يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 23 - 2011 14 ئىنكاسلىق

سىز ھەرگىزمۇ بۇنى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا سۇنۇلغان ئوقۇش ئىلتىماسى دەپ ئويلىمايسىز . ھەيران قالارلىقى شۇكى ، ئىلتىماس قىلغۇچى مۇشۇنداق ئەمەلىي بولمىغان ئىلتىماس ئارقىلىق نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان . ئەمما ، ئىلتىماس سۇنغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئەركىن يازغۇچى بولغاندا كىشلەر ھەيران قالمىغان .
ئىلتىماس تۆۋەندىكىچە يېزىلغان :
مەن كۈچ – قۇۋۋىتىم ئۇرغۇپ تۇرغان بىر يىگىت ، تاملارغا يامىشىش مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش . مەن داڭلىق شەخس ، چۈنكى مەن كۆپ قېتىم چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ قوي قوتىنىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ ، پاقلانلارنىڭ ئەي بولۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان . سىچۈەنلىك مۇساپىرلارغا ئەپسانە گەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ؛ يازغان ئوپىرالىرىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ؛ ئىش ئۈنۈمۈم ئىنتايىن يۇقىرى ، شۇنداقتىمۇ بەزىدە نەچچە كۈنلەپ بىكار يۈرەلەيمەن .
قىز بالا كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى مەن ناھايىتى كېلىشكەن . سۇناينى يىرتىۋىتىمەن ، ۋېلىسپىتنىغۇ چېقىۋېتىمەن . باشقىلار بىر پارچە گۆشنان پىشۇرۇش ئۈچۈن 30 مىنۇت سەرپ قىلسا ، ماڭا 20 مىنۇت بولسىلا كۇپايە . مەن ئاقلامچى ، مۇھەببەتلىشىش مۇتەخەسىسى . تاغدا بولسا بىر تەۋەككۈلچى .
مەن تارىم دەريا ۋادىسىدىكى كىچىك بىر كەنتنى قوغداش ئۈچۈن ، ئۆزۈم يالغۇز بىر ئوتىغۇچ ، بىر بوتۇلكا سۇ بىلەن بىر توپ ۋەھشى چۈمۈلىلەرنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۋەتكەن . مەن تەمبۇر بىلەن مەرھۇم ئۇستاز نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ”دىل كۈيى“ دېگەن مۇزىكىسىنى ئۇرۇنداپ ، شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەكلىپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ، مىنىڭ كەچۈرمىشلىرىم نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ سۇژىتى بولغان . زېرىككەن چاغلىرىمدا ھويلامغا زەنجىر كۆۋرۈك ياساپ ، مۇئەللەقتە پەرۋاز قىلىش ئويۇنىنى قۇسۇۋەتكۈچە ئوينايمەن . ھەر چارشەنبە كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ قول ھارۋىسى ۋە ۋېلىسپىتلىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بەرگەن .
مەن بىر ئابستراكىت سەنئەتكار ، كونكرېت ئانالىزچى ، شۇنداقلا ئەسەبىي قىمارۋاز . مەن ھەر قانداق ئىشتا ئۆزۈمنى كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان ئادەم بولساممۇ ، يەنىلا نۇرغۇن چوقۇنغۇچىلىرىمنىڭ خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدىم . كامالەتكە يەتكەن گۈل تىزىش تېخنىكام مېنى خەلقئارا ئۆسۈملۈكشۇناسلىق ساھەسىدە ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەتكە ئېرىشتۈردى . بالىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىشىنىدۇ .
مەن تىكتاك توپ پالىقى بىلەن ئۇچۇۋاتقان ھاشاراتلارنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇرۇپ چۈشۈرەلەيمەن . بىر كۈننىڭ ئىچىدە «ئانا يۇرت» ، «ئويغانغان زىمىن» ، «ئىز» رومانلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن سېرىت ، ئاشخانا ئۆينىڭ تېمىنى ئاقارتىپ چىقالىدىم . مەن تاللا بازىرىدىكى بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىنى پىششىق بىلىمەن . مۇزات بىلوگىدا تەكلىپلىك ئاپتور خىزمىتىنى ئىشلىگەن . ھەپتىدە بىرلا قېتىم ، يەنە كېلىپ ئورۇندۇقتا ئۇخلايمەن . كۇچاردا ئارام ئېلىۋاتقان مەزگىلىمدە ، كۇچانىڭ توقاچ سوپونلىرىنى بۇلاۋاتقان بىر توپ قوراللىق تىرورچىغا نەسىھەت قىلىپ ، جىنايى قىلمىشىنى توختىتىشقا قايىل قىلغان .
مېنىڭ كىرىم – چىقىمىم تەڭپۇڭ ، ئۆزۈم ئۈمىدۋار ، بىر تىيىنمۇ قەرزىم يوق . ھەپتە ئاخىرىدا مەنىسىز ئولتۇرۇشلاردىن قېچىپ ، پۈتۈن زېھنىم بىلەن كانۋاي كۆينەككە گۈل كەشتىلەش ھۈنەر – سەنئىتىنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن . پەقەت تونۇر ۋە ئەمبەل بىلەنلا تۆت خىل نان ياقالايمەن . مەن باققان ئاسلانچاق كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشكەن . نورۇزدىكى ئوغلاق تارتىش ، قىش پەسلىدىكى قارلىق تاشلاش ، يېزىلاردىكى خەلق مەشرەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە غەلبىگە ئېرىشكەن . مەن غېرىپجاننىڭ رولىنى ئالغان ، يۈرەك ئوپراتسىيىسىدە مەسئۇل دوختۇر بولغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن بىللە قۇناخۇندىن لەڭپۇڭ ئىچكەن .
لېكىن ، بىرلا يىرى مەن ئۇنىۋېرىسىتېتتا ئوقۇمىغان .

14 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. پىنھان مۇنداق يازغان:

    ئەمەلىيەتتە بۇ ماقالە قارىماققا قۇرۇق گەپتەك قىلغىنى بىلەن مەقسەتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا كامالەتكە يەتكەن تېما ئىكەن . بۇ ماقالىنىڭ جېنى ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملىدە . قېنى تورداشلار چۈشەنگىنىمىز بويىچە پىكىر قىلىپ باقايلى .

  2. umar مۇنداق يازغان:

    بۇنى ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇكۇسا بىر خىل مەززىسىز قۇرۇق گەپتەك ھىس قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغاندا بۇ يىگىتنىڭ ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان، تىرىشچان، ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزەلەيدىغان بالا ئىكەنلىگىنى بىلۋالگىلى بولىدىكەن. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ قانداق زوق ئېلىشنى بىلىدىكەن

  3. GoodLuck مۇنداق يازغان:

    ئۇنىڭ قىلغىنى گەرچە ھەممە قادەم قىلالايدىغان ، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمىگۈدەك كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى تىپ دەرىجىدىگە كۆتۈرۈشكە ئامراق يىگىت، ياخشىسى ئۇ ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقىسۇن .

  4. gvlyar مۇنداق يازغان:

    مەن چۈشەنگەندەك قىلىمەن، ئەمما بىكاغا دەپ بەمەيمەن، كىم ماڭا مۇكاپات بىرىدۇ؟

  5. تۇغلۇق مۇنداق يازغان:

    مەن يالغان گەپ قىلمايمەن،ھەقىقەتەنمۇ بۇ ماقالىنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنەلمىدىم،قارىسىغىلا بەك نوچى يېزىۋېتىپتۇ دىيىش،پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمى دىگەن باللار چۆچىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ

  6. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    推销员 دەكلا گەپ قىپتۇ بۇ… ئاۋال بىر پاتمان پەلسەپە سۆزلىۋېتىپ، ئاخىرىغا كەلگەندە «مۇشۇ مەھسۇلات بايا دېگەن ئالاھېدىلىككە ئېگە» دەپلا

  7. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئۇ ھەممە ئىشنى قىلالايدىكەن ھەم ناھايىتى مەشھۇر ئىكەن بىراق ئۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ئىكەن، ئۇ ھەممە ئىشنى قىلالاپتۇيۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالماپتۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆمرىدە قىپ باقمىغان شۇ ئىشىلا قاپتۇ.

    مۇكاپاتنى مەندىن تالىشىمەن دىمەڭلار!

    • پىنھان مۇنداق يازغان:

      ھەببەللى كاللىڭىزغا بىر مۇش ، بۇ بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماسى ، مەزكۇر كىشى ھەممە ئىشنى قىلالايدىكەن ، ھەم شۇنچىۋالا داڭلىق ئىكەن ، بىرلا يىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ئىكەن . ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئارزۇسىنى مۇشۇنچىلىك ئىپادىلەپ بەرسىلا كۇپايىغۇ .

  8. gvlyar مۇنداق يازغان:

    كاللامغا بىر مۇش يىيىشتىن قۇتۇلۇپ قاپتىمەنمۇ مەن

  9. ئايچېچەك مۇنداق يازغان:

    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىسىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ،دېمەكچىكەن.مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەنلا بىلىملىك بولۇپ كەتمەيدۇ،ئوقۇغاننى كاللىسىغا سىڭدۈرەلىسە ھېساپ.نى نى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بار،ئالىي مەكتەپنى ئويۇن تاماششا بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىپ،ھىچنېمە ئۈگەنمەي جەمئىيەتكە ئارتۇقچە يۈك بولىدىغان.ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىملىك،ئىستىقباللىق بولۇشى مۇمكىن.مەيلى سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇڭ ياكى ئوقۇماڭ،ئۆزىڭىز قىزىققان نەرسىگە زور ئىشتىياق باغلىسىڭىز،چوقۇم ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن.

  10. تۈمەن مۇنداق يازغان:

    دەھشەتكەنغۇ ،ياخشى ئۆزلەشتۈرپسەن ئەمما!!!

  11. پىنھان مۇنداق يازغان:

    پات پات كىرىپ تۇر ، ۋاقتىڭ چىقسا تېما يوللاپ قوي

  12. رىتا1028 مۇنداق يازغان:

    بۇنچىۋالا نەرسە بىلگەندىن كىين ئالىي مەكتەپكە كىرىپ نېمە قىلىدۇ ؟