يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 13 - 2011 ئىنكاسسىز


رايونىمىزدا بېنزنلىق ھارۋىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، تەدىرجىي ھالدا شوپورلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغانلارمۇ ماس قەدەمدە كۆپەيدى . ھەممىمىزگە مەلۇمكى ھازىرقى شوپورلۇق نەزىريە ئىمتىھانى ، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن قەلەم قەغەزدە ئىمتىھان بېرىشتىن ، مەخسۇس تۈزۈلگەن يۇمشاق دىتاللار بىلەن كومپىيۇتېردا بىر تۇتاش ئىمتىھان بېرىشكە ئالماشتى ، نۇرغۇن شوپورلۇققا تىزىملاتقان دوستلار ، ئۆيىدە لەغمەن يەپ قورساقنى تويغۇزۇپ ، يانپاشلاپ يېتىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشنى ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ، ئەلۋەتتە مۇمكىن بولىدۇ . نەدە مۇمكىن بولىدۇ ، مۇزات بىلوگىدا مۇمكىن بولىدۇ . چۈنكى بۇ دىگەن مۇزات بىلوگى .
مەقسەتكە كەلسەك ، بىر تۇتاش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ، شوپورلوق ئىمتىھان سېستىمىسى ، كومپىيۇتېرىمدا توپا بېسىپ يېتىپ قاپتۇ ، ئويلاپ باقسام ، نۇرغۇن دوستلار بۇنىڭغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەن ، شۇڭا بۇ دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى دوستلارغا تەمىنلەپ . بىر ساۋاپ ئالاي دەپ بۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئەمدى بۇ سېستىمىغا كەلسەك ، بۇ سېستىمىدا 2000 دىن ئارتۇق سۇئاللار جۇغلانغان بولۇپ ، چوڭ – كىچىك ماشىنا ، ۋېلىسپت ھەيدەيدىغانلارغىمۇ تولۇق ماس كېلىدۇ . شۇڭا خاتىرجەم چۈشۈرۈپ ، قۇشناچىمغا لەغمەن ئەتكۈزۈپ يىگەچ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ . دىتالنى ئۆزىگە كەلسەك بۇ دىتال بۇرۇن ھەقلىق چېغى ، لىكىن ھازىر بىكارلىق بولۇپ قالدى (مۇت ، ھاللاڭ ) . بۇ دىتالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن پىرىستىن يىشىپ ، ئىچىدىكى ياردەم ئىسىملىك رەسىم ھۆججىتىدە يېزىلغان ، قاچىلاش ۋە تەڭشەش جەريانى توغىرلىق ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش بويىچە قىلسىڭىزلا چاتاق يوق .
بۇ دىتالنى ئىشلەتكەندىن كىين نۇرغۇن ئەزالارنىڭ بەل- پۇت ئاغرىقى ، ئاشقازان ياللۇغى ، ساختا رىماتىزىم ، ئۆپكە شاخچا كاناي ياللۇغى ، مەزى بېزى يوغىناپ قېلىش … قاتارلىق كىسەللىرى شىپا تاپقان بولۇپ ، زىيارتىمىزنى قۇبۇل قىلغان قەشقەردىكى پالانى خانىم ، يولدىشىنىڭ مۇشۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەندىن كىيىن ، بەل – پۇت ئاغرىقلىرى يىنىكلەپ قالغان ۋە بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ قالغانلىقى ، بۇرۇن يوتقاندىن قوپماي ياتىدىغان بۇ ئەپەندىمنىڭ ، كىچە – كۈندۈز قىز قوغلاپ تالادىن كىرمەيۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى . خوتەندىكى پوكۇنى ئەپەندىمنىڭ ئاشقازان ياللۇغى كىسىلى ياخشىلىنىپ ، ھازىر قۇم ، تاش ، كۆمۈر ھەتتا تۆمۈرنىمۇ قىينالماي ھەزىم قىلالايدىغانلىقنى ئىنكاس قىلدى . سىچۈەندىكى يولداش بېن بېن ئەپەندىمنىڭ مەزى بېزى كىسىلى يوغىناپ قېلىش كىسىلى ياخشىلىنىپ ، مەزى بېزىنىڭ كىچىكلىگەنلىكى ۋە يوقاپ كىتەي دەپ قالغانلىقى ھەققىدە يامغۇردەك تۆكۈلۈپ يۇم يۇم يىغلاپ تۇرۇپ ، مۇزات بىلوگى ھاياتىمنى قۇتقۇزۋالدى دەپ ئىسسىق كۆز ياشلىرىنى تۆكتى (ھا ھا ھا … بۇ چاقچاق ھە )

قېنى تورداش ، سىزمۇ قاراپ تۇرماي چۈشۈرمەمسىز ؟ نەدىن چۈشۈرىمەن دەپ سورىماي ، بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .

دىتالنى چۈشۈرۈش
چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ 立即下载 دىگەن خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ .