يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ماي - 17 - 2011 5 ئىنكاسلىق

قاتناش ۋەقەسىىدىن تازلىق ئۆيىگىچە
2011-يىلى 1- مايدىن باشلاپ ھاراق ئىچىپ ماتورلوق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش جىنايەت ھىسابلىنىپ جىنايى ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى . سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە ، ھاراق ئىچىپ ماتورلوق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئومۇمىي قاتناش ۋەقەسىنىڭ 20 پىرسەنتىنىمۇ ئىگىللىمەيدىكەن . ئۇنداقتا قالغان قىسىمى نىمە سەۋەپتىن يۈز بېرىدۇ ؟
ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان قاتناش ۋەقەلىرىنى كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق . قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى ئاتا -ئانا ، خوتۇن بالا چاقلىرىنى سەرسان قىلىپ ، ئائىلىسى توزۇپ كەتكەنلەر ، ئىگىلىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانلارمۇ بىزدىن ئۇنچە يىراقتا ئەمەس . نۇرغۇن پاجىئەلەرنىڭ باشلىمى بولغان بۇ قاتناش ۋەقەسى زادى نىمە سەۋەپلىك يۈز بېرىدۇ ؟
ئالدىنقى كۈنى موتسىكلىتىمنى مىنىپ مېڭىپ بىر ئايلانمىغا كەلدىم ، شۇ چاغدا ئۇدۇلدىن ، كەينىگە دادىسىنى)بەلكىم دادىسىمىكىن دېدىم( مىندۈرۋالغان بىرەيلەن ھەيدىگەن ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر موتسىكلىتنى كۆرۈپ يول بېرىشكە توختىدىم . موتسىكلىت دەل يېنىمغا كەلگەندە ياندىن چىققان يەنە بىر ماشىنا بىلەن يول تالىشىپ قېلىپ جىددى تورمۇزلىدى . بۇنداق تىز سۈرئەتتە ماڭغاندا تورمۇز تۇتىشىمۇ تايىنلىق بولغاچقا ، تېيىلىپ يىقىلغىلى تاس قالدى ۋە يول بېرىپ ساقلاپ تۇرغان ماڭا سوقۇلدى . گەرچە قولۇمنىڭ تېرىسى سۈرىلىپ كەتكەندىن باشقا چوڭ ئىش بولمىغان بولسىمۇ ، بەكلا ئاچچىقىم كەلدى . موتسىكلتتىن چۈشۈپ :
- ھوي ، بۇ نىمە قىلىق ئەمدى ، – دېدىم زەردەم بىلەن .
- تورمۇزى تۇتمىدى ، ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىزغۇ ، – دەيدۇ تېخى مۈرىسىنى قىسىپ قۇيۇپ .
- ئاستا ماڭساڭ ئۆلەمتىڭ ؟ ئۇچقاندەك ماڭساڭ تورمۇز تۇتمايدۇ شۇ .
- ئالدىرايتتىم شۇ .
- ئالدىرمىساڭمۇ يول تۈگەپ كەتمەيدۇ . قورقما ساڭىمۇ ئېشىپ قالىدۇ . نى نى ئادەملەردىن ئېشىپ قالغان يول بۇ ، – دېدىم ئۇنىڭغا جاۋابەن . بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا تەسىر قىلغاندەك ئەمەس ، يەنە خىيالىدا يوق كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېڭىۋاتىدۇ . چاقىرىپ توختىتىپ :
- ئىش قىلسا ھىچنىمىگە ئالدىرمايدىغان ، موتسىكلىتقا مىنىۋالسا بولۇشىغا چاپتۇردىغان كاللىسىنىڭ دەردى بار قانداق نىمە سەن ؟ مەنغۇ ئۇششۇق ئەمەس قارا ، ھىچ بولمىسا خاپا بولماڭ دىگەن گەپمۇ قىلالمامسەن ؟ مەن سېنى يا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالات دېدىممۇ ؟ – دېدىم قولۇمنى سىلكىپ .
- خاپا بولماڭلا دېدى ، – دېدى ئۇ ئاستا .
- قاراپراق ماڭارسەن ئەمدى ، ھەممە خەق ماڭا ئوخشاش ئاسانلا قۇيۇپ بەرمەيدۇ .
- ماقۇل
يەنە نىمە دىگىلى بولاتتى . تۇتۇپ گالدىن سىقسام خەقلەر تاماشا كۆرىدۇ . بىردەمدە 110 دىن ياكى قاتناش باشقۇرۇش ئەترىتىدىن ئادەم كېلىدۇ . خەقنىڭ ئالدىدا بۇ ھاماقەتنىڭ دادىسىنىمۇ بىچارە قىلىدۇ . قانداقلا بولسا خەققە تاماشا بولغىنى بولغان . شۇ ئاچچىقىمدا موتسىكلىتىمنى ئوت ئالدۇرۇپ كېتىپ قالدىم ، يولدا ماڭغاچ بۇ ئاداشنىڭ ھاماقەتلىكىنى ئويلىساملا ئاچچىقىم كېلەتتى . ئايلانمىغا كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلسا ئالەم ۋاقىت كىچىكىپمۇ كەتمەستى . بۈگۈنغۇ چوڭ ئىش بولمىدى . ناۋادا ياندىكى يولدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھاماقەتتىن بىرسى موتسىكلىتىنى بولۇشىغا چاپتۇرۇپ كەلگەن بولسا ئىسىت دەپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ ، – دە . بولمىدى دىگەندەك بىر يەرلىرى سۇنىدۇ ، كەينىگە مىندۈرۋالغان دادىسىنى بىسەرەمجان قىلىپ ئارامسىزلاندۇرىدۇ . پۇل زىيان ، ۋاقىت زىيان . پۇلغۇ مەيلى بىر چىرايلىق ساق بەدەننى ناكا قىلىشىدۇ . ئىش يۈز بېرىپ بولغاندا پۇشايمان قىلغاننىڭ پوققىمۇ پايدىسى يوقتە .
ئۆتكەندە ئۆينىڭ قېشىدىكى دوقمۇشتىكى قىزىل چىراغ بۇزۇلۇپ ، تۆتىلا تەرەپتىكى كۆرسەتكۈچ چىراغنىڭ سېرىق چىرىغى يېنىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ . ئېھتىياچانلىق بىلەن ئەتراپقا تەكشى قاراپ سۈرئەتنى تېخىمۇ ئاستىلىتىپ مېڭىۋاتسام ، ئىككى ھاماقەت موتسىكلىت مىنىپ يېنىمغا كېلىپلا ”سېرىق چىراغ يېنىپ قاپتۇ ، ئىتتىكرەك ئۆتۈپ كېتىلى “ دەپلا سۈرئەتنى تىزلىتىپ ماڭدى . دەل شۇ چاغدا يېڭىدىن شوپور بولغان ، پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس ، ماشىنىسغا قىزلارنى سېلىپ گۈركىرتىپ مېڭىپ كۆز – كۆز قىلىش ئۈچۈن تاكىسى ھەيدىۋالغان لايغەزەلدىن بىرسى ماشىنىسىنى ئۇدۇلدىن يانغا ئايلاندۇرۇپ ، سېرىق چىراغتىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن ، ماشىنىنى قۇيۇندەك ھەيدەپ كىلىپ قالدى . ئىككىسىنىڭ ئارلىقى ناھايتى 10 ~15 مىتىر كېلەر ، لىكىن ماشىنىنىڭمۇ ، موتسىكلىتنىڭمۇ سۈرئىتى تىز بولغاچقا تورمۇز تازا جايىدا ئىشلىمەي بىر – بىرىگە كاللا قۇيۇشتى . نېمىسىنى دەيسىز ، قېشىغا بېرىپ قارىسام موتسىكلىتلىق ئىككىسى يەردە يېتىپتۇ ، ھىچ بولمىدى بىرەرسىنىڭ بىرەر يەرلىرى سۇنغاندەك قىلاتتى. ماشىنىنىڭ ئالدى ئوبدانلا چۇۋۇلۇپتۇ ، شوپور تازمۇ ئالاقزادىلىك بىلەن نىمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرۇپتۇ . ماشىنىدىكى قىزلار تېخىچە ئىسىگە كىلەلمەي ھاڭۋېقىشىپ قاپتۇ . ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قاتناش باشقۇرۇش ئەتىرىتىدىن ئادەم كىلىپ نەقمەيداندا خاتىرە قالدۇرشقا باشلىدى ، مەن كېتىپ قالدىم . مېنىڭدىن ئۆتە ئالدىراش ئىكككىسى ئارقامدا قالدى . پەقەت 20 سىكونت ، ھە جىق دىگەندىمۇ 20 سىكونتلا ئالدىرمىغان بولسا بۇ ۋەقەمۇ چىقماستى . موتسىكلىتىنى خاتىرجەم مىنىپ مەنزىلىگە بىخەتەر بارار ئىدى . تاكسى ھەيدىگەن تازمۇ ھاياجىنىنى بېسىپراق ماڭسا بۇنداق ئاۋارىچىلىككە قالماس ئىدى . ماشىنىدا قى – چۇ قىلىپ مېڭىشقان قىزلار ھازىر نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ ئەمدى . يولنى بىر – بىرىدىن قىزغىنىپ ماڭغۇدەك ئالدىراش ئەمەسمۇ بولغىيتى . ئەمدى قاراپ تۇرۇپ ماشىنىسى كەم دىگەندە 15 كۈنگىچە يولغا چىقالمايدۇ ، ئۇنى ئازدېگەندەك ، جەرىمانىگە ، دوختۇرخانىغا پۇل تۆلەيدۇ . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ يېرىم يىل مىقتەك ئولتۇرۇپ تاكىسى ھەيدىسە تاپقىلى بولىدىغان پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىدۇ . مانا كۆرە 20 سىكونت ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەلنى .
يۇقارقى ۋەقەلىككە ئوخشاش ، يول يۈرگەندە شۇنچىلىك ئالدىرغانلارنىڭ ئىشقا كەلگەندە ئالدىراپ كېتىشى تايىنلىق . ئەمما قوڭىغا موتسىكلىت ، ماشىنا چىقىپلا قالسا مىنۇت كىچىكىپ قالسا ئۆلۈم ئىشى چىقىدىغاندەك بوراندەك مېڭىشىدۇ . بىرەر ئاچال ياكى ئايلانمىغا كەلگەندە شۇنچە كەڭ يولنى بىر – بىرىدىن قىزغىنىشىپ ، ئاۋۋال مېڭىۋالمىسا يول تۈگەپ كېتىدىغاندەك ئالدىرىشىپ كېتىدۇ . شۇنچە ئالدىراشمىكىن دېسە بارىدىغان يىرىگە بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن قوڭىنى توپىغا سۇۋاپ ئولتۇرۇپ تاماكا چىكىشكەچ تاينى يوق پاراڭ قىلىپ پو ئېتىشىپ ئولتۇرىشىدۇ . بۇنداق قىزغىنىش پىسخىكىسى ، ئىدىيىمىزگە شۇنچىلىك ئورناپ كەتكەنكى ، ماتورلوق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەندىلا ئەمەس تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ھالىقىلاردا ئۇچراپ تۇرىدۇ . مەسلەن سودا سارايلاردا ، ئاپتوبوسقا ئولتۇرماقچى بولغاندا ، ئاشخانىدا تاماق يىگەندە ، بانكىدا توك-سۇ پۇلى تاپشۇرماقچى بولغاندا ، ئىشقىلىپ ، كۆپ كىشلەر توپلانغان ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدا كىشلەرنىڭ مۆتىۋەرلەرچە يول قۇيۇپ ، ئۆتۈنۈپ بەرگىنىنى ئەمەس . بىر – بىرىدىن قىزغىنىشىپ ھۈرپىيىشىپ تۇرغىنىنى كۆرىمىز . ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تالىشۋاتقىنى ئالامچە ۋاقىت ئەمەس بەلكى ، ئېشىپ كەتسە نەچچە مىنۇتلۇق ۋاقىت خالاس . شۇ تالاشقان نەچچە مىنۇت ۋاقىتنى سەرپ ئىتىپ تاغنى تالقان چۆلنى بوستان قىلىۋىتىدىغاندەك ئەلپازدىكى شۇ كىشلەرنىڭ بۇ خىل قىزغىنىش ئىدىيىسى كىچىكىدىن تارتىپ ئائىلە ۋە جەمىيەت تەرىپىدىن چوڭقۇر قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ ، يول قۇيۇش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە موتىۋەرلەرچە پەزىلەت ئەمەس بەلكى كەينىدە قېلىش ھىسابلىنىدۇ .
يېقىندا يۈز بەرگەن ”تۇز يىتىشمەسلىك ۋەھىمىسى“ تارقالغان چاغدا ، ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا چىقسام 200~300 چە كىشى بىر يەرگە توپلىشىىپ قاپتۇ . يىراقتىن قارىماققا ئۇلار بىرەر نەەرسىنى تالىشۋاتقاندەك قىلىشاتتى . نىمە بولغاندۇ دەپ قىزىقىپ بېرىپ قارىسام ھەممەيلەن بىر ماشىنىدىكى تۇزنى ئەسەبىيلەرچە تالىشىپ سېتىۋالغىلى تۇرۇشۇپتۇ . سالاپەتلىك ئەرلەر ، لاتاپەتلىك ئاياللار بۇ توپتا بەئەينى بىر ئۇزۇن مەزگىل ئاچ قالغان ئادەملەر بىر تاۋاق ئۇماچنى تالىشۋاتقان قىياپەتتە ، ھەر خىل چىراي ئىپادىسى ھەر خىل ھالەتلەردە قىستىلىشىپ يۈرۈپ تۇز سېتىۋالغىلى تۇرۇپتۇ . كىملەر كىملەرنىدۇ غايۋانى تىللىغلى تۇرۇپتۇ . بۇ كىشلەر بىر-بىرىگە مىنىپ قالماپتۇ يۇ ئۇنىڭ بېرىسى بوپتۇ ، ئايال كىشى بولغۇچىمۇ يات ئەرلەرگە چاپلىشىپ قىستىلىپ يۈرسەم سەت تۇرارمىكىن دېگەننى ئويلىماپتۇ ، ئەر كىشى بولغۇچىمۇ ئاياللارنىڭ ئالدىدا سالاپىتىنى ساقلاپ يول قويالماپتۇ . تۇز ئېلىپ بولغانلىرىنىڭمۇ بۇ توپتىن قايتىپ چىقمىقى ناھايتى قىيىن بولۇپ ، توپتىن چىققاندىن كىيىنكى قىياپىتىنى قارىىسڭىز بۇنى ئەنۋەر ناسىرىنىڭ شىئېرىغا تەقلىد قىلىنغان بۇ شىئرىمدىن ھېس قىلالايسىز .
مىجىلغان پۇت ، چۇۋۇلغان چاچ ،
سۇنۇلغان قول ، قىستىشقان توپ .
تۇز بالاسى پاتتى جانغا .
كەتكىن دەرھال پىنھانجان قوپ .
تۇز سېتىۋېلىپ ، توپتىن يېنىپ چىققانلىرى خۇددى جەڭدە غەلبە قىلىپ قايتقان ئەسكەر ئۆيىگە خوش خەۋەر ئېلىپ ماڭغاندەك خوشال قىياپەتتە پالاقشىپ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈشەتتى . ئاياللار ئەرلىرىنى ، ئەرلەر ئاياللىرىنى ، بالىلار ئاتا – ئانىسىنى تۇز سېتىۋالالايدىغاندەك بىڭسى بىلەن خوشال قىلىشنى ئويلىشاتتى . بىر ياندا قاراپ تۇرسام تۇز ئېلىپ چىققان بىرەيلەن ”تىز بولۇڭ ، سىزمۇ تۇز سېتىۋېلىڭ“ دەيدۇ ”ئۆيدە بار “ دېسەم ”تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىسىز“ دەيدۇ “ تۇز تۈگىسە موتسىكلىتىمنى مىىنىپ 10 مىنۇت ماڭسام ، تۇز كېنىغا بارىمەن . شۇ يەردىن تاش تۇز ئەكىلىپ چىلاپ ئىشلىتىمەن“ دىسەم ”شۇنداق قىلىڭ ئەمىسە“ دەپ كېتىپ قالدى . ئەلپازىدىن ”كۆيۈنگەننى بىلمىگەن“لىكىمگە ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى .
بۇنداق ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ، تۇز يىتىشمەسلىك ۋەھىمىسى“ تارقالغان چاغدىلا ئەمەس ، سامسىخانىدا ، لەڭپۇڭخانىدا ، توك تەمىنلەش شىركىتىدە ، ئاپتوبوستا ، بانكىدا ھەتتا تازلىق ئۆيىنىڭ ئالدىدا تالاي كۆرگەنمەن . گاھى نومۇس كۈچىدىن كېتىپ قالغان چاغلىرىم بولدى ، گاھى نومۇسقا ئۈندىگەن چاغلىرىم بولدى .
ئۇزۇن پاراڭنى تۈگۈچلىسەم ، بىزگە يۇققان قىزغىنىش پىسخىكىسىدىن يىراقراق تۇرۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ مۆتىۋەرلەرچە سالاپىتىمىزنى ساقلاپ يول قۇيۇش ، ئۆتۈنۈشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلساق ، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ۋە سەتچىلىكلەردىن ساقلىنالايدىكەنمىز . شۇنى جەزىملەشتۈرمەنكى بىز ئەزەلدىن ئاقسۆڭەڭلەرچە مۆتىۋەر ياشاپ كەلگەن مىللەتمىز ، پەس كىشلەرگە مۇناسىپ بۇ خىل قىزغىنىش پىسخسكىسى بىزگە سىرىتتىن يۇققان بولسىمۇ ، ئىدىيىمىزگە تەلتۆكوس سىڭىپ كىرگىنى يوق . شۇڭا قېنىمىزدىكى مۆتىۋەرلەرچە خىسلىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىپ بۇ تېمىنى ئاخىرلاشتۇرسام دەيمەن .

5 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. جۇغلان مۇنداق يازغان:

  2. weyrani مۇنداق يازغان:

    تۇيۇنۇش دەرجىسى توۋەن ئىنسانغا موتىۋەرلىك ياراشمايدۇ.

  3. سۇزۇك مۇنداق يازغان:

    بارغانسېرى ئېسىل يازىدىغان بولۇپ كېتىپسىز جۇمۇ

    • تۇمارىس مۇنداق يازغان:

      شۇ ئەمەسمۇ، كۆپچىلىكنىڭ پىنھانغا بولغان ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.ئەمما ئەنسىرەيدىغىنىم توردا تۇرىدىغان ۋاقتى ئازلاپ كەتمىسە بولاتتى-دە!

  4. قادىخان مۇنداق يازغان:

    يېزىقچىلىق قابىلىيىتىڭلار ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ جۇماۋە قۇناخۇن !