يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاۋغۇست - 23 - 2011 5 ئىنكاسلىق

بىر باي ساداقەتمەن ئوۋ ئىتىنى ھەمراھ قىلىپ ئافىرىقىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ . بىر كۈنى ئوۋ ئىتى بىر كېپىنەكنى قوغلاپ يۈرۈپ يولدىن ئادىشىپ قاپتۇ . ئۇ قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي قاراپ تۇرغاندا ، توساتتىن بىر يىلپىزنىڭ ئۇنىڭغا چۇجۇم قىلماقچى بولۇپ ماراپ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ ، يىلپىزنىڭ ئوۋ ئىتىنى بىر ۋاخ مەززىلىك تاماق قىلىپ يىمەكچى بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى .
ئوۋ ئىتى ئەھۋالنىڭ چاتاقلىنى سىزىپتۇ ، ئۇ تۇيۇقسىز ئەتراپىدا نۇرغۇن ئۇستىخاننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ . ئۇ دەرھال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئۇستىخاننى ئېلىپ چايناشقا باشلاپتۇ . يىلپىز ئېتىلىشقا تەمشەلگەندە ئوۋ ئىتى يۇقىرى ئاۋازدا :
– يىلپىز گۆشى نىمىدىگەن مەززىلىك – ھە ؟ بۇ ئەتراپتا يەنە يىلپىز بارمىدۇ ؟ – دەپتۇ .
يىلپىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن دەررۇ ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كىچىپ ، ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ – دە ، ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ : «نىمىدىگەن خەتەرلىك ، ئوۋ ئىتىغا يەم بولغىلى تاسلا قالدىم . »
بىر مايمۇن دەرەخنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپتۇ . ئۇمۇ باياقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كۆرەڭلىگەن ھالدا دەرەختىن چۈشۈپتۇ . لېكىن ، ئۇزاق ئۆتمەي يىلپىزغا تۇتۇلۇپ قاپتۇ – دە ، قورققىنىدىن باياقى ئىشلارنى ئاشكارلاپ قۇيۇپتۇ . يىلپىز ئوۋ ئىتىغا ئەخمەق بولغىنىنى بىلىپ غەزەپتىن يېرىلايلا دەپ قاپتۇ . ئۇ مايمۇنغا :
– تىز بول ، دۈمبەمگە مىنگىن . ساڭا بىر ئويۇن كۆرسىتىپ قوياي ، – دەپتۇ .
بۇ چاغدا ئوۋ ئىتى يىراقتىن يىلپىزنىڭ مايمۇننى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئۆزىگە قاراپ كىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ . ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن ، ھىچنىمىنى كۆرمىگەن قىياپەتتە ئۇلارغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرۋاپتۇ . يىلپىز بىلەن مايمۇن ئوۋ ئىتىغا يېقىنلىشىشىغا ئۇ يەنە يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دەپتۇ :
– ھېلىقى ئۆلگۈر مايمۇن نەگىمۇ كەتكەندۇ ؟ يىلپىزنى ئالداپ ئېلىپ كەل دېسەم تېخىچە كەلمەيدۇغۇ ؟ قورسىقىم ئېچىپ تارتىشىپ كەتتى !

5 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    جۇگېلىياڭ تەربىيىلىگەن ئىتمۇ نىمە بۇ؟!

  2. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    تۇمارسنىڭ ئىنكاسلىرىمۇ يۇمۇر بولۇپ كېتىپتۇ،ئەتىگەندە ھەجەب كۈلىۋالدىم

  3. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن!

  4. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    بىرگە بولغاي!

  5. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    ھا ھاھا، بۇ ھېكايىنى «قوزىلىرىم»غا ئېيتىپ بېرەيچۇ.