ئاتا – بۇ سۆز توغرىلىق يەنە تىلىمنى چاينىمىساممۇ يىتەرلىك . كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان ، تاغدەك يۆلەنچۈك بولىدىغان زەبەردەس ئاتىلىرىمىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ . بىزئوغۇللار ئاساسەن ئاتىمىزنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى دوراپ چوڭ بولىمىز . بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىزمۇ شۇنداق چوڭ بولىدۇ . ئاتىلىرىمىز ئۆز مىھرى بىلەن «قاناتلىققا قاقتۇرماي ، تۇمشۇقلىققا چوقتۇرماي » چوڭ قىلدى . ئاتىلارنىڭ بالا بېقىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ ئىنتايىن سۆيۈملۈك بولۇپ ، تۆۋەندە ، دۇنياغا داڭلىق چولپانلارنڭ بالىسىنى بېقىۋاتقان كۆرۈنۈشلرى تارتىلغان بىر يۈرۈش رەسىملەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز .
مۇشۇ ھالىتىنى ئىككى سائەت داۋاملاشتۇرالايدىغان ئەرلەر( بولۇپمۇ بالا يىغلاپ كەتكەن چاغدا) قانچىلىكتۇ؟
ئەرلەر مۇشۇنداق سۆيۈملۈك بولالىسا ئاياللار قانچە ھەسسە سۆيۈملۈك بولۇپ كىتەر-ھە!
كىچىك چېغىمدا، داۋاملىق دادامنىڭ مۈرىسىگە مىنىۋالاتتىم، مانا ئەمدى ئويلاپ باقسام، دادامنىڭ ئاشۇ تاغدەك قامىتى ئېگىلىپ «يا »بوپتۇ، توساتتىن دادامنى كۆرگۈم كەپ قىلىۋاتىدۇ، خوش تورداشلار ،مەن دادامنىڭ قېشىغا كەتتىم ئەمىسە!
ماۋۇ رەسىملەرنىڭ تولىسىنى مەن نەدىندۇر ساقلىۋاپتىكەنمەن تېخى .
سزۈك قاتارلىق ئاچىلار بەك قاقشاپ كەتتىڭلارغۇ ئادەمنى قورقىتىپ ، ،،،
سىزمۇ چوڭ بولغاندا بىلىپ قالىسىز ……………..
دادىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق سۈيۈملۈك بولسا ، يىتىم قالغانلارنىڭ دادىسى ؟ ئاجراشقانلارنىڭ ئىرى ؟ بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردا خوشە رومكىسىنى كۆتىرىۋاتقانلارنى دادا ھىساپلامدۇق ياكى ؟
مەنچە بۇنداق قىلايدىغانلار يەنە نۇرغۇن.مانا بىزنى مانا مۇشۇنداق زەبەردەسىت چوڭ قىلغان شۇ دادىلار ئەمەسمۇ؟!
ئەرلەرمۇ ئوخشاش مىھرىبان ئىنسان!!! ھە،راست،بىلوگىمىزنى ئۇلىنىش قىلىشساق دەيمەن،بىلوگىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، دائىم تەجىربە ئالماشتۇرساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،مەنزىل:http://sirdash.com