بۇ ناخشىنى داڭلىق ئۆزبىك ناخشىچىسى رەۋشەن كامىلوۋ (مۆمىنجاننىڭ مەربىيە دىگەن ناخشىسىنى ، ئۆزبىكچىگە ئۆزلەشتۈرۈپ ، نەرگىزە دەپ ئېيتقان فەررۇخ كامىلوۋنىڭ دادىسى ) ئۇرۇنلىغان بولۇپ ، ناخشىدىكى لىرىكلىق ۋە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ھىسىيات ئادەمنى ھەقىقەتەن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ . بۇ ناخشىنى ئادەتتە ، بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ، شۇڭا تورداشلارمۇ ئاڭلاپ باقسا دىگەن ئۈمىد بىلەن يوللىدىم ، ئاڭلاپ باقارسىلەر .
ئۇرۇنلىغۇچى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە :
رەۋشەن كامىلوۋ 1964 يىل 26 ئۆكتەبىردە ، تاشكەنت شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، 1971 يىلدىن 1979 يىلغىچە 39 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1991 يىل ”كامالەت“ ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە بىرىنچىلىككە ئىرىشكەن . 1994 يىل ”ئۇلۇغبېك“ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . 2000 يىل ئوزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ تەرىپىدىن ئوزبېكىستاندە خىزمەت كورسەتگەن ئارتىست ئۇنۋانى بىلەن تەقدىرلەنگەن . ھازىر IIB ناخشا – ئۇسسۇلچىلار ئانسانبىلىنىڭ رەئىسىلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ .
بۇ ناخشىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ، سۈزۈك نۇسخسىنىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ . ——— بۇ ناخشىنى چۈشۈرۈش—— چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ 立即下载 دىگەن خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ .
بۇ ناخشىنى تورداشلار ياقتۇرغان بولسا ، قوڭغۇراق مۇزىكىسى قىلىۋالسا بولغۇدەك دەپ ئويلاپ ، كىسىپ ئۇلاپ دىگەندەك بىر ئشىلارنى قىلىپ ، ئىككى خىل قوڭغۇراق ئىشلەپ قويغان ئىدىم ، خالىساڭلار چۇشۇرۋالارسىلەر ، ھەرگىز پۇل بېرىڭ دىمەيمەن
ناخشىنىڭ بېشى ناخشىنىڭ ئەۋجى
ناخشا تېكىستى :
تاشقا كۆكسۈم قۇيۇپ ياتسەم ، تاش يانىدۇ ،
دەريالارغا سىرىم ئەيتسەم تولىغىنەدۇ .
ئاخشامدا ئاي گۇۋا نى نى ئاشقىلەرگە ،
سېۋگەن بولساڭ ، سېۋگىسىدىن كىم تانەدۇ . (سۆيگەن بولساڭ ، سۆيگۈسىدىن كىم تانىدۇ )
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى ياندۈرەدۇر ،
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى كۆيدۈررەدۇر .
ياندۇرەدۇر ، كۆيدۈرەدۇر مۇھەببەت ،
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى ياندۈرەدۇر ،
ئوفسە نىتەر ، يۈرسە كىتەر دىگەن بىلەن ، (سۆيسە ئەگەر ، يۈرۈپ كەتسەك دىگەن بىلەن )
تەقدىر ئىكەن كۆيدۈم يىتەر دىگەن بىلەن . ( بولدى بەس مۇشۇنچىلىك ئاش بولسام بولار دىگەن بىلەن)
بال تاتىنىپ ، بالىنى تاتىپ كۆرگەن بىلەن ، (بالنى تېتىپ باققان بىلەن )
ھەسەل ئورنىن باسماس ناۋات يىگەن بىلەن . (ھەسەل ئورنىنى ، ناۋات باسمايدۇ )
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى ياندۈرەدۇر ،
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى كۆيدۈرەدۇر .
ياندۇرەدۇر ، كۆيدۈرەدۇر مۇھەببەت ،
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى ياندۈرەدۇر ،
ئول يار كېتكەن ئەللىقاچان بېراۋ بولۇپ ، (ئۇ يار ئاللىقاچان يات بولۇپ كەتتى )
بەلكى ياشىڭ ئۆتكەن ، ساچىڭ قىراۋ بولۇپ . (يېشى بىر يەرلەرگە بېرىپ ، چېچى ئاقاردى )
دىلدا ئوشق ، ئىشق ئۇچقۇنى بارمۇ تامام ، (دىلدا ئىشىق مۇھەببەت قالدىمۇ )
ئاتمۇشتە ھەم سۆيۈش مۇمكىن ئالاۋ بولۇپ . (شۇ چاغدا ئوت ئاتەش بولۇپ سۆيۈش مۇمكىن ئىدى)
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى ياندۈرەدۇر ،
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى كۆيدۈررەدۇر .
ياندۇرەدۇر ، كۆيدۈرەدۇر مۇھەببەت ،
مۇھەببەتنىڭ بىرىنچىسى ياندۈرەدۇر ،
دەرياسىدا كېچمەدىم مۇھەببەتنىڭ ،
كەفتىلەر بىر سۇ ئىچمەدىم مۇھەببەتتىنى . (كەپتەر كەبى سۇ ئىچمەدىم مۇھەببەتتىن )
ئېھ ، بىر ئەركىلىپ قۇچمەدىم مۇھەببەتنى ، (ئىھ ، مۇھەببەتكە ئىرىشەلمىدىم )
مۇھەببەنتىڭ بىرىنچىسى ….
ئۇرۇنلىغۇچىنىڭ بىر قانچە سۈرەتلىرى