چۈنكى مەن ئادەم
(تاھىر تالىپ)
بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا ،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى .
خىزىر بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم ،
تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى .
شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم .
تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل – چىمەننى ،
ئۆرۈلەر قىر بېشىغا سەۋرى قاچام .
قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا ،
چىمەنگە قانات يېپىپ مەن ھەر قاچان .
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،
گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن ،
دىلىدىن دىلىمغا نۇر – يورۇق ئېلىپ .
جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا ،
سانجيمەن قوۋرۇغامنى پىچاق قىلىپ .
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،
مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
رەقىپنىڭ مۇشتى ماڭا ھىچگەپ ئەمەس ،
ھەتتاكى قېلىچقا تىك بارالايمەن .
چېقىلسا لىكىن ئىززەت – ھۆرمىتىمگە ،
ھەتتاكى ئەۋلىياغا يانالايمەن .
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،
غۇرۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
بىھۇدەك بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭ
ۋە ياكى مۇتتەھەملەر پالۋان بولسا ،
كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن ، ئازغان ئۈچۈن-
ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا .
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،
ھوقوقوم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
ئىتىقاد – ئەقىدەم بار ئۆزۈمگە خاس ،
خەلىقىمنىڭ رايىىنى كۈچ ، قانات قىلغان .
ئەقەللىي كۆزۈمدىن ئوت ، ئۇچقۇن يانار ،
تەتۈرلۈك ئىرادەمگە بولسا سۇلتان .
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،
ئەقىدەم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
مەن كوممۇنسىت ! ئىنسانىيەت چاكىرىمەن ،
لېكىن ھىچ بىرەر زاتنىڭ قۇلى ئەمەس .
ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا ،
جەڭچىمەن ، بىرەر كىمنىڭ قۇلى ئەمەس !
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم ،
خسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم .
غەزەلخان خەلقىم ئۈچۈن يازدىم قوشاق ،
ئىلھامنى ئاتا قىلغاچ خەلقىم – ئانام .
غەزەلسىز ياشىمايدۇ بۇلبۇل دىگەن ،
يۇرتۇمدا ھەر بىر غەزەل بىر ئىمتىھان .
غەزىلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم ،
چۈنكى ، مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم .
نىمە يوللىلسڭلار مەيلى ،مۇنداق تىما يوللاپ تۇرۇڭلار.مەن تېخى زىلتارغا جەڭ ئېلان قىلاي دىگەن..
تولۇقتا بىز يادىلىغان شېئىرتى، يادىلىغانغىمۇ خۇش ئاخىر!
مەن كوممۇنسىت ! ئىنسانىيەت چاكىرىمەن
-مەزكۇر شېئىرنىڭ مەغلۇبىيىتى . ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىنىڭ مەلۇم ئىزىم ياكى ئىدۇئولۇگىيە بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
بۇ مىسرا تاھىر تالىپنى كۈلپەتلەردىن ساقلاپ قالغان ئەڭگۈشتەردۇر . بۇ مىسرا بولمىغىنىدا تاھىر تالىپ بۇ شىئېر تۈپەيلى ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كىلىشى ئېنىق ئىدى .
http://alxat.net/logo.gif تۇغ ئادرىسىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇنىمە؟ دەپ بىرەي ھى ھى
پىنھان يازغۇچى ياكى شائىربولۇپ كېتەمدۇ نېمە
شۇنداق بوپ كىتىپ چاتاق بولمىغىيتى دەيمەنغۇ مەنمۇ
ھاي ھاي قىزلار … بۇ شىئېرنى مەن يازمىغان
بلوگتىكى بارلىق يازمىلىرىڭىز ۋە پىكىرلىرىڭىزغا قاراپ دەۋاتىمەن، ھى ھى ھى. (چىراي ئىپادىسى چىقىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولغۇدەك)
مەنمۇ شۇ