يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 15 - 2011 23 ئىنكاسلىق

بۇ ئەسەر ‹‹ئەلپەنچىلەر VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى ›› ناملىق ئەسەرنىڭ ، ‹‹ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى›› ناملىق بىرىنچى بۆلىكى ، كىيىنكى بۆلەكتە قاسىم سىدىقنىڭ ئاتالمىش شەكىل نەزىريىسى ھەققىدە توختىلىمەن .

ئالدى بىلەن IQ ۋە VS توغىرلىق چۈشەنچە بىرىۋىتەي . IQ نىڭ مەنىسى ئەقلىي ئىقتىدار دىگەنلىك بولۇپ ئېنگىلىزچە Intelligence Quotient دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر . VS بولسا ۋە ، بىلەن دىگەن مەنىدە بولۇپ ، ئېنگىلىزچە VERSUS دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر . ئادەتتە ئىككى خىل شەيئى مۇسابىقلەشتۈرۈلگەندە قوللىنىدۇ .

يوپورغىنىڭ سىيەك يېزىسىدىن چىققان ھەۋەسكار ئالىمجاننىڭ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىدىغان ماتور كەشىپ قىلغانلىقى ، پۈتكۈل تور دۇنياسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى ھەتتا ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك تېلۋىزىيە ئىستانىسىدەك نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ، بۇ ئىشنى كۈچەپ كۆپتۈرۈپ تەشىق قىلدى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە ، بەزى تورداشلىرىمىز ھاياجان ئىلكىدە ، ئالىمجاننىڭ فىزىكىدا مۆجىزە يارتقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇشتى ، ئالىمجاندىن پەخرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن مەستخۇش بولۇپ ، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇرغا يېقىنلىشۋاتقانلىقىغا ۋە يەنە بىر قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر كەشپىياتچى تەرىپىدىن باشلىندىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندى . ھەتتا ئالىمجاننى ئېينىشتىيىن ، نىيوتونلارغا سېلىشتۇرۇپ ، ئېينىشتىيىن ۋە نىيوتونلارنىڭ ئالىمجاننىڭ ئالدىدا كەش بازىرىدا قالىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشىپ ئۆتتى . ئىشقىلىپ كۆپ قىسىم ئۇيغۇر تورداشلار بۇنىڭدىن شەكلەنمىدى ۋە چوقۇم شۇنداق بولۇشىغا چوڭقۇر ئىشەنچ باغلىدى . ئالىمجاننىڭ بۇ ئاتالمىش ‹‹كەشپىيات››ى توغىرلىق گۇمانلانغانلار ۋە بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ، ئىلىمى ئاساس بىلەن شەرھلىگەنلەر ، ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى بولۇپ سانىلىپ ‹‹مۇناپىق››لىق قالپىقى كەيدۈرۈلدى . ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىغانلىقى ، ناۋادا باشقا مىللەتلەر كەشپ قىلىپتۇ دىگەن بولسا ئىشىنىدىغانلىقى ، لىكىن ئۆزىنىڭ مىللىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىدەك ‹‹مۇناپىق››لىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ ، ئالىمجاننىڭ كەشپىياتىنى ئىتىراپ قىلمىغانلارغا ‹‹مۇناپىق›› ئۇنۋانى تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى . ھەتتا بۇ توغىرلىق ، ئالىمجانغا نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش توغىرلىق ، نوبىل كومتىتىنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشۈرگەنلىكى ، بۇ مۇكاپاتنىڭ يېقىندا ئەمىلىلەشتۈرىلدىغانلىقى ، دۇنياۋى ئىلىم – پەن مۇنبەرلىرىدە ئالىمجاننىڭ بۇ كەشپىياتى قىززىق نۇقتا بولۇپ قالغانلىقى ، ھەر قايسى ئىقلىمدىن كەلگەن ئالىملارنىڭ ، بۇ كەشپىياتقا قايىل بولماي تۇرالمىغانلىقى توغىرلىق ئەپقاچتى يالغان پاراڭلار تارقالدى . بۇنىڭلىق بىلەن ھاياجانلىنىپ تۇرغان ئۇيغۇرلار ، يەنە بىر ھاياجانلىنىش دولقۇنىغا دۇچ كېلىپ ، ھەممەيلەن ئالىمجانىنىڭ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولىدىغان كۈنلەرنى كۈن ساناپ كۈتۈشكە باشلىدى .
ۋادەرىخ …. يىللار ئۆتتى ، ئايلار ئۆتتى ، كۈنلەر ئۆتتى . ھەممەيلەن ئالىمجاننىڭ نەتىجىسىگە تەقەززا بولۇشتى ، پەخىرلىك ھېسىيات بىلەن يايرايدىغان ، دوپپىنى ئاسمانغا ئېتىپ تەنتەنە قىلىدىغان ئاشۇ كۈننى كۈتۈشتى . نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇرغا تارقىتىلىشىنى كۈتتى . بىراق بۇ شان – شەرەپلەر ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرغا نىسىپ بولمىدى .
ئەپسۇس ، فىزىكا ئىلىمىىگە بۇنداق تەنتەكلىك بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇش ، ئاز بولمىغان كىشلەرنى ئۈمىتسىزلەندۈردى . پېقىرمۇ بۇ ئىشنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەي ، تورداشلارنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى ، فىزىكىغا ئائىت نازۇك مەسىلىلەرگە كەلگەندە سوغوققان بولۇشىنى ، ھەر قانداق كەشپىيات ۋە قانداقتۇر نەزىريەلەرنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشىغا ئەمەس ، نەتىجىسىگە قاراپ ئىش قىلىشىنى ، شۇ ئاتالىمىش ‹‹كەشپىيات››لارنىڭ ئىسپاتلىنىشىنى كۈتۈپ ، نەتىجىسى چىققاندا ھاياجانلانسىمۇ كىچىكمەيدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ، بۇ ئىشلارغا ئىلمى پوزىتسىيە تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلغان بولساممۇ ، ھەش پەش دىگۈچە ‹‹مۇناپىق›› لىق قالىپىغا ھەقسىز ئىرىشتىم . مەيلى دىدىم ، يەنىلا مەيلى دەيمەن . ئۇيغۇرۇم كەيدۈرگەن بۇ قالپاقتىن رەنجىمەيمەن . بەلكى ، پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ مىللى ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم پېنىنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلارغا نەپرەتلىنىدىغىمنى بىلدۈرىمەن خالاس .
ئەمدى ، بۇ ئاتالمىش ‹‹ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىدىغان ماتور››غا كەلسەك ، مۇشۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىلا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بايقايمىز . يېقىلغۇ دىگىنىمىز ، كۆيىدىغان ، كۆيۈش ئارقىلىق ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىدىغان ماددىلاردۇر . مەسلەن : كۆمۈر ، بېنزىن ، سالياركا ، تەبئى گاز …. قاتارلىقلار . بىراق ھاۋانىڭ كۆيۈشى مۇمكىن بولمىغان بىر ئىش . چۇنكى ، ھاۋانىڭ 21 پىرسەنتى ئوكسىگىن ، 78 پىرسەنتى ئازوت ، قالغان بىر پىرسەنتى مىكروگازلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئوكسىگىن بولسا كۆيىدىغان ئەمەس ، كۆيۈشكە ياردەم بېرىدىغان ماددا ، ئازوت بولسا پەقەتلا كۆيمەيدىغان ماددا ، قالغان بىر پىرسەنتى بولسا ھەر خىل مىكروگازلارنڭ ئارلاشمىسى بولۇپ ، ھاۋانىڭ كۆيۈشى ياكى ھاۋانى كۆيدۈرۈش ، ئاللاھدىن بۆلەك ئىنساننىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئىش ئەمەس . بۇ ئېنىقلا IQ سى ئاجىز كىشلەرنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئىزدىنىش مۇنبىردىكى بىر تورداش بۇ توغىرلىق ،‹‹ ناۋادا ھاۋا كۆيىدىغان ئىش بولسا ، بېن لادىن ، ھاۋاغا ئوت قۇيۇۋىتىمەن دەپ ئامىركىنى قورقۇتۇپ دۇنيانى قالايمىقان قىلىۋەتكۈدەك ›› دەپ يازىدۇ . ھەقىقەتەن ھاۋا كۆيىدىغان ئىش بولسا ، ھەممە ئەتراپنى ھاۋا قاپلىغان بۇ سەييارىمىز زور ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالمامدۇ ؟
ئوكسىگىن بىلەن ئازوتنى رىئاكسىيەگە كىرىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ ؟
ئوكسىگىن بىلەن ئازوت رىئاكسىيەگە كىرىشمەيدۇ ئەمەس كىرىشىدۇ ، بەلكى ، نۇرغۇن تەننەرخ بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا رىئاكسىيەگە كىرىشىدۇ . ئوكسىگىن بىلەن ئازوتنى رىئاكسىيەگە كىرىشتۈردىغان ئالاھىدە شارائىتقا نۇرغۇن تەننەرخ كېتىدۇ ۋە بۇ تولىمۇ خەتەرلىك بىر جەرياندۇر . ناۋادا ، ئازوت بىلەن ئوكسىگىن رىئاكسىيەگە كىرىشسە ، بۇ ئارلىقتا ئازوت چالا ئوكسىد (ئىككى ئوكسىد) ۋە ئازوت تۆت ئوكسىد ھاسىل بولۇپ ، بۇلار ھاۋادىكى سۇ پارى بىلەن بىرىكىپ ، ئىنتايىن زىيانلىق بولغان ئاممىياك كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ . بۇنىڭ ئاخىرى ئىنسانلارنى ھالاكەتكە باشلايدۇ خالاس . ئەمما ، ئوكسىگىن بىلەن ئازوتنىڭ رىئاكسىيىسى ئادەتتىكى شارائىتتا يۈز بەرمەيدۇ . دىمەك بۇ رىئاكسىيە نۇرغۇن تەننەرخ كېتىدىغان ھەم خەتەرلىك ئاقىۋەتنى ئېلىپ كىلىدىغان جەرياندۇر .
ئۇنداقتا بۇ ماتور نىمىگە تايىنىپ ھەركەتلىنىدۇ ؟
ماتور تۇنۇشتۇرۇلغان فىلىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك ، بۇ ماتور ، ھاۋانىڭ ئىتتىرش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھەركەتلەندۈرۈلدۇ . فىلىمدە توك ناسوسىدا قىسىلغان ھاۋانىڭ شىلانكا ئارقىلىق ماتورغا ئۇزىتىلغانلىقى ، ئاندىن ماتورنىڭ ھەركەتلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز . بۇنىڭ پىرىنسىپى خۇددى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان پىرىلدىغۇچنىڭ شامال تەسىرىدە چۆگلىگەنلىكىگە ئوخشايدۇ . دىمەك ، بىز بۇنداق كەشپىياتنى كىچىكىمىزدە ئاللىبۇرۇن بايقاپ بولغان . بۇ ماتورنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى نولگە يېقىنلىشىدۇ ، بۇ ماتورنى ئىشلىتىمىز دىگەن تەقدىردىمۇ ، ماتورغا توختىماي قىسلغان ھاۋانى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان مىخانىك قۇرۇلما كىرەك بولىدۇ ، بۇ قۇرۇلمىنىڭ ھەجىمى ئەڭ كىچىك بولدى دىگەندىمۇ ، ھەركەتلەندۈرۈلگەن ماتورنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ئوخشاش ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ . بۇ قۇرۇلمىنى قەيەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش كىرەك ؟ بۇ قۇرۇلمنى مۇۋاپىق بىر جايغا ئۇرۇنلاشتۇردۇقمۇ دەيلى ، بۇ قۇرۇلمىغا كېتىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ نەدىن كىلىدۇ ؟ بۇ قۇرۇلمىنى توك بىلەن ھەركەتلەندۈرۈش كىرەكمۇ ياكى بېنزىن ۋە يېقىلغۇ گازلار بىلەنمۇ ؟ بۇ ماتور موتسىكلىتقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن ، مەنزىلگە يىتەرلىك ئۇزۇنلۇقتا توك سىمىنى ماتورغا ھاۋا قىسىپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان قۇرۇلمىغا چېتىپ مېڭىش مۇمكىنمۇ ؟ ئۇ قۇرۇلمىنى گاز ياكى بېنزىن ، سالياركىلار بىلەن ھەركەتلەندۈرىمىز دىسەك . ئارلىقتىكى جەرياندا كۆپ مىقداردا ئېنىرگىيە خوراپ ، ئېنىرگىيە ئىسراپچىلىقى كىلىپ چىقمامدۇ ؟ بۇنىڭلىق بىلەن ، بۇ ماتورنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان تەننەرخ ئەسلىدىكى ماتوردىنمۇ ئېشىپ كەتمەمدۇ ؟
قۇشۇمچە : قانداقتۇر بىر كەشپىيات ، ئاللىقانداق نەزىريەلەر كۈچلۈك قوللىنىشچانلىقا ئىگە بولىدىكەن ، بۇنى ئىسپاتلاپ مەلۇم ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا نەتىجىسى ۋە نەزىريىۋى ئاساسى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ ئېلان قىلىنسا ، دۇنيا پەن – تېخنىكا مۇنبەرلىرىنىڭ ۋە نوبىل كومتىتىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش قىيىن مەسىلە ئەمەس . بەلكى ، شۇ كەشپىيات نەزىريەلەرنى ئىسپاتلاش جەريانى ۋە قانچىلىك قوللىنىشچانلىقىغا ئىگە بولۇشى .

خۇلاسە ، كىملەردۇر تارقاتقان ھاياجانلىق ۋە ئىلىمگە يات خەۋەرلەرنى كۆرگەندە ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ ، ئىلمى مۇئامىىلە قىلماسلىق سەۋەبىدىن ، ھەقىقىي ئىلىم ئىگىلىرى ھاقارەتكە ئۇچرايدىغان ، ئىلىم پەننى قالايمىقان قىلىدىغان ئىشلار كۆز ئالدىمىزدىلا بولۇۋاتىدۇ ، شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن تورداشلارنىڭ ، بۇنداق مەسىلىلەردە ئىلمى كۆز قاراشتا بولۇپ ، كەسىپ ئەھلىلىرنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بىز مىللەتنىڭ ئىلىم – پەن ساھەسى قانچە قالايمىقان بولىدىكەن ، شۇ مىللەتتىن پايدىلىندىغانلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ . ھەم شۇ مىللەتنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرى ئابدۇقادىر داموللامدەك تىراگىدىيەگە يۈزلىنىدۇ .

يازمىغا پىكىر قىلماقچى بولغان تورداشلارنىڭ ، ھاقارەت تۈسىنى ئالمىغان ئاساستىكى ئىنكاسلىرىنى يوللىشى قىزغىن قارشى ئالىمىز .

23 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. مۇئەللىم مۇنداق يازغان:

    تولىمۇ ياخشى پىكىر قىلىپسىز مەنمۇ سىزگە ئوخشاش پىكىردە ،ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاننىڭ قىلقىدۇر .

  2. ياسىن مۇنداق يازغان:

    قاراڭلار مۇشۇنداقمۇ ئىش بۇلامدۇ

  3. مۇىېممېت مۇنداق يازغان:

    توۋا بۇ ئىشنى كۈرۈڭ مەمەت تۇرسۇن بارىلار ئۇيغۇرنى دۇنياغا تۇنۇتتى ئۇندىن كىيىن يەنە بىر كەشپىيات ئارقىلىك 2011-يىلنىڭ بېشى ياراشتى دىسەك.ئەپسۇسلانغىدەك ئىش بۇپتۇ

  4. ئۇيغۇن مۇنداق يازغان:

    مەڭگۇلىك دىۋىگاتىل مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر قىسىلغان ھاۋانى ئنىرگىيە مەنبەسى قىلىش نوبىل مۇكاپاتى ئەمەس ھەتتا ئەمىلى ئىشلىتىش قىممىتىدىنمۇ ەۇمانلىنىشقا بولدۇ.

  5. 1ross مۇنداق يازغان:

    مەن بەك بەك قوللايمەن سىزنىڭ گىپىڭىزنى ، مەنمۇ جىق مۇشنىڭغا مۇناسىۋەتلىق جىق تىلارنى كۆردۇم ، ھەممىسى دوپپىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ ، خىمىيە بىلەن فىزىكىغا ئېغىر داغ كەلتۇردى !

  6. مېھمان مۇنداق يازغان:

    بۇ دېۋگاتىلنىڭ ئىشى ئەسلىدىنلا بىر ئەخمىقانە ئىش ، بىرخىل ئېنىرگىيىنى يەنە بىرخىل ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇشنى كىم قىلالمايدۇ . مۇشۇ ئىشنىمۇ بىر مەزگىل غۇل-غۇل قىلىپ يۇردى .

  7. مېھمان مۇنداق يازغان:

    بۇ ئەشۇ غۇل غۇل قىلىپ ھاياجانلانغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ IQ سى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش .ئىلىم-پەنگە سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى .

  8. سىككاكى مۇنداق يازغان:

    ،سىز پەقەت ئاشۇ قىسقا فىلىمنى چالا -پۇچۇق كۆرىۋېلىپلا ،بۇ يەردە بىلجىرلاپ ئولتۇرۇپسىز ،،نوبىل چۈشى نامىدىكى تېمىغا كۆز يۈگۈرتۈڭ ،،ئۇ ماتوردا كۆيۈش ھادىسسى دېيىلىدىغان بىر نەرسە يوق . سىز كۆرگەن فىلىمنى بىزمۇ كۆرگەن ،،ھەجەپ ئۇلار بىر ئائىلىلىك ھاۋانى گاز تۇڭىغا قاچىلاپ ،كۆيدۈرۈپ تاماق ئېتىپتۇيۇ ،سىزنىڭ ھېلىقى ئاممىياك گازىڭىزدىن زەھەرلىنىپ قالماپتۇغۇ ؟راستىنلا ھاۋا قىسقۇچ ئارقىلىق ھاۋانى سىقىپ ،ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بېسىم ئارقىلىق ماتور ھەرىكەتلەنسە ،بۇنىڭ پار ماشىنىسىدىن نېمە پەرقى ؟ شەمۇ-شە ئاتلاپ ،يەرمەنكىلەرگە قاتناشتۇرسا ،كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى قارىغۇمىكەن ؟ يۇقىرى باھا قويۇپ تالاشقانلار ساراڭمىكەن ؟ئاتايىن پايتەختتىن كېلىپ تەكشۈرگەن مۇتەخەسىسلەرزە ،بولدى ،تىيىنغا ئەرزىگۈسىز شاتراق ئىكەنغۇ ؟ مەنچە تولۇقسىز ئوتتۇرا فىزىكا -خىمىيە ساۋادىڭىز بىلەن تولا چوڭقۇر تىلسىملارنى چۈشەندۈرىمەن دېمەڭ ،،ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالىسىز .

  9. قۇناخۇن مۇنداق يازغان:

    بىلىمەن تورداش سىزگە چۈشەندۈرىمەن دەپ ئاددىي كاللىڭىزنى چارچىتىپ قويغۇم پەقەتلا يوق . يەرمەنكىگە پۇل بولسلا قاتناشقىلى بولىدىغانلىقىنى ، پوقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خېرىدارى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنسىڭىزكەن دىمەكچىمەن .

  10. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ئاۋۇ سىككاكى سىگەن ئاداشنىڭ ئىنكاسى بۇ يەردىمۇ باركەن ھە ؟
    تېما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىزلا تېمىنىڭ مىسرانىمغا يوللىغان ئىدىم ، ئەپسۇس مەنمۇ مۇناپىقلىق قالپىقىنى كىيۋالدىم . ھى ھى ھى ھى ھى ھى
    http://bbs.misranim.com/read.php?tid-46298.shtml

    • قۇناخۇن مۇنداق يازغان:

      سىزمۇ مۇناپىق ، مەنمۇ مۇناپىق … مىللەتنى ئالداپ يۈرگەنلەر مىللەتپەرۋەر . ھا ھا ھا
      بوپتۇ كەيدۇرسە كەيدۈرۋالسۇن ، ھېلىمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ياشاپ قالماپتىكەن بۇ تورداشلار . بىر نەرسە بىلىدىغان ھەممەيلەنگە قالپاق كەيدۈرۈپلا يوقىتاتتىكەن .

    • پىنھان مۇنداق يازغان:

      خالىسىڭىز، ئالىمجان راستىنلا نوبىل مۇكاپاتى ئالالامدۇ دىگەن يازمىنىمۇ ، مەنبەسىنى كۆزگە چېلىقارلىق يەردە ئەسكەرتىپ قويغان ئاساستا يوللاپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . ئادىرسى :
      ?p=138

  11. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ئەتە بۇنىمۇ يوللاپ باقاي . بىراق بۇنى يوللىسام ئاۋۇ قالپاقتىنمۇ چوڭىنى كېيۋېلىشىمدا گەپ يوق .

  12. پىنھان مۇنداق يازغان:

    قالپاق كىيىش بىز ئۈچۈن ئەنئەنە ھا ھا ھا

  13. قوشماق مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ ئالىمجاننىڭ زىيارەت سىن خاتىرسىنى كۆرگەن ،راستىنلا ھاكىملارمۇ بېرىپ كۆرگەن ئاۋۇ ‹ ماتۇر ›سىنى .

  14. ناۋات مۇنداق يازغان:

    نادانلىق دىگەن قورقۇنۇچلۇق بولىدىكان ، ئىۋۇ ئىنكاسنى كۆرۈڭ تېخى ، ھاۋانى كۆيدۈرۈپ تاماق ئىتىپتۇدەك ، ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ، ۋاي ئانام ….ئوتتۇرا مەكتەپ ساۋادىمۇ يوقمىدۇ بۇ بايقۇشنىڭ ….

  15. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ئەمەلدارلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيسى توغۇرلۇق سۆز ئېچىشتىن نۇمۇس قىلىمەن . ئاشۇ ھاكىمنىڭ ئورنىغا تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى بىر كەسپى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى كۆرگەن بولسا ئىشىنەتتىم .

  16. ئابلىز مۇنداق يازغان:

    مېنىڭغۇ فىزىكىدىن ئازراقمۇ خەۋرىم يوق، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئالىمجانغا بىرىلمەسلىكى ئىنىق، ئەمما ماۋۇ ماقالىگە بولغان پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي دەيمەن.
    http://tech.sina.com.cn/d/2009-05-28/11433131578.shtml

  17. مەمتىمن مۇنداق يازغان:

    توۋا دەيمەن، بۇلتۇرمۇ بىر چاغ، ئىشقىلىپ قاچانلىقى ئېسىمدىمۇ قالماپتۇ. ئۇ سىن ھۆججەتنى كۈرۈپ كۈلۈپ كەتكەنىدىم. ئالىمجان دىگەن ئۇ كىشىنىڭ گۆدەك ھەم ساددىلىقىدىن ھەي ئۇيغۇرۇم دەپ بۇرنۇم ئېچىشقانىدى. ئەمدى شۇ نىمىلەرنى يەرمەنكىلەرگە قۇيۇپ يۈرگەن بولسا، خەخنىڭ ئالدىدا نەئات، نە نۇمۇس…. تېخىچە شۇنى تالىشىپ يۈرەمسىلەر؟ ھەي بالىلار، ئۇنداق كىشىلەر بىلەن بىر تالاشمايلىچۇ! نوبىل مۇكاپاتى دىگەننى ئاشۇنداق كونا موتورلارنى ئۆزگەرتىپ ياساپ ئالغىلى بولىدىغان بولسا، خوتەن-قەشقەردىكى ھەممە ئادەم بىردىن ئەپ بولاتتى. بىر تالاشماڭلارچۇ! ئۇنىمۇ تالىشىش كىتەمدۇ؟ ئۆزەڭلەردىمۇ بار، پوققا چالما ئاتسا ئۆزىگە چاچرايدۇ دىگەن شۇ-دە!

  18. تەڭرىتاغ مۇنداق يازغان:

    http://tech.sina.com.cn/d/2009-05-28/11433131578.shtml
    يۇقىرىقى ئادىرىستىكى ماقالىغا چۈشەنچىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمامسىز تېما ئىگىسى؟

  19. ئەبەد مۇنداق يازغان:

    ھۈرمەتلىك تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى بىز ئۈرۈمچى ئەبەد ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىدىن، بىز ھازىر ئالىمجاننىڭ كەشپىياتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانۇنلۇق شىركەت قۇردۇق. تور بېتىڭىزنىڭ ‹‹ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى››ناملىق تېمىدا بىرقىسىم ئاساسسىز ،قالايماقان مەزمۇنلار بولغانلىقتىن،بۇ تېمىنى تىزدىن ئۆچۈرۋېتىشىڭىزلارنى سورايمىز. تەلىپىمىزگە ئەستاھىدىل مۇئامىلە قىلىپ تىزدىن بىر تەرەپ قىلىغايسىزلەر.

  20. ئەبەد ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مۇنداق يازغان:

    ھۈرمەتلىك تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى بىز ئۈرۈمچى ئەبەد ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىدىن، بىز ھازىر ئالىمجاننىڭ كەشپىياتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانۇنلۇق شىركەت قۇردۇق. تور بېتىڭىزنىڭ ‹‹ئالىمجاننىڭ ماتورى VS ئۇيغۇرنىڭ IQ سى››ناملىق تېمىدا بىرقىسىم ئاساسسىز ،قالايماقان مەزمۇنلار بولغانلىقتىن،بۇ تېمىنى تىزدىن ئۆچۈرۋېتىشىڭىزلارنى سورايمىز.