يوللىغۇچى: پىنھان يوللانغان ۋاقتى:ماي - 8 - 2011 7 ئىنكاسلىق


ھازىرلا سىرتىتىن 15 بال ئاچچىقىم بىلەن كىرىپ بۇ تېمىنى يېزىپ قالدىم . ئەلۋەتتە چولتا بولۇپ قېلىشى ئېنىق ، شۇڭا تورداشلارنىڭمۇ بىللە تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىسىل تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز بويىچە ياشاپ كىلىۋاتىمىز . بىزدىن بۇرۇنقىلار يەكۈنلەپ چىققان تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بۈگۈن كۈنگە كەلگەندە كىشى ساپاسىنىڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز ئەلۋەتتە . تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر كىچىك ھالقىلارغا ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە بولغان ھۆرمەت ، پاكىزلىق ، كەڭ قورساقلىق … قاتارلىق خىسلەتلەرمۇجەسسەملەنگەن بولۇپ ، تارىختىن بۇيان بىز ئەنە شۇ ئىسىل تۇرمۇش ئادىتى ئىچىدە ياشاپ كەلدۇق ھەم داۋاملاشتۇرۋاتىمىز . بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىممۇ باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتى سېلىشتۇرما بولغان ھالەتتىكى گەۋدىلىنىپ چىققان گۈزەل تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق يات مەدەنىيەتلەرنىڭ بىزگە سىڭىپ كىرىپ ئىسىل خىسلەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىغا چەك قۇيۇش ۋە ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا گاڭگىراپ تۇرۇپ قالغانلارغا ھەقىقي ساپا ۋە مەدەنىيەتنىڭ بىزنىڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇشتۇر .

1. ئاممىۋى سورۇندا خالىغانچە گېلىنى قىرىش ۋە تۈكۈرۈش . كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاممىۋى سورۇندا گېلىنى قىرىش ياكى تۈكۈرۈش بىزگە نىسبەتەن ئۇياتلىق بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ . ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرى بالىسىغا ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بولسۇن ياكى ئاغزاكى تەربىيىسىدە بولسۇن بۇ ئىشنى بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۋەتكەن بولۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ بۇنداق سەت قىلىقنى قىلدىغانلار يوق . ئەگەر شۇنداق زۆرۈرىيەت تۇغۇلۇپ قالسا سىرىتقا چىقىپ ياكى ئادەم يوق دالدا جايغا بېرىپ بىجىرىش ھەممەيلەنننىڭ كاللىسدا ئېنىق .
2.تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقىرىپ تاماق يىيىش ۋە تاماق ۋاقتىدا پاراڭ سېلىش . شۇ ئىشقا كىسىپ ھۆددە قىلىمەنكى ، ئەگەر بىر ئۈستەلدە تۆت ئۇيغۇر ئولتۇرۇپ تاماق يىگەن بولسا ، ئارىسىدا بىرسى شالاپشىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ تاماق يىسە باشقىلىرى نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ ياكى تامىقىنى كۆتۈرۈپ باشقا يەرگە كېتىدۇ . تاماق يىيىش قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ، ئۆزىمىز يەۋاتقان تاماققا سىڭگەن ئەجىر ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سىپايىلىك بىلەن تاماق يىيىش بىزنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادىتىمىزدۇر . ئىت سۆڭەك غاجىغاندەك بىر – بىردىن قىزغىنىشىپ شالاپشىتىپ تاماق يەۋاتقان كۆرۈنۈشنى بىز قەتئىيلا ئېڭىڭىمىزغا سىڭدۈرەلمەيمىز .
3.ئادەم بار يەردە ئوسۇرۇش ۋە كېكىرىش . بۇ توغىرلىق ئارتۇقچە گەپ قىلىش ھاجەتسىز . بىزدە «ئېغىزنى گەپكە ئۆگەتمەڭ ، قوڭنى ئۇسۇرۇققا» دىگەن گەپ بار . بىزدە ئەقلى تولمىغان كىچىك بالىلارمۇ ئادەم بار يەردە ئوسۇرۇپ قويسا تىگىشلىك ئەدىبىنى يەيدۇ . چوڭلارنىڭ ئوسۇرۇپ قويىشىنى تەسەۋۋۇر قىلمايلا قويايلى بولدى . ئادەم بار يەردە كىكىرىش ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە قاملاشمىغان بىر سەت قىلىق بولۇپ ، داستىخان ئۈستىدە ياكى ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئادەم بار جايدا كىكىرىپلا قويدىڭىزمۇ بولدى بىر مەيدا تىل – ئاھانەتكە دۇچ كىلىسىز ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ قەي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز .
4. ئاممىۋى سورۇندا يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىش . مەيلى تېلفۇندا بولسۇن ۋە ياكى يۈز – تۇرانە پاراڭلاشقاندا قارشى تەرەپ ئاڭلىيالىغۇدەك ئاۋازدا پاراڭلىشىش بىزنىڭ ئادىتىمىز . تېلفۇننى كۆتۈرۈۋالسا تامى كۆتۈرۋەتكۈدەك يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىش ياكى ئۆز – ئارا پاراڭلاشقاندا بىر-بىرىگە شۆلگىيىنى چاچىرتىپ تۇرۇپ جاۋۇلداش بىزلەرنىڭ نەزىرىمىزدە ئىنتايىن سەت بىر قىلىق ۋە مەدەنيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى . يۇقىرى ئاۋازاد پاراڭلاشقانلارنى كۆرسەك «جاڭگالدا پادا باققان» غا ئوخشىتىمىز .چۈنكى جاڭگالدىكى گەپ ئۇقمايدىغان ھايۋانغا يەنى باققان پادىغا ئاشۇنداق ۋاقىراپ – جاقىراپ شەپە بەرمىسڭىز بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇلاردا ئاڭ يوق .
5.شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلماسلىق . تىرناقتا تاۋۇز تىلىپ يەيدىغاندەك ، تىرنىقىنى ئۆستۈرۋالغانلارمۇ ئارىمىزدا يوق ئەمەس ، لىكىن قىسمەنلىرى خالاس . ئۇلارغا نىسبەتەن ئائىلىدە بولسۇن مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن كۈچلۈك نارازىلىق ۋە تەنبىھ يەنىلا مەۋجۇت . بۇنداقلارنىڭ كۆپىنچىسى 15~22 ياشقىچە بولغان ياشلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ پسخىكىسى ئاجىزراق ، خۈنۈك مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە غىدىلىقىشىغا ئۇچراپ ، غەيرى قىلىقلارنى ئاسانلا ئۇچراپ قۇبۇل قىلىۋالىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى بولسۇن ياكى ئۆزى ياشاۋاتقان قاتلامدىكى بولسۇن كىچىكىدىن تارتىپ بېرىلگەن تەربىيە يەنىلا قەلبىنىڭ يۇشۇرۇن يېرىدە بار ، شۇڭا بۇلارغا چىرايلىق گەپ بىلەن تەربىيە قىلىپ قەلبىدىكى يۇشۇرۇنۇپ ياتقان ئەخلاق قارشىنى ئويغىتىپ ، توغرا يولغا باشلىۋېلىش تامامەن مۇمكىن . بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ تازلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىشنىڭ مېنىڭچە ھاجىتى يوق . ئىشقىلىپ تازلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ سالامەتلىككە ئېغىر زىيىنى بارلىقى ئېنىق . سالامەتلىك ۋە شەخسىي تازلىق توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولاي دېسىڭىز 80 خالتا بىلوگىغا كىرىڭ .
6. بىلوگقا كىرىپ تېما كۆرۈپ ئىنكاس يازمايدىغان قىلمىش . كۆزىتىپ باقسام ، پەزىلەتلىك تورداشلارنىڭ ھەممىسى بىلوگلاردا يازما كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن . تەربىيە كۆرمىگەن تور پاخپاقلىرى يازمىنى كۆرۈۋېلىپلا ئىنكاس يازماي قاچىدىكەن . بۇلارنى قانداقمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇن ھە ؟ خەق 2 كېلو تەر ئاققۇزۇپ يازغان تېمىنى كۆرۈۋېلىپلا ھۆ ياكى بۆ دىمەي چىەقىپ كەتسە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك بولۇپ قالامدۇ قانداق ؟ قەدىرلىك تورداش ، سىز پەزىلەتلىك تورداش بولسىڭىز بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنتۇمىغايسىز .

7 نەپەر تورداشنىڭ بۇ يازمىغا پىكىرى باركەن . سىزنىڭ پىكرىڭىز يوقما ؟

  1. tulpar مۇنداق يازغان:

    بۇ بەك ياخشى تىما بۇلۇپتۇ.رەھمەت سىزگە.

  2. ئالپاغۇت مۇنداق يازغان:

    ساناپ كەلسەك بۇنداق ئىللەت ھازىر بىزدە بەكلا كۆپۈيۈپ كەتتى … مەسلەن ، يالغانچىلىق ، دورامچىلىق ، خۇراپاتلىق….. بۇ ھەقتە ئىزتىل بىلوگىدا يازمىلار ئېلان قىلىنغان .

  3. تۇمارىس مۇنداق يازغان:

    ئادەتتە سەل قارىلىدىغان ئەمما تۈزەتمىسە قەتئى بولمايدىغان ئىللەتلەر ئىكەن تېمىدا دىيىلگىنى. تېما ئىگىسىنىڭ مۇشۇنداق ئىنچىكە نوقتىلارغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىگى ئۇنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىل ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.ئادەتتە تورغا چىقىپلا قالسام ئالدى بىلەن ئاچىدىغىنىم مۇشۇ مۇزات بلوگى بىلەن 80 خالتا بلوگى.كىرىپلا ئىنكاس قالدۇرغان تېمىلىرىمنى بىر قۇر كۆرىۋېتىپ ئاندىن يېڭى تېمىغا ئۆتىمەن. ئەمما بەزى تېمىلارغا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالىمەن، چۈنكى ياخشى يېزىلغان يازمىغا ئاددىلا ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن ئىنكاس قالدۇرۇپ قوياي دىسىڭىز تېخى قاملاشمىغان خۇددى تېمىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرگەندەك،يازاي دىسىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان ئىنكاس مەزمۇنى….خۇددى «ئىزدىنىش» قا يېڭى ئەزا بولغاندا ئىنكاس يېزىشقا پېتىنالماي بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قالغاندەك……….مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەزى تېمىلارغا ئىز قالدۇماي چىقىپ كىتىپ قالغان ۋاقىتلىرىم بولدى. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ مەندىكى پەزىلەتسىزلىك ئەمەس بەلكى قابىليەتسىزلىك……مىنىڭچە ،مۇمكىن بولسا تېما مەزمۇنىغا شۆھرەتپەرەسلىك ۋە يالغانچىلىق توغرىسىدىمۇ بىر ئاز مەزمۇن كىرگۈزۈلگەن بولسا تېخىمۇ مۇكەممەلرەك بولار ئىكەن!

    • نۇر مۇنداق يازغان:

      ئەجەپ ياخشى يېزىپسىز.
      ئەگەر بىز سەھەر(كۈن چىقىشتىن بىر سائەت بۇرۇن) تۇرۇپ ، كۈنلۈك پائالىيەتلىرىمىزنى باشلىۋېتىدىغان ئەنئەنىمىزنى بالىلىرىمىزغىچە ئوموملاشتۇرالىغان بولساق ئۆز مۇكەممەللىكىمىزگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقان بولاتتۇق.

  4. بىرزات مۇنداق يازغان:

    بۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىغانلارنى پەزىلەتسىز دەپ ئادەم قورقۇتمىسىنا، قانداق گەپ بولاپ كەتتى بۇ؟!!

  5. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    تور پاخپىقى بولاپ قالمايلى، يېزىپ تۇرىلى باللا(چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

  6. پىكۇس مۇنداق يازغان:

    توغرا ، يەنە بىز چوڭلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىمىز………..