
بىر باي ساداقەتمەن ئوۋ ئىتىنى ھەمراھ قىلىپ ئافىرىقىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ . بىر كۈنى ئوۋ ئىتى بىر كېپىنەكنى قوغلاپ يۈرۈپ يولدىن ئادىشىپ قاپتۇ . ئۇ قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي قاراپ تۇرغاندا ، توساتتىن بىر يىلپىزنىڭ ئۇنىڭغا چۇجۇم قىلماقچى بولۇپ ماراپ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ ، يىلپىزنىڭ ئوۋ ئىتىنى بىر ۋاخ مەززىلىك تاماق قىلىپ يىمەكچى بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى . ئوۋ ئىتى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىنى سىزىپتۇ ، ئۇ تۇيۇقسىز ئەتراپىدا نۇرغۇن ئۇستىخاننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ . ئۇ دەرھال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئۇستىخاننى ئېلىپ چايناشقا باشلاپتۇ . يىلپىز ئېتىلىشقا تەمشەلگەندە ئوۋ ئىتى يۇقىرى ئاۋازدا : – يىلپىز گۆشى نىمىدىگەن مەززىلىك – ھە ؟ بۇ ئەتراپتا يەنە يىلپىز بارمىدۇ ؟