يوللىغۇچى: سۇزۇك يوللانغان ۋاقتى:ماي - 13 - 2011 ئىنكاسسىز

سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ جېنىم بىر جان ئەمەسمۇ، سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ…..
ئەمىلىيەتتە جېنىنى قۇربان قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار. ئاياللار مۇھەببەتتە ئەرلەردىن باتۇر. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، مۇھەببەتنى ھاياتلىق دەپ بىلىپ، ھەتتا جېنىنى پىدا قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ. بىراق مۇھەببەت تولىمۇ ئاجىز، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئۆزگىرىشچان، ئوخشىمىغان مەزگىلدە مۇھەببەتمۇ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان بولىدۇ. مەڭگۈلۈك مۇھەببەت مەۋجۇت ئەمەس، مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ ماھىيتى. ئىنساننىڭ تەبىئىتى. ئىككى ئادەم قانچىلىك قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان بىر كۈنى سوۋۇيدۇ. بۇ نۇرغۇن ئاياللار ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان رەھىمسىز رېئاللىقتۇر. تولىستوينىڭ قەلىمىدىكى ئاننا ئاشنىسى ئۈچۈن ئېرى ۋە بالىسىدىن ۋاز كېچىدۇ، نام ئابرويى تۆكىلىپ، موسىكۋادا ئادەم كۆرمەيدىغان كۈننى كۆرىدۇ. ئۇ بارلىق ھېسياتىنى ۋرونىسكىيغا جەملەيدۇ. ۋرونىسكىيچۇ؟ ئۇمۇ ئاننا ئۈچۈن كۆپ قۇربانلىقلارنى بېرىدۇ، ئاننانى دەپ ئاپىسىدىنمۇ يۈز ئۆرۈيدۇ. ئاننا ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ جاپالاردا ئېرىشكەن مۇھەببەتتىنى مەڭگۈلۈك بولىدۇ دەپ ئىشەنگەن، تاتلىق بەختىمنى تاپتىم دەپ ئىشەنگەن. ئەمما ئۇ ھەرقانچە ئۇلۇغ مۇھەببەتنىڭمۇ سوۋۇيدىغانلىقىنى پەقەت ئويلاپ يېتەلمىگەن. مۇھەببەت سوۋۇغاندا ۋرونىسكىي ئاپىسى بىلەن يارىشىپ قالىدۇ. ئاننا ۋرونىسكىينىڭ ئۆزىگە قىلغان سوغۇق مۇئامىلىسىگە چىدىماي، چېچىلاڭغۇ، گۇمانخور، تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. ”ماڭا مۇھەببەت كېرەك، بىراق مۇھەببەت قالمىدى، ئەمدى ھەممە نەرسە تۈگەشتى“ . ئاننا ئۆلۈم بىلەن ۋرونىسكىينىڭ مۇھەببىتىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى، ئۇنى جازالىماقچى بولىدۇ. ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن ۋرونىسكىينىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنى ۋە مۇھەببىتىنى قانچىلىك پۇشايمان، ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئەسلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئاخىرى ۋرونىسكىي بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن جايدا، ئۆزىنى رېلىسقا ئېتىپ ئۆلىۋالىدۇ.

مەڭگۈلۈك مۇھەببەت مەۋجۇتمۇ؟ بەلكىم مەۋجۇت بولىشى مۈمكىن، بىراق چوقۇم ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. مۇھەببەتنىڭ سوۋۇشى ئۇنىڭ قىسمىتىدۇر. مۇھەببەت گويا دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. غۇلاچلاپ كۆتۈرۈلگەن دولقۇن، مۇھەببەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدۇر. قەدىمكىلەر مۇھەببەتتىكى قىزغىن ھېسياتقا ئىشەنمىگەن. لەيلىنىڭ گۈزەللىكىنى بىلەن دېسەڭ مەجنۇننىڭ كۆزى بىلەن قارا. دېمەك لەيلىنىڭ گۈزەللىكى پەقەت ”مەجنۇن“ بولغاندىلا مەۋجۇت. مۇھەببەت سوۋۇغاندا مەيلى سىز ھۆر پەرىلەردەك گۈزەل بولۇڭ، ئۇمۇ كۆرۈپ زېرىككەن بولىدۇ. مۇھەببەت پات پات سوغۇق شاماللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پۇلنىڭ شامىلى ھەممىدىن كۈچلۈك بولۇپ، مۇھەببەتنى يىلتىزىدىن قومۇرۋېتەلەيدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى تېخىمۇ شەخسىيەتچى ۋە رەھىمسىزدۇر. فىرانسىيىلىك داڭلىق يازغۇچى سېتىندالنىڭ قەلىمىدىكى بوۋارى خانىم ئاشنىسىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، رومانتىك كەيپىيات يارىتىش، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېرىنىڭ مال دۇنياسىنى بۇزۇپ چېچىپ خەجلىگەن ئازدەك يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالىدۇ. كېيىن جازانىخورلار قەرز قىستاپ كەلگەندە، ئامالسىزلىقتىن غەيرەتكە كېلىپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى ئاشنىسىدن ياردەم سورىغاندا ھەرئىككىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. مۇقىم كىرىمى بار، كىشىلىك مۇناسىۋەتكىمۇ ماھىر بولغان كاتىپ ئاشنىسى بوۋارى خانىمدىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن، قايتىپ خەۋىرىنى كۈتۈشنى ئېيتىپ قويۇپ، ئاخىرى سۇغا چۈشكەن تاشتەك جىم بولىۋالىدۇ. يەنە بىر قورۇقى، ئورمانلىرى بار بولغان باي ئاشنىسى بولسا، سوغۇققانلىق بىلەن ئوچۇق قىلىپلا “ مەندە بۇنىڭغا بېرىدىغان پۇل يوق“ دەيدۇ. مانا مۇشۇ ئادەم تېخى بىر مىنۇتنىڭ ئالدىدىلا بوۋارى خانىمنى مەڭگۈ سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئادەم بولۇپ، پۇلغا كەلگەندە قىزغىن مۇھەببىتىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. بوۋارى خانىم ئۆزىنى قاتتىق ھاقارەتلەنگەندەك ھېس قىلىدۇ. ھېسياتچان يۈرىكى پارە پارە بولۇپ، ھەممىدىن رايى قايتىپ ئاخىر زەھەر يەپ ئۆلىۋالىدۇ. زەھەر قوزغىلىپ، بوۋارى خانىم ئازاپ بىلەن جان بېرىۋاتقاندا ئاشنىلىرى ھېچ ئىش بولمىغان ئۆيلىرىدە خاتىرجەم ئۇيقۇسىنى ئۇخلايدۇ. ھەي ئېچىنارلىق ئاياللار….

رېئاللىققا قايتىپ كېلەيلى، مۇھەببەت ئىشەنچلىكمۇ؟ مۇھەببەتلەشكەن ھېسيات ئاجايىپ شېرىن بولىدۇ، بىراق بۇ خىل سېزىم ھامان ئاخىرلىشىدۇ. مۇھەببەتنىڭ سوۋۇشى ئۇنىڭ بىردىبىر نەتىجىسىدۇر. شۇڭا پەقەت مۇھەببەت بولسىلا يېتەرلىك ئەمەس. شۇنداقلا مۇھەببەت بەختنىڭ بىردىنبىر شەرتى ئەەمس. مۇھەببەت ئىككى ئادەمنىڭ بىرلىشىشىلا ئەمەس، ئۇنى يەنە بىرلىكتە يېتىشتۇرۈش، قۇرۇش، قوغداش كېرەك. مۇھەببەت ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانماسلىق، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماسلىق قارشى تەرەپنىلا ئەمەس، ئۆزىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. مۇھەببەت بىر خىل مەۋھۇم بەخت. بۇنداق بەخت تۇرمۇشتىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك زەربىسىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئەر ئايال ئىناق ئۆتمەكچى بولسا چوقۇم قارشى تەرەپكە تەپەككۇر ئەركىنلىكى، ھېسيات ئەركىنلىكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكى بېرىشى كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى سۆيۈش، چىداملىق بولىشى، مۇھەببەتتە ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقى، مۇھەببەتنى دەپ تىراگىدىيىگە ئايلانماسلىقى كېرەك. مۇھەببەتتە ئۆزىنى دەپنە قىلغان ئاياللارغا شۇنى ئېيتقۇم كېلىدۇ “ ھەي ئايال، ئاۋال ئۆزۈڭنى سۆيگىن، ئاندىن ئۆزگىنى!“

تەرجىمە قىلىندى.