يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 17 - 2011 3 ئىنكاسلىق

ئانا- بالا ئىككىسى كۆلچەكتە سۇ ئۈزۈۋاتاتتى . قىزى سۇغا سەكرىگەندە سۇ ئۈزۈش كىيمى يىرتىلىپ كەتتى . ئاپىسى ئالدىراشچىلىقتا كۆلچەك قىرىدىكى تاختىنى ئېلىپلا قىزىنىڭ ئالدىنى توسىدى ، كىشلەر تاختىدىكى خەتنى كۆرۈپ قاقاھلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى .
تاختىغا : خەتەرلىك ، چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىر ، تەجىربىلىكلەر چۈشسە بولىدۇ دىگەن خەتلەر يېزىلغانىدى . ئاپىسى دەرھال تاختىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرىدى . كىشلەر تېخىمۇ كۈلۈشكە باشلىدى . ئۇ تەرىپىگە : مەخسۇس ئەرلەر ئىشلىتىلدۇ ، دىگەن خەت يېزىلغانىدى . ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغان ئاپىسى يەنە بىر تاختىنى ئېلىپ قارىدى ، ئۇ تاختىغا : چوڭلاردىن 30 يۈەن ، بالىلاردىن 10 يۈەن ئېلىنىدۇ . 20 دىن ئارتۇق ئادەم بولسا يېرىم باھادا ئېتىۋار قىلىمىز دەپ يېزىلغانىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال يەنە بىر تاختىنى قولىغا ئالدى ، تاختىدىكى خەتنى كۆرۈپ ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى . . ئۇ تاختىغا ؛ تىجارەت ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن كەچ سائەت 10:00 غىچە ، دەپ يېزىلغاندى . تېلىقىپ كۈلۈشۋاتقان كىشلەر ئارىسىدا تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان ئانىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى ، ياندا تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى تاختىدا قالدى . ئۇ تاختىنى قولىغا ئېلىپ قاراپلا ، چىرايى تامدەك تاتىرىپ ھوشىدىن كەتتى . بۇ تاختىغا : بۇ بولسا ئاممىۋى سورۇن ، باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تازىلىقنى ياخشى ساقلاڭ ،دەپ يېزىلغانىدى .

3 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ھى ھى ھى ھى ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن.مەنمۇ بىكا ئولتاماي،ماتىماتىكلار توغرىسىدىكى بىر قانچە يۇمۇرنى ئېيتىپ بىرەي:

    بىر ماتېماتىك باغچىدا لايىقى بىلەن سەيلى قىلىپ تۇرغاندا لايىقى سوراپتۇ :
    ___ قاراڭ ، ئاخىردا سورىۋالاي ، مىنىڭ يۇزۇمدە مۇشۇنداق سەپكۇنلەر تولا، مەن سەت بولساممۇ مىنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟
    ماتېماتىك :
    ___ ھېچقىسى يوق، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا مۇشۇنداق چېكىتلەر بىلەن ھەپىلىشىشقا ئامراق ئىدىم !

    __ سەن دەپ باقە ، دۇنيادا ئەڭ پىخسىك ئادەملەر كىمۇ؟
    __ ئەلۋەتتە ماتېماتىكلار-دە ، ئۇلار ھەتتە بىر مىللىمېتىرنىمۇ تالىشىدۇ !

    ئىككى قىز ئوقۇغۇچى تولا پاراڭ قىلىپ دەرىسخانىنى قالايمىقان قىلىۋىتىپتۇ، بۇ نىڭدىن خاپا بولغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى:
    __ ئىككى قىز بالىنىڭ ئاۋازى مىڭ ئۆردەكنىڭ ئاۋازىغا باراۋەر كىلىدىكەن_ دەپ دەرىستىن چۈشۈپ كىتىپتۇ. بىر دەمدىن كىيىن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايالى ئۇنى ئىزدەپ كەپتىكەن، ھىلىقى قىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىغا خەۋەر قىلغىلى كىلىپ :
    __ مۇئەللىم، تالادا سىزنى 500 ئۆردەك ئىزدەپ كەپتۇ – دەپتۇ !

    • تاڭ ھەزرەت مۇنداق يازغان:

      ھەي، نىم قىپ يۈرىسەن بۇ يەدە؟ بۈگۈن تاك-تاكنى نەچچىنى چەكتىڭ؟ قېلىن يۇمۇر ئوقۇماي بېرىپ نوم ئوقۇ. كۆرىدىغان كۈنۈڭ با تېخى.
      500 ئۆردەك دەپ كېتىپتۇ تېخى، سەنمۇ 732 تال ئۆردەك جۇمۇ مەن دەپ قوياي.

  2. ئەلشات بلوگى مۇنداق يازغان:

    ھا ھا اھ!!! مەنمۇ تاس قالدىم ماۋۇ يۇمۇرنى ئاڭلاپ كەينىمگە ئۇچۇپ كەتگىلى! بۇنى قىزلار بار يەردە دىگۈلى بولمىغۇدەك ھى ھى ھى