۇ بار:

    سەھرالىق ئۇ ئاقىنى ئاق دەيدۇ، !
    قارا دىسەڭ، چۇقۇم ياق دەيدۇ.
    ئۇز گەپ قىلساڭ سېنى ساق دەيدۇ،
    ھالال ئىشلەپ جاننى باق دەيدۇ،
    شۇنداق ئوبدان سەھرالىق دىگەن. 

    ئىشكىگە قۇلۇپ سالمايدۇ،
    سوۋغا-سالام قۇبۇل قىلمايدۇ.
    پۇلاتمىكىن ئىشلەپ ھارمايدۇ،
    كىچە-كۈندۈز ئارام ئالمايدۇ،
    شۇنداق ئىشچان سەھرالىق دىگەن.

    پۇل-مالنى دەپ ۋىجدان ساتمايدۇ،
    ئەجىر قىلىپ، بىكار ياتمايدۇ.
    قۇرسىقىدا پويىز قاتنايدۇ،
    (بىراق ھىيلە-مىكىر پاتمايدۇ)
    كۆڭلى ئوكيان سەھرالىق دىگەن. 

    دوپپىسى بار يىگىت بېشىدا،
    ئوسمىسى بار قىزچاق قېشىدا.
    نە پەرقى بار ئىچى-تېشىدا،
    شادلىق-قايغۇ باردۇر يېشىدا،
    ئەمەس مىشچان سەھرالىق دىگەن.

    سەھرالىقنى <>چاغلىما،
    ساختا مالنى سېتىپ ئالدىما.
    سەن ئۇز ئالما، ئۇ بىر چالمىما؟
    مەيلى خالا ياكى خالىما،
    مەردۇ-مەردانە، سەھرالىق دىگەن.

    سەھرالىقتىن ئايرىلسا شەھەر،
    غۇربەتلىشىپ كىتەر نەقەدەر؟
    غەم-ئەندىشە ھەر يەرگە ئۈنەر،
    بۇ دۇنيانى قاباھەت كۈتەر،
    ئەلگە پەرۋان، سەھرالىق دىگەن.

    چۇقۇۋېلىپ ئۆتكۈر كۈزىنى، 
    ئۆتمەس قىلساڭ دادىل سۆزىنى.
    تۆۋەن قىلساڭ يۇرۇق يۈزىنى،
    بىلەلەيدۇ يەنە ئۆزىنى،
    ئەمەس نادان، سەھرالىق دىگەن.

  6. چايان مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە يازما ئىگىسىدە«سەھرالىق»لارغا قارىتا باشقىچە قاراش بار ئىكەن !سىز قايتىۋېىپ كۆرگەن ئىشلار نىمە ئۈچۈن شەھەردە يۈز بىرىدۇ؟قايسى بىر سەھرادا ئاشۇنداق «ساتىرماچخانلار»بار؟ھەرقانداق شەھەردە بار~ شەھەردە ھەرخىل ئىقلىملاردىن كەلگەن ھەرخىل تەبىقىدىكى ئادەملەر ياشايدۇ،مەدەنىيەت ساپاسى،ئاڭ سەۋىيسى يۇقرىلارمۇ،تۆۋەنلەرمۇ ياشايدۇ شەھەردە كۈندە ھەر سائەتتە ھەرخىل ساخاۋەتلىك ئىشلارمۇ،گۇنايى كەبىرلەرمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.بۇنىڭغا شەھەرمۇ،شۇشەھەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئاڭلىق-ئاڭسىز ھالدا گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدۇ.سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز شۇلار ئىچىدىكى بىرى،دېڭىزدىكى تامچە!خىلۋەت خالىيلاردىكى ،ئايرىم خانلاردا «ياشاۋاتقانلار»غىمۇ،شۇلارغا يىشىل چىراق يېقىپ بىرىۋاتقان سولامچىلارغىمۇ،خوتۇنىنى قاتارچايغا ئەۋەتىۋىتىپ،ئۆيىدە بالا بېقىپ تاماق ئىتىدىغان«ئەركەك»لەرگىممۇ،ئەر خوتۇن ئىككىلىسى باشقا باشقا قاتار چايغا بېرىپ ئاخرىدا مەسىتچىلىكتە بىر مىھمانخاندىن تۆت بولۇپ تۇتۇلغانغىمۇ گۇۋاچى بار!!!
    ھەرقانداق نەرسىنىڭ مۇكەممەل بولىشى ناتايىن! ئايدىكى خالنى دەپ ئۇنى قارا دىيىشكە بولمايدۇ!ئومۇمىيلىق ئىچىدە قىسمەنلىك بولۇپ تۇرىدۇ!ئەمما باھا بەرگۈچى بۇنىڭغاتوغرا قاراپ ئىجابى تەنقىد قىلىشى كېرەك!

  7. ھبلھكھرې مۇنداق يازغان:

    بۇنداق ئىشلار نۇرغۇن ،بۇلارنىڭ ھەممىنى بىر-بىرلەپ ساناپ ئولتۇرۇشنىىڭ ھاجىتى يوق.
    لېكىن مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاۋال شەھەردىن باشلانغان ،شۇ شەھەرلىكلەر ئۆزى باشلاپ بەرەگەن ،شۇڭا ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقىنى تونىغان ھالدا باشقىلارنى تەنقىد قىلشىمىز كىرەك.
    مەزمۇن ياخشى لېكىن تېما بىر تەرەپلىمە بولۇپ قاپتۇ .

  8. شۇڭقار بلوگى مۇنداق يازغان:

    ئوف مەن تىخى تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا سەھرالىق دەپ نىمانداق تىللايدىغاندۇ دەپ ئاچچىقىمدا كىرىپتىمەن، ھى ھىھ ى
    ئەسلى ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن، تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

  9. yvonne مۇنداق يازغان:

    قوناخۇنكامغا قايىل بولدۇم، يېزىپ قويىدىكەن خېلى،بولۇپمۇ شەھەردىمۇ سەھرالىقلار ياشايدۇ دىگەن گېپىگە كۈلىۋەتتىم چاۋاك چېلىپ! بەك راس گەپ بۇ….

    يەنە بىرسى ئەر ئايال سوقۇشسا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كېلىپ ئارلاشقىنىغا ھەيران قالدىم، چوڭ شەھەرلەردىمۇ بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باقمىدىم جۇمۇ، كۈزىتىش نۇقتىڭىزغا قايىل بولدۇم(باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرغان چىراي)

  10. پىنھان مۇنداق يازغان:

    قۇناخۇنكام سىزگە سالام ئېيتتى

  11. yvonne مۇنداق يازغان:

    مەندىنمۇ سالام:-)

  12. قادىخان مۇنداق يازغان:

    دىۋانە ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ، دىدەك مۇنچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆي…. دەپ بەزى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز شەھەرلىك يا سەھرالىق بولسۇن ئازىراق پىتلىنىپ قالسا قىلمىغان قىلىقى قالمايدۇ جۇما… ھاھاھا

  13. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ما قادىخان كىم بوپ كەتتى ئەمدى؟