يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ماي - 12 - 2011 2 ئىنكاسلىق

يېڭىدىن بىر مەشغۇلات سېستىمىسى بازارغا چىققان چاغدا ئالدى بىلەن سىناپ بېقىشنى ئويلايمىز . لېكىن ، نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان سېستىمىنى قۇربان قىلىپ يېڭى سېستىمىنى قاچىلاپ سىناپ بېقىپ ، ئاندىن بۇرۇنقى سېستىمىنى قايتىدىن قاچىلاش ئادەمگە پەقەتلا خوشياقمايدىغان ئىش . يېنىمىزدا خالىغانچە ئۇنى بۇنى قاچىلاپ ئارتۇقچە كومپىيۇتېر بولسا شۇ كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ سىناپ باقساقمۇ بولىدۇ . بىراق ، بەزىدە رەسىملىك قىلىپ دەرس ئىشلىمەكچى بولغاندا سېستىما قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى ھالەتلەرنى سۈرەتكە تارتىش تولىمۇ قولايسىز بىر ئىش . قانداق قىلىش كېرەك ؟ دەل شۇچاغدا مۇزات بىلوگىنىڭ ئادىرسىنى يېزىڭدە دەررۇ بۇ تېمىغا كىرىڭ . يەنى بۇ ئىشنى مەۋھۇم كومپىيۇتېر دىتالى Virtual PC ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
كۆپ قوللىندىغان مەۋھۇم كومپىيۇتېر دىتاللىرىدىن Virtual PC ، Virtual box , VDM قاتارلىقلار بار بولۇپ ، تۆۋەندە Virtual PC نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئەڭ يېڭى يېشىل نەشىرىنى چۈشۈرۈش ئادىرسى بىلەن تەمىنلەيمىز .

تەمىنلەنگەن ئادىرىستىن Virtual PC نى چۈشۈرۈپ ، پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى يېشىللاشتۇرۇش دىگەن توپ بىر تەرەپ قىلىش پىروگىراممىسىنى ئىجرا قىلىمىز .

ناۋادا ۋىندوۋس 7 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ، بۇ توپ بىر تەرەپ قىلىش پىروگىراممىسىنى باشقۇرغۇچى سالاھىيتىدە ئىجرا قىلىشىڭىز كېرەك .

يېشىللاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن Virtual PC نى قوش چىكىپ قوزغاتساق تۆۋەندىكىدەك قارشى ئېلىش كۆزنىكى چىقىدۇ . كىينكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرايلى .

بۇ كۆزنەكتىن يېڭىدىن قۇرۇش دىگەن تۇرنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن كىينكى قەدەمنى باسىمىز.

بۇ كۆزنەكتىكى ئىسىم بەلگىلەيدىغان رامكىغا ئۆزىمىز خالىغان ئىسىمنى قۇيۇپ كىيىنكى قەدەمنى باسىمىز .

بۇ كۆزنەكتە مەۋھۇم كومپىيۇتېرغا قايسىمەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلماقچى بولسىڭىز شۇ مەشغۇلات سېستىمىنى تاللاپ بېرىپ كىينكى قەدەمنى باسىمىز .

بۇ كۆزنەكتىن مەۋھۇم كومپىيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ سىغىمىنى بەلگىلىپ بېرىپ كىينكى قەدەمنى باسىمىز .

بۇ كۆزنەكتىن مەۋھۇم كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى يېڭىدىن قۇرۇشنى تاللاپ كىيىنكى قەدەمنى باسىمىز .

بۇ كۆنەكتىنىڭ مەۋھۇم قاتتىق دېسكا ھۆججىتىنىڭ ساقلىندىغان ئورنى ۋە سېغىمىنى بەلگىلىپ بېرىپ كىيىنكى قەدەمنى باسىمىز .

بارلىق تەڭشەشلەر تامام ، تامامنى بېسىپ تەشەشنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.

مەۋھۇم كومپىيۇتېرنى تىزگىنلەش كۆزنىكىدىن ، يېڭىدىن قۇرغان مەۋھۇم كومپىيۇتېرنىڭ ئىسمىنى قوش چىكىپ ياكى ئۈستىگە نۇر بەلگىنى توغىرلاپ ئوڭ كۇنۇپكىنى بېسىپ قوزغىتىش بۇيرۇقىنى بىرىپ مەۋھۇم كومپىيۇتېرنى قوزغىتىمىز .

مەۋھۇم كومپىيۇتېر قوزغالغاندىن كىيىن CD تىزىملىكىدىن مۇھىت ھۆججىتنى تاللاپ بىرىش بۇيرۇقىنى بىرىپ ، خالىغان سېستىما مۇھىت ھۆججىتىنى تاللاپ بېرىمىز . ئادەتتە توردىن چۈشۈرگەن XP , me ,2000 , 7 مەشغۇلات سېستىمىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرسەك بولىدۇ .

بىز كۆرسىتىپ بەرگەن سېستىما مۇھىتىنى مەۋھۇم كومپىيۇتېر تونۇدى ، ئەمدى ئادەتتىكى كومپىيۇتېرغا ئوخشاش دېسكىنى رايونغا ئايرىش ، سېستىما قاچىلاش ، زاپاسلاش ، ياندۇرۇش … قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى خالىغانچە قىلسىڭىز بولىدۇ .

گوستنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ . يەنە تېخى سۈرەتكىمۇ تارتالايسىز .

سېستىما قاچىلاپ سىنىسىڭىزمۇ بولىدۇ . بۇ جەرياننىمۇ سۈرەتكە تارتالايسىز .

ئىشقىلىپ قانداقلا مەشغۇلات قىلسىڭىز سۈرەتكە تارتالايسىز .

بۇ كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز باشقا دىتاللارغا ئوخشاشلا ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تاقاش كۇنۇپكىسىنى چىكىپ ، چىققان كۆزنەكتىن خالىغان ھالەتتىن بىرنى تاللاپ چىكىنسەك بولۇۋېرىدۇ .

مەشغۇلات جەريانىدا نۇر بەلگىنى مەۋھۇم كومپىيۇتېردىن تارتىپ چىقماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ALT كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ .

بۇ دىتالغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .

دىتالنى چۈشۈرۈش
چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ 立即下载 دىگەن خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ .

2 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    ئەستايىدىللىقىڭىزغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم. تور دۇنياسىدىن ئۆچۈپ كەتمىسۇن بۇنداق ئېسىل ماقالىلەر

  2. ئاتەش مۇنداق يازغان:

    راستىنلا بولىدىغان دېتال جىمۇ بۇ، مەنمۇ مۇشۇ دېتال ئارقىلىق رايۇنغا ئايرىش دېگەنلەرنى ئۈگەنگەن، لىكىنزە لىنۇكىسنى پەقەت مۇۋاپىقيەتلىك قاچىلىيالمىدىم، يا رايۇنغا ئايرىشتا توغرا ئايرىيالمىدىممۇ قانداق قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ قوزغىلالمىدى، تولا قاچىلاپ مۇۋاپىقيەتلىك بولماي، ئاخىرى تاشلىۋەتتىم.
    راستىنلا بۇيازمىغا بەك ئەجىر قىلىپسىز، گەپ تولا يازما يوللاشتا ئەمەس ، سۈپەتلىك يازما يوللاشتا.