
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ سىناقنى فىرانسىيىلىك بىر ئالىم تۈزۈپتۇمىش. مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنىڭىزنى يېزىپ چىقىپ بىر بىرىگە قوشۇڭ. مانا مۇنداق: ئەگەر سىز 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان بولسىڭىز 1+9+7+8+8+2+3=38 3+8=11 1+1=2 2 سىزنىڭ رەڭگىڭىز بولىدۇ. 1= قىزىل. 2=كۆك، 3=يېشىل، 4=كۆك، 5=ئاق. 6=سېرىق، 7=ئاپېلسىن رەڭ، 8=قارا، 9= بىنەپشە. قىزىل : قىزغىن، قارام ھېسياتچان، ئاتەشتەك قىزغىن، قىزغىنلىقىڭىز بىلەن ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى ئوڭايلا ئېرىتەلەيسىز. بەزىدە ئۆزىڭىزنى باسالماي قېلىپ باشقىلارغا يامان كۆرۈنۈپ قالىسىز. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىڭىزمۇ ئوڭايلا بويسۇندۇرالايسىز، يىقىلغان يېرىڭىزدىن ئاسانلا تۇرۇپ كېتەلەيسىز كۆك : باشقىلارغا ياردەمنى بېرىشنى ياقتۇرىدىغانغان ئەقلىي پەرىشتە. قائىدە پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇپ ئېغىر بېسىقلىق ۋە ئەقلىيلىك بىلەن ئاسانلىقچە خاتالىق ئۆتكۈزمەيسىز. ۋەزمىنلىكىڭىز تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە