يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 16 - 2011 1 ئىنكاسلىق

ئالىمجاننىڭ ‹‹كەشپىيات›› ى توغىرلىق ئالدىنقى تېمىدا سۆزلەپ ئوتتۇق . بۇ ماقالىنىڭ بېشىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
ماقالە ئادىرسى : ?p=114

3 يىلدىن بېرى توردا داڭلىق شەخىس بولۇپ كېلىۋاتقان ئالىمجاننىڭ ، ئاتالمىش ‹‹كەشپىيات›› لىرى نۇرغۇن تورداشلارنى گاڭگىرتىپ كەلمەكتە . يەنە كۆپ قىسىم تورداشلار ، ئالىمجاننىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ، شۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ساقلىماقتا . بۇ يەردىكى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشقا تىگىشلىك مەسلە شۇكى ، ‹‹ئالىمجان راستىنلا نوبىل مۇكاپاتى ئالالامدۇ ؟››

ئۇنداقتا ئاشۇ تورداشلىرىمىزنى ھاياجانلاندۇرۋاتقان ، ‹‹نوبىل مۇكاپاتى›› زادى قانداق نەرسە ؟
نوبىل مۇكاپاتى بولسا ، شىۋىتسىيەلىك خېميە ئالىمى نوبىلنىڭ ئىسمى بىلەن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات . ئېفىرىي نوبىل بولسا تونۇلغان خېمىيەشۇناس بولۇپ ، 1833 – يىلى ئۆكتەبىردە ، شىۋىتسىيەنىڭ سىتوكھولىم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كەشپپىياتلارنى ئىختىرا قىلغان بولۇپ ، كەشپىياتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغىنى ‹‹بىخەتەر پارتلاتقۇچ دورىسى›› دۇر . ئۇ بۇ كەشپىياتى بىلەن ‹‹پارتىلاتقۇچ دورىسى پادىشاھى›› دىگەن نامغا ئىرىشكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىليونىرغا ئايلانغان .
نوبىل ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا ، بايلىقىنىڭ بىر قىسىمى يەنى 92 مىليۇن ئامرىكا دوللىرى بىلەن نوبىل فوندى قۇرۇپ ، ھەر يىلى شۇ بايلىقنىڭ شۇ يىللىق ئۆسۈمى – تەخمىنەن 2 مىليۇن دوللار بىلەن ، ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ۋە تەرەقىقىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ، تەتقىقاتچى – ئالىملارنى مۇكاپاتلىشىنى ۋەسىيەت قىلغان .

نوبىل مۇكاپاتى قايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
1900 – يىلى 29 – ئىيۇن شىۋىتسىيەدە ،نوبىل ساھىبى تاللاش ۋە مۇكاپات تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدىغان ، نوبىل فوندى جەمىيىتى قۇرۇلغان .
نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دائىرسى ھازىرچە ، فىزىكا ، خېمىيە ، مىدىتسىنا بىئولوگىيە ، ئەدەبىيات ، تىنىچلىق ئىشلىرى ، ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

نوبىل مۇكاپاتىنى كىملەر باشقۇرىدۇ ؟
نوبىل مۇكاپاتىنى شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى تارمىقىدىكى بىر كومتىت باشقۇردىغان بولۇپ ، فىزىكا ، خېمىيە ۋە ئىقتىساد پەنلىرى نوبىل ماكاپاتىنى ‹‹شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئاكادىيمىسى›› تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ . مىدىتسىنا – بىئولوگىيە پەنلىرى نوبىل مۇكاپاتىنى ‹‹ سىتوكھولىم مىدىتسىنا ئاكادىيمىسى تەتقىقات مەركىزى›› تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ . نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ‹‹شىۋىتسىيە ئەدەبىيات تەتقىقات مەركىزى›› تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ . نوبىل تنىچلىق مۇكاپاتىنى ‹‹نورۋىگىيە پارلامىنتى››دىكى بەش نەپەر ھەيئەت ئەزا تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ .

ئۇنداقتا ئالىمجاننىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ ؟
يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، نوبىل مۇكاپاتىغا ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ۋە تەرەقىقىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ، تەتقىقاتچى – ئالىملارلا ئىرىشەلەيدۇ . ئالدىنقى تېمىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ، ئالىمجاننىڭ بۇ ‹‹كەشپىيات›› ى ، ھىچقانداق ئىلمى ئاساسقا ئىگە بولمىغان ھەم ئىشلىتىش قىممىتى بولمىغان بىر مىخانىك قۇرۇلمىدۇر . بۇ قۇرۇلما ھەرگىزمۇ ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ۋە تەرەقىقىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشالمايدۇ .

دىمەك ، ئالىمجان نوبىل مۇكاپاتىدىن خېلىلا يىراق .

1 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكرى باركەن. سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. مۇخپۇل نۇردۇن مۇنداق يازغان:

    ھەي قۇناخۇن،بۇ تېمىنى يوللاپ،ئالدىنقى تېمىغا ئوخشاش سىزمۇ قالپاق كىيىۋالىدىغان بولدىڭىزدە