يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئىيۇن - 13 - 2011 1 ئىنكاسلىق

بۇ شىئېر ئىزدىنىش مۇنبىردىكى Comeon بۇرادەرنىڭ يازغان شىئېرى بولۇپ ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ زوقلىنىشى ئۈچۈن يوللىدۇق .

ئەر سوۋۇتۇش

بارلىق جەڭدە،
ئەر بولىدۇ ئەر قىلىپ ھەيۋە.
ئو گويا چاپچىپ تۇرغان ياۋا ئات
گاھى شىر كەبى تارتىدۇ نەرە.

خۇددى ئېتىبارسىزدەك قېلىچ ۋە نەيزە،
كۈچلۈك بىلەكلەر قادىر ئىدى سۇندۇرۇشقا بەللەرنى
ئەرلەر ئەرلىك ئۈچۈن ئۆلتۈرەتتى ئەرلەرنى.

تومۇرلار چىڭقىلىپ كېتەتتى مۇسكۇللار قىززىپ،
ئۇ سوۋۇتۇشقا ئەمەستۇر موھـتاج!
تۆكۈلسىمۇ قانلار توختىماي تەندە.

ئېتىلاتتى ئۇ ئەزرائىل كەبى جەڭدە،
بۇنى توسۇشقا ھەركىم نائىلاج.
پەقەت ئۆلۈم سوۋۇتار ئۇنى
چۈنكى بۇ تەڭرىنىڭ كۈچى،
تەڭرى ئەرلەرگە بەرگەن ئىلتىپات.

1 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكرى باركەن. سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. ئاتەش مۇنداق يازغان:

    بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بەك ئاددى-ساددا، پاكىز ئىكەن، ئادەم بىرخىل ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدىكەن ، شەخسەن مەن ھازىر شۇنداق تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن.