يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 25 - 2011 6 ئىنكاسلىق

جون بىلەن جەك ئىككىسى تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ ، دۇنيادىكى نۇرغۇن تاغلارنى بويسۇندۇرغان ئىدى . ئۇلار يەنە ئافرىقىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ تىزمىسى – كىلىمانجارو تاغ تىزمىسىنى بويسۇندۇرماقچى بولدى .
ئۇلار تولۇق تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن تاغقا چىقىشقا باشلىدى . مۇساپە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ ، ئەتىسى چۈشتىلا ئاپپاق تاغ قاپتىلىغا چىقىپ بولدى . ئۇلار بىر جايدا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا جون دەسسەپ تۇرغان يەردىكى مۇز يېرىلىپ كېتىپ ، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى .
جېك مۇز يېرىقىنىڭ قېشىغا كېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا :
- جون سەن ھاياتمۇ؟ – دەپ ۋارقىرىدى .
خېلى ئۇزاقتىن كېيىن :
- پەرۋەردىگار مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىدى ، مەن تېخى ھايات ، بىراق بىلىكىم سۇنۇپ كەتتى ، – دېگەن ئاجىز ئاۋاز ئاڭلاندى .
جېك بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن :
- ساقلاپ تۇر ، مەن ھازىرلا سېنى تارتىپ چىقىرىمەن . – دەپ ۋارقىرىدى ، ئاندىن ئارغامچىنى تاشلاپ بەردى ، – ئارغامچىنى چىڭ تۇت ، مەن سېنى تارتىپ چىقىرىۋالىمەن .
جون ماقۇل بولدى ، جېك ئۇنى تارتىشقا باشلىدى .
بىر ئازدىن كېيىن جېك تۇيۇقسىز :
- جون ، بىلىكىم سۇنۇپ كەتتى دەۋاتاتتىڭ ، ئارغامچىنى قانداق تۇتتۇڭ ؟ – دەپ سورىدى .
تۆۋەندىن ھېچقانداق جاۋاپ چىقمىدى . جېك ئويلىغانسېرى غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ئۇنىڭدىن يەنە سورىدى :
- جون ، ئارغامچىنى قانداق تۇتتۇڭ دەۋاتىمەن ؟
- چىشىم …. – دېگەن سۆز ئاخىرلاشمايلا ، جېك ئارغامچىنىڭ تۇيۇقسىز يېنىكلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى . ئارقىدىنلا تۆۋەندىن ”پالاق“ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى .

6 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. gvlyar مۇنداق يازغان:

    ماختانچاق پاقىنىڭ ھىكايىسىدىكىدەك ئىش بوپتۇ ھە

  2. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    بەزىدە مۇشۇنداق تولا گەپ قىلىدىغان ئادەمنىڭ ئاغزىغا كالاچ بىلەن سالسا تازا …

  3. ئەسەدۇللا مۇنداق يازغان:

    توۋا بۇ چەتەللىكلە نىمانچە دىۋەڭ دۇ توۋا ئۈستىگە چىىقىپ بولۇپ دەپ بەر سىمۇ بۇلىدىغان ئىش ؟ ھې ھې ھې ؟

  4. رىتا1028 مۇنداق يازغان:

    ماۋۇنىڭغا كۈلۈۋاتقىلى 10 مىنۇت ،يۈكسەلنىڭ كالىچىغا كۈلۈۋاتقىلى 2 مىنۇت بولدى

  5. بەگزادە مۇنداق يازغان:

    خېلى قىزىقكەن !!!!!!!!!ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!