يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ماي - 10 - 2011 6 ئىنكاسلىق


كۆپچىلىك كۆرگەنسىلەر بېكىتىمىزنىڭ ئالاقە ئېختىنىڭ ئادىرسى : muzat@muzat.org بولۇپ ، ئېخەت ئادىرسى بېكىتىمىزنىڭ نامىدا . بېكىتىمىز نامىدىكى بۇ ئېخەتنى يېقىندا ھەقسىز تەمىنلەنگەن كارخانا ئېخېتى بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇۋالغان بولۇپ ، بۇرۇنلاردا كارخانا ئېخېتى بوشلۇقىنى ھەق تۆلەپ ئىشلەتكەن بولساق ، ھازىر تېڭشۈن تەمىنلىگەن ھەقسىز كارخانا ئېختىنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىزگە خاس ئېخەت قۇرۇۋالدۇق . تېڭشۈننىڭ بۇنچىۋالا سېخى بولۇپ كېتىشىنى 360 بىلەن باشلانغان جىدەلدىن باشلاندىمىكى دەيمەن . مەيلى قانداقلا بولمسۇن ، بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامىڭىز بولسىلا ھەقسىز كارخانا ئېخېتى ئىشلىتەلەيسىز دىگەن گەپ . مەسلەن مىنىڭ كارخانا ئېخەت ئادىرسىم : mail.muzat.org (مۇزات ئېختىنى ئىشلىتىشنى خالايدىغان دوستلار بىز بىلەن ئالاقىلاشسا XXX@muzat.org نامىدا ئېخەت ئېچىپ بەرسەك بولىدۇ )
بۇ كارخانا ئېختىنى سىناپ باقاي دېسىڭىز mail.muzat.org ئارقىلىق sinaq ئىسمى ۋە 112233 پارولى ئارقىلىق بۇ ئېخەتكە كىرىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ . ۋە ياكى بىلوگىمىزنىڭ ئەڭ ئاستىغا ئورنىتىلغان مۇزات ئېلخېتىگە كىرىش ئېغىزى ئارقىلىق كىرىپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ .
تېڭشۈن تەمىنلىگەن ھەقسىز كارخانا ئېخېتى بوشلۇقىنىڭ تەپسىلي ئۇچۇرى
ھەر بىر ئەزاغا 2 گىگابايت سىغىمدا 200 ئەزاغا خەت ساندۇقى قۇرۇپ بەرگىلى بولىدۇ .
كۆپ بولغاندا 5 ئىسىم باغلىغىلى بولىدۇ .
ئومۇمىي سىغىمى چەكسىز
كارخانا تور دېسكىسى 2 گىگابايت
يوللانما قۇشۇمچىسى 50 مىگابايىت
ئەڭ چوڭ يوللانما قۇشۇمچىسى بىر گىگابايت
يەنە ، كۆپ ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سۇپىسى ۋە داڭلىق ۋىروسخورلارنىڭ قوغدىشى ، ئەزارلارنى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ باشقۇرۇش ، logo نى ئىختىيارىي بېكىتىش … قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ . بېكىتىڭىزنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنى يۇقىرى سىغىمدىكى ، ئۆزىڭىزنىڭ بېكىتىڭىز نامىدىكى ئېخەت بىلەن تەمىنلىيەلەيسىز .

تېخىمۇ تەپسىلاتلارغا ئىرىشەي دېسىڭىز خەت ساندۇقىڭىزنى قالدۇرۇڭ ، تەپسىلاتى ۋە تىزىملىتىش ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بېرىمەن .
ئەسكەرتىش ، بېكىتىمىز نامىدا ئېخەت ئىشلىتىۋاتقانلار ، بىلوگىمىزنىڭ ئەڭ ئاستىغا مۇزات ئېلخېتىگە كىرىش ئېغىزى ئورناتتۇق ، شۇ يەردىن بىۋاستە كىرسىڭىز بولىدۇ .
مۇزات ئېخىتى لازىم بولسا مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرسا ياكى بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ .

6 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. قاينام مۇنداق يازغان:

    ئۇستام ، مەزكۇر ئۇسۇلنىمۇ بىزگىمۇ ئۆگەتمەيلىمۇ ….

  2. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    ئەڭ ياخشىسى بۇ ئۇسۇلنى مۇشۇ يەردىلا ئېلان قىلغان بولسىڭىز ھەممىمىز سىناپ كۆرسەك بوپتىكەن

  3. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    قارىغاندا ئەزالار ئىچىدە تۈنجى قېتىم سىناپ باققىنى مەن ئوخشايمەن.

  4. قاينام مۇنداق يازغان:

    مانىغۇ …
    qaynam@qq.com