يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئۆكتەبىر - 13 - 2011 3 ئىنكاسلىق

دۇنيادا شۇنداقمۇ كىشلەر باركى ، ئۇلار يا ئەركەك ئەمەس يا خوتۇن كىشى ئەمەس ، ناجىنىس مىجەزلىك كىشلەر بولۇپ ، بۇنداقلا خانىم – قىزلارنى ھەتتا ئەركەكلەرنىمۇ تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلىدۇ . تېلفۇن قىلغان ئادەم يا مەقستىنى ئېيتمايدۇ يا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتمايدۇ . تېلفۇننى ئالسىڭىز بىر ئېغىز مۆ ياكى بۆ دىمەيدۇ ، تېلفۇننى قۇيۇۋەتسىڭىز يەنە تېلفۇن قىلىپ ئاۋارە قىلىدۇ . كەينىگە ياندۇرۇپ تېلفۇن قىلسىڭىزمۇ ئالمايدۇ ، ئالغان تەقدىردىمۇ يەنە شۇ ھەلەپنى جىق يەۋالغان مال كەبى پۇشۇلداپ تۇرۇۋېرىدۇكى سىزگە ئۆزىنىڭ مەقسىتى ياكى ئۇچۇرىنى روشەن قىلمايدۇ . بۇنداق چاغلاردا ئاچچىقىڭىزدىن بوغولۇپ ، قاتتىق تىرىكىپ كېتىسىز . قىسقىسى مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم بۇنداق ئىشقا يولۇققان بولۇپ ، تۇتۇۋالسام كانايدىن تۇتۇپ تامغا دۈڭ دۈڭ ئۈستۈرۋەتكۈم كىلىپ كەتكەن ئىدى . بەلكىم سىزمۇ بۇنداق ئىشلارغا ئۇچىرىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن . قانداق ئۇسۇل بىلەن بۇنداق ئەبلەخلەرنىڭ ئەدىۋېنى بىرىپ پۇخادىن چىققىلى بولىدۇ ؟
خاتىرجەم بولۇڭ ، مۇزات بىلوگىدىن مۇشۇ يازمىنى كۆرگەن مىنۇتتتىن باشلاپ ، سىزمۇ ئۇ ئەبلەخنى شۇنداق باپلايسىزكى ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تېلفۇنىنى ئىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ ياكى ئانچە مۇنچە چىقىمدار بولىدۇ .
تۆۋەندە تۇنۇشتۇردىغىنىمىز «پارتىلتىمەن3000» ناملىق يۇمشاق دىتال بولۇپ ، سىز بۇ دىتالنى قوزغىتىپلا نىشان نومۇرىنى كىرگۈزۈپ بېرىپ بومباردىمان قىلىش بۇيرۇقىنى بەرسىڭىزلا يۇمشاق دىتال ئاپتوماتىل ھالدا مەلۇم نۇمۇردىن نىشان نومۇرغا 9 سىكونتتا بىر ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى يوللاشقا باشلايدۇ . ناۋادا قارشى تەرەپ ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا ئۇچۇر مەزمۇنىغا 8 نى يېزىپ قايتۇرۇپلا قالسا شۇ ھامان تېلفۇن پۇلىسىدىن 25 سومنى يۇتۇۋالىدۇ دىگەن گەپ . سىزمۇ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۇ ئەبلەخنىڭ ئەدىۋىنى بىرەلەيسىز . تۆۋەندە بۇ دىتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز .

ئەسكەرتىش : بۇ دىتالنى جوڭگۇنىڭ ۋىروسخورلىرى (ئەمەلىيەتتە ۋىرۇس بورداقچىلىرى) ۋىرۇس دەپ تونۇۋېىلىشى مۇمكىن ، لېكىن سىز خاتىرجەم ئىشلىتىۋېرىڭ . بەك خاتىرجەم بولالمىسىڭىز چەتئەلنىڭ ۋىرۇسخورلىرىغا تەكشۈرتۈپ كۆرۈپ بېقىڭ .

ئىزاھات : بۇ دىتالنى ئىشلەتسىڭىز سىزگە ھىچقانداق چىقىم ئېلىپ كەلمەيدۇ خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ . چىقىمدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ ، ھاۋانى جىقراق سۈمۈرسەم قىيامەتتە بۇ دۇنيادا سۈمۈرگەن ھاۋا ئۈچۈن پۇل چىقىم قىلارمەنمۇ ئەنسىرەيدىغان تورداشلار خاتىرجەم بولۇڭلار(ئىككى شىڭگىل چاقچاق ئويناپ قويدۇققۇ) .

1. بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ قوغاتسىڭىز مۇنداق بىر كۆزنەك چىقىدۇ ، مەزمۇنى «يېڭى نەشىر بايقالدى ، يېڭىلامسىز؟» بولۇپ ، ياق دىگەن كۇنۇپكىنى (مۇنۇ رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغا كۇنۇپكا شۇ) بېسىپ يېڭىلاشنى رەت قىلىپ ، بۇ دىتالنى نورمال قوزغىتىڭ .

2. بۇ دىتال نورمال قوزغىلىپ بولغاندىن كىيىن ، بومباردىمان قىلماقچى بولغان نىشان تېلفۇن نۇمۇرىنى كىىرگۈزۈپ بېرىپ بومباردىماننى باشلاش دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىڭ . يەنى مۇنۇ رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان كۇنۇپكنى بېسىڭ .

3.بومباردىمان قىلىش بۇيرۇقىنى بەرگەندىن كىيىن «بومباردىمان قىلىش باشلاندى ، بۇ دىتالنى ئىتىۋەتمەڭ !» دىگەن مەزمۇندا بىر كۆزنەك چىقىدۇ . سىز مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بومباردىماننى باشلىسىڭىز بولىدۇ . يەنە مۇنۇ رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان كۇنۇپكىنى بېسۋېتىپ قانچىلىك بومباردان قىلماقچى بولسىڭىز شۇنچىلىك ۋاقىت دىتالنى ئۆچۈرۋەتمەڭ .

4. بومباردىماننى توختاتماقچى بولسىڭىز ، بۇ دىتالدىكى بومباردىماننى توختىش كۇنۇپكىسىنى باسىسىز . يەنە بۇ رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ .

5. ئاندىن «بومباردىمان قىلىش توختىتىلدى» دىگەن مەزمۇندا ئۇچۇر چىققان كۆزنەكتىكى مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ . يەنە بۇ رەسىمدىكىدەك قىزىل رامىكىغا ئېلىنغان كۇنۇپكىنى بېىسۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .

بومباردىمان قىلىپمۇ خۇماردىن چىقماي يەنە بومباردىمان قىلماقچى بولسىڭىز يۇقارقى مەشغۇلاتنى قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ .
بۇ دىتالغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .
دىتالنى چۈشۈرۈش

ئاگاھلاندۇرۇش : بۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا پاراكەندىچىلىك سالماڭ ! بۇ دىتال سىزنى پاراكەندە قىلغانلارنىڭ ئەدىۋېنى بېرىش ئۈچۈن يوللاندى . يازما ئىگىسىنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . ___ مۇزات بىلوگى ئالاھىدە ئەسكەرتتى .

3 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. كۇلمەس مۇنداق يازغان:

    سىناپ باقسام بولمدىغۇ بۇ دىتالىڭز

  2. ئاغىنىلەر مۇنداق يازغان:

    پاھ پاھ ماۋۇ نوچى دىتالمۇ نىمە سىناپ باققۇلۇق

  3. بىتەلەي مۇنداق يازغان:

    پىنھانجون ئىشلىمەيدىغۇ بۇ دىتال~~~~~~~~~يا ئىشلىمەيدىغانلا قىلپ يوللاپ قويغانمۇ