
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇلار چاۋشىيەننىڭ ئالى رەھبىرى كىم جۇڭئىلنىڭ قۇشلىرى (قوغدىغۇچىلىرى) ئىمىش . ئادەم قانچە ئەسكى بولغانچە بىخەتەرلىكىدىن شۇنچە ئەنسىرسە كىرەك . قايسى بىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە چاۋشىيەنلىك قۇشلار ھىسىياتسىز مەخۇقلۇققا ئوخشايدۇ ، ئۇلارغا تاياق ئۆتمەيدۇ ، بىرەر يىرى كىسىلىپ كەتسە ياكى سۇنۇپ كەتسىمۇ ئاغرىق ھېس قىلمايدىغاندەك ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ دەپ ئوقۇغان ئىدىم . قارىغاندا راست بولسا كېرەك . خۇددى «قاتىل نىنجا» دىگەن كىنودىكى نىنجالارغا ئوخشاش . بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولغان كىشىنىڭ قۇشلىرىنى بۇنداق ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن مەشقىلەندۈرۈشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغىسا ، قۇرۇق شۇئارلار بىلەن ئەللەيلىنىپ ، داڭلىق مۇستەبىتكە قۇش بولغان ئەخمەق كىشلەرگە بولغان ھېسىداشلىقنى قوزغايدۇ .